تەكفىر ئىللىتى

خاۋارىچلاردىن مۇھاققىمە بارلىق گۇناھكار مۇسۇلمانلارنى تەكفىر قىلاتتى[1]. يەنە بىر ئېقىمى بولغان ئەزارىقا ئالدىغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دىنىنى سورايتتى ۋە « مۇسۇلمانلاردىنمەن » دېسە، ئۆلتۈرەتتى، « يەھۇدىي ياكى مەجۇسىمەن… » دېسە ئۇنىڭ قېنىنى تۆكۈشنى ھارام دەپ قويۇپ بېرەتتى[2].

چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئۆزلىرىدىن باشقا مۇسۇلمان يوق ئىدى. ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ كاپىر بولغانلىقىنى، ھەزرىتى تەلھە ۋە زۇبەيرگە ئوخشاش جەمەل ( تۆگە ) ئۇرۇشىغا قاتناشقان مۆتىۋەر ساھابىلارنىڭمۇ بۇ ھۆكۈم ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. بۇ كىشىلەردىن جەننەتتىن خوشخەۋەر بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى ناس ( قۇرئان ياكى ھەدىستىن دەلىللەر ) ئەسلىتىلگەن ۋاقىتتا، « ئۇلار جەننەتلىك كاپىرلاردۇر » دەيتتى[3].

خاۋارىچلارنىڭ نەجدات ئېقىمى، يالغان ئېيتقۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە، ھاراق ئىچكەن كىشىگە يۈرگۈزۈلىدىغان ھەد جازاسىنى قوبۇل قىلمايتتى[4]. يەنە بەزىلىرى قۇرئاندا بولمىغانلىقى ئۈچۈن رەجىم ( زىنا قىلغۇچى ئايالنى چالما كېسەك قىلىش ) جازاسىنى رەت قىلاتتى.

تەكفىر ئىللىتى خارۋارىچلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. بۇ ئىللەت باشقا پىرقىلەرگىمۇ يۇقتى. جەھمىيەدىن بەزىلىرى ھەزرىتى مۇسانى « ئاللاھ نى كۆرۈشنى ئېيتقانلىقى » ئۈچۈن،   ھەزرىتى ئىسانى مائىدە 116 – ئايەتتە بايان قىلىنغان سۆزى سەۋەبىدىن تەكفىر ئېيتىدىغان دەرىجىدە ھەددىدىن ئاشقان ئىدى.

ئاخىرەتتە ئاللاھ نىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىگە ئوخشاش ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىقمىغان، كېيىن پەيدا بولغان بۇ خىل مەسلىلەردە، مۇتەزىلە مۇتلەق كۆپ سانلىققا تەكفىر ئېيتىپ تەكفىرچىلەر ئېقىمغا قوشۇلدى[5]. ھەتتا « مۇتەزىلەنىڭ راھىبى » دەپ ئاتالغان « مۇردار » لەقەملىك ئىسا بىن سۇبەيھ، « كەلىمەئى شاھادەت ئېيتقان تەقدىردىمۇ رۇيەتۇللاھ ( ئاخىرەتتە ئاللاھ نىڭ جامالىنى كۆرسىتىشى )قا ئىشەنگۈچىلەر كاپىر بولىدۇ » دېگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئىبراھىم بىن ئەس سىندى « كەڭلىكى يەر ۋە ئاسمانلار قەدەر كەڭ بولغان جەننەتكە پەقەت سەن ۋە ئەتراپىڭدىكى ئۈچ – تۆت كىشىلا كىرەمدۇ؟ » دەپ رەددىيە بەرگەنىدى[6].

مۇتەزىلەمۇ خاۋارىچلارغا ئوخشاش ئۆزئارا بىر – بىرىنى تەكفىر قىلغان. مەسىلەن، « كاپىرنىڭ كاپىرلىقىدىن شۈبھىلىنىش » مەسىلىسىدە، بەسىرە مۇتەزىلىلىرى باغدات مۇتەزىلىلىرىنى تەكفىر قىلاتتى.

تەكفىر ئىللىتى ماتۇرىدىلەرگىمۇ يۇققان بولۇپ، كىشىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى مەسىلىسىدە، ئۇلار مۇتەزىلەنى تەكفىر قىلىپ، ئۇلارنى مەجۇسىلەردىن بەتتەر دەپ تونۇشتۇرغان.

بۇ ھەقتە كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغان تەرەپ شۇكى، تەكفىر ئىللىتىنىڭ پەقەت سۈننى پىرقىلەر بىلەن سۈننى بولمىغان پىرقىلەر ئارىسىدىلا بولمىغانلىقىدۇر.

« ئەل – فەرق » مۇئەللىپى باغدادى، « ئەھلى سۈننەت، ئاللاھ، رەسۇل مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدىمۇ بەندىلىرىگە ئۆزى ( ئاللاھ )نى تونۇشنى ۋاجىپ قىلغانلىقىدا ۋە بۇنىڭ ئەكسىنى ئېيتقۇچىلارنى تەكفىر قىلىش ھەققىدە ئىتتىپاقلاشتى»[7] دېگەندە، پەقەت قەدەرىلەر ۋە راپىزىلارنىلا ئەمەس، ئەشئەرىلەرنىمۇ تەكفىر قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنمۇ بۇ ماڭا نامەلۇم. غەززالىمۇ « ئەقىل بىلەن ئاللاھ نى بىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى » بىلىشنى ياقىلىغانلارنىڭ مۇتەزىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، يۇقىرىدىكى قاراشنىڭ تەتۈرسىنى ياقىلىغان[8] ۋە ئەھلى سۈننەت تېشىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، باغدادىغا كۆرە غەززالى تەكفىر قىلىنغانلار قاتارىغا كىرىدۇ.

ماتۇرىدىنىڭ مەشھۇر ئىماملىرىدىن پەزدەۋى، « مۇجەسسىمە مەزھەبىندە كەررامىيە، ھەنبەلىلەر ۋە يەھۇدىيلەر يەر ئالىدۇ »[9] دەپ، ھەنبەلىلەرنى ئەھلى سۈننەت قاتارىدىن دەپ قارىماسلىق ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى بۇ ئىمان ئاساسىدا يەھۇدىيلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغان. مەزكۇر ئالىم يەنە ئەشئەرىنىمۇ ئەھلى سۈننەت قاتارىدىن كۆرمىگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاقائىد كىتابىدا « ئەبۇل ھەسەن ئەشئەرىنىڭ ئەھلى سۈننەت بىلەن ئىختىلاپ قىلغان مەسلىلىرى »[10] دېگەن تېما بىلەن ئايرىم توختالغان. بۇ ئالىم ئەشئەرى[11]ۋە نامازدا ئارا تەكبىر ئالغۇچىلارنى « بىدىئەتچى »[12] دەپ ئاتىغان.

ئەھلى سۈننەت ئىچىدىكى تەكفىر مودىسىغا ھەنبەلىلەرمۇ ئەشئەرىنى تەكفىر قىلىپ، قېنىنىڭ ھالال ئىكەنلىكى ھەققىدە پەتىۋا بېرىپ قوشۇلغان[13]. چۈنكى ئۇلارنىڭچە، ئەشئەرى سەلەف ئەقىدىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانىدى. ئەشئەرىمۇ بۇنىڭغا قارىتا ھەنبەلىلەرنىڭ « ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھېچقانداق نەرسە يوقتۇر » ( شۇرا، 11 ) ئايىتىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەشبىھ ( ئوخشىتىش ) ۋە تەجسىم ( ئاللاھ قا جىسم نىسبەت قىلىش ) بىلەن ئەيىپلەپ، ھەنبەلىلەرنى تەكفىر قىلغان.

نەسەفىمۇ ئەشئەرىنى ئەھلى سۈننەت قاتارىدىن دەپ قارىمىغان[14]. ئەشئەرى ھەققىدە ئەڭ مەشھۇر سۈننى ئالىم ئىبن ھازم قاتتىق پوزىتسىيىدە بولغان.

ئىبن ھازم، ئەشئەرىلەرنى ئاللاھ نىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە تەۋھىدنى ئاشكارا ھالدا بىكار قىلىۋەتكەنلىك بىلەن ئەيىپلەپ، بۇ ئەقىدىنىڭ خىرىستىيانلارنىڭ تەسلىس ئەقىدىسىدىنمۇ خەتەرلىك بىر شېرىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن[15]. ئىبن ھازم يەنە، ئەشئەرىلەرنىڭ « ئاللاھ نىڭ » كۇن » ئەمرى بىلەن يارىتىلىشنى باشلىغان ھەر شەيئى ئەزەلىدۇر » دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىپ، بۇ قاراشنىڭ ياسن 72 – ئايىتىنى ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ، بۇ ئەقىدىنىڭ دەھرىييە ( ماتېرىيالىزم ) ئەقىدىسى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان[16].

