image

قۇرئان قانداق كىتاپ؟
قۇرئان مەككىدە كىشىلەر « ئەل – ئەمىن» دەپ ئاتىغان ئابدۇللاھ ئوغلى مۇھەممەدنىڭ تەپەككۇر قىلىدىغان كۆڭلى / زېھنىگە مىلادى 610 – يىلى نازىل بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم ھىرا غارىدا نازىل بولغان. قۇرئان تۇنجى قېتىم نازىل بولغان جاي، بۈگۈنمۇ شۇ پىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.  قۇرئاننىڭ نازىل بولىشى تەخمىنەن 23 يىل داۋام قىلغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان مىلادى 632 – يىلىدا توختىغان. قۇرئان تاماملىنىشىنى « بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، نېمىتىمنى تاماملىدىم » ( 5:3 ) ئايىتى بىلەن خەۋەر بەرگەن.
قۇرئان ھەر بىرىگە « سۈرە » ئىسمى بېرىلگەن 114 بۆلۈمدىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ بۆلۈملەرنىڭ تېمىلىرى، نازىل بولغان مەزگىلدىكى ۋەقەلەرگە ماس ھالدا پەرقلىنىدۇ. ھەر سۈرىنى تەشكىل قىلغان مەنا بۆلەكلىرى « ئايەت » دەپ ئاتىلىدۇ. ئايەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان قىسىم « نەجىم» دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇرئان تۇنجى قېتىم يازما بىر تېكسىت شەكلىدە ئەمەس، سۆزلىك شەكلىدىكى خىتاپ ئۇسلۇبىدا نازىل بولغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ۋەھىي كاتىپلىرىغا يازدۇرغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، بۇ يازما پارچىلار يىغىلىپ، تۈپلىنىپ كىتاپ ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ كىتاپ « مۇسھاب » دەپ ئاتالغان.
بۈگۈن نوپۇسى ئىككى مىلياردقا يېقىنلاشقان ئىسلام دۇنياسىدا، بارلىق مۇسۇلمانلار ئوخشاش بىر كىتاپ قۇرئاننى ئوقۇيدۇ. گەرچە مۇسۇلمانلار ئوخشىمىغان مەزھەپلەرگە بۆلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەممىسىنىڭ قولىدىكى قۇرئان ئوخشاش. تارىخ جەريانىدا ۋە كۈنىمىزدە قۇرئاندىكى بەزى ئايەتلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدە، چۈشۈنۈشتە ئوخشاشماسلىقلار مەۋجۇت.
قۇرئاننىڭ نازىل بولىشى ئىككى باسقۇچقا ئايرىلىدۇ:
1. مەككە دەۋرى ۋە دەۋەت قۇرئانى. بۇ مەزگىل پەيغەمبەرلىكنىڭ 1 – يىلى بىلەن 13 – يىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ مۇخالىپلار شەكىلدە ياشىغان مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، بالاغەت مەنىنىڭ ئالدىدا تۇرغان. ئايەتلەر قىسقا ۋە تاۋۇش ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى رۇشەن. ئاساسەن ئەخلاق ۋە ئېتىقاد ئاساسلىرى تېما قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە نازىل بولغان قۇرئان « دەۋەت قۇرئانى » ئىدى.
2. مەدىنە دەۋرى ۋە دۆلەت قۇرئانى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرىتى بىلەن باشلاپ ۋاپاتى بىلەن ئاخىرىلاشقان 10 يىللىق بىر مەزگىل بولۇپ، ھاكىمىيەت ۋە دۆلەت مەزگىلى ئىدى. بۇ قېتىم مەنا بالاغەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بولۇپ، ئايەتلەر ئۇزۇن ۋە تەپسىلىي بولغان. ئىبادەت ۋە قانۇن بەلگىلىمىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ مەزگىلدە نازىل بولغان. بۇ مەزگىلدە نازىل بولغان قۇرئان « دۆلەت قۇرئانى » ئىدى.
مۇستافا ئىسلامئوغلى
– « قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ » كىتابىدىن ئېلىندى.