كالامنىڭ ئەقىدىگە ئايلىنىشى

 

مەلۇم بولغىنىدەك باشتا ئەقىدە كالامغا ئايلاندۇرۇلدى.

بۇرۇن ھەققىدە دالالىتى ۋە ئىنىق ناسلار ( ئايەتلەر ) بولغان تېمىلار بىلەن چەكلىك دائىرە ئىچىدە تۇرغان ئىسلام ئەقىدىسى، بىر قىسىم ۋەقەلەر سەۋەبىدىن لېيىتىلىپ، ھەققىدە ئىنىق ھۆكۈم ۋە قەتئى ناس بولمىغان مەسلىلەر ئەقىدە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

ئىمان قايسى قەدەم باسقۇچلار بىلەن كالامغا ئايلاندۇرۇلغان بولسا، كالاممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدە ئىمان ئاساسىغا ئايلاندۇرۇلدى.

كالامنىڭ ئىمان ئاساسىغا ئايلاندۇرۇلۇشى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا ئاستا – ئاستا ئېلىپ بېرىلدى. لېكىن بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈنچى بىر دەۋر ھەققىدە توختىلىشقا بولىدۇ. بۇ دەۋردە كالام تېخى سىستېمىلاشمىغان بولۇپ، ئۇ پەقەت « كالام » ئىدى. يەنى، جىدەل، دەتالاش، سۆز دوئىلى، گەپدانلىقتا بەسلىشىش ئىدى…

كالام مۇنازىرىلىرى بارا – بارا ئۆزىنى كۆرسىتىش مەيدانىغا ئايلىنىپ، بۇنىڭغا خۇمار بىر تۈركۈم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئۇلار كالامى مۇنازىرە سورۇنلىرىغا توپ – توپ ھالدا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان تەرەپنىڭ رەقىپ تەرەپنى مات قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىلھام بېرەتتى. بۇنىڭ پىسخىكىلىق پەردە ئارقىسىدا مەنىۋىيىتىنى تەسەللىي تاپقۇزۇش ئارزۇسى ياتاتتى.

ئەتراپىدا توپلاشقان كىشىلەرنىڭ سادىزم ( باشقىلارنىڭ قېينلىشىنى تاماشا قىلىپ ھوزۇرلىنىش ) پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ھېس – تۇيغۇسىنى قاندۇرۇشقا ئىنتىلگەن كالامچىلار، بۇ ھالىتى بىلەن بىر – بىرىنىڭ جېنىغا قەست قىلغان ئىككى رەقىپكە ئايلىنىپ قالغانىدى. مۇنازىرە ھەقىقەتنى تېپىشتىن زىيادە قارشى تەرەپنى مات قىلىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئەسلى مەقسەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ شەرىئى دائىرىدىن ھالقىپ كېتەتتى، ئايەتلەرگە ئۆز مەقسىتىگە مايىل مەنا بېرەتتى، تەئۋىل نامى بىلەن ۋەھىينىڭ ئەسلى روھىغا زىت شەرھىيلەردىن ئۈمىت كۈتەتتى، ئەقىل ۋە مەنتىق ئويۇنلىرى بىلەن رەقىبىنى يېڭىشكە تىرىشاتتى. بۇ مۇنازىرىلەردە بەزى ۋاقىتلاردا رەسۇلۇللاھ نامىدىن توقۇلغان، يالغان سەنەتلەر زەنجىرى بىلەن بايان قىلىنغان رىۋايەتلەر رەقىبى ئالدىدا ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالغۇچى ئۈچۈن قۇتقۇزغۇچى رولىنى ئوينايتتى، قارشى تەرەپمۇ ئامالسىز بۇنى قوبۇل قىلاتتى.

كالامچىلار كېيىنكى بايانلاردا كۆرسىتىپ ئۆتىدىغان ئۆرنەكلەردىكىدەك، ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئىسپاتلاش ۋە ئۇنى شۈبھىسىز قىلىش ئۈچۈن، سۆزىنىڭ بېشىغا « سەلەفى سالىھىن » ياكى « سۈننەتى نەبەۋى » كەلىمىلىرىنى قوشۇشقا بەك ئامراق ئىدى. بۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى مۇقەددەسلىك تۈسىگە ئىگە بولاتتى، ھېچكىم ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشقا پېتىنالمايتتى. دېمىسىمۇ، باش قىسمىغا مۇشۇنداق بىر كەلىمە قىستۇرۇلغان قاراشقا كىممۇ ئېتىراز قىلالىسۇن؟ مەزكۇر قاراشنى تەنقىتلەيدىغان بىرى بۇ مەسىلىگە قارىتا يا « سۈننەت دۈشمىنى بىدىئەتچى »، « سەلەپ دۈشمىنى ئازغۇن » قالپىقىنى كېيىپ قالماسلىق ئۈچۈن سۈكۈت قىلىش يولىنى تۇتاتتى، ياكى بۇلارغا پىسەنت قىلماستىن كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقاتتى. كۆپىنچە ۋاقىتتا بىرىنچى يولنى تۇتاتتى.

بۇ سەلبىي ئەنئەنە كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ داۋاملاشتى. پىرقىلەر ئۆزىنىڭ قاراشلىرىغا ئىسپات قىلغان دەلىللەرنىڭ ئەڭ ئالدىغا « ئىتتەفەقاتۇل ئۇلەما ( ئالىملار بۇ پىكىردە بىرلىككە كەلگەن )، ئەجمەئال ئۇممە ( ئۈممەت ئىجما قىلدى ياكى بىرلىككە كەلدى )، قالە فۇلان ( پالانچى مۇنداق دېدى ) »… دېگەن قىستۇرمىلارنى قوشقان بولسا، ئازغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان رەقىپلىرى دەلىل كەلتۈرگەن ئىسپاتلىرىنىڭ بېشىغا « ئىفتەرا ( تۆھمەت قىلدى )، زەمائە ( گۇمان قىلدى )، ئىددەئا ( ئىلگىرى سۈردى )، كەزەبە ( يالغان ئېيتتى ) »… دېگەندەك سۆزلەرنى قىستۇراتتى.

كالامنىڭ مانا بۇ خۇسۇسىيىتى سەۋەبىدىن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىماملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭدىن يىراق تۇرغان، ھەتتا قاتتىق قارشى چىققان.

ئەبۇ ھەنىفە مۇنداق دېگەن: « ياش ۋاقتىمدا كالامغا قىزىققان ئىدىم. كالامى مۇنازىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈنلا كۇفەدىن بەسىرەگە باراتتىم. بۇ مۇنازىرىلەر بەزىدە بىر قانچە كۈن داۋاملىشاتتى. ئۇ ۋاقىتتا مۇنازىرىدە نامايەن قىلغان تالانتىم سەۋەبىدىن ئاۋام ئارىسىدا مەشھۇر بولغانىدىم. كىشىلەر يىراقتىن مېنى كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلىپ كۆرسىتەتتى… ئۇزۇن ئۆتمەي كالام بىلەن ئىچ قۇيۇن – تاش قۇيۇن بولۇپ تۈگىمەس مۇنازىرىلەرگە قاتناشقانلارنىڭ سىماسىنىڭ سەلەفنىڭ سىماسىغا، ئۇسلۇبىنىڭ سالىھلەرنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدىم… بۇ ئىش سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ قەلىبلىرىنىڭ قارداپ كەتكەنلىكى، دىلىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا شاھىت بولدۇم. ۋاقتى كەلگەندە كىتاپقا، سۈننەتكە ۋە سالىھ سەلەپنىڭ يولىغا زىت مۇئامىلىدە بولۇشتىن قورقمايتتى. ئاللاھتىن قورقمايتتى، تەقۋا ئەمەس ئىدى. ئەگەر كالامچىلىقتا بىر خەيىر بولغان بولسا ئىدى، بىزدىن ئىلگىرىكى سالىھ كىشىلەر بۇ ئىشقا كىرىشەتتى، ھالبۇكى، بۇ ئىشقا كىرىشكەنلەر دائىم ھېسسىياتقا تايىنىدىغان ۋە ساپاسى تۆۋەن كىشىلەر ئىكەن دەپ ئويلىدىم ۋە ئاللاھقا ھەمد بولسۇن، مەنمۇ كالامنى تاشلىدىم »[1].

ئىمام ئەزەم، ئوغلى ھاممادقا كالامدىن يىراق تۇرۇشنى ۋەسىيەت قىلغانىدى[2].

تاھاۋى ئاقائىد شەرھى ناملىق ئەسىرىدە: « شافى، مالىكى، ئەھمەد بىن ھەنبەل، سۇفيان ئەس سەۋرى ۋە سەلەفتىن بارلىق ھەدىسچىلەر كالامنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى » دېگەن[3]. ھەنەفى مۇجتەھىدلىرىدىن ئىمام ئەبۇ يۈسۈپنىڭ « كالام بىلەن ھەپىلەشكۈچى زىندىقلىشىدۇ » دېگەن سۆزى مەشھۇر.

سەلەپ تەرىپىدىن بۇنچە رەت قىلىنغان كالامنىڭ قاتتىق مۇنازىرە قىلغان تېمىلىرى، قانداق بولۇپ خەلەف ( ۋارىسلىق قىلغۇچى ) تەرىپىدىن بىرەر ئىمان ئاساسى قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟ ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر كالامى مەسىللەر سەۋەپلىك ئوتتۇرىغا چىققان پىرقىلەر قانداق بولۇپ بىر – بىرىنى تەكفىر قىلالىغانىدى؟ ھەتتا قانداق بولۇپ بۇ تەكفىرلەردە « بىدىئەت ئەھلى »، « سۈننەت ئەھلى » ئايرىمى ئۆزىنىڭ رولىنى يوقۇتۇپ، ھەركىم رەقىبىنى بىدىئەتچىلىك، ئازغۇنلۇق، كۇپۇرلۇق بىلەن ئەيىپلىيەلىگەنىدى؟

بۇ ئەيىپلەشلەر بەزى نادانلار ئىلگىرى سۈرگەندەك پەقەت ئەھلى سۈننەت بىلەن ئەھلى بىدىئەت ئارىسىدىلا بولمىغان بولۇپ، كلاسسىك ئايرىم بويىنچە ئەھلى سۈننەت قاتارىدىن كۆرسىتىلگەن پىرقىلەر ئارىسىدىمۇ بولغان. بۇ مەزگىلدە پەقەت بىر تېمىدىن باشقا تېمىلار ھەققىدە ئىجما ۋۇجۇدقا چىقمىغان. ئۇ بولسىمۇ، « بارلىق پىرقىلەرنىڭ پەقەت ئۆزىلا ھىدايەتتە، قالغانلارنىڭ زالالەت ئىچىدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى گۇمانى » ئىدى… خۇددى ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىنىڭ ئېيتقىنىدەك:

« بەزى كىشىلەرنىڭ دىننى چۈشۈنۈشىدە ئۆزئارا ئىختىلاپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئىتتىپاقلاشقان پەقەت بىرلا مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، ھەر پىرقىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكى، رەقىپلىرىنىڭ باتىل ئۈستىدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئەقدىسىدۇر »[4].

پىرقىلەرنى كالامى مەسىللەردە بىر – بىرىنىڭ يېنىدا ياكى قارشى تەرىپىدە كۆرسىتىش، ئۇلارنى ھەق – باتىل دەپ ئايرىش مۇمكىن ئەمەس.

مەسىلەن: « ئاللاھنى بىلىش ئەقىل بىلەن بولامدۇ ياكى شەرىئەت بىلەن بىلىش ۋاجىپ بولامدۇ؟ » مەسىلىسىدە ماتۇرىدىلەرنى مۇتەزىلە بىلەن، ئەشئەرىنى مۇرجىئە بىلەن بىر قاتاردا كۆرىمىز. « ئىمان مەخلۇقمۇ – ئەمەسمۇ؟ » تېمىسىدا، ئەشئەرىلەر بىلەن ماتۇرىدىلەرنى بىر – بىرىگە قارشى ھالدا كۆرىمىز. لېكىن بۇ مەسىلىدە ماتۇرىدىلەر بىلەن مۇتەزىلەرنىڭ قارىشى ئوخشاش بىر نوقتىدا ئۇچرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ سۈپەتلەرنى ئىسپاتلاشتا سۈننى ھەنبەلىلەر، كەررامىيە ۋە مۇجەسسىمىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ.

يەنى بۇ بەك مۇرەككەپ بولۇپ، ئەنئەنىۋى تۈرگە ئايرىش ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. پەزدەۋى بۇ مۇرەككەپلىكنى بايقىغان بولۇپ، ئىختىيارسىز ھالدا: « ئاللاھنىڭ سۈپىتى سەۋەپلىك كەررامىلارنى رەت قىلساق، بىزنى قەدەرىييە ۋە مۇتەزىلە قاتاردىن دەيدۇ؛ قەدەرىييە ۋە مۇتەزىلەنى رەت قىلساق، بىزنى ھەنبەلىلەر ۋە كەررامىلارغا مەنسۇپ دەيدۇ! » دېگەن ۋە ئارقىدىنلا مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ ھەر ئىككى ئازغۇن پىرقىگىمۇ رەھمەت قىلغاي! »[5].

خۇلاسىلىسەك، كالامنىڭ باشتا ئىلىم، ئاندىن ئەقىدىگە ئايلىنىشى مانا بۇ جەرياندىن كېيىن روياپقا چىقتى.

ھەر ھالقا بىر مۇستەقىل پىرقىگە ئايلانغان، بەس – مۇنازىرىلەر ئىچىدە ئىسلام ئەقىدىسى بۇلغىنىپ كەتكەن ۋە مالىمانچىلىقتا بىر – بىرىنى ئىنىق تونۇيالمايۋاتقان بىر دەۋردە، ئىنسانلار سەلەپنىڭ كالام ئىلىمىگە تۇتقان سوغۇق مۇئامىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۆزلىرى خەۋپ ئىچىدە دەپ قارىغان ئىسلام ئەقىدىسىنى بۇ يول بىلەن ھىمايە قىلىشقا ئاتلانغانىدى.

*************************

[1]  مەككى، « ئىمامى ئەزەم »، 51 – 55 – بەت.

[2]  تاش كۆپرۈزادە، « مەۋزۇئاتۇل ئۇلۇم »، I/597.

[3]  ئىبن ئەبىل ئىزز، « شەھرۇل ئەقىدەتىت تاھاۋىييە »، I/236.

[4]  ماتۇرىدى، « ئەت تەۋھىد »، 3 – بەت.

[5]  پەزدەۋى، 340 – بەت.