Youtube دىن ئاڭلاڭ: yolname:http://youtu.be/bGspdedZoXo
دوستۇم، قوياشقا، زېمىنغا، سۇغا، بۇلۇتقا قارا، لېكىن ئارقاڭغا قارىما… كىمنىڭ كەلگەنلىكى، كىمنىڭ كەلمىگەنلىكى مۇھىم ئەمەس… ئۇنۇتما، يولچى ئالمىشىدۇ، يول ئالمىشىدۇ ئەمما مەنزىل ئۆزگەرمەيدۇ. يولچىغا قاراپ يولغا باھا بەرمە!
يولغا قاراپ يولچىنى تونىغىن، يولچى ھەققىدىكى قىممەتلىك باھاڭنى ئۇنىڭغا قارىتا بەرگىن. قورقۇنچلىق بولغان، يولنىڭ يولچىسى قېلىشى ئەمەس، ئەكسىچە يولچىنىڭ يولسىز قېلىشى ئەڭ خەتەرلىكتۇر. يولسىز، نىشانسىز، مەقسەتسىز، تېڭىرقىغان…ئەڭ توغرا يول، تىكەنسىز يولدۇر دېگەنلەر سېنى ئالداۋاتىدۇ. پەرۋا قىلما، پۇتۇڭغا سانجىلغان تىكەنلەر، ئىزدىگەن گۈلىڭنىڭ خەۋەرچىسىدۇر. تىكەندىن ۋايسىغانلار ئۆزىنى ئاشىقتەك كۆرسەتكەنلەردۇر، ئەگەر ھەقىقەتەن ئاشق بولسا، تىكەننىمۇ سۆيىدۇ. دوستۇم، يوللار مېڭىش ئۈچۈندۇر. لېكىن شۇ ھەقىقەتنى ھەرگىز ئۇنۇتما ، مېڭىش بىلەن مەنزىلگە يەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن يېتىپ بارغانلار ماڭغانلاردۇر.
يول بويى سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭالماي قالغانلارنى، يولدا ئولتۇرۇپ، كېتىۋاتقانلارنىڭ پۇتىغا پۇتلاشقانلارنى، چىتلار بىلەن توسىغان يولنى ئۆزىگە زىندان قىلىپ ئۇياقتىن – بۇياققا چېپىپ يۇرگەنلەرنى ماراتونغا گويا 100 مېتىرغا يۈگۈرگەندەك ئوقتەك كىرىپ 50 مېتىردا توختاپ قالغانلارنى، سەپەرنىڭ ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، سەپەردە ھوشۇق ئاتقانلارنى؛ مېڭىشنى تاشلاپ يول، يولچى ۋە مەنزىل ھەققىدە قەلەم يورغىلتىشقا باشلىغانلارنى؛ پۇتىغا سانجىلغان بىر تال تىكەننى سازايى قىلىپ ئۆزىنى قەھرىمان كۆرسەتكەنلەرنى، ئاق ئاتلىق نىجادكارنى كۆزلەپ ئۇپۇقلارغا قاراپ ئولتۇرغانلارنى، خاتا يولباشچىغا ئەگىشىپ يولنى ساتقانلارنى كۆرىسەن. پەرۋا قىلما، يولۇڭغا ماڭ . كۆكسىڭگە يۈرىكىڭدىن باشقا تۇمار ئاسما. ۋەھىي خەرىتەڭ، نەبى يولباشچىڭ ، ئەقىل كومپاس، ئىمان دەسمايەڭ، ئەمەل ئوزۇقىڭ، سۆيگۈ كۈچ – مادار، ئەخلاق خاراكتېرىڭ، ئەدەپ زىننىتىڭ، مېھرىبالىق سۈپىتىڭ، شەرەپ ۋە ئىززەت ئىسمىڭ بولسۇن…