ئىبن ھازم، ئەشئەرى ئىماملىردىن مەشھۇر بولغان ئىمام باقىللانىڭ ئەگەشكۈچىسى ۋە ئىبن ھازمنىڭ زاماندىشى بولغان مۇسۇل قازىسى ئەبۇ جافەر ئەس سەمنانى ئەيىپلەپ، « ئاللاھ نى جىسمى شەكىلدە ئىپادىلەيدىغان ئىسىملار بىلەن ئىسپاتلىغان، لېكىن بۇ ئىسىم قويۇشتا خاتالاشقان » سۆزى سەۋەپلىك تەكفىر ( بىدىئەتچى، بۇزغۇنچى، مۇھلىد / كاپىر، نادان ) قىلغان ۋە مەزكۇر ئەشئەرى ئىمامىنىڭ ھەزرىتى ئادەمنىڭ خۇددى ئاللاھ قا ئوخشاش كامال سۈپەتكە ئىگە بولغانلىقى ۋە ئاللاھ نىڭ بۇ سەۋەپتىن پەرىشتىلەرنى ئادەمگە سەجدە قىلدۇرغانلىقى ھەققىدىكى قارىشىغا، « بۇ ئوچۇق كۇپۇردۇر، قورقۇنچلىق دەرىجىدە شېرىكتۇر. بۇ قاراشتا ئادەممۇ خۇددى ئاللاھ قا ئوخشاش كامال سۈپەتكە ئىگە قىلىنغان » دەپ رەددىيە بەرگەن[17].

بۇ خىل ئەيىپلەش دولقۇنىغا ئەشئەرىمۇ بىۋاستە قاتنىشىپ، كىتابىدا ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفىنى ئەھلى سۈننەت نەزرىدە ئازغۇن پىرقىلەردىن بىرى بولغان مۇرجىئەنىڭ 9 – قاتلىمىغا مەنسۇپ دەپ تونۇشتۇرىدۇ[18].

ئەبۇ ھەنىفە ھايات ۋاقتىدىلا مۇرجىئەلەرنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بىر تالىپىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا: « بىدىئەت ئەھلى، ھەق ۋە توغرىلارنى ئېيتقان كىشىلەرنى بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىسا، ھەقنى ئېيتقۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىكى گۇناھى نېمە؟ »[19] دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئىبن ھازمنىڭ ئەشئارى ۋە تەرەپتارلىرىنى مۇرجىئەنىڭ رەسۋالىرى تېمىسى ئاستىدا بىر مۇرجىئە دەپ تىلغا ئالغانلىقىدۇر[20].

يەنى كىشىلەر بىر – بىرىنى ئەيىپلىمەكتە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بىرەر پەرەز بولغان كالامى دەتالاشلار بارا – بارا بىرەر ئەقىدە داۋاسىغا ئايلىنىپ، يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك كۇپۇر، شېرىك، جاھالەت، بىدىئەت، ئازغۇنلۇق دائىرىسى ئىچىدە دەتالاش قىلىنغانىدى. بىر – بىرىنى ئەيىپلەشكە سەۋەپ بولغان مەسلىلەر ئەسلىدە ئەقىدىۋى ئەمەس، ئەكسىچە كالامى تېمىلار ئىدى.

ئەھلى سۈننەتنى تەشكىل قىلغان ئىككى چوڭ مەزھەپ ئارىسىدىكى سۈركىلىش پەقەت بىر – بىرىنى تەكفىر قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمىدى. بەزىدە قانلىق جىدەل ۋە توقۇنۇشلارغىچە كېڭەيدى. ئەشئەرى ئالىمى ئىبن فۇرەك، ئەشئەرى مەزھىبىنى ئەھلى سۈننەت نامى ئاستىدا چەتكە قېقىلغان مەزھەپ ھالىتىدىن قۇتقۇزۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ كالامى مەزھىبى ھالىتىگە كەلتۈرگەن باقىللانىمۇ ياقىلىغان « مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلمۇتەللىب، كۈنىمىزدە ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى ئەمەس. لېكىن ئۇ ئۆز دەۋرىدە ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى ئىدى » دېگەنلىكى ئۈچۈن، ماتۇرىدى ئىماملىرىنىڭ پەتىۋاسى بىلەن سۈننىلىكنى ھىمايە قىلىش شۇئارى ئاستىدا، خۇراسان ئەمىرى مەھمۇد سەبۇق تېكىن تەرىپىدىن قەتلى قىلدۇرۇلغانىدى[21].

