ئىسلامنىڭ مەستانىسى، ئىسلامنىڭ مۇرتى ۋە ھەتتا ئىسلامنىڭ قۇربانى بولۇش بىلەن، ئىسلامنىڭ ئىنسانى بولۇش بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ نوقتىدىن بىز ئىسلامنىڭ ئىنسانلىرى ئەمەس.

ئىسلام ئۆزى تەربىيلىگەن كىشىنى « مېنىڭ ئادىمىم » دەيدۇ. باشقا تۈزۈملەرنىڭ، باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ، ئەنئەنىۋىي جەمىئىيەت ۋە مۇھىت تەربىيلەپ چىققان كىشىلەرنىڭ، ئۆزىنى ئىسلامغا نىسبەت بېرىشى ھەقىقەتتىن يىراق بىر ئىش، خالاس. دۇنيا قاراش نوقتىسىدىن، يەنى شەخسىي مۇئامىلە، پوزىتسىيە، ئەخلاق ۋە ئىنكاس قاتارلىق تەرەپلەردە كىشىنىڭ ئۆزىنى ئىسلام بىلەن نىسبەتلەندۈرەلىشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ « شەخسىي تۈزۈمى / كىشىلىك قارىشى »نى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

« تۈزۈم » دېگەندە، ئەقلىمىزگە رەسمىي ئۇست قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان تۈزۈم كەلمىسۇن. ئالدى بىلەن يالغۇز كىشىلىك تۈزۈم، پرىنسىپ، بەلگىلىمىلەرنى، يەنى ئۆزىمىز تۈزگەن كىشىگە خاس تۈزۈم ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقانلىقىمنى چۈشىنشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەندىشەم شۇكى، تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەققىدە جار سېلىۋاتقان بىزلەر، ئەڭ باشتا ئۆرۈپ تاشلاش زۆرۈر بولغان تۈزۈمنىڭ ئۆزىمىزدىكى كىشىلىك تۈزۈم / قاراش ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر يۈرىۋاتىمىز. ھەتتا، ئۆرۈمەكچى بولغان بۇ تۈزۈملەرنى بىز قۇرۇپ چىقتۇق. بىز، بىز بىلەن ئىسلام ئارىسىغا قويۇلغان تۇنجى ۋە ئەڭ چوڭ توسالغۇمىز.

ئۇنداقتا، ھەممەيلەننى بۇ تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرىمەن. بۇ چاقىرىق « لا ئىلاھە ئىللەللاھ »تا ئۆز ئىپادىسنى تاپقان كەلىمەئى تەۋھىددىكى نەفىي ( لا ئىلاھە – ئىلاھ يوق )نىڭ تەقەززاسى.  بۇ جاھالەت كەبىسىدىنمۇ خاراپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلغان يۈرەكلىرىمىزدىكى پۈتۈن ئىلاھلارغا « ياق! » دېيىشنىڭ، ئۇلارغا قارشى ئىسياننىڭ، ئۇلارنى رەت قىلىشنىڭ تەقەززاسى.

ئاندىن سىزنى ئۆز تۈزۈمىمىزنى قۇرۇشقا، يەنى كەلىمەئى تەۋھىدنىڭ يەنە بىر يېرىمى بولغان ئىسپات ( ئىللەللاھ )قا چاقىرىمەن. ئۆز تۈزۈمىمىزنى قۇرۇشتىن مۇددىئام، ئالدى بىلەن يۈرەك دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىدۇر.

ساھابىلەرنىڭ كىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى سورايسىز. ئۇلار ئىسلامدىن بۇرۇنقى شېرىكنىڭ ئىنسانلىرى ئىدى.  ئاللاھ رەسۇلى ئۇلارنى بىر نەرسىگە چاقىردى:

« قۇلۇ لا ئىلاھە ئىللەللاھ، تۇفلىھۇ ( لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەڭلار، نىجادلىققا ئېرىشىڭلار )! ». ئۇلارمۇ « لا ئىلاھە ئىللەللاھ » دېدى، نىجاتلىققا ئېرىشتى. بىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدە دەيمىز، بىر قېتىم ئەمەس، مىڭ قېتىم دەيمىز. نېمە ئۈچۈن بۇ سۆز بىزنى ئۆز جاھالىيىتىمىزدىن قۇتقۇزمايدۇ؟ بۇ سۇئالنى سورايسىز، سورىشىڭىز كېرەك.

بۇنىڭ جاۋابىنى بېرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن تەۋھىدنىڭ ساھابىلەردە پەقەت يادا ئېيتىلغان بىر شۇئار ئەمەس، بەلكى بىر ھايات شەكلى؛ پەلسەپە ئەمەس، ھايات / تۇرمۇش؛ بىر مېتافىزىك ھەقىقەت ئەمەس، بەلكى شەخسنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەسلىم بولغان بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىش كېرەك.

تەۋھىدنىڭ شەخستىكى نامايەندىسى بولغان مېڭە، يۈرەك ۋە بىلەك بىرلىكى شەكىللەندۈرۈلىشى كېرەك ئىدى. يەنى « مۇۋاھھىت » بولىشى كېرەك ئىدى. مۇئمىن كىشى ئالدى بىلەن تەسەررۇپى ( ئىشلىتىش ئەركىنلىكى ) ئۆزىگە ئائىت بولغان شەخسىيىتىنى پارچىلانغان، بۆلۈنۈپ كەتكەن ھالەتتىن قۇتقۇزۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەن تەۋھىدنى، تىلى بىلەن ئېيتىشى ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيتتى. تەۋھىدنىڭ ئەڭ باشتىكى مۇددىئاسى شەخسنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇ، جەمىئىيەتتە تەدبىقلىنشتىن بۇرۇن شەخسنىڭ ئۆزىدە تەدبىقلىنىدۇ.

ئۆز ۋاقتىدا قىزىل تۇغلىق چېدىرلار ئوچۇق – ئاشكارە ھالدا پاھىشخانا مەنىسىنى بىلدۈرەتتى. ھارامزادىلەرنىڭ نەسەبى چەك تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئايرىلاتتى. پەرەز ئارقىلىق ئۆزى بىلەن زىنا قىلغۇچىلاردىن بىرىنى ھارامزادىنىڭ دادىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىشى، نىكاھ تۈرلىرىدىن بىر قاتارىدا قوبۇل قىلىناتتى. جاھالەت مەزگىلىدىكى ئەرەپلەر، قىز پەرزەنتىنى تىرىك پېتى كۆمۈۋېتىش جىنايىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمايتتى، ئەلۋەتتە. جاھىلىييەتنىڭ ئار – نۇمۇسى بار كىشىلىرى، ئۆزلىرىگە خاس بۇ ئازغۇن « نۇمۇس » تۇيغۇسى سەۋەبىدىن، زىناغا پېتىپ قالمىسۇن دەپ قىز پەرزەنتلىرىنى تىرىك كۆمۈۋېتەتتى. ئۇلار جاھالەت دېڭىزغا غەرق بولغان بولۇپ، جىنايەت يىلانىغا مەھكەم يېپىشقانىدى. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە، قىز پەرزەنتلىرىنى بۇنداق بىر ئەخلاقسىزلىق ئىچىدە كۆرۈش، پەرزەنت قاتىلى بولۇشتىنمۇ بەك ئېغىر ئىش ئىدى.

ئەخلاقسىزلىق مانا مۇشۇنداق ئۇچىغا چىققان بىر رايۇندا، ئاللاھ رەسۇلى كىشىلەرنى ئەخلاققا چاقىرمىدى. چاقىرغان بولسا، بەلكىم شېرىككە چىڭ يېپىشقان ھالدا ئەخلاقسىزلىقتىن قاچقان « ئار – نۇمۇسلۇق مۇشرىكلار » دەرھال قوبۇل قىلاتتى. لېكىن، ئاللاھ رەسۇلى تەۋھىدكە چاقىردى:

« لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەڭلار، نىجادلىققا ئېرىشىڭلار! ».

قەيسەر ( رىم پادىشاھى ) ۋە كىسرا ( پارس پادىشاھى ) نىڭ ئىستىلاسىغا ئوچۇق، سىياسىي بىرلىكتىن يوقسۇن، ئۇزۇن داۋاملاشقان ۋە نۇرغۇن جانغا زامىن بولغان ئىچكى ئۇرۇش، توقۇنۇش ۋە دۈشمەنلىك بىلەن تولۇپ تاشقان بىر مۇھىتتا، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ سىياسىي بىرلىك ۋە ئىجتىمائىي مەۋقە ۋەدە قىلىدىغان بىر چاقىرىقى تېخىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىيالايتتى. دۆلەت بۇتىنىڭ ئالدىدا، ئۇ دەۋردىمۇ خۇددى بۈگۈنكىدەك ئىگىلىدىغان دۆلەتپەرەست « مىللەتچىلەر » چىقاتتى. ۋەتەن، مىللەت، بايراق، دۆلەت ئۈچۈن چاقىرىق قىلغان بولسا، بەلكىم دەۋەتنىڭ مۇشەققىتى تېخىمۇ ئاز بولاتتى. لېكىن، ئۇنداق قىلمىدى. دەۋىتى يەنىلا:

« قۇلۇ لا ئىلاھە ئىللەللاھ، تۇفلىھۇ ( لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەڭلار، نىجادلىققا ئېرىشىڭلار ) ! » بولغانىدى.

ياكى زۇلۇمنىڭ ھەر تۈرى مەۋجۇت بولغان، قۇللۇق ئەۋج ئېلىۋاتقان، ھەق – ھوقوق ۋە ئەركىنلىك تالان – تاراج قىلىنغان، ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان زەردارلار تەبىقىسى ئاجىزلارنى ئېزىپ، ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىۋاتقان بىر جەمىئىيەتتە، ئاللاھ رەسۇلى « زۇلۇم، ئېكىسپالاتاتسىيە ۋە قېيىن – قىستاققا توختا!… ھەق، ھوقوق ۋە ئەركىنلىك… » شۇئارى بىلەن مەيدانغا چىقالايتتى. لېكىن، بۇنداق قىلمىدى. كىشىلەرنى تەۋھىدكە، پەقەت ۋە پەقەت تەۋھىدكە چاقىردى.

مىللەتنى ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە قىلىپ، سىياسىي بىرلىك شەكىللەندۈرۈش ياخشى ئىش ئىدى. ئەخلاقسىزلىققا « توختا » دەپ، ئەدەپ – ئەخلاق قائىدىلىرىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇشقا چاقىرىشمۇ ياخشى ئىش. بولۇپمۇ، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىق ئۇچىغا چىققان بىر جەمىئىيەتتە ئادالەت، ھەق – ھوقوققا رىئايە قىلىش، مەزلۇملارنى ھىمايە قىلىش، ئېزىشنى تۈگىتىشكە چاقىرىشمۇ ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە لايىق بىر ئىش ئىدى.

لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتنىڭ بىرەر پارچىسى ئىدى. تەۋھىد، بۇ يەردە تىلغا ئالمىغان ۋە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ياخشىلىقلارنى جەم قىلىشنىڭ ۋە بارلىق يامانلىقلارنى، چاكىنىلىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنىڭ، ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىسمى ئىدى. ئەسلىدە « لا ئىلاھە ئىللەللاھ » قا دەۋەت، يامانلىقتىن ياخشىلىققا، چاكىنىلىقتىن گۈزەللىككە، ئەخلاقسىزلىقتىن ئەخلاققا، زۇلۇمدىن ئادالەتكە، باش – باشتاقلىقتىن ئىنتىزامچان بولۇشقا چاقىرىش ئىدى. ئۇلارمۇ بۇنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن « لا ئىلاھە ئىللەللاھ » دېدى، بۇنى ھاياتىغا تەدبىقلىدى، تەۋھىدنى بىر ھايات دەستۇرى قىلدى ۋە نىجاتلىققا ئېرىشتى. ئۇلار پەقەت بۇ ئىشنىڭ « شۇئارىنى » توۋلاپ قويمىدى. بۇ، پەقەت بىر جۈملە سۆز ئىدى. ئەگەر بۇ سۆزنى ئېيتىش ھايات شەكلىنى ئۆزگەرتىش دېگەن مەنىگە ئىگە بولمىغان بولسا، دەرھال ئېيتاتتى ۋە بۇرۇنقى ھالىتى بويىچە ياشاۋېرەتتى. ئەمەلىيەتتە ئىشنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى قۇرئان بىزگە مۇنداق بايان قىلىدۇ:

ئىنسانلار « ئىمان ئېيتتۇق » دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟ ( 29:2 ).

ئۇلار تەۋھىدنى بىر ئېتىقاد سۈپتىدە قەلبلىرىگە، بىر تەپەككۇر شەكلى سۈپتىدە مېڭىسىگە، بىر ھەرىكەت سۈپىتىدە بەدىنىگە، بىر ھايات شەكلى سۈپتىدە تۇرمۇشىغا، بىر دۇنيا قاراش سۈپىتىدە جەمىئىيتىگە ھۆكۈمران قىلغانىدى. چۈنكى، بۇنداق بولمىغان تەقدىردە « تەۋھىد » ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايتتى. تەۋھىدنىڭ تەۋھىد بولالىشى، ئالدى بىلەن خىتاپ قىلىنغان كىشىدە ھەممە تەرەپتىن ئىجرا قىلىنىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. سائادەت چاقىرىقى، ئىنسانلارنى جاھالەت دەپ ئاتالغان بۇرۇنقى ھاياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر قېتىمدا ئۈزۈپ تاشلىغانىدى. بۇنى قىلالمىغانلار، تەۋھىدنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەبۇ جەھىلنىڭكىگە ئوخشاش ئەقلى بىلەن بىلگەن بولسىمۇ، ئابدۇللاھ بىن ئۇبەييەگە ئوخشاش تىلىدا ئىقرار قىلغان بولسىمۇ، ئۇمەييە بىن ئەبىس – سالتقا ئوخشاش ئەقلى بىلەن تونۇپ يەتكەن، تىلى بىلەن ئىقرار قىلغان، قەلبى بىلەن  ئىشەنگەنلىكىنى ئىما قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى ئۇ ھەقىقەتكە تاپشۇرمىغان، « مۇۋاھھىت » بولالمىغان بولسا، مۇئمىن قاتارىدىن ھېسابلانمىغان ۋە چەتكە قېقىلغانىدى.

مانا بۇ نەسىل، يەنى ساھابىلار « ئىسلامنىڭ ئىنسانى » بولۇشنى مۇشۇنداق شەكىلدە قولغا كەلتۈرگەنىدى. تەۋھىدنى ئالدى بىلەن سۆز، ھەرىكەت، ھېس – تۇيغۇ ۋە تەپەككۇرلىرىغا ھاكىم قىلىش ئارقىلىق ئۆز شەخسىيىتىدە ئەمەلىيلەشتۈردى.

بىز ئىسلامنىڭ مەستانىلىرى، ھەتتا قۇربانلىرى، لېكىن تېخى ئىسلامنىڭ ئىنسانلىرى بولالمىدۇق. چۈنكى، ئاللاھ ئىنساننى ئۈستىدە قىلىپ ياراتقان ئالتۇن تەڭپۇقلۇقنى ( 82:7 ) تېخى تاپالمىدۇق.

مۇستاپا ئىسلامئوغلىنىڭ « يۈرەك دۆلىتى » ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى