مەشرۇئىيەت

 

راشىد خەلىپىلەر دەۋرىدە مەشرۇئىيەت ( قانۇنىي، شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولۇش ) مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولۇپ، ھاكىمىيەت ئاللاھ رەسۇلى بەلگىلەپ بەرگەن ئاساسلار ئۈستىدە داۋام قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ ئىلاھى تاللاش بىلەن روياپقا چىققان ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، ئۆرنەك تەشكىل قىلىدىغان ئىسلام سىياسىتى، ئۆزىگە خاس تۈزۈلمىسىنى ئاساسەن دېگۈدەك راشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەر دەۋرىدە تاماملىغان ئىدى.

مەشرۇئىيەت مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىمىغان ئىدى، دېدىم. بۇ دېگىنىم سىياسى جەھەتتىن ھېچقانداق مەسىلە چىقمىغانىدى دېگەنلىك ئەمەس. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپىلىك سايلىمىدا سائاد بىن ئۇبادەنىڭ بىر ئۆمۈر؛ ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ سۆزىدىن چىقمىغان ھاشم ئوغۇللىرى بىلەن يەمەنلىكلەرنىڭ ئالتە ئاي كېچىككەن بەيئەتلىرى بىر سىياسى كرزىس بولۇش بىلەن بىرگە، نەبەۋى خىلاپەتنىڭ مەشرۇئىيىتىگە قارىتا بىر تەنىقىدى ئاساسقا ئىگە بولمىغان بىر پوزىتسىيە ۋە ۋاقىتلىق ھادىسىلەردۇر.

كېيىنكى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان ھەزرىتى ئوسماننىڭ قەتلى قىلىنىشى، جەمەل ( تۆگە ئۇرۇشى ) ۋە ھەتتا سىففىن ۋەقەلىرىدە « مەشرۇئىيەت » نى ھېچكىم ئاساسلىق مەسىلە دەپ قارىمىغان بولۇپ، بەيئەت ۋە كېڭەشكە / شۇراغا تايانغان نەبەۋى خىلاپەت، ئۆزگىچە قۇرۇلمىسى بىلەن دۇنيادا تەڭداشسىز بىر ھاكىمىيەت ئۆرنىكى بولغان ئىدى.

راشىد خەلىپىلەردىن كېيىن بۇ قۇرۇلما توساتتىن بىر ئۆزگۈرۈشكە ئۇچرىدى. « خەلقنىڭ دۆلىتى » دېسەك بولىدىغان نەبەۋى خىلاپەت، « دۆلەتنىڭ خەلقى » ئىبارىسىدە ئىپادىسىنى تاپقان پۇقرالىق سىياسەتكە ئايلانغان ئىدى. جىھاد، دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، رەسمى ئارمىيىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن ئۈممەتنىڭ ھاكىمىيەتكە قارىتا نازارىتىگە قارشى تەشكىللەنگەن « دۆلەت »، قىسقا بىر زامان ئىچىدە مۇئەييەن بىر سىنىپنىڭ دېكتاتۇر ۋاستىسىغا ئايلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋىزانتىيە ئىمپىراتۇرلىرى ۋە ئىران قەيسەر / كىسرالىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئۇسلۇبى بولغان، ھۆكۈمدارلىقنىڭ ئاتىدىن بالىغا مىراس قېلىش سستېمىسى قوبۇل قىلىنىپ ئەمىلىيلەشتۈرۈلدى، نەتىجىدە ئىسلام سىياسىتىدە تۇنجى ھالقىلىق ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلدى. بۇ ئۆزگىرىش تۆۋەندىكىدەك مەنىنى ئىپادىلەيتتى:

  1. نەبەۋى خىلاپەتنىڭ ئاساسلىق دىنامىكى بولغان شۇرا رولىنى يوقۇتاتتى ۋە خەلقنىڭ سىياسەتكە / ھاكىمىيەت ئىشىغا قاتنىشىشى بۇ تەدبىر بىلەن توسىلاتتى. ھاكىمىيەت ئىشىغا بىۋاستە ئارلىشالمايدىغان خەلقنىڭ قولىدىكى يىگانە قورال بولغان شۇرامۇ تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەت ھاكىم مۇتلەقلىققە ئايلىناتتى.
  2. شۇرا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە ئىسلامى سىياسەتتە مەشرۇئىيەتنىڭ ( قانۇنلۇق ) ئۆلچىمى سۈپتىدە قوبۇل قىلىنغان بەيئەتمۇ، مانا مۇشۇنداق ئۇسلۇب بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ سىياسەتكە ئارلىشىشىنىڭ نامايەندىسى بولغان بۇ ۋاستىمۇ پۈچەكلەشتۈرۈلدى. راشىد خەلىپىلەردىن كېيىن قوبۇل قىلىنغان ۋارىسلىق – سەلتەنەت ئۇسلۇبى نەتىجىسىدە، بەيئەتنىڭ ھېچقانداق بىر ھۆكمى قالمىغان ئىدى.
  3. ئادالەت ھاكىمىيەتنىڭ، زۇلۇم سەلتەنەتنىڭ ئۇلى ئىدى. ئادالەتنىڭ ئىككى پۇتى بولغان شۇرا ۋە بەيئەت پالەچ قىلىنغاندىن كېيىن، ئادالەت ئىسمى – جىسمىغا لايىق ئادالەت بولماي، ئۇنىڭ ئورنىنى زۇلۇم ئىگىلىدى. شەرىئەتنىڭ / قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى ئىمتىيازغا، ئۈممەتنىڭ مېلى بولغان بەيتۇلمال بولسا دۆلەت ئاتلىق تەشكىلاتنىڭ ئېتىزلىقىغا ئايلاندى. غەزىنىنىڭ ئۈممەتنىڭ مېلى بولىشى بىلەن، دۆلەتنىڭ مېلى بولىشى ئارىسىدا ئاجايىپ چوڭ پەرقلەر مەۋجۇت.

راشىد خەلىپىلەرنىڭ تىلىدا بەيتۇلمالنىڭ ئىسمى « ئۈممەتنىڭ مېلى » ئىدى. ئۈممەتنىڭ مېلى، ئىسمىدىن مەلۇم بولغاندەك ئۈممەتكە ئائىتتۇر. ئۇنى ئۈممەت بىر ھەققىم دەپ تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ماللار ئۈممەتنىڭ پاراۋانلىقى ۋە سائادىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. « دۆلەتنىڭ مېلى » دەماللىققا ئۈممەتنىڭ مېلىدەك بىلىنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ھېچقاچان بۇنداق بولمىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بەزىدە بۇ مال ئۈممەتنى نەزەردە تۇتماستىن، دۆلەتنىڭ باقىي بولىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. دۆلەت، بۇ مالنى ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۈممەتكە قايتۇرۇپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان ۋاقتىدا، ئۇنى ئۈممەتنىڭ بىر ھەققى سۈپتىدە ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەتنىڭ بىر ئېھسانى دەپ بېرىدۇ ۋە ئۇنى يەنە خەلقتىن قايتۇرىۋالىدۇ.

بۇ يەردە « دۆلەت » دېيىلگەن بۇ مەۋھۇم مەۋجۇدىيەتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە تالاش – تارتىش قىلساقمۇ بولىدۇ. ئەمما دۇنيادا ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق بىر دۆلەت ئېنىقلىمىسى بار. مەسىلەن، بارلىق پادىشالىق سەلتەنەتلەردە بۇنىڭ ئېنىقلىمىسى، فىرانسىيە پادىشاھى لوئىس 14 نىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدە ئىپادىسىنى تاپىدۇ:

« مانا مەن دۆلەت ».

