ئىجتىھاد ۋە سەلتەنەت

 

بەيئەت ۋە شەرتلىرى

 

« بىزنى بۇ يەرگە يىغىشىڭىدىكى مەقسەت، بىزنى قورقۇتۇپ سەلتەنەتىڭ ئۈچۈن پايدىلىنىشتۇر. بۇ ئارقىلىق ساڭا ۋاكالەتەن خەلققە تەسىر كۆرسىتىشىمىزنى ۋە قىلمىشىڭلارنى شەرىئەتكە مۇۋاپىق دەپ كۆرسىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىسەن. سەن، پەتىۋا بېرىشكە لاياقەتلىك ئىككى كىشى بولسىمۇ ھەمپىكىر بولمىغان غەيرى مەشرۇ ( شەرىئەتكە زىت ) يول بىلەن خەلىپىلىك ماقامىغا ئولتۇردۇڭ. ھالبۇكى، خەلىپە مۇئمىنلەرنىڭ ئىجماسى ( بىر پىكىرگە كېلىشى ) ۋە شۇراسى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.

ئىمام ئەزەم

 

ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفىنىڭ خىلاپەتنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولىشى ھەققىدىكى ئىجتىھادى مۇنداق ئىدى: شۇرا ئارقىلىق ئەمەس، ئەكسىچە ھاكىمىيەتنى مۇشتۇمزورلۇق بىلەن تارتىۋالغان؛ ئاندىن ئىدارە قىلغۇچىغا قارىتا ھېچقانداق چەكلەش كۈچى قالمىغان، پەقەت ئادەت سۈپىتىدە ئېلىنغان بەيئەتلەر جائىز ئەمەس. ۋارسلىق يولى بىلەن خەلىپىلىك ماقامىغا ئولتۇرغان ۋە مەجبۇرىي ھالدا ئېلىنغان بەيئەت بىلەن خەلىپە بولۇش شەرىئەتكە خىلاپ ۋە جائىز ئەمەس.

شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولغان خەلىپە، بۇ ئىشقا لاياقەتلىك كىشىلەرنىڭ ( ئەھلى رەي ) كېڭىشى ۋە خەلقنىڭمۇ ماقۇللىقى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.

ئىمام بۇ قارىشىنى ئۆز دەۋرىنىڭ خەلىپىسىگە يۈز تۇرانە تۇرۇپ ئېيتقان ئىدى. ئۇ، مانا بۇ ھۆكمىنى ئوچۇق بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئىمامنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىجتىھادىنى، خەلىپىنىڭ ساراي نازىرى رەبى بىن يۇنۇس نەقىل قىلغان مۇنۇ ۋەقەدىن بىلىۋالالايمىز:

ئەبۇ جافەر مەنسۇر، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ داڭلىق فاقىھ ( فىقىھ ئالىم )لىرىدىن ئىمام مالىك، ئىبىن ئەبى زىب ۋە ئىمام ئەزەمنى سارىيغا چاقىرىتىپ تۆۋەندىكى سوئالنى سورىغان:

–  ئاللاھ نىڭ بۇ ئۈممەتنىڭ خەلىپىلىكىنى ماڭا بەرگەنلكىگە قانداق قارايسلەر؟ مەن بۇ ماقامغا لايىقمۇ؟

ئىمام مالىك مۇنداق جاۋابنى بېرىدۇ:

– ئەگەر بۇ ئىشقا لايىق بولمىغان بولساڭ، ئاللاھ سېنى خەلىپىلىككە تاللىمىغان بولاتتى.

ئىبنى ئەبى زىب جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:

– دۇنيا مۈلكىنى ئاللاھ خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. پەقەت ئاخىرەت مۈلكى بۇنداق بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇنىڭغا لايىق بولغان كىشىگە بېرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ قا ئىتائەت قىلساڭ، ئاللاھ نىڭ ياردىمى سېنىڭ ئۈستىڭدە بولىدۇ. شۇنى ئۈمىت قىلىمەنكى، دېگىنىمدەك قىلارسەن، ئاللاھ نىڭ تەۋپىقى سېنىڭ ئۈستىڭدە بولغاي. ئەمما ئۇنىڭغا ئىسيان قىلغان مۇددەتچە ئاللاھ نىڭ بۇ ياردىمى سەندىن ئۇزاقتۇر. شۇنى ياخشى بىلىۋالغىنكى، خەلىپىلىك تەقۋا ( مەسئۇلىيەت ) ئەھلىنىڭ ئىجماسى بىلەن بولىدۇ. بىرسى خەلىپىلىك ماقامىنى زورلۇق – زۇمبۇلۇق بىلەن قولغا كىرگۈزسە، بۇ يەردە نە تەقۋا ئەھلى، نە ئىجما قالىدۇ. بۇنداق قىلغان كىشىلەر ۋە ئۇنىڭغا يار – يۆلەكتە بولغانلار، ئاللاھ نىڭ تەۋپىقىدىن چىققان، توغرا يولىدىن ئايرىلغان بولىدۇ. ئەگەر سەن پاكلىنىشنى خالىساڭ، ئاللاھ تىن سالامەتلىك تىلەپ سالىھ ئەمەللەر ۋە ياخشى ئىجرائاتلار بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن ».

ئىمام بۇ ۋەقەنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:

« ئىبنى ئەبى زىب بۇلارنى ئېيتىۋاتقاندا، شۇ يەردىلا كاللىسى ئېلىنىشى مۇمكىن دېگەن ئوي بىلەن، مەن ۋە ئىمام مالىك ئۇنىڭ قېنى چاچرىمىسۇن دەپ كىيىملىرىمىزنىڭ پىشىنى يىغىشقا باشلىغان ئىدۇق ».

مەنسۇر ئىمام ئەزەمگە بۇرۇلۇپ، « سەن نېمە دەيسەن؟ » دېدى.

ئىمامنىڭ جاۋابى:

« دىنى ئۈچۈن ھەقىقەتنى ۋە توغرىنى ئىزدىگەن كىشى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن ئۇزاقتۇر. نەزرىڭنى بىزدىن ئېلىپ، ئۆز ۋىجدانىڭغا ئاغدۇرغان ۋاقتىڭدا بىزنى بۇ يەرگە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن چاقىرمىغانلىقىڭنى كۆرەلەيسەن. بىزنى بۇ يەرگە يىغىشىڭدىكى مەقسەت، بىزنى قورقۇتۇپ سەلتەنەتىڭ ئۈچۈن پايدىلىنىشتۇر. بۇ ئارقىلىق ساڭا ۋاكالەتەن خەلققە تەسىر كۆرسىتىشىمىزنى ۋە قىلمىشىڭلارنى شەرىئەتكە مۇۋاپىق دەپ كۆرسىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىسەن ».

« سەن، پەتىۋا بېرىشكە لاياقەتلىك ئىككى كىشى بولسىمۇ ھەمپىكىر بولمىغان غەيرى مەشرۇ يول بىلەن خەلىپىلىك ماقامىغا ئولتۇردۇڭ. ھالبۇكى، خەلىپە مۇئمىنلەرنىڭ ئىجماسى ۋە شۇراسى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ئەبۇ بەكىر يەمەنلىكلەرنىڭ بەيئىتى ئۆزىگە يېتىپ كەلگىچە، ئالتە ئاي ھۆكۈمدىن ( مەشرۇ بولمايدۇ دەپ قاراپ ) قولىنى تارتقان ئىدى ».

مەنسۇر، ئىماملار تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئۈچ ساندۇق ئالتۇننى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يوللىدى ۋە مۇنداق تەلىماتنى بەردى:

« بۇ ئالتۇنلارنى ئۇلارغا ئاپىرىپ بەرگىن. ئەگەر مالىك ئالسا بەر. ئەگەر ئىبنى ئەبى زىب ياكى ئەبۇ ھەنىفە ئالسا، شۇ يەردىلا كاللىسىنى ئال ۋە ئالدىمغا ئېلىپ كەل ».

ياساۋۇل رەبى ئالتۇنلارنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلغاندا ئىمام مالىك قوبۇل قىلدى. ئىبنى ئەبى زىب بۇ تەكلىپكە مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:

« مەن بۇ پۇلنى مەنسۇرنىڭ ئۆزىگىمۇ ھالال بولمايدۇ دەيدىغان تۇرسام، قانداق بولۇپ ماڭا ھالال دەيمەن؟ ».

ئىمام ئەزەمنىڭ جاۋابى تېخىمۇ كەسكىن ئىدى:

« ئاللاھ قا قەسەم قىلىمەنكى، كاللامنى ئالغان تەقدىردىمۇ بۇ پۇلنىڭ دەرھىمىگە بولسىمۇ قولۇمنى تەككۇزمەيمەن ».

رەبى سارايغا قايتىپ كېلىپ، ئەھۋالنى مەنسۇرغا بىلدۈرگەندىن كېيىن، مەنسۇر مۇنداق دەيدۇ:

« ئۇلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدى ».

بەيئەت ھەققىدە يالغۇز ئىمام ئەزەمنىڭلا ئەمەس، ئىمام مالىكنىڭ ئىجتىھادى مۇشۇنداق ئىدى. كۆپىنچە مەنبەلەردە ئورتاق نەقىل قىلغان تۆۋەندىكى ھادىسە بۇنىڭ دەلىلىدۇر:

نەفسۇز زەكىييە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە كىشىلەر ئىمام مالىكتىن سوراشتى:

« ئەمدى بىزگە نېمە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىسەن؟ بىز مەنسۇرغا بەيئەت قىلغانىدۇق. بۇنداق ئەھۋالدا خەلىپىلىك داۋاسى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىمام مۇھەممەدكە بەيئەت قىلالامدۇق؟ ».

ئىمام مالىكنىڭ جاۋابى مۇنداق ئىدى:

« مەنسۇرنىڭ بەيئىتى مەجبۇرىي ھالدا ئېلىنغان بەيئەتتۇر. بۇ شەكىلدىكى بەيئەت، قەسەم، تالاق ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەجبۇرىي ھالدا قىلىنغان ئىشنىڭ ھەممىسىنىڭ قىممىتى يوق ».

ئىمام مالىكنىڭ بۇ پەتىۋاسىغا ئاساسەن مەدىنىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىمام، مۇھەممەد نەفسۇز زەكىييەگە بەيئەت قىلىپ ئۇنىڭ سېپىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، مەدىنىدىكى ئابباسى ۋالىسى ئىمام مالىكنى تۇتقۇن قىلىپ قوللىرىنى قايچا شەكىلدە ئېسىپ، قولى سۇنۇپ كەتكىچە قامچىلاتتى.

سەلتەنەت ئۇسۇلى بىلەن خەلىپىلىك ماقامىغا ئولتۇرغان بىر خەلىپىگە قىلىنغان بەيئەتنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، بۇخارىنىڭ ھەزرىتى ئۆمەردىن نەقىل كەلتۈرگەن مۇنۇ رىۋايىتى ئوپ – ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

« كىمىكى مۇسۇلمانلار شۇراسى بولماستىن بىر ئادەمگە بەيئەت قىلسا، بۇ بەيئەت شەرىئى ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا بەيئەت بەرگۈچى ۋە بەيئەت ئالغۇچىمۇ ئۆزلىرىگە ئۆز قولى بىلەن ئۆلۈمنى تەييارلغان بولىدۇ ».

ھەزرىتى ئۆمەر مۇشۇنداق كەسكىن بىر پوزىتسىيە بىلەن قارشى چىقىپ، كېڭەش بولماي تۇرۇپ غەيرى مەشرۇ شەكىلدە ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئېلان قىلغۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشىمۇ، ساھابىنىڭ سەلتەنەتكە بولغان مۇئامىلىسىنى نامايەن قىلغان ئىدى.

ھەزرىتى ھۈسەيىنمۇ كەربالادا، ئۆزىنى « خەلىپە »گە بەيئەت قىلىشقا چاقىرغان ئەمەۋىلەر سەركەردىسىگە بۇنداق بىر بەيئەتنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ھاكىمىيەتنى غەيرى مەشرۇ دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

زالىم ھۆكۈمدارنىڭ يامانلىقلىرىنى ئېيتىشنىڭ غەيۋەت ھېساپلانمايدىغانلىقى ھۆكمىنى بەرگەن ھەسەن ئەلبەسرى، ھاكىمىيەتنىڭ مەشرۇ ئەمەسلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭغا قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭنىڭ غەلبىگە ئېرىشەلمەي، كۆپلەپ قان تۆكۈلىشىگە سەۋەپچى بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، قوراللىق قارشىلىقنى توغرا كۆرمىگەن.