image

قۇربانلىق دېگەن نېمە؟

قۇربانلىق ( ئۇدھىيە)، ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى بولغان مۇئمىنلەرنىڭ، پەيغەمبىرى كۆرسىتىپ بەرگەن شەكىلدە، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن  ئىنسان ئەجىرى بىلەن نەسلى كۆپەيتىلگەن بەلگىلىك ھايۋانلاردىن ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى يوقسۇللار بىلەن بەھرىمان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرباننىڭ مالدىن تەقدىم قىلىنىشى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. بۇ ئارقىلىق، ئاللاھ ئىنسانلارغا بەخش ئەتكەن دۇنيالىقلارنىڭ ئىنسان بىلەن رەببى ئارىسىغا كىرىشىگە يول قويماسلىقنى ئىپادىلەيدۇ.  
قۇربان، رەببى بەخش ئەتكەن دۇنيالىق نېمەتلەرنى ئاللاھ تىن يىراقلىشىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭغا يىقىن بولۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
قۇربان، ئەسلىدە « ئەي ئىنسان! دۇنياغا بېرىلىپ كەتمە! » تەلىماتى بولۇپ، « مال – مۈلۈككە ئىگە بولۇشمۇ ياكى مال – مۈلۈككە قۇل بولۇشمۇ؟ »  تاللىشىنىڭ ئالدىنقىسىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، ئىنسان مال –  دۇنيانى ئىلاھى ئامانەت دەپ قارىماي، مۈلكىيەت دەپ قارىغان ۋاقىتتا بەرمەيدۇ. كىشى ۋازكېچەلمىگەن نەرسىسىگە ئىگە بولالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭغا قۇل بولىدۇ. ئىنسان مال – مۈلۈكنى ئامانەت دەپ قارىغان ۋاقىتتا، ئىھسان قىلالايدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن بەرگەن ۋاقتىدا ھەقىقىي شەكىلدە مال – مۈلكىگە ئىگە بولالايدۇ.
قۇرباننىڭ ھېكىمىتى « مەۋجۇدىيەت مەرتىۋىسى (مەراتەبۇل – ۋۇجۇد ) »گە رىئايە قىلىش بولۇپ، قۇرئاندا قۇربانلىق تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەردە « ئاللاھ نىڭ ھايۋانلارنى ئىنساننىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكى » نى تەكىتلەيدۇ ( 22:36،37 ). قۇرئان بۇنى ئەسلىتىش ئارقىلىق ۋاستىلىق ھالدا شېرىكنى يوقۇتۇشنى، بىۋاستە ھالدا جانلىق مەرتىۋىلىرىنى نەزەردە تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان.
بۇ مۇنداق دېگەنلىك بولىدۇ: مەۋجۇدىيەت مەرتىۋىسى جەھەتتىن ئىنساننىڭ دەرىجىسى ھايۋاندىن يۇقىرى. قەدىم مىسىر مەدەنىيىتىدىكىگە ئوخشاش قەدىم مىللەتلەر ئىچىدە بۇ دەرىجە تەتۈر ئۆرۈلگەن بولۇپ، ئىنساننىڭ ھايۋانغا چوقۇنغانلىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. ئاللاھ يەر يۈزىدىكى مەخلۇقلارنى ئىنسان ئۈچۈن ياراتقان، ئىنساننى ئۆزى ئۈچۈن ياراتقان. قۇربان، مەۋجۇدىيەت تەرتىۋىدە ئىنسانغا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن ئاللاھ قا ئىنساننىڭ بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقتۇر.
ئىنسان مەۋجۇدىيەت تەرتىۋىنى ھەر قېتىم بۇزغاندا، ئۆزىگە بىر بالا تېپىۋالىدۇ. ئويدۇرما مۇقەددەس / ئۇلۇغ نەرسىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئازغۇنلۇقلارنىڭ ئاستىدا، مەۋجۇدىيەت دەرىجىسىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ياتىدۇ. ئەگەر مەۋجۇدىيەت تەرتىۋى بۇزۇلسا، مانا بۇ ۋاقىتتا ئىنسان قۇربانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن قۇربان، پەقەت ئىنساننىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئورنىنى بىلىش بولۇپلا قالماستىن، شەيئىلەر قاتارىدىكى قىممىتى / دەرىجىسىنى بىلىشىدۇر.

