سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » كەلگۈسى 100 يىل » ئوتتۇرا ئاسيا

ئوتتۇرا ئاسيا

ئوتتۇرا ئاسيا

ئوتتۇرا ئاسيا، ھازار دېڭىزى بىلەن جوڭگو چېگرىسى ئارىسىدىكى كەڭ زېمىن بولۇپ، بۇ رايون خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇ زېمىندا مەسلىلەر باش كۆتەردى. ئېنىرگىيە مەنبەسى مول بولغان رايوننىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. لېكىن، باشقا چوڭ كۈچ بۇ رايونغا كىرىپ ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن بازا قىلىپ ئىشلەتمىگىچە، روسلار بۇ رايونغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. ناۋادا بۇنداق بىر ئىش بولۇپ قالسا، بۇ رايون ئەھمىيىتى ئاشىدۇ، ئەلۋەتتە. قازاقىستاننى نوپۇزى ئاستىغا كىرگۈزگەن بىر كۈچ، روس يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان سۇ يولى ۋولگا دەرياسىغا يۈز مىل يىقىنلاشقان بولىدۇ.

1990 – يىللاردا غەرب ئېنىرگىيە شىركەتلىرى بۇ رايونغا قاراپ ئېقىشقا باشلىدى، لېكىن روسسىيە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. چۈنكى، روسسىيە بۇ شىركەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيتتى، لېكىن ھەربىي كۈچ بىلەن بۇ رايوننى قول ئاستىغا ئالالمايتتى. ئوتتۇرا ئاسيا، روسلار ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەن بىر بىتەرەپ رايون ئىدى. لېكىن،2001 – يىلىدىكى 11 – سېنتەبىردە بۇ رايوننىڭ جۇغراپىيلىك سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولدى ۋە يېڭىدىن شەكىللەندى. 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئا ق ش ئافغانىستانغا كىردى ۋە بۇ مەسىلىدە روسلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

ئوتتۇرا ئاسيا

روسلاردىن تەلەپ قىلىنغان نەرسە، ئافغانىستاندا تالىبانغا قارشى شىمالىي ئىتتىپاقنىڭ تەشكىل قىلىنىشىدا ياردەمدە بولۇش ئىدى. روسلار شىمالىي ئىتتىپاققا ياردەم قىلدى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئوتتۇرا ئاسيادىكى بەزى دۆلەتلەردە ئامېرىكا ھەربىي بازا قۇرۇشتا روسلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. بۇ دۆلەتلەر كۆرۈنۈشتە مۇستەقىل ئىدى. لېكىن ئا ق ش شىمالىي ئىتتىپاقتىن ياردەم تەلەپ قىلدى ۋە روسلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتكە تەۋەككۈل قىلالمىدى. ئوتتۇرا ئاسيا ئەللىرىمۇ روسسىيىنى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمىدى، ئەلۋەتتە. ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى بۇ دۆلەتلەرگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنلىرى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى.

روسلار رايوندا ئا ق ش ھەربىي كۈچىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنى ئۆتكۈنچى بىر جەريان دەپ قارىدى ۋە كېلىشىمگە قول قويدى. لېكىن، ئافغانىستان ئۇرۇشى داۋاملاشتى، ئا ق ش ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە رايوندىكى جۇمھۇرىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. روسلار بىر مەزگىلدىن كېيىن، ناھايىتى ئوبدان بىر ئارا رايوننىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆردى ۋە بۇ كۈچ روسسىيىگە ئوكرائىنادا، كافكازىيدە ۋە بالتېق رايونىدا بېسىم قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېنىرگىيە باھاسى ئۆرلىگەن بولۇپ، روسسىيىنىڭ  يېڭى ئىقتىسادىي ستىراتېگىيسىمۇ بۇنىڭغا تايانغانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسيا ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ ئەھمىيىتى ئاشقانىدى.

روسسىيە ئا ق ش ئارمىيسىنىڭ ۋولگا دەرياسىنىڭ يۈز مىل يىقىنىغا كېلىشىنى خالىمايتتى. بۇ سەۋەپتىن رايوندا ئا ق ش كۈچىنى ئازايتىش ئۈچۈن سىياسەتتىن پايدىلىنىشقا ۋە ئوتتۇرا ئاسيانى روسسىيىنىڭ نوپۇزى ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشتى. دۇنيانىڭ يەنە بىر ئۇچىغا جايلاشقان ئا ق ش، ئافغانىستان، ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق رايونلاردا قېيىن ئەھۋالدا قالدى. روسلار قايتىدىن كۈچلىنىشكە باشلىدى. ئا ق ش دېڭىز ئارمىيسىنىڭ بۇ يەرلەرگە يېتىپ كېلىشى ئىمكانسىز ئىدى.

ئا ق ش ئوتتۇرا ئاسيادا روس بېسىمىنىڭ ئاستىدا قالمايدۇ. بۇ رايوندا جوڭگومۇ سۈركىلىش پەيدا قىلالايدۇ، لېكىن بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن. بۇ رايون جوڭگونىڭ ئىقتىسادىي نوپۇزى ئاستىغا كىرىدۇ، لېكىن نەتىجە ئىتىبارى بىلەن روسسىيىنىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭ. روسلار جوڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسياغا كىرىشىگە رازى بولىدۇ، لېكىن ئون توققۇزىنجى ئەسىردە قۇرۇلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلغان سىياسەت داۋام قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ماڭا كۆرە، ئوتتۇرا ئاسيا 2010 – يىللاردا غەربتە، ياۋروپادا مەسلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشتىن خېلىلا بۇرۇن روسسىيىنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرىدۇ.

يازغۇچى ھەققىدە

ھايات كىتابىم

ماقالە سانى : 553

ئىنكاس يوللاش

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش