image

رامىزان دۇئاسى
ئەي ئاللاھىم!
ئەي ۋاقىتنىڭ، كۈنلەرنىڭ، ئايلارنىڭ، يىللارنىڭ رەببى!
ئەي زاماننىڭ، ماكاننىڭ، ئۆلۈمنىڭ ۋە ھاياتنىڭ رەببى!
ئەي زېمىننىڭ ۋە پەلەكلەرنىڭ رەببى!
ئەي كالامنىڭ ساھىبى ۋە رامىزاننىڭ رەببى!
ئەي بىزنىڭ رەببىمىز، ئىنساننىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ رەببى!
ئەي تۈگىمەس-پۈتمەس رەھمەت بۇلىقى بولغان، چەكسىز مەرمەھەمەتنىڭ مەنبەسى!
بىزنى قۇرئان ئېيى رامىزانغا ئېرىشتۈرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ساڭا ھەمىدۇ – سانالار بولسۇن!
بىزگە ۋەھىيلىرىڭ بىلەن نازىل بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ھەمىد ئېيتىمىز!
بىزنى ئۆز مەيلىمىزگە تاشلاپ قويمىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ھەمدى ئېيتىمىز!
رەببىم!
ۋاقتىمىزنى، كۈنلىرىمىزنى، ئايلىرىمىزنى، يىللىرىمىزنى بىزگە بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگىن!
ۋەھىي توغۇلغان ئاي بولغان رامىزان ئېيىنى بىزگە بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگىن!
بىر رامىزاندا كەلگەن ۋەھىينى بىزگە مۇبارەك ئەيلىگىن!
ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلبىمىزنى قۇرئان بىلەن نۇرلاندۇرغىن ۋە زىننەتلەپ بەرگىن!
خوش كەلگەن رامىزاننى خوشال كۈتىۋالغانلاردىن قىل!
رامىزاننى بىزدىن ۋە بىزنى رامىزاندىن خوش ۋە رازى بولغانلاردىن قىلغىن!
قۇرئاننى بىزدىن ۋە بىزنى قۇرئاندىن خوش ۋە رازى قىلغىن!
ۋەھىينى بىزگە ئاچ ۋە بىزنى ۋەھىيگە ئاچقىن!
ئىلاھىي كالامنىڭ نۇرىنى قاغجىرىغان كۆڭۈللەرگە قوللىرىمىز بىلەن چاچقىن!
چۈنكى، ئىنسانىيەت بۇ نۇرغا مۇھتاج ئەي رەببىم!
  ئەي رەببىم!
بىزنى روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتقانلاردىن،
بېشىنى روزى بىلەن تىك تۇتقانلاردىن قىلغىن!
ئۆزىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلاردىن،
ئۆزىنى ئۇنتۇغانلاردىن ئەمەس،
ئۆزىنى روزا بىلەن تۇتقانلاردىن قىلغىن!
رامىزاننى روھىمىزغا غىزا،
كۆڭلۈمىزگە پەرمان،
كۈزۈمىزگە نۇر،
تىزىمىزغا دەرمان قىلغىن!
ئىمانىمىزنى دۇچ كەلگەن قېيىنچىلىق / مەسىلىلىرىمىزنىڭ قولىدا قاردەك ئېرىتىۋەتمە،
قېيىنچىلىق / مەسىلىلىرىمىزنى ئىمانىمىزنىڭ قولىدا قاردەك ئېرىتىۋەتكىن!
نازىل بولغان كېچىسىنى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل قىلغان قۇرئان، بىزلەرگىمۇ قات-قات خەيىرلەر / ياخشىلىقلار ئېلىپ كەلسۇن، ئەي رەھمان!
قولىمىزدىن تۇتۇپ ھەقىقەتكە يېتەكلىسۇن!
شاھىتىمىز رامىزان بولسۇن، ماكانلار شاھىتىمىز بولسۇن!
ئاللاھىم!
نەفسىمىزنىڭ ئالدىشىدىن چەكسىز رەھمىتىڭگە سېغىنىمىز!
بىزنى كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقىچىلىك بولسىمۇ ھەرگىز ئۆزىمىزگە تاشلاپ قويما!
قەھرىڭدىن لۇتفۇڭغا سېغىنىمىز!
بىزنى ئۆزىمىز تۇتاشتۇرغان ئوتقا تاشلىما!
سەندىن ساڭا سېغىنىمىز!
بىزنى چەكسىز مەرھەمىتىڭنىڭ باغرىغا چۈشۈر!
بىلمەيمىز بىلدۈرگىن!
قۇلاق سالمايمىز، ئاڭلىغۇچىلاردىن قىلغىن!
پىشىپ يېتىلمىدۇق، قىرانلىقىمىزغا يەتكۈزگىن!
بىزگە ئەشيانىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسەتكىن!
بىزنى بىزگە تاشلاپ قويمىغىن!
قولىمىزنى قويۇۋەتمىگىن،
ئەي ئاللاھىم!

ئۆزلەشتۈگۈچى alnoor024
تەھرىرى قاراخانلې
مۇستافا ئىسلامئوغلى – « رامىزان يازمىلىرى » دىن ئېلىندى