« فۇرقان » – قۇرئاننىڭ قۇرئاندىكى ئىسىملىرى – مەھمەت ئوقۇيان« ئەنۋارۇل قۇرئان تەفسىرى» – ھايات كىتابىم تورى

« فۇرقان » – قۇرئاننىڭ قۇرئاندىكى ئىسىملىرى – مەھمەت ئوقۇيان« ئەنۋارۇل قۇرئان تەفسىرى»


YouTube دىن كۆرۈڭ: http://youtu.be/15xMfx57Loc
قۇرئاننىڭ قۇرئاندىكى ئىسىملىرى
قۇرئاننىڭ قۇرئاندىكى ئىسىملىرى قاتارىدا، قۇرئاندا ئىشلىتىلگەن ئۈچىنچى كەلىمە فۇرقان كەلىمىسىدۇر.
فۇرقان ( ئۆلچەم ) كەلىمىسى ناھايىتى مۇھىم بىر كەلىمە بولۇپ، بىر قانچە تەرەپتىن بىزگە مۇناسىۋەتلىك. قۇرئاندا كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ بۇ كەلىمە، يەتتە قېتىم تىلغا ئېلىنغان. پەقەت ئۈچ يەردە بۇ كەلىمە قۇرئان مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. قالغان تۆت ئورۇندا، بىزگە مەلۇم بولغان، ھەزرىتى مۇھەممەدكە نازىل بولغان ۋەھىي مەنىسىدە ئىشلىتىلمىگەن.
بۇلادىن بىرسىدە ھەزرىتى مۇساغا ۋە ھارۇنغا بېرىلگەن كىتاپ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ فۇرقان.  بەقەرە سۈرىسى 53 – ئايەتتە ۋە ئەنبىيا سۈرىسى 48 – ئايەتتە، فۇرقان كەلىمىسى ھەزرىتى مۇسا ۋە ھەزرىتى ھارۇن بىلەن باغداشتۇرۇلىدۇ.
ئەنفال سۈرىسى 41 – ئايەتتە، بەدىر كۈنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سۆزدۇر، ” يەۋمەل فۇرقان – فۇرقان كۈنى “،ئۇ بەدىر دېگەنلىكتۇر. يەنى، بەدىردىكى توغرا خاتادىن ( ھەق باتىلدىن ) ئايرىلغان كۈن مەنىسىدە. بىر پىداكارلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن؛ ھەققە، ھەقىقەتكە دۈشمەنلىك قىلغان ئوتتۇرىغا چىققان، ئىككىسى بىر – بىرىدىن ئايرىلغان كۈن مەنىسىدە كېلىدۇ ئەنفال سۈرىسى 41 – ئايەتتە.  
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنفال سۈرىسى 29 – ئايەتتە ئۆتىدۇ بۇ كەلىمە. بۇ ئەنفال 29 – ئايەتكە بىردەمدىن كېيىن كېلەي.
ئىشلىتىلگەن جايلاردا قۇرئان مەنىسىنى بىلدۈرگەن فۇرقان كەلىمىسى، بىرىنچى، بەقەرە سۈرىسى 185 – ئايەتتە ئۆتىدۇ. مانا بۇ يەردە، رامىزان ئېيىدا نازىل قىلىنغان ئىلاھى خەۋەرنىڭ ئىسمى؛ ئىنسانلارغا ھىدايەت مەنبەسى بولسۇن رۇشەن دەلىلەر ئىچىدە بولسۇن دەپ چۈشەندۈرۈلگەن كىتاپ ئەل – فۇرقاندۇر. بىر بۇ يەردە ئۆتىدۇ، قۇرئان ۋەھىينىڭ ئىسىمى سۈپتىدە. يەنە ئالئىمران سۈرىسى 4 – ئايەتتە ئۆتىدۇ. ئالئىمران 4 – ئايەت، ” فۇرقاننى نازىل قىلغان ئاللاھ “، بۇ ئايەتتە ” ئەلفۇرقان “ ھەزرىت مۇھەممەتكە نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ خاس ئىسمىدۇر. 
يەنە بىرسى بولسا، سۈرىنىڭ ئىسمىنى فۇرقان دەپ ئاتالغان فۇرقان سۈرىسىنىڭ 1 – ئايىتى. فۇرقان دەپ بىر سۈرە بار قۇرئانى كەرىمنىڭ 25 – سۈرىسى، فۇرقان سۈرىسىدۇر، ئۇ سۈرىنىڭ 1 – ئايىتىدە بۇ كەلىمە بۇ ۋەھىينىڭ خاس ئىسمى سۈپتىدە ئىشلىتىلىدۇ. يەنى ” بەندىسىگە فۇرقاننى نازىل قىلغان ئاللاھ، بەرىكەتنىڭ مەنبەسىدۇر، ئەڭ ئۇلۇغدۇر “.
فۇرقاننىڭ مەنىسى نېمە؟
فۇرقان، توغرا بىلەن خاتانى ئايرىغۇچى ئۆلچەم دېگەنلىكتۇر. فۇرقان، فەراقا سۆزىدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سۈپتىدۇر، ئۆمەر ئەل – فارۇق. فارۇق، فۇرقان ئۆخشاش بىر سۆزدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ، ئەل – فۇرقان، توغرىنى خاتادىن ئايرىدىغان ئۆلچەمنىڭ ئىسمىدۇر.
بىز بۇ يەردىن شۇنداق بىر نەتىجىگە ئېرىشىمىز. دىن نامىدىن نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنىڭ ئۆلچىمى، ئۇ مەلۇماتنىڭ قۇرئانغا ئۇيغۇن بولۇپ – بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇ نەرسىنىڭ توغرا – خاتالىقىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم فۇرقان بولغان قۇرئاندۇر.  
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، فۇرقان بولغان قۇرئان، دىن نامىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەر قانداق داۋانىڭ توغرا – خاتالىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. قۇرئانغا ماس كەلسە توغرا، ماس كەلمىسە خاتادۇر.
بىز بۇنى لابراتور دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. مەسىلەن، بىرسىنىڭ بالىسى بولدى دەيلى؛ ئادەم بۇ بالا شۈبھلىك، مەندىنمۇ ئەمەسمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالغان بولسا؛ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى، ئۇنى تەكشۈرتىش. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بۈگۈنكى شارائىتتا مۇشۇنداق. بىر ھۈجەيرە تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىر لابراتۇردا تەكشۈرۈلىدۇ ۋە بالا كىمگە ئائىت، 99.9% ھالدا ئېنىقلىنىدۇ.  ئەگەر، مەن بۇنداق د ن ئا تەكشۈرىشى قىلمايمەن دېسە بىر تەرەپ؛ دېمەك، ئۇنىڭدا بىر مەسىلە بار. ئىككىلەنسە، شۇنىڭدىن بىلىۋالساڭ بولىدۇكى بالىنىڭ نەسەبىدە بىر مەسىلە بار. بالا ئۈچۈن مۇشۇنداق.
 ئەمما بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى دىن نامىدا بۇ ئىش تېخىمۇ مۇھىم. دىن نامىدىن بىرسى بىر نەرسە دېگەن بولسا، ئۇنى قۇرئاننىڭ لابراتۇرىغا سالىسىز. قۇرئاننىڭ لابراتۇرىدىن ئۆتسە، بۇ توغرىدۇر؛ ئەگەر ئۆتەلمىسە خاتادۇر. بۇنى ” قۇرئانغا تەڭلىمەڭلار “ دېگەن كىشىگە ئىشەنمەڭلار. دېمەك، بىر مەسىلە بار بىر يېرىدە. چۈنكى، ھەقىقەت خەلقى ئالەم ئالدىدا ئاشكارا بولىدۇ.
بەزىلەر ماڭا شۇنداق دەيدۇ، ماڭا شۇنى ناھايىتى پەرۋاسىزلىق بىلەن دېگەنلەر بار يەنى، ” ماڭا قۇرئاندىن دەلىل كەلتۈرمە “. 
  ماڭا قۇرئاندىن دەلىل كەلتۈرمە، نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟
مەن خاتالىقىمدىن مەمنۇن، ماڭا توغرا گەپنى قىلما، دېگەنلىكتۇر. مېنى خاتالىقىم ئۈستىدە قويۇپ قوي، نېرى كەت، دېگەنلىكتۇر.
قۇرئان فارۇق بىر كىتاپتۇر، قۇرئان فۇرقان بىر كىتاپتۇر. ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت قۇرئان ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. قۇرئانغا ماس كەلسە ئامەننا، قۇرئانغا ماس كەلمىسە خاتادۇر.  
قۇرئانغا ماس كەلمىسە، ئۆتكەن دەرستە سۆزلىگەنىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن ھەدىسلەردىمۇ ئۆلچەم بۇ بولىشى كېرەك. ئەگەر قۇرئانغا ماس كەلسە بېشىمىزنىڭ تاجىدۇر؛ قۇرئانغا ماس كەلمىسە، بۇ سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئائىت ئەمەس. ھەدىسنىڭ نەقىل قىلىنىشىدا بىر مەسىلە بار دېگەنلىكتۇر.
