زالىم ۋە پاسىقنىڭ ھاكىمىيىتى

« ئۈممەتنىڭ مېلىنى مەشرۇ بولمىغان يوللار بىلەن خەجلىگەن ياكى زۇلۇم بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە ئاللاھ نىڭ ئەمىرلىرىنى تەرك قىلىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن ھاراملارنى ھالال قىلغان كىشىنىڭ رەھبەرلىكى ( باشقۇرۇشى ) باتىلدۇر. ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە ھۆكۈملىرى كۈچكە ئىگە ئەمەس ».

ئىمام ئەزەم

ئىسلام سىياسەت تارىخىدا ھېچقانداق بىر فاقىھ، كاپىرنىڭ ھاكىمىيىتى توغرىسىدا دەتالاش قىلمىغان. چۈنكى كاپىرلارنىڭ مۇئمىنلەرنى باشقۇرۇش ھەققىنىڭ يوقلىقى قۇرئاندا ئېنىق كۆرسىتىلگەن:

« شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كاپىرلارغا مۇئمىنلەر ئۈستىدە ھاكىمىيەت ھەققى بەرمىدى » ( « ئاللاھ كاپىرلارغا ھەرگىز مۇئمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ » م.سالىھ ) ( نىسا، 141 ).

ئۆلىمالار ئارىسىدا دەتالاش قىلىنغان ئەسلى مەسىلە، پاسىق ۋە زالىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەسىلىسىدۇر.

بۇ ھەقتە خارىجىلەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويساق، بىر – بىرىگە زىت ئىككى كۆز قاراش مەۋجۇت.

1) مۇرجىئەنىڭ قارىشى. ئۇلار « » بولغان ( ۋۇجۇدقا چىققان )» بولىشى كېرەك بولغاننىڭ دەل ئۆزى ئىدى » دەپ مەۋجۇت ھاكىمىيەتنى ياقىلىغانىدى. بۇلار، ئەگەر بىرسى قايسى شەكىلدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھاكىمىيەتنى قولىغا كىرگۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ قولىغا كىرگۈزۈش شەكلىگە قارىمايمىز، ئۇ ھۆكۈمدار زالىم ۋە پاسىق بولسىمۇ مەشرۇ بولىۋېرىدۇ، دېگەن.

2) مۇتەزىلەنىڭ قارىشى. ئۇلار، پىسقى – پۇجۇر مەۋجۇت بولغان ۋە زۇلۇم قىلغان بىر ھۆكۈمدارنىڭ ھاكىمىيىتى غەيرى مەشرۇدۇر. پەقەت ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىلا غەيرى مەشرۇ بولۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا خىزمەت قىلغان قازىلار مەيلى ئاللاھ نازىل قىلغان بىلەن ھۆكۈم قىلسۇن، ھۆكۈملىرى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دېگەن.

بۇ مەسىلىدە ئىمامى ئەزەم ئوتتۇراھال بىر قاراشتا بولغان بولۇپ، زالىم ۋە پاسىقنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلمىغان. لېكىن ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىڭ نۇرمال ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى توغرا دەپ قاراپ، ئەگەر ئادىل بولسا زالىم خەلىپىنىڭ قازىسى چىقارغان ھۆكۈمنى قوبۇل قىلغان، مەسئۇلىيەتنى شەخىسنىڭ ئۆزىگە قويغان.

ئىمام ئەزەم، زالىم ۋە پاسىق بىر ھاكىمىيەت قاتلىمىدا خىزمەت قىلىش مەسىلىسىگىمۇ شەخسنى نەزەردە تۇتقان ھالدا مۇئامىلە قىلغان. ئەگەر پاسىق بىر ھاكىمىيەتتە، شەخس ئۆز ماقامىدا ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىشتا بىرەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدىغانلا بولسا، مەزكۇر شەخىسنىڭ ئۇ ماقامدا خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە پەتىۋا بەرگەن. ئەمما شەخس پاسىق ۋە زالىم بولغان ئەھۋالدا، بۇنى شەرىئەتكە مۇۋاپىق دەپ قارىمىغان.

ئەمدى ئەسلى تېمىمىزغا قايتىپ سوئالىمىزنى سورايلى:

ئىمامى ئەزەمنىڭ زالىم ۋە پاسىقنىڭ يېتەكچى / ھۆكۈمدا / ئىمام بولىشى ھەققىدىكى ئېنىق كۆز قارىشى نېمە ئىدى؟ بۇ سوئالىمىزغا مەككى ۋە قەردەرىنىڭ ئوخشاش شەكىلدە بايان قىلغان ئىمامنىڭ بىر ئىجتىھادىدىن بۇ ھەقتىكى جاۋابىنى بىلەلەيمىز:

« فەي ماللىرى ( غەنېمەتنىڭ بەشتەنبىرى )نى مەشرۇئ بولمىغان يوللاردا خەجلىگەن، ياكى زۇلۇم بىلەن ھۆكۈم قىلغان ۋە ئاللاھ نىڭ ئەمىرلىرىنى تەرك قىلىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن ھاراملارنى ھالال قىلغان كىشىنىڭ رەھبەرلىكى ( باشقۇرۇشى ) باتىلدۇر. ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە ھۆكۈملىرى كۈچكە ئىگە ئەمەس ».

بەزى كىشىلەر، ئىمام ئەزەمنىڭ « پاسىق ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ئەگەر ئادىل ۋە سالىھ بولسا، ھۆكۈمدارى زالىم بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ قۇرئان بىلەن ھۆكۈم چىقارغان قازىسىنىڭ ھۆكمى كۈچكە ئىگە » دېگەن قارىشى بىلەن، « زالىم ۋە پاسىقنىڭ ھاكىمىيىتى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى بىكار، ئۇنىڭغا قىلىنغان بەيئەتمۇ باتىل » دېگەن ئىجتىھادى ئارىسىدا بىر زىددىيەت بار دەپ قارىغان.

ئىمام ئەزەمنىڭ، ناماز ئۈچۈن پاسىقنىڭ ئىماملىقىغا، زالىم بىر ھاكىمىيەتتە قازىلىق قىلغان ئادىل بىر كىشىنىڭ توغرا ھۆكمىنى ئىجرا قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەن ھۆكمىدىن يولغا چىققانلار، « يالغان يالغاننى توغىدۇ » دېگەن مەنتىقە بىلەن، ئىمام ئەزەمنى پاسىق ۋە زالىم كىشىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنىمۇ قوبۇل قىلغان دەپ قارىغان. يەنى، زالىم ھۆكۈمدارنىڭ ھۆكمى نېمە بولسا، ئۇ  تەيىنلىگەن قازىنىڭ ھۆكمىمۇ ئوخشاش دەپ قارىغان. مۇتەزىلەنىڭ بەزىلىرى بۇ گۇمانلىرى سەۋەبىدىن، ئەبۇ ھەنىفىنى بەل قويىۋەتتى دەپ ئەيىپلىگەن، يەنە بەزىلىرى بۇ خاتا چۈشەنچىنى ئۆزلىرىنىڭ باتىل كۆز قاراشلىرى بولغان زۇلۇم بىلەن مۇرەسسە قىلىش چۈشەنچىسىگە يانتاياق قىلغان. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى خاتا.

ھەنەفى مەزھىپىنىڭ داڭلىق ئىماملىرىدىن ئەبۇ بەكىر جاسساسنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى:

« كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى، ئەبۇ ھەنىفىنىڭ پاسىقنىڭ ئىمام بولىشى ۋە خەلىپە بولىشىغا » بولىدۇ » دېگەنلىكىنى ۋە خەلىپە بىلەن ھاكىمنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ، ئۇنىڭ ھۆكمىنى جائىز دەپ قارىمايدۇ، دەپ گۇمان قىلىدۇ. بۇنى كالامچىلاردىن » زۇكان » ئىسىملىك بىرى ئېيتقان ئىدى. شۈبھىسىزكى بۇ گۇمان توغرا ئەمەس.

ئەبۇ ھەنىفە، خەلىپە بىلەن، ئۇ تەيىن قىلغان ھاكىم ئارىسىدا ( باشقۇرۇش ھەققى ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولۇش جەھەتتىن ) بىر پەرق يوق، دەپ قارايدۇ. ھاكىمىيەت ماقامىغا كېلىشى ۋە كەلتۈرۈلىشى ( ھاكىم ئۆزى ئادىل ۋە سالىھ بولغان تەقدىردىمۇ ) غەيرى مەشرۇدۇر. چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولىشىنىڭ شەرتىمۇ ئادىل بولۇشتۇر. پاسىقنىڭ خەلىپىلىكى ۋە ھاكىملىقى مەشرۇ بولمىغاندەك، شاھىتلىقىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەگەر پەيغەمبەردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولسا، ئۇمۇ ئېلىنمايدۇ »[1].