بۇنىڭدىن باشقا، باغداتتا ھەنبەلىلەر بىلەن ئەشئەرىلەر ئارىسىدا نەچچە كۈن داۋام قىلغان توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ھەنبەلىلەر ئەشئەرى ئىماملىرىنى مىھراپتىن مەجبۇرى چۈشۈرۈپ ئۇرغان. يەنە، ھەنەفى تۇغرۇل بەگ ھىجرى 455 – يىلى بىر يارلىق چۈشۈرۈپ، ئەشئەرىلەرنى ئازغۇن، بىدىئەتچى دەپ جاكارلاپ، خۇتبىلەردە ئۇلارغا لەنەت ئوقۇشقا بۇيرىغان. بۇ پەرمان نەتىجىسىدە يۈزبەرگەن ھەنەفى ( ئەھلى سۈننەت ) – ئەشئەرى ( ئەھلى بىدىئەت ) توقۇنۇشىدا نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى كوچىلاردا سۆرىلىپ زۇلۇم قىلىنغان، 400 دىن ئارتۇق ئالىم مەزكۇر رايۇندىن قوغلاپ چىقىرىلغان[22].

70 يىل بۇرۇن، باشتا ماتۇرى كېيىن مۇتەسسىپ ئەشئەرى بولغان ئاخىرقى شەيخۇل ئىسلاملاردىن م. سابرى ئەپەندى، بارلىق ماتۇرىدىلەرنىڭ ماتۇرىدىلەر تەرىپىدىن بىدىئەتچى، زىندىق ۋە ئازغۇن ئاتالغان مۇتەزىلەدىنمۇ بەتەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى[23]، ئۆز دەۋرىدىكى بىمەنە دەتالاشنىڭ دەۋرىمىزدىكى بىر ئىزناسى ئەمەسمۇ؟

گەرچە خاۋارىچلار تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان بولسىمۇ، خاۋارىچلار ئوتتۇرىغا چىقارغان تەكفىر ئىللىتى ياشاۋاتقان بولۇپ، مەسخىرە قىلىش، قارا چاپلاش، مەزھەپچىلىك قىلىش، بىدىئەت، ئازغۇنلىق، زالالەت بىلەن ئەيىپلەشتىن ئىبارەت تارماقلىرى بىلەن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلدى.

غەززالى « ئەل ئىقتىساد فىل ئېتىقاد ( ئەقىدىدە مۇۋازىنەت / تەڭپۇڭلۇق ) » ناملىق ئەسىرىدە، مەزھەبلەرنىڭ « قارىغۇ ئاتقان تاش قارىغۇنىڭ كۆزىگە تېگىپتۇ » دېگەندەك، پۈتۈنلەي نەزىرىيىۋى چۈشەنچىلەر ۋە قاراشلار سەۋەپلىك بىر – بىرىنى ئەيىپلىگەن ۋە رەت قىلغان تەكفىرنىڭ مەنبەسىنى « ئەقىل » دەپ قارىغان كالامچىلارنى ۋە فىقىھچىلارنى بۇ قارشى سەۋەپلىك قاتتىق تەنقىد قىلغان[24].

غەززالىنىڭچە تەكفىرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئەقىل ئەمەس، ۋەھىيدۇر. ئۇ، « پىرقىلاردىن تەكفىر قىلىنىشى كېرەك بولغىنى قايسى؟ » ناملىق ماۋزۇدا، بىر پىرقىنىڭ تەكفىر قىلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئالتە شەرتنى[25] ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بەشىنچى ماددىدا مۇنداق دېيىلگەن:

« بىز تەۋاتۇر ( رىۋايەت يولى بىلەن ) يېتىپ كەلگەن بىر ئىشنى ئىنكار قىلغۇچىنى تەكفىر قىلمايمىز. مەزكۇر شەخسى مەيلى رەسۇلۇللاھنىڭ مۇتەۋاتىر ( بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن نەقىل قىلىنغان ) غازاتلىرىدىن بىرسىنى ئىنكار قىلسۇن ياكى ئۆمەرنىڭ قىزى ھەفسە بىلەن بولغان مۇتەۋارتىر نىكاھىنى ئىنكار قىلسۇن ۋەياكى ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپىلىكىنى، ھەتتا مەۋجۇدلىقىنى ئىنكار قىلسۇن ئۇنى تەكفىر قىلمايمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى تەكفىر قىلىش شەرت ئەمەس. چۈنكى بۇلارنى ئىنكار قىلغۇچى ناماز، ھەجگە ئوخشاش ئىمان ئېيتىش زۆرۈر بولغان دىننىڭ ئاساسلىرىدىن بىرسىنى ئىنكار قىلمىغان. بىز يەنە ناززامغا ئوخشاش ئىجماغا قارشى چىققۇچىنىمۇ تەكفىر قىلمايمىز »[26].

تەكفىر، تەۋھىدنىڭ زىتىدۇر. چۈنكى تەۋھىد بىرلەشتۈرىدۇ، تەكفىر پارچىلايدۇ. تەۋھىدنىڭ مەنبەسى « دىن ۋە ئۈممەت »كە چاقىرىش، تەكفىرنىڭ مەنبەسى ھاۋايى ھەۋەس، پىرقە، جامائەت، مەزھەپ، گۇرۇپپىغا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك مەردۇت تەئەسسۇپ ( رەت قىلىنغان مەستانىلىك )تۇر.

رەت قىلىنغان مەستانىلىكنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى تىپىك ئۆرنىكى بولغان خاۋارىچلار، ئۆزىدىن بولمىغانلارنى باتىل / زالالەت ئىچىدە دەپ قاراپ تەكفىر قىلاتتى، ھەتتا ئۆلتۈرەتتى. ئىمان – ئەمەل مۇناسىۋىتىنى ۋە چوڭ گۇناھ مەسىلىسىنى تۇنجى بولۇپ ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى. باشقا سىياسىي مەزھەپلەر ئۇلارنى تەقلىد قىلدى. سىياسىي جەھەتتىكى ئىختىلاپلار، بۇ دائىرىدىن ھالقىپ ئەقىدىۋىي ساھەلەرگە سۆرەپ كىرىلدى. بۇ مودا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئومۇمىيلاشتى ۋە ھەر پىرقە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئەقىدە سەھنىسىدە تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.

كۆز قاراشلىرىنى ئەقىدە سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن دەلىل كېرەك ئىدى. بۇ مەقسەتتە قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىل ئىزدەش باشلىنىپ، تۈگمە تۆگىگە، بۇغداي گۈمبەزگە… ئايلاندۇرۇلدى. پىرقىلەر ناۋادا ئۆزى ياقىلىغان چۈشەنچىگە ماس ناسلاردىن دەلىللەر تاپالىسا، رەقىپلىرىنى ئۇ ناسنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە بۇ سەۋەپتىن كۇپۇرغا پاتقانلىق بىلەن ئەيىپلىدى. رەقىپ پىرقىلەرمۇ قارشى تەرەپنىڭ دەلىلىنى يوققا چىقىرىدىغان  باشقا ناس ئىزدەشكە، تاپالمىسا ئۇنى تەئۋىل قىلىشقا باشلىدى.

ئايەتلەر ئەسلىدىكى مۇددىئادىن يىراق ئىزاھاتلار بىلەن تەئۋىل قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ھەدىسلەر تېخى قوليازمىغا ئايلاندۇرۇلمىغانلىقتىن ناھايىتى ئاسانلا ئىجاد قىلىنىشقا باشلانغانىدى. نەتىجىدە بارا – بارا كالامى مەزھەبلەر شەكىللىنىشكە ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپىنچىسى سىياسىي ۋە ئەمەلى ئىختىلاپلاردىن، بەزى مەنمەنچىلىك ۋە قىزغىنىشلاردىن كېلىپ چىققان ئىزاھات ۋە تەدبىقاتلار بىرەر « ئىمان » ئاساسى، « ئەقىدە » مەسىلىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇنىڭ بىر پايدىسى بولدىمۇ؟

دەسلەپكى مەزگىللەردە ساپ، ئاددى ۋە ئېنىق بولغان، ئىجتىمائى ھاياتنىڭ بارلىق ساھەسىدە روشەن ھالدا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن « ئىمان »، سىياسىي ھېرىس ۋە ئىختىلاپلار نەتىجىسىدە پىرقىلەر دەتالىشىنىڭ ۋە جىدەللىرىنىڭ ئەڭ ئەزان خۇرۇچىغا ئايلىنىپ قالدى. ئىلگىرى كىشىلەر ھېچ سوراپ باقمىغان سوئاللارنى ھەقلىق يوسۇندا سوراشقا باشلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەقىدە لېيىتىلدى ۋە ھەر پىرقىنىڭ ئۆزگىچە « ئىمان » ئىزاھاتى بارلىققا كەلدى.

