فاتىر سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە ئاللاھ نىڭ ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشى بايان قىلىنغان بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « فاتىر » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. فاتىر ئاللاھ نىڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان سۈپەتلىرىدىن بىرسى بولۇپ، ئۇ « بىر ئۇرۇقنى بىخ ئۇرۇپ، شاكىلىنى يېرىپ چىقارغۇزۇش » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈپەت ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلىتىلگەندە « بىر ئۇرۇقنى شاكىلىنى يېرىپ بىخ تارتقۇزۇپ چىقارغاندەك، مەۋجۇدىيەت ئۇرۇقىنى يوقلۇق شاكىلىنى يېرىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرىدە ئاللاھ نىڭ ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ فاتىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ « ئاسمانلارنى ۋە يەرنى، يەنى پۈتۈن بىر كائىناتنى يوقلۇقتىن مەۋجۇت بولۇشقا، خۇددى بىر ئۇرۇقنىڭ ئىچىدىن بىخ تارتقۇزۇپ چىقارغاندەك ياراتقان ئۇلۇغ زات » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

سۈرە بۇخارى، تىرمىزى ۋە بەزى تەپسىرلەردە « مەلائىكە سۈرىسى » دېگەن ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى، پەرىشتىلەر قۇرئاندا مۇشۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بېرىلگەن تەسۋىر بىلەن ياد قىلىنىدۇ:

« ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق ۋە تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر » ( 1 ).

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. تۇنجى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە فۇرقان – مەريەم سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ مەلۇماتقا قارىغاندا، سۈرە قۇرەيش ئېمبارگوسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى دەۋەتنىڭ 6 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك. بۇ مەككىدىكى تەرەپلەر ئۆز سېپىنى ئېنىق نامايەن قىلغان، سەپلەر ئايرىلغان، ۋەھىي ۋە ئۇنىڭ يەتكۈزگۈچىسى بولغان رەسۇلۇللاھقا قارشى قىلىچلار بىلەيلىنىشكە باشلىغان بىر مەزگىل ئىدى. بۇ مەزگىلدە مەككىدىكى بېسىم ۋە زۇلۇم سەۋەبىدىن بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ بولغانىدى. ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغانلارغا قارىتا رەھىمسىزلىك بىلەن قاتتىق زۇلۇم قىلىنماقتا، ھەر خىل قېيىن – قىستاق، ئەزىيەت راۋا كۆرۈلمەكتە ئىدى. سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان فاتىر بەلكىم مۇسۇلمانلارغا : « يوقلۇق قاراڭغۇلۇقىغا نۇرى بىلەن تەجەللى قىلىپ، مەۋجۇدىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئاللاھ، مەككىدىكى كۇپۇر قاراڭغۇلۇقىغا نۇرى بىلەن تەجەللى قىلىپ، ئىمان قوياشنى چىقارماسمۇ؟ » دەپ مۇئمىنلەرگە ئۈمىد بېغىشلاپ تەسەللىي بەرگەن بولسا كېرەك.

فاتىر سۈرىسى قۇرئاندا « ئەلھەمد » بىلەن باشلىغان فاتىھە، ئەنئام، كەھف ۋە سەبە قاتارلىق بەش سۈرىنىڭ بىرسى.

سۈرە مەۋجۇدىيەتنىڭ كۆرۈنۈشتىكى رەڭگا – رەڭلىكى، بىر – بىرىگە ئوخشاش بولماسلىقىغا قارىماي، ئۇلار ئارىسىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان زىچ مۇناسىۋەت ۋە ماسلىشىشنى ئاساسىي تېما قىلغان.

سۈرە كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان تەرەپلىرى بىلەن يارىتىلىش تىلغا ئېلىنغان ھالدا باشلانغان:

« جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھ قا خاستۇر! » ( 1 ).

سۈرە بۇ كائىنات ۋە ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونىماستىن ئۆز مەيلىچە ياشاۋاتقان ئىنسانغا مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىتىدۇ ( 2 – 7 ). بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان بىر ئايەت، ھەممىمىز ھايات ۋاقتىمىزدا بىر ياكى بىر قانچە قېتىم شاھىت بولغان بىر سۈننەتۇللاھنى بايان قىلىدۇ:

« ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 2 ).

بۇ ئايەتتىن كېيىنلا « ئاللاھ تىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ » ( 3 ) دەپ سورايدۇ. بۇ سۇئال دەماللىققا ئادەتتىكىدەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن، ئىنسان ئىستىمال قىلىۋاتقان غىزالارنىڭ مۆجىزىۋى يارىتىلىشى ھەققىدە بىر ئاز تەپەككۇر قىلغان ۋاقىتتا، بۇ سۇئال ئالدىدا كىشى تىترەشكە باشلايدۇ. چۈنكى، بۇ ئايەتلەرنىڭ مەقسىتى، ئىنسانغا مۇشۇنداق سېخىيلىق قىلىۋاتقان رەببىگە قانداق قىلىپ تۇزكورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئىنساننى ئاگاھلاندۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئۆز ۋاقتىدا مەككىدەزۇلۇم ۋە بېسىم ئاستىدا قالغان رەسۇلۇللاھنىڭ قەلب دۇنياسىدا بىر كۆزنەك ئېچىلىپ، خۇددى « بۇنچە نېمەت بەرگەن ئاللاھ نى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا ھەيران قالمىغىن، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشىغىمۇ بۇلار كەلگەن » دەپ تەسەللىي بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى.

« ( ئى مۇھەممەد! ) ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا ( قايغۇرۇپ كەتمە )، ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان، ئاقىۋەتتە ھەممە ئىش ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ » ( 4 ).

قۇرئاننىڭ ئۆزگىچە ئىپادە شەكىللىرىدىن بىرسى بۇ سۈردە ئورۇن ئالغان. يەنى، « ئاللاھ نامىدىن ئالداش! » ( 5 ). ئالداشنىڭ مىڭ تۈرلۈك يولى، ئۇسۇلى بار. لېكىن، ئاللاھ نامىدىن ئالداش، ئالدامچىلىقنىڭ ئەڭ رەزىل شەكلى بولۇپ، بۇنداق قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ساختىپەزلىكىگە ئاللاھ نى ۋاستە قىلماقچى بولغان ۋە ئاللاھ نىڭ ئىسمىنى سۈيئىستىمال قىلىشتىنمۇ قورقمايدىغان بىرىدۇر.

رىياخور دىندارلىقتىن تارتىپ ساختا ئىمانغا، ئىبادەتلەردىكى رىيادىن تارتىپ شەكىلۋاز دىندارلىققىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى ئالداش شەكلىنى رەببىمىز مۇنداق پاش قىلغان: « ھەر قانداق بىر ساختىپەز سىلەرنى ئاللاھ نىڭ نامىدىن ئالداپ قويمىسۇن! » ( 5 ).

سۈرىدىكى قىيامەت ۋە ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك بايانلار، كۆپىنچىمىزنىڭ نەزرىدىن ساقىت بولغان بىر ھەقىقەتنى ئەسلىتىدۇ: « ھېچقانداق بىر ئەھەدى ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار بولغان ئاللاھ بەرگەن خەۋەرگە ئوخشاش بىر خەۋەرنى بېرەلمەيدۇ » ( 14 ). شۇنداق ئەمەسمۇ؟ قىيامەت ۋە ئاخىرەت ھەققىدە ئاللاھ تىن باشقا مەلۇمات بەرگۈچى بارمۇ؟

مەۋجۇدىيەت ئىچىدە ئۆزىگە ئۆزى يېتەرلىك بولغان تەك زات ئاللاھتۇر. ئىنساندىن تارتىپ بارلىق مەخلۇقلار ئاللاھ قا مۇھتاج. بۇ ئەزەلى ۋە ئەبەدى ھەقىقەتنى قۇرئان تىلىدىن ئاڭلاش كىشىگە باشقا بىر تۇيغۇ بېرىدۇ:

« ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھ قا مۇھتاجسىلەر، ئاللاھ ( ھەممىدىن ) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر » ( 15 ).

يۇقىرىدىكى بۇ ئايەتتىن بەلكىم كىشىنىڭ ئەقلىگە مۇنداق بىر سۇئال كېلىشى مۇمكىن: « بۇ ھەقىقەتكە قارىغاندا، ئاللاھ ئۈچۈن ئىنسان ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر مەخلۇقمۇ؟ ». ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. « ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، ئورنۇڭلارغا يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ » ( 16 ).

خالىسا…

خالامدۇ؟

ئۆتمۈشتە ئىنسانلار ئىچىدىكى بەزى قەۋملەر ئۈچۈن خالىغان. بۇ دۇنيامىز ئەبەدىي بولۇشنى داۋا قىلغان سانسىزلىغان خانىدانلىق، دۆلەت ۋە ئىمپېرىيىنى كۆردى. ھەممىسىنىڭ جايىدا بۈگۈن شاماللار ئەگىپ ئۆتمەكتە. ئىنسان ئاللاھ نىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويسا، بەلكىم بىر كۈنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا باشقىلارنى يارىتىشى مۇمكىن. بۇ ئايەت بۇ ھەقىقەتنى ئەسكەرتمەكتە.

سۈرە مەركىزى ئىددىيىسىگە ماس ھالدا ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىسى ئېڭىغا ھاياتنىڭ رەڭدار، ھەر تۈرلۈك ۋە قوشماق قۇتۇپلىق قانۇنىيىتىنى نەقىش قىلىپ ئىشلىمەكتە. ئىمان ۋە كۇپۇر دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. سىلەرنىڭ ئۆزەڭلارنى بۇنچە ئاۋارە قىلىشىڭلار، ئاللاھ نىڭ قانۇنىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ: « سەن ئۇلار ئۈچۈن ( يەنى ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرى ئۈچۈن ) قايغۇرۇپ ئۆزەڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » ( 8 ). يەنى، كۇپۇرنىڭ يەر يۈزىدىكى مەۋجۇدلىقى ئاللاھ نىڭ ئىلمى دائىرىسىدە، لېكىن رىزاسى دائىرىسى ئىچىدە ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ نىڭ بىر مۇئامىلىگە رۇخسەت قىلىشى بىلەن ئۇنىڭغا رازى بولىشى ئوخشاش نەرسە ئەمەس. ئىنسانغا ئىرادە ۋە ئەقىل بەرگەنلىكى، ياخشى ۋە ياماننى ئايرىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىدۇر. ياخشى ۋە يامان، چىرايلىق ۋە سەت ئارىسىدىكى پەرق بۇ ئاساستا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. شۇڭا، ھەركىم نېمىنى خالىسا ئۇنىڭ پىيىدا بولىشى كېرەك. شەرەپ ۋە ئىتىبارنىڭ ھەقىقىي بولغىنىغا تالىپ بولغۇچى، بۇلارنىڭ ئىلاھىي مەنبەسى بولغان ئاللاھ قا يۈزلىنىشى كېرەك:

« كىمكى شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھ غا مەنسۇپ ( ئۇنى ئاللاھ تىن تىلىسۇن ) » ( 10 ).

ئايەتنىڭ داۋامى « سۆز – ھەرىكەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارىتا ئىلاھىي قانۇن نېمە؟ » دېگەن سۇئالغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:

« پەقەت ياخشى سۆز ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى يۇقىرىغا ئۆرلىتىدۇ » ( 10 ).

سۈرە، يارىتىلىشتىكى رەڭدارلىق ئىچىدىكى ماسلىشىش قانۇنىغا دېڭىزنى ( 12 )، كېچە ۋە كۈندۈزنى ( 13 )، ئۆسۈملۈكلەر ۋە مېتاللار ( مېنېرال ئېلېمېنىتلار )نى ( 27 )، ھايۋانلارنى ( 28 ) مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

سۈرىنىڭ مەركىزى ئىددىيىسىنى تەشكىل قىلغان بۇ ئايەتلەر، رەببىمىزنىڭ يارىتىلىشتىكى ۋە ئىنسانلاردىكى ئوخشاشماسلىقلارغا قايسى نوقتىدا تۇرۇپ قارىشىمىز كېرەكلىكىنى تۆۋەندىكى ئايەتتە ئۆگەتمەكتە:

« ئىككى دېڭىز ( يەنى دېڭىز ۋە دەريا ) ئوخشاش ئەمەس. بىرىنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك بولۇپ ( گالدىن ) سىلىق ئۆتىدۇ، يەنە بىرسى ناھايىتى ئاچچىق، تۇزلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى ( يەنى بېلىقلارنى ) يەيسىلەر، سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى ( يەنى ئۈنچە – مارجانلارنى ) چىقىرىسىلەر، ئاللاھ نىڭ نېمىتىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ باغرىدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسىلەر » ( 12 ).

بۇ قانۇن تەقەززاسى سەۋەبىدىن، ئىنسانلارنىڭمۇ ھەقىقەتكە قارىتا مەسئۇلىيەت، بىلىم ۋە چۈشەنچە نوقتىسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ( 18 -22؛ 28؛ 32 ).

بەندىلەر ئىچىدە بەزىلىرى ئاللاھ نىڭ قانۇنلىرىنى بايقاپ ئۇنىڭغا قارىتا ئەمەل قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندىكى ئايەت بايان قىلماقتا:

« ئاللاھ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە پەقەت بىلىم ۋە بىلمىنىڭ مەقسىتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن كىشىلەرلا ئاللاھ نى ھەقىقىي رەۋىشتە ھۆرمەتلەيدۇ » ( 28 ).

پەرقلىق بولۇش قانۇنىيىتىنى بايقىيالمىغان ئىنساننىڭ پەرقلىق ئېتىقاد ۋە چۈشەنچىنى « ياتلاشتۇرۇپ »، ئۇنى قارىغۇلارچە يوق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى رەسۇلۇللاھقا ئەزىيەت يەتكۈزگەن مۇشرىكلارنىڭ چۈشەنچىسى ئاساسىدا بايان قىلىنغان ( 2، 10 ، 25، 42، 43 ). ئىنكار قىلغۇچىلار ھەرگىزمۇ ئاللاھ قا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئىنكار سەۋەبىدىن زىيان تارتقۇچى يەنىلا ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ئۆزى بولىدۇ ( 39 ). ئاندىن بىر – بىرىنىڭ ئىنكارىنى كۈچەيتكۈچى ھاماقەت كىشىلەر ئۈچۈن مۇنداق دېيىلىدۇ: « بۇ ھەددىنى بىلمەيدىغانلار، بىر – بىرىگە پەقەت ئالدىنىشنى ۋەدە قىلىشىدۇ » ( 40 ).

بۇ شەكىلدە، ئېتىقاتتىكى ئوخشاشماسلىق ۋە ئىمان – كۇپۇر ئارىسىدىكى كۆرەشنىڭمۇ بۇ قانۇن دائىرىسىدە چۈشۈنۈلىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنىدۇ:

« سەن ئاللاھ نىڭ سۈننىتىدە ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن. ئاللاھ نىڭ سۈننىتىدە ھېچقانداق يۆنىلىش ئۆزگەرتىشنى ( ئۆزگىرىشنى ) كۆرمەيسەن » ( 43 ). بۇ ھەقىقەت مەزكۇر سۈرىنىڭ 4 – ئايىتىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئىلاھىي رەھمەتنىڭ بىر ئەسەرى بولغان ئىنسان ئۈچۈن بەلگىلەنگەن يەنە بىر قانۇن بار. يەنى ئىنسانغا تىنىقى توختىغىچە بولغان ئارىلىقتا خاتادىن قايتىش پۇرسىتى بېرىلگەن ( 44 ).

سۈرىدە ۋەھىينىڭ ھەممىسىگە سىڭدۈرۋېتىلگەن ئىلاھىي ھەقىقەتلەرنى بىر جۈملىدە ئىپادىلىگەن نۇرغۇن ئىبارىلەر يەر ئالماقتا. بۇ نوقتىدىن سۈرە « ئايەتلەر سەردارى »دۇر. بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىرەر كىتاپ بولغۇدەك ھەقىقەتنى بىر جۈملە بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتلەر قۇرئاندىكى ھەقىقەتنىڭ ئەڭ ئىخچام ئىپادىسى بولۇپ، ئۇلار خۇددى مۇبارەك قۇرئان قەلبىمىزگە ئاسقان بۇلاپكىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئايەتلەردىن بىر قانچىسىغا قاراپ باقايلى:

« پەقەت ياخشى سۆز ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى يۇقىرىغا ئۆرلىتىدۇ » ( 10 ).

« ھېچقانداق بىر ئەھەدى ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار بولغان ئاللاھ بەرگەن خەۋەرگە ئوخشاش بىر خەۋەرنى بېرەلمەيدۇ » ( 14 ).

« ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھ قا مۇھتاجسىلەر، ئاللاھ ( ھەممىدىن ) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر » ( 15 ).

« ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، ئورنۇڭلارغا يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ » ( 16 ).

« ئاللاھ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە پەقەت بىلىم ۋە بىلمىنىڭ مەقسىتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن كىشىلەرلا ئاللاھ نى ھەقىقىي رەۋىشتە ھۆرمەتلەيدۇ » ( 28 ).

« سەن ئاللاھ نىڭ سۈننىتىدە ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن. ئاللاھ نىڭ سۈننىتىدە ھېچقانداق يۆنىلىش ئۆزگەرتىشنى ( ئۆزگىرىشنى ) كۆرمەيسەن » ( 43 ).