قۇربانلىق قىلىش ھەزرىتى مۇھەممەد بىلەن باشلانغانمۇ؟

قۇرئانغا كۆرە، قۇربانلىق قىلىش تارىخى ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن تەڭ:
ھەر ئۈممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بىر ئىبادەت قىلدۇق ( 22:34 ).
قۇرئان، ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان سەدىقىلىرىنى، « ماھىيەتتە ئاللاھ قا يېقىنلىشىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان قۇربان ئاتالغۇسى بىلەن ئاتايدۇ ( 5:27 ). ئۇلار ئەجىر سىڭدۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ۋاز كېچىپ، ئاللاھ قا يېقىن بولۇشنى مەقسەت قىلغانىدى. ھابىل ئىگە بولغان نەرسىلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسىنى ئاللاھ قا ئاتىغان؛ قابىل ئەڭ ناچارلىرىنى ئاتىغانىدى. بۇ ھابىلنىڭ ھەممىدىن بەك ئاللاھ نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى؛ قابىلنىڭ بولسا، ھەممىدىن بەك مال – دۇنيانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھابىل ئامانەت ئېڭىغا ئىگە بولغانلىقتىن مېلىنىڭ خوجايىنى بولغان، قابىل ئامانەتنى مۇلكىيەت دەپ چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن مال – مۈلۈككە قۇل بولغان. ھابىل مال – مۈلۈكىدىن بېرەلىگەنىدى، چۈنكى ئۇ مېلىنىڭ خوجايىنى ئىدى. قابىل بېرەلمىگەنىدى، چۈنكى ئۇ مېلىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغانىدى.  
ئاللاھ نىڭ مۇرادى، ئازغۇن قەدىمكى ئەنئەنىلەردە شەكىللەنگەن ئىنساننى قۇربانلىق قىلىش ئادىتىگە خاتىمە بېرىش ئىدى. ئاللاھ بۇ يولنى پەيغەمبەرلەرنىڭ بوۋىسى ھەزرىتى ئىبراھىم ئارقىلىق كۆرسەتمەكتە.  بۇ ئارقىلىق، ھايۋانلار قۇربانلىق قىلىنىدۇ، دەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ھايۋانلارنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ( تەسھىر ). ئۇلارنىڭ يارىتىلىش مەقسىتى بۇ. ئىنسانلار ئۆزىنى ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشقا ئاتاش ئارقىلىق ئاللاھ قا قۇربان بولىدۇ. 
ئاللاھ كىتابىدا ئىنسانلارنى ئادا قىلىشقا بۇيرىغان ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى، بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىرەر قۇربانلىق. شۇڭا رەسۇلۇللاھ « ناماز قۇرباندۇر » ( ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەت، 14746 ) دېگەن. پەقەت نامازلا ئەمەس، زاكات، روزا، ھەج قاتارلىق بىزنى ئاللاھ قا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ھەربىرى، ھەتتا بىزنى ئاللاھ قا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەر ياخشىلىق قۇربانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 
ۋىدا ھەجىدە، رەسۇلۇللاھ قۇربانلىق قىلىدىغان يەرگە كەلدى ۋە ئۆز قولى بىلەن 63 قۇربانلىق قىلدى. بۇنى ئاللاھ ئۆزىگە بەخش ئەتكەن ھەر يىل ئۈچۈن بىر شۈكۈر سۈپتىدە قىلغانىدى. قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېدى ۋە شورپىسىنى ئىچتى. ئۇ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق، جاھالەت ئەقلى ئويدۇرغان « ھايۋاننى مۇقەددەس » بىلىش شەكلىدىكى قۇربانلىق چۈشەنچىسىنى رەت قىلغانىدى ( 5:103 ). ئويدۇرما مۇقەددەسلەر پەيدا قىلغان جاھالەت، باشتا بىر تۆگىنى « ئاللاھ نىڭ تۆگىسى» دەپ جاكارلاپ، ئاندىن ئۇنى چۆلگە تاشلىۋېتىپ، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈمگە تەرك قىلغان، بۇ مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن ھالاك قىلىنغان سەمۇد قەۋمىنىڭ ئەقلىگە ۋارىسلىق قىلغانىدى.

قۇربانلىقنىڭ مەقسىتى نېمە؟

قۇربانلىقنىڭ مەقسىتى مەسئۇلىيەت ئېڭى بەرپا قىلىش.
ئاللاھ قا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ. ئاللاھ قا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ / مۇئمىنلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ( تەقۋادارلىقى )دۇر ( 22:37 ).
   جېنىنى بەرگۈچى قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋان تۇرۇپ، ئاللاھ قا يېتىدىغان بىزنىڭ تەقۋالىقىمىز، نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟
بۇ مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ ئاللاھ نىڭ مەنىۋىي ھوزۇرىغا چىقىشى دېگەنلىك بولۇپ، خۇددى جانلىقلارنىڭ رۇھى بولغاندەك، قىلغان ئەمەل – ئىبادەتلىرىمىزنىڭمۇ رۇھى بولىدۇ. ئەمەلنىڭ رۇھى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىى بولۇپ، ئاللاھ قا قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ گۆشى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئەمما ئاللاھ ھوزۇرىغا بەندىدىكى تەقۋالىق يۈكسىلىدۇ، مانا بۇ مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ دەل ئۆزى.

image