جاسساس، « زالىملار، ئەھدىمگە نائىل بولالمايدۇ » ( بەقەرە، 124 ) دېگەن ئايەتتىن ھۆكۈم چىقىرىپ مۇنداق دەيدۇ:

« بۇ ئايەتنىڭ دالالىتى بىلەن، پاسىقنىڭ يېتەكچى بولىشىنىڭ باتىل ئىكەنلىكى مەلۇم. پاسىق ۋە زالىم بىرى خەلىپە بولالمايدۇ. ھەتتا بۇ خاراكتېرگە ئىگە بولغانلار مەيلى قايسى شەكىلدە ھۆكۈمرانلىق ماقامىغا ئولتۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، پاسىقلىقى سەۋەبىدىن خەلق ئۇلارغا بويسۇنمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:

« ئاللاھ قا ئىسياندا بەندىگە ئىتائەت يوقتۇر ». بۇ ھەدىستىنمۇ مەلۇمكى، پاسىق بىرسى ھاكىم بولالمايدۇ. ھاكىم بولۇپ قالسا، چىقارغان ھۆكۈملىرى ئىجرا قىلىنمايدۇ، شاھىتلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ، رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى رەت قىلىنىدۇ، مۇفتى بولۇپ پەتىۋا بەرسە، پەتىۋالىرى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ »[2].

« زالىملار ئەھدىمگە نائىل بولالمايدۇ » دېگەن ئايەتتىكى « ئەھد » دىن قەست، مۇجاھىدقا كۆرە رەسۇل / ئەلچىلىكتۇر. ئىبىن ئابباس بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « زالىمغا بېرىلگەن ۋەدىگە ( بەيئەتكە ) ۋاپا قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى ئۇرۇندىمىساڭ زۇلۇمغا ئۇچرايدىغان بولساڭ، ئۇنداقتا ۋەدەڭگە ۋاپا قىل ». ھەسەن بەسرى مۇنداق دەيدۇ: « زالىملارغا بېرىلگەن ۋەدىگە ۋاپا قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ۋاپا قىلمىغان كىشىنى جاۋاپكارلىققا تارتمايلا  قالماستىن، ئەكسىچە ئەجرىنى ئاشۇرىدۇ »[3].

ئىمام ئەزەمنىڭ زالىم ۋە پاسىقنىڭ ( كاپىرنىڭ ئەمەس ) ھاكىمىيىتى ھەققىدە، ھەم شۇنداق ئەمىلىيەتچان ۋە مۇناسپ بىر پوزىتسىيەنى مۇۋاپىق كۆرىشى، ئۈستىدە كۆپرەك توختىلىشقا تېگىشلىك بىر تېما. ئىمام بۇ پوزىتسىيىسى ئارقىلىق مەسىلىنى شەخسىنىڭ ئۆزىدىن باشلاپ، كىشىنى ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرى بىلەن يۈزلىشىشكە يېتەكلىگەن. بۇ ئارقىلىق « بولغان » بىلەن « بولىشى كېرەك بولغان » ئوتتۇرىسىدىكى تاللاشتا قىينالغان نۇرغۇن كىشىلەرگە چىقىش يولى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. بۇ يول، باشباشتاقلىققا يول قويماستىن، زۇلۇمغا قارشى چىقىش يولىدۇر. بۇ يول، ئاۋام ئۈچۈن شەخسنىڭ ھەقلىرىنى، شەخس ئۈچۈن ئاممىنىڭ ھەقلىرىنى پايخان قىلماستىن ياشاشنىڭ ئىسمىدۇر. بۇ يول، زالىم ۋە پاسىق ھۆكۈمدارلارنى ئاقلاش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە يوللۇق بولغان باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلارنىڭ باھانىلىرىنى بىكار قىلىدىغان يولدۇر. ئۈممەتنىڭ بېشىغا مېنىۋالغان مۇشتۇمزورلارنىڭ قولىدىن، ئۈممەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تاپقان ئوتتۇراھال كۆرەش ئۇسلۇبىدۇر.

ئىمام ئەزەم، كىشىلەرگە زالىم ياكى مەزلۇم بولۇشتىن باشقا تاللاش قالمىغان شارائىتتا، مۇۋاپىق بىر چارە، مەشرۇ ۋە ئەمىلىي چىقىش يولى كۆرسىتىپ بەرگەن.

[1]  جاسساس، ئەھكامۇل قۇرئان، I/ 86

[2]  جاسساس، ئەھكامۇل قۇرئان، I/ 86

[3]  جاسساس، ئەھكامۇل قۇرئان،  I/ 85