ھەر پىرقە ئىمان رۇكنىلىرىنى، توغرىلىق شەرتلىرىنى ناسلار ئاساسىدا ئەمەس، پىرقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە سىياسىي مەيدانى ئاساسىدا شەكىللەندۈردى. بەزى مەزھەبلەر ئېتىقادى بولمىغان ئەمەلگە تەۋە مەسلىلەرنى، يەنە بەزىلىرى ئەقىدىۋى بولمىغان سىياسىي مەسىلىلەرنى ئىمان دائىرىسىگە  كىرگۈزدى.

بۇنىڭغا باشلامچىلىق قىلغان خاۋارىچلار، ناسلارغا سېلىنغاندا مۇئمىن بولغان كىشىلەرنى كاپىر قاتارىغا چىقىرىۋېتىشتەك ئاشقۇنلۇققا مۇپتىلا بولدى. ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ « مۇئمىن » دەپ ئاتىغانلارنى « كاپىر » دېيىش مۇسۇلمانغا ياراشمايدىغان بولۇپ، بۇ بىر ئەدەبسىزلىك، ھەددىدىن ئاشقانلىق ئىدى. شۇنداقلا، ئاللاھ « مۇئمىن » دېمىگەنلەرنى « مۇئمىن » دېيىشمۇ ھەقىقەتەن ئازغۇنلۇق ئىدى. ئالاھىدىلىكى، سۈپىتىنى ناسلار ئېنىق بايان قىلغان، ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ « مۇشرىك، كاپىر، پاسق، زالىم، مۇناپىق » دەپ ئاتىغان كىشىلەر ئۈچۈن باشقا ئىسىملارنى ئىزدەش، بۇ ئۆلچەمنىڭ دائىرىسىنى تارايتىش ياكى كېڭەيتىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولمىغانلىقتۇر.

ھەر قانداق چەكتىن ئېشىشقا ئوخشاش، خاۋارىچلارنىڭ بۇ خىل ئاشقۇنلىقى كۆپ ئۆتمەستىن ئۆزىگە رەقىپ پىرقە « مۇرجىئە »نى تۇغۇلۇشىغا سەۋەپچى بولدى.

***********************************

[1]  شەھرىستانى، « ئەل – مىلەل »، I/115

[2]  شەھرىستانى، « ئەل – مىلەل »، I/118

[3]  ئىبن ھازم، « ئەل – فاسل »، IV/89

[4]  شەھرىستانى، « ئەل – مىلەل »، I/69

[5]  باغدادى، « ئەل – فەرق »، 68

[6]  شەھرىستانى، « ئەل – مىلەل »، I/69

[7]  شەھرىستانى، « ئەل – فەرق »، 315.

[8]  غەززالى، « ئەل – ئىقتىساد »، 118.

[9]  پەزدەۋى، 248.

[10]  پەزدەۋى، 353.

[11]  پەزدەۋى، 366.

[12]  پەزدەۋى، 370 – 371.

[13]  ئابدۇللاھ. ر. تەۋھىد، 11.

[14]  يازىجىئوغلۇ، 93.

[15]  ئىبن ھازم. ئەل – فاسل، V/76-78

[16]  ئەل – فاسل، V/84

[17]  ئەل – فاسل، V/78

[18]  ماقالات، 138

[19]  ۋەسىييەتتىن بەش ئەسەرى، 81

[20]  ئەل – فاسل، V/76-96

[21]  ئەل – فاسل، V/84

[22]  تاباقاتۇس سۇبقى، III/391

[23]  « ماتۇرىدى مەزھىبى پاساتتا مۇتەزىلەدىنمۇ بەتتەرەك ». م. سابرى ئەپەندى، تەختە سۇلتانىل قەدەر، 42 – بەت.

[24]  غەززالى، « ئەل ئىقتىساد فىل ئېتىقاد »، 41 – بەت.

[25]  غەززالى، « ئەل ئىقتىساد فىل ئېتىقاد »، 155 – 161 – بەت.

[26]  غەززالى، « ئەل ئىقتىساد فىل ئېتىقاد »، 159 – بەت.