بىزنى قانداق دۆتلەشتۈرۈۋاتىدۇ؟ – ئۇستاز ئەنگىن نويان

YOUTUBE دىن كۆرۈش ئادرىسى: http://www.youtube.com/watch?v=Ia0HHYK9p2I

YOUKU دىن كۆرۈش ئادرىسى: http://v.youku.com/v_show/id_XNzA3OTQwMjA

بۇنى ھېچكىم خالىمايدۇ
بۇنداق بىر جەمىئىيەتنى كىم خالايدۇ؟
پىكرىنى ئوچۇق بايان قىلغان، ھەقتىن باشقا داۋاسى بولمىغان
ئوچۇق – ئاشكارا سۆزلىگەن
مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىرگەن
داۋاسى ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بولىشىنى كىم خالايدۇ؟
ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى كىشىلەر شۇ
مۇبارەك قۇرئاننىڭ چۈشەندۈرىشى بويىچە، ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان ئىنسانلار جەمىئىيىتى بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ
ئولتۇر دېگەندە ئولتۇرسۇن، تۇر دېگەندە ئورنىدىن تۇرسۇن
پىكىر قىلمىسۇن، بۇيرۇققا بويسۇنسۇن
مۇشۇنداق بىر ئىنسانلار توپى
كىشىلىكى بولمىغان
قۇرئان بەرپا قىلغان ئىنسان بۇ ئەمەس
بۇنى بەرپا قىلالىدى
شۇڭا مۇبارەك قۇرئان بىلەن ئارىمىزغا توساقلار پەيدا قىلدى
سەن ئۇنى چۈشىنەلمەيسەن، ئۇ ساڭا بىر نەرسە دېمەيدۇ، دېدى
ھالبۇكى، بىز مۇبارەك قۇرئاننى چۈشىنەلەيمىز
بىزنىڭ مۇبارەك قۇرئاننى چۈشىنىش مەجبۇرىيىتىمىز بار
مۇبارەك قۇرئاننى چۈشىنىش پەرزدۇر
باشقا يولى يوق
ئۇنداقتا، بىز مۇبارەك قۇرئاننى چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا قانداق ئۆزگۈرۈش بولىدۇ؟
ھەر نەرسە ئۆزلىكىدىن ئۆزگۈرۈشكە باشلايدۇ
بۈگۈن چۈشىنەلمىگەن، پەرق قىلالمىغان نۇرغۇن مەسىلىنىڭ پەردە ئارقىسىدا نېمىلەرنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرۈشكە باشلايمىز
قاراڭلار، مۇبارەك زۇخرۇف سۈرىسى 54 – ئايەتتە
ئاللاھ بىزگە فىرئەۋن ھەققىدە قىلغان بايانىدا ئاجايىپ بىر نەرسىنى بايان قىلىدۇ
ئايەتنىڭ ئاخىرىدى جۈملە مۇنداق، ئاخىرىنى چۈشۈرگەندە مۇنداق دەيدۇ
قەۋمىنى ھاماقەتلەشتۈردى، دەيدۇ ئاللاھ
قەۋمىنى دۆت، ئىچى بوش كىشىلەر ھالىغا كەلتۈردى
كىم؟ فىرئەۋن
نېمە ئىشلەتتى؟
قورال كۈچى ئىشلەتتىمۇ؟
فىرئەۋن پايدىلانغان نەرسىلەر نېمە ئىدى؟
قورالمىتى؟
ئەسكەرمىتى؟ ساقچىلارمىتى؟ قېيىن – قىستاقمىتى؟
ئىقتىسادىي بېسىممىتى؟
ياق
فىرئەۋننىڭ ئەمرىدە خىزمەت قىلغان، ئەڭ يېقىن كىشىلەر
سېھرىگەرلەر ئىدى
خەلقنىڭ كۆزىنى بويايتى
ئۇلارغا يالغان ئېيتاتتى، ئەقلىنى ئازدۇراتتى
بارنى يوق، يوقنى بار قىلىپ كۆرسىتەتتى
ئىنسانلارمۇ ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى كۆرەتتى
فىرئەۋننىڭ خەلقىنى دۆتلەشتۈرىشى مۇشۇنداق ئىدى
ئۇنداقتا، بۇ ئايەت بۈگۈن بىزگە بىر نەرسە دېمەيۋاتامدۇ؟
تۈركىيەدە تۇنجى قۇرۇلغان تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى؟
ئېسىدە بولغانلار بارمۇ؟
ياق، سىتار* ئەمەس
*STAR
مەجىك بوكىس ، مەجىك بوكىس نېمە دېگەن گەپ
MAGIC BOX TV
سېھىر قۇتىسى دېگەنلىك سېھىر قۇتىسى
قاراڭلار، بۈگۈن تېلېۋېزۇر كۆرۈىۋاتىسىلەر ئاللاھ خالىسا، ئېلانلاردا نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ بىزگە
فىلىم 2012 كەلدىمۇ بۇ يەرگە، كۆردۈڭلارمۇ 2012 فىلىمىنى؟
كەلمىدىمۇ؟
بىرسى كەلدى دەيدۇ، بىرسى كەلمىدى دەيدۇ
كەلدى، كەلدى، 2012 فىلىمىنى كىمى كۆردى ئاراڭلاردا
نېمە دەيدۇ 2012 فىلىمىنى تونۇشتۇرغاندا
سۈرلۈك مۇزىكا تەڭكەشلىكىدە بىر ئەر كىشى نېمە دەيدۇ
مايالار بىزنى ئاگاھلاندۇرغانىدى، ئۇلارغا ئىشىنىشىمىز كېرەك ئىدى
نېمە؟
مايالار بىزنى ئاگاھلاندۇرغانىدى، ئۇلارغا ئىشىنىشىمىز كېرەك ئىدى
ئاللاھۇ ئەكبەر
ئەتە ھۇزۇرى ئىلاھىغا چىقىمىز
نېمە بولىدۇ ئۇ يەردە؟
مۇنداق دەمدۇق؟
ئاللاھ بىزنى ئاگاھلاندۇرغانىدى، ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز كېرەك ئىدى
ئەقلىمىزنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ، مايالار بىزنى ئاگاھلاندۇرىۋاتىدۇ دەپ تېلېۋېزۇدا نەچچە كۈن شۇنداق دەيدۇ
ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سۆزلەيدىغانلار يوق
يەنە بىرى مۇنداق دەيدۇ
شەھەرنىڭ قانۇنىغا يا سەن بويسۇنىسەن ياكى قانۇنىنى سەن تۈزىسەن
قانداق قىلىپ؟
قانۇنلارنى ئۆزگەرتىسەن ئەمەس، سەن بەلگىلەيسەن، خالىغىنىڭنى قىلىسەن دەيدۇ
يەنە بىرسى نېمە دەيدۇ؟
يەنە شۇنداق سۈرلۈك بىر كۆرۈنۈش ئىچىدە
كۆرگەنلىرىڭىز ھەقىقەت
تېلېۋېزىيە ئېلانچىلىقى قىلىۋاتىدۇ ئۇ گۇي
كۆرگەنلىرىڭىز ھەقىقەت
قانداق بولۇپ تېلېۋېزۇردا ھەقىقەتنى كۆرەلەيمەن؟
قانچە تانە ئىلگەكتىن ئۆتىدۇ ماڭا كۆرسەتكەنلىرىڭ؟
قايسى كامىرا، قايسى نوقتىدىن كۆرسىتىدۇ ماڭا ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھاىيىتىنى؟
بىز ئىشەنمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما بىزدىن كېيىنكى نەسىللەر
تېلېۋېزۇردا ئۇلارغا كۆرسەتكەن ھەر نەرسىنى
كۆرگەنلىرىڭىز ھەقىقەت
بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ
ئىشەنمە ئوغلۇم، بۇلار يالغان دېگەن ۋاقتىمىزدا
ياق، دادا
كۆرگەنلىرىمىز ھەقىقەت
دەيدۇ بىزگە
فىرئەۋن بىزنى ھاماقەتلەشتۈرىۋاتىدۇ
دۆتلەشتۈرىۋاتىدۇ
بىر نەرسىدىن خەۋەردار بولىمىز دېگەن ۋاقىتتا
غەززەدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا نېمە بولاۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بېشىغا نېمە مۇسىبەتلەر كېلىۋاتىدۇ خەۋەردار بولىمىز دېگەندە
ئېلانلار
دەل ھاياجانلانغان ۋاقىتتا شاكىلاتلار، تورتلار
بىر تامچە تاملىتىسەن رەختىكى داغلار بىر دەمدە چىقىدۇ بۇنداق ئىش بولامدۇ؟ قەيەردە بار؟ مەن سىناپ باقتىم چىقمىدى
بىر ئۆينىڭ ئاشخانا بار 450 كۇۋادىرات مېتىر
ئايال بالىسىغا: ئاپىرىن ئوغلۇم، كىر قىل، كىر قىل، كىرلىنىش ياخشى، مەينەت بول
ئۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۇنۇتتۇق، ئاغزىمىزنى ئېچىپ قاراپ ئولتۇرىمىز، غەززە ئېسىمىزدىن چىقىپ كەتتى
ئۇنىڭدىن كېيىن ناخشا مۇزىكا، ئۇنىڭدىن كېيىن غەززە كارۋىنى
نەدە قالغانتۇق، بۇ ئارىلىقتا چاي دەملىدۇق، بىر ئىش قىلدۇق زېھنىمىزنى بۇلغىۋەتتى