ھەزرىتى ئادەمدىن باشلانغان ئىنسانىيەت ھېكايىسىدە، جانابى ئاللاھ نىڭ ئىنسانلارغا قىلغان نەسىھىيىتى « ماڭا شېرىك كەلتۈرمە، بارلىق مەخلۇقاتنى سەن ئۈچۈن يارىتىپ ئۇلارنىڭ مۆتىۋېرى قىلدىم، ئۇلارغا ( ئىنسان، مال ـ مۈلك، ئەمەل ـ مەنسەپ، ھايۋانات ۋە باشقا نەرسىلەرگە ) قۇل بولۇپ شان ـ شەرىپىڭنى دەپسەندە قىلـما، ئۆزەڭنى خار قىلـما؛ بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرمە، يالغان سۆزلىمە، زىنا قىلـما، تۆھمەت قىلـما، ئوغۇرلۇق قىلـما، ئادىل بول، باشقىلارغا ئۇۋالچىلىق قىلـما، بىر ئارتۇقچىلىق سەۋەپلىك ئۆزەڭنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرمە،… خۇلاسەكالام، پايدىلىق ئىنسان بول » ئىدى. بۇ ئاڭنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە بەلگىلىك ئىبادەتلەر ۋە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە پرىنسىپلار  بەلگىلەنگەن.

ئىبادەتلەر بۇ ئاڭنى يېتىلدۈرۈشتىكى بىرەر ۋاستە، مەقسەت ئەمەس. بۈگۈنكىدەك ئىبادەت مەقسەتكە ئايلانسا، ئۇ ئىبادەت روھسىز جەسەتكە ئايلىنىدۇ. روھسىز جەسەتنىڭ ھېچنەرسىگە پايدىسى يوق. ئەسھاب بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى پەرق مانا بۇ يەردە. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىبادىتى ئۇلارغا روھ، جان بەخش ئېتەتتى، بىزدە ئۇ روھ يوق.

ھايات كىتابىمىزدا تونۇشتۇرۇلغان رەسۇللارنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن ئىمكانلارنى قانداق ئىشلەتكەنلىكى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مىسال قىلىپ ئالساق، سۇلايمان كەبى قۇدرەتلىك ئېمپىراتور بولغان ۋاقتىڭدا، كۈچۈڭنىڭ تىزگىنى ئادالەت بولسۇن، دېمەكتە. رەسۇلۇللاھ مەككە فەتىھ قىلىنغاندا، قانداقتۇر غالىپ بىر قۇماندانغا ئوخشاش غادايماستىن، بېشىنى تۆگىسىنىڭ لوكىسىغا تەگكىدەك دەرىجىدە ئېگىپ، ئاللاھ قا ھەمدۇ سانالار ئېيتقاندا ھالدا مەككىگە كىردى. ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە قاتتىق زۇلۇم قىلغان مەككە مۇشرىكلىرى ئەسىر سۈپىتىدە  ئالدىغا تىزىلغاندا، ئۇلاردىن ئېنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا، خۇددى قېرىندىشىم يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا دېگىنىنى ( يۈسۈپ، 92 ) دەيمەن دېگەنىدى.

ئۈلگىمىز سۆيۈملۈك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام « مەن گۈزەل ئەخلاقنى تاماملاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم » دېگەنىدى ( مۇۋەتتا، ھۇسنۇل خۇلۇق، 8؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، 2/381 ). ھەتتا رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىنى سوراپ كەلگەنلەرگە ئائىشە ئانىمىز « ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى، سىلەر قۇرئان ئوقۇمامسىلەر؟ » دېگەنىدى. قۇرئانمۇ « شۈبھىسىز، سەن ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە سەن » ( قەلەم، 4 ) دەيدۇ.

دىندار نەسىل يېتىشتۈرۈپ چىقىش، قۇرئان ئېلېپبەسى ئۈگىتىش ئەمەس، بەلكى قۇرئان ئەخلاقىنى ئۈگىتىش بىلەن روياپقا چىقىدۇ ( سەئىد چاملىجا ).

قاراخانلې