ئۆتكەن دەرستە بۇنى سۆزلىدىم، ئەلھەمدۇلىللاھ ياخشى چۈشۈنۈشلىك بولدى. ماڭا كەلگەن خەۋەرلەردىن مەسىلىنى بەزىلەرنىڭ سۈيئىستىمال ۋاستىسى قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق دەپ قارايمەن. چۈنكى، باشقا شەكىلدە چۈشەندۈرەتتى.
يەنى خۇددى بىز، بۇ سۆز ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، قۇرئانغا سېلىپ كۆرۈش كېرەك، قېنى پەيغەمبىرىمىز قۇرئانغا مۇۋاپىق گەپ قىلىپتىمۇ قىلماپتىمۇ؟ دېگەندەك. بۇنداق گەپ قىلمىدۇق، بۇنداق بىر جۈرئەتتە بولمايمىز. ئۆتكەن ھەپتە دېدىم، يەنە بىر قېتىم دەيمەن: 
– بىر سۆزنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەدتىن كەلگەنلىكىنى بىلسەم، كائىناتتا ئۇ سۆزنى ئەڭ باشتا قوبۇل قىلغۇچى مەن بولىمەن، زەررىچىلىك ئىككىلەنمەيمەن.
 بۇ يەردىكى مەسىلە، سۆزنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەدتىن كېلىپ – كەلمىگەنلىكى ھەققىدە شەكىللەنگەن شۈبھىلەردۇر.
چۈنكى،  دىن دۈشمەنلىرى بەك كۆپ يالغان ھەدىسلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ رىۋايەت قىلغان. 
ئۇنداقتا، فۇرقان بولغان بىر ئۆلچىمىمىز بولسۇن، بۇنىڭ ئىسمى قۇرئان بولسۇن.  شۇڭا جانابى ئاللاھ كىتابىنىڭ ئىسمىنى فۇرقان قويغان.
فۇرقانىڭىز قۇرئانىڭىز بولسۇن.
فۇرقانىڭىز قۇرئان بولسا قانداق بولىدۇ؟
قاراڭلار، مەن سىلەرگە بىر خوشخەۋەر بېرەي. ئەنفال سۈرىسىنىڭ 29 – ئايىتى، فۇرقان بولغان قۇرئانغا چىڭ يېپىشسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە بېرىدىغان جاۋابى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
ئايەت شۇ، ” ئەگەر اﷲ تىن قورقساڭلار، ئاللاھقا تەقۋالىق قىلساڭلار “.
ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلساق مۇتتەقى بولىمىز؟
بۇنىڭ يولىنىمۇ رەببىمىز ئەنئام سۈرىسى 155 – ئايەتتە، قۇرئانغا ئەگىشىش دەپ بەلگىلىگەن.   
يەنى مۇتتەقى بولۇش بىر نەتىجىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى قۇرئانغا ئەگىشىشتۇر.
” بۇ ساڭا نازىل قىلىنغان كىتاپ بىر بەرىكەت بۇلىقى بولغان كىتاپتۇر، بۇ كىتاپقا ئەگىشىڭلار،  بۇ ئارقىلىق مۇتتەقى بولۇڭلار “ (ئەنئام سۈرىسى 155 – ئايەت ).
مۇتتەقى بولۇش ئۈچۈن قۇرئانغا ئەگىشىڭلار. مۇتتەقى بولۇش قۇرئانغا ئەگىشىش ئارقىلىق بولىدۇ. فۇرقان بولغان قۇرئانغا ئەگەشسەڭلار مۇتتەقى بولىسىلەر.
ئۇنداقتا، مۇتتەقى بولساق نېمە بولىدۇ؟
” ئەگەر ئاللاھتىن قورقۇپ تەقۋا بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن فۇرقان يارىتىدۇ “( ئەنفال سۈرىسى 29 – ئايەت ).
كۆردۈڭلارمۇ؟ بۇ يەردىكى فۇرقان قۇرئان مەنىسىدە ئەمەس. بۇ يەردىكى فۇرقان، فۇرقان بولغان قۇرئان بەرپا قىلغان ئەقىلگە، ئاللاھ ئاتا قىلغان بىر ئالاھىدە نېمەتتۇر.
توغرىنى خاتادىن ئايرىش قابىلىيىتىگە فۇرقان دېيىلىدۇ.
فۇرقان بولغان قۇرئانغا ئەگەشسىڭىز، فۇرقانىڭىز بولىدۇ. ئىككى تانە سەۋەبنىڭ نەتىجىسىدۇر فۇرئانغا ئېرىشىش.   
ئالدى بىلەن فۇرقان بولغان قۇرئانغا ئەگىشىمىز مۇتتەقى بولۇش ئۈچۈن. مۇتتەقى بولالىساق، ئاندىن رەببىمىز بىزگە فۇرقان يارىتىدۇ.
بىزگە فۇرقان ياراتسا، بىزگە نېمە پايدىسى بولىدۇ؟
قاراڭلار، قانداق پايدىسى بولىدىكەن، بەك جىق ئايەتنى مىسال كەلتۈرەلەيمەن، لېكىن بىرسىنى ئوقۇي.
ئەئراف سۈرىسىنىڭ 201 – ئايىتى.
 