شۇنداق، دۆلەت « مۇقەددەس تەشكىلات » نىڭ بېشىدۇر. دۆلەت، ئۇ بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ مېلىمۇ ئۇنىڭ بولىدۇ، سەلتەنەتنىڭ ئەبەدىي بولىشى ئۈچۈن خەلقنىڭ مېلىنى ئۆزى خالىغانچە ئىشلىتىدۇ.

بۈگۈن، كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن « بىر كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى سەلتەنەت » شەكلى تەرك ئېتىلىپ، غەرپنىڭ قەدىمكى يۇناندىن ئېلىپ بېزەپ بازارغا سالىغان دېموكراتىيە دېگەنگە ئوخشاش ئىسمى تېخىمۇ چىرايلىق بولغان « كۆپ كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى سەلتەنەت » شەكلىگە ئۆگەرتىلمەكتە. نەتىجىدە ئىتىبارى بىلەن مەنتىقى ۋە ئەمىلىيەت نوقتىسىدىن ھېچقانداق بىر ئۆزگۈرۈش بولمىدى.

بىر كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى سەلتەنەت بىلەن كۆپ  كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى سەلتەنەت ئارىسىدا ماھىيەت جەھەتتىن پەرق يوق. چۈشۈنۈش تېخىمۇ ئاسان بولىشى ئۈچۈن مىسال كەلتۈرەيلى. سەلتەنەت خەلقنىڭ گەجگىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ يۈكسەلگەن بىر پىرامىدادۇر. بۇ پىرامىدانىڭ تاشلىرىنى دۆلەت ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئىچىدىكى ئىمتىيازلىق خادىملار تەشكىل قىلىدۇ. پىرامىدانىڭ چوققىسىدا بولسا « مۇقەددەس تەشكىلات »نىڭ يېتەكچىسى يەر ئالىدۇ. پادىشاھلىق تۈزۈملەردە پىرامىدانىڭ ئۇچى ئۇچلۇق بولۇپ، ئۇ يەردە پەقەت بىر كىشى ئولتۇرىدۇ. دېموكراتىيەدە بولسا كىچىككىنە پەرق بار. يەنى، پىرامىدانىڭ چوققىسى تۈزلىنىپ، بىر كىشىنىڭ ئورنىغا مەجلىس، قۇرۇلتاي دېگەنگە ئوخشاش سەلتەنەتلەر ئولتۇرغان بولىدۇ.

نەبەۋى خىلاپەت مۇشۇنداق تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگىرىشكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، مەشرۇئىيەت مەسىلىسىمۇ تەبىئىي ھالدا مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىنىپ كەتتى.

بارلىق ھىزىپلەر بۇ مەسىلىنى دەتالاش قىلىشاتتى. ھەتتا ھىزىپلەرنىڭ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئاساسلىق مەسلىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا مەشرۇئىيەت مەسىلىسى كەلمەكتە ئىدى. سوئاللار ئارقا – ئارقىدىن چىقىشقا باشلىدى. ھاكىمىيەت مەشرۇ ( شەرىئەتكە مۇۋاپىق )مۇ – ئەمەسمۇ؟ بۇ سوئالغا، خانىدان، ھاكىمىيەت ئېكىنزارلىقىدىن مەنپەئەتلەنگەن « مەلە ( ھۆكۈمدار ) » ۋە بىر قىسىم مۇرجىئەلەردىن باشقا، سەلەفلەر ئىچىدىن « مەشرۇ » دېگەن جاۋاپنى بەرگەن ھېچكىم چىقمىغان. بولۇپمۇ دەسلەپكى دەۋرلەرنىڭ مەشھۇر كىشىلىرى، كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن بۇ سوئالغا ئىجابى جاۋاپ بەرمىگەن. مانا مۇشۇ يەرگىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاز سانلىق تەبىقىدىن باشقا، ھەممەيلەن دېگۈدەك ئۆكتىچىلىكتە ئىتتىپاقلاشقان. ئەسلى بۆلۈنۈش مانا شۇنىڭدىن كېيىن باشلانغان.

گەرچە كىشىلەر ئۆز دەۋرىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ مەشرۇ ئەمەسلىكىدە ھەمپىكىر بولغان بولسىمۇ، بۇ ھاكىمىيەتكە قارىتا تۇتىدىغان پوزىتسىيەلىردە ئورتاق پىكىرگە ئىگە ئەمەس ئىدى. ھەر كىم ئۆزىنىڭ مەيدانىغا دەلىل تېپىپ، ئۇنىڭ ئەڭ توغرا مۇئامىلە ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشاتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوخشىمىغان ئېقىملار، ھىزىپلەر مەيدانغا كەلدى. ھەر ھىزىپ ئۆزىنىڭ توغرا يولدا  ئىكەنلىكىنى ياقىلاپ، ئۆزى بىلەن بىردەك چۈشەنچىدە بولمىغانلارنى رەت قىلىشقا باشلىغانىدى.

ئوتتۇرىدا بىر زۇلۇمنىڭ بارلىقى ھەممىگە مەلۇم بولۇپ، ھۆكۈمدارلارنىڭ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىگە خەلق شاھىت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نوقتىدا « چوڭ گۇناھ قىلغانلار ( مۇرتەقىبى كەبىرە ) »نىڭ ئەھۋالى دەتالاش قىلىنىشقا باشلانغان. نەتىجىدە ھىزىپلەر پەرقلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ياكى پەرقلىق قاراشلارغا ئىگە بولغانلار، بۇ چۈشەنچىلىرى ئەتراپىدا جەم بولۇپ پەرقلىق ھىزىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىفراتلار تەفرىتلەرنى ( ئاشقۇنلار بىپەرۋالارنى ) قوغلىدى. ئەمەلدىكى ئاشقۇنلۇقنى مەشرۇ قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەقىدىدىن دەلىل تاپتى. تاپالمىغانلار، تەفسىر ۋە تەئۋىل بىلەن بىتەرەپ قىلىشقا، ئۇمۇ يەتمىسە ئىشنى ئويدۇرۇمىچىلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇرۇندى.

ھاكىمىيەتنىڭ ئىسلامى سىياسەتكە خىلاپ بولغان ئىشلىرىغا قارىتا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشمۇ مەسىلىسىمۇ دەتالاش قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، مەشرۇئىيەت شەرتلىرىدىن بىرسى بولغان بەيئەتنىڭ ئۆزگىچە ئورنى بار ئىدى. « بەيئەت قانداق ئەھۋالدا توغرا بەيئەت بولغان بولىدۇ؟ »، « مەجبۇرى ئېلىنغان بەيئەتنىڭ ھۆكمى نېمە؟ »، « زالىم ۋە پاسىق ھۆكۈمدارغا بەيئەت قىلىش جائىزمۇ؟ » سوئاللىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭغا ماس ھالدا « ئۆكتىچى فىقھى » مۇنازىرە قىلىنىپ، ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر پەرىزىنىڭ شەرتلىرى دەتالاش قىلىنىشقا ۋە ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى ۋە دائىرىسى ھەققىدە ئىزدىنىش باشلانغانىدى.

ساھابىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سىستېمىلاشتۇرغان ئىمام ئەزەمنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيىسى ۋە ئىجتىھاتلىرى ھازىرغىچە ئانچە كۆپ تىلغا ئېلىنمىدى. بۈگۈنكى كۈندە لېيىغان سۇدا بېلىق تۇتىدىغانلار ۋە ئۇلارغا خالىسانە يەم بولغانلار بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان، ئەمما ھاياتتا تەدبىقلانغان بۇ ئىجتىھادلىرىنى تۆۋەندە ماددىلارغا بۆلۈپ كۆرسىتىپ ئۆتەيلى: