بۇزغۇنچىلار ۋە ئەسلىگە قايتۇرغۇچىلار

 

دىنلىرىنى بۇزۇپ تامامەن يەھۇدىلەشكەن ئىسرائىل ئەۋلادلىرى قىلغان بارلىق رەزىل قىلمىشلىرىغا قارىماستىن، يەنىلا ئىلاھى ۋاكالەتچىلىكنىڭ ئۆزلىرىدە ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشىدۇ.

ھالبۇكى ئۇلار ھەم نەپىسلىرىدىكى ھەم ئىجتىمائى جەمىئىيىتىدىكى ئىمان ھاكىمىيىتىنى يەريەكسان قىلىپ، شەيتاننى ھاكىمىيەت بېشىغا ئېلىپ چىققان ئىدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلى بېشىغا كەلگەن قورقۇنۇچلۇق بالالاردىن، قەتلىئاملاردىن، ئوپچە سۈرگۈندىن[1] ۋە قانلىق ئىشغاللاردىن ئىبرەت ئالمىغان ئىدى.

ئاللاھ بەنى ئىسرائىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ئىلاھى تەلىماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تاماملاش ئۈچۈن ھەزرىتى ئەيسانى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ئىمان ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن تىكلىمەكچى ئىدى. ئۇ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان مۇسا شەرىئىتىنىڭ ئىسلاھ قىلغۇچىسى / ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىسى ئىدى. ئۇ، بۇزۇلغانغا ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن، بۇرمىلانغانغا ئىسلاھ قىلىش بىلەن قارشى تۇراتتى.

شۇنداقتىمۇ ئىسلاھ قىلغۇچى ھەزرىتى ئەيساغا، بۇزغۇنچى ئىسرائىل خەلقى ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەن بولغان ئىدى. ئىسلاھ قىلغۇچىلارغا قارىتا بۇزغۇنچىلار قىلغان ئەسكىلىكىنى، ئەڭ ئەشەددىي  كاپىرلار، مۇشرىكلار ۋە دىنسىزلارمۇ قىلمىغانىدى.

ئەسھابى ئۇھدۇد ( خەندەك ئەھلى ) ۋەقەسى بۇ دۈشمەنلىكنىڭ تىپىك مىسالى ئىدى. بىزگە قۇرئان يەتكۈزگەن[2] بۇ ۋەقەدە، ھەزرىتى مۇسا ئۈممىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىرى ھەزرىتى ئەيسا ئۈممىتىنىڭ ئىسلاھاتچىلىرنى ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك، قېرى – ياش دېمەستىن، ئىچى ئوت بىلەن تولغان خەندەكلەرگە تىرىك پېتى تاشلىغان ۋە بۇ دەھشەتلىك جىنايەتلىرىنى خەندەكلەرنىڭ ئەتراپىغا ئولۇشۇپ زوق بىلەن تاماشا قىلغانىدى[3].

بۇ ئىش تارىخ بويىنچە مۇشۇنداق داۋام قىلغان بولۇپ، بۇزغۇنچىلار ئەسلىگە قايتۇرغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولۇپ كەلگەنىدى. مەزكۇر تارىخىي قانۇنىيەت، ئاللاھ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىلاھىي ۋەھىيگە قارشى چىقىشتىمۇ ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغانىدى.

تارىختىن بېرى شۇ نەرسە ئېنىقكى، مۇشرىكلار ئىبراھىم دىنىنىڭ بۇزغۇنچىلىرى بولۇپ، ئەقىدىسى ھەنىف دىنىنىڭ بۇرمىۋېتلىگەن شەكلى ئىدى. بۇ ھەقىقەتلەرنى قۇرئاننىڭ ئۆزىدىن بىلەلەيمىز. ئۇلار ئاللاھ قا ئىشىنەتتى، بۇتلارنى ئاللاھ بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدىكى بىر تۈرلۈك شاپائەتچى دەپ قارىشاتتى[4]. يەر ۋە ئاسمانلارنىڭ رەببىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە، ھەر نەرسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى[5]. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇشرىكلارمۇ خۇددى شەيتانغا ئوخشاش ئاللاھ نىڭ ئىززىتى ۋە ئىلمىگە ئىمان كەلتۈرەتتى[6]. ھەتتا جۇنۇپلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن يۇيۇناتتى، مېيىتلارنى يۇيۇپ كېپەنلەيتتى، يەنە تېخى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئاللاھ تىن رەھمەت تىلەيتتى، سۈننەت بولاتتى[7]، كەبىنى تاۋاپ قىلاتتى، ھاجەرۇلئەسۋەدنى ھۆرمەتلەيتتى، سەيئىي قىلاتتى، قۇربانلىق قىلاتتى، ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ يادىكارىغا ھۆرمەت قىلاتتى.

ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلار، ئەجدادى ھەزرىتى ئىبراھىمدىن قالغان خۇشخەۋەر ۋە ئۇنىڭ دىنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھېچقانداق بىر قەۋم ۋە تائىپە قىلمىغان دۈشمەنلىكنى قىلغان ئىدى. شۇنداق، تارىخ يەنە بىر قېتىم تەكرارلانغان بولۇپ، دىننى ئەسلىگە قايتۇرغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى يەنىلا ئوخشاش ئېتىقادنىڭ بۇزغۇنچىلىرى ئىدى. غەلىتە، ئەمما بۇ بىر ھەقىقەت.

بۇ ئاچچىق ھەقىقەت ئۇ كۈنلەردىكىدەك بۈگۈنمۇ شۇ پېتى داۋاملاشماقتا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. ئىماننىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى رەقىپ قىلىپ چىقىرىلغان شەيتاننىڭ ھاكىمىيىتى، دائىم « دىنغا قارشى دىنسىزلىق » كۆرۈنىشى ئاستىدا ئەمەس، بەزىدە « دىنغا قارشى دىن » شەكلىدە ئۆزىنى بازارغا سالىدۇ. ئەمما ئېنىق بولغان يەنە بىر ھەقىقەت شۇكى، بۇزغۇنچىلار بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىلەر ئارىسىدىكى تۈگىمەس كۆرەشتە، تارىخ بويىنچە دائىم ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىلەر غەلىبە قازانغان ئىدى.

ھەر زەپەرگە ئوخشاش بۇ غەلبىنىڭمۇ بەدىلى خېلى ئېغىر بولدى. لېكىن بۇ بەدەل تۆلەنگەندە قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەبەدى سائادەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بۇنىڭ ئەڭ پارلاق ئۆرنىكى، ئىبراھىم دىنىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىسى بولغان ئاللاھ رەسۇلىنىڭ، بۇ دىننىڭ بۇزغۇنچىلىرى بولغان مۇشرىكلارغا، يەھۇدىلارغا ۋە خىرىستىيانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىمان كۆرىشىدە، تارىخنىڭ ئېقىنىنى ئۆزگەرتكۈدەك دەرىجىدىكى مۇۋەپپىقىيىتى ئىدى.

ئىماننىڭ غەلبىلىك ھالدا سۇلتان بولىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن بۇ كۆرەشنىڭ باش قەھرىمانى، يەنىلا « ئىمان »دىن باشقىسى ئەمەس ئىدى.

**************************

[1]  بابىل پادىشاسى نابۇكادنەزارنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى ئومۇمىييۈزلۈك سۈرگۈن قىلىشى، رىم ئىمپىراتۇرى تىتۇسنىڭ پەلەستىندە ئۇنتۇلمىغۇدەك يەھۇدى قەتلىئامى ئېلىپ بارغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.

[2]  بۇرۇچ، 1 – 8

[3]  ۋەقە، مىلادى 1 – ئەسىردە ھىجاز بىلەن يەمەن ئارلىقىدىكى بىر رايۇن بولغان نەجراندا يۈز بەرگەن. نەجران دۆلىتىنىڭ يەھۇدى پادىشاھى زۇناۋۇس، ۋەقەنىڭ باش قەھرىمانىدۇر. بۇ قورقۇنۇچلۇق زۇلۇم ۋە ئازاپ – ئوقۇبەتلەر، ھەزرىتى ئەيسا ئېلىپ كەلگەن ساپ ئىسلام رىسالىتىنى بوغۇشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەستىن رايۇننىڭ تامامى بۇ رىسالەتكە تەسلىم بولغان.

[4]  يۇنۇس، 18.

[5]  مۇئمىنۇن، 84 – 90.

[6]  زۇخرۇف، 9.

[7]  ئەل مىلەل ۋەننىھال، II/246-249