مۇتتەقى بولساڭلار قانداق بولىدۇ؟ قاراڭلار:
مۇتتەقى بولغانلار، ئەقلىنى، مېڭىسىنى قۇرئان بەرپا قىلغان كىشىلەر، مەسئۇلىيىتىنى بىلگەن، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان كىشىلەر؛ شەيتاندىن ئۇلارغا بىر ۋەسۋەسە كەلگەندە، شەيتان ئۇلارغا بىر ۋەسۋەسە بىلەن يېقىنلاشقاندا، بۇ كىشىلەر دەرھال ھەقىقەتنى ئەسلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر تەرىپى كۆزگە ئايلىنىدۇ.
ئەگەر مۇتتەقى بولغان بولسىڭىز ئەگەر قۇرئان سىزنى تەقۋادارلاردىن قىلالىغان بولسا؛ سىز فۇرقان بولغان قۇرئاندىن ئوزۇقلىنالىغان بولسىڭىز، ئۇ سىزنى مۇتتەقى قىلىدۇ ۋە كېيىن ھەر تۈرلۈك شەيتانى ۋەسۋەسىگە ئۇچرىغان ۋاقتىڭىزدا، دەرھال بۇنىڭ شەيتاندىن كەلگەنلىكىنى بىلەلەيسىز ۋە ئاللاھنى ئەسلەيسىز.
بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نېمەت، ئىلتىپات بولامدۇ؟
كەلگەن تۇيغۇلارنىڭ شەيتانى ياكى رەھمانى ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمىغان كىشى، بۇ ھاياتنى دىن نامىدىن قانداق ياشايدۇ؟    
بۇ يەردە ئەڭ ياخشى ئۆلچەم، ھەقىقەت بەرپا قىلغان بىر ئەقىل ئىگە بولغان ئەڭ ياخشى ئۆلچەم، قۇرئان ئارقىلىق ھاياتقا ۋە ۋەقە – ھادىسىلەرگە قاراش قابىلىيىتىدۇر. ئەگەر بۇنى قىلالىسا، رەببىمىز ئۇنىڭغا خاس فۇرقان يارىتىدۇ. 
بۇ دەرسلەرنىڭ مەقسىتى قايتىدىن فۇرقان بىلەن ئۇچرىشىشتۇر، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم.
فۇرقانىمىز بولسۇن، ھەرقانداق بىر مەلۇمات ئۇچرىسا، ئۇنىڭ توغرا – خاتالىقىنى دەرھال ئايرىيالايدىغان بولايلى. بۇنىڭ يولى قۇرئان بىلەن قاراشتۇر. قۇرئان كۆرسەتكەن نوقتىدىن قارىمىسىڭىز، كۆرگەن نەرسىلىرىڭىز باشقىچە بولۇپ قالىدۇ. يامان ئاقىۋەتلەر سىزنى ۋە بىزنى كۈتۈپ تۇرىشى مۇمكىن.
مەقسىتىمىز، نىشانىمىز ھاياتقا قۇرئان قارا دېگەن نوقتىدىن قاراشتۇر، تىرىشچانلىقىمىز بۇنىڭ ئۈچۈندۇر.  
پروفېسسور دوكتۇر مەھمەت ئوقۇيان
تۈركىيە 19  مايىس ئۇنىۋېرسىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى
تەرجىمە – باتۇر قاراخانلې

IMG_2219.JPG

IMG_2220.JPG

IMG_2222.PNG

IMG_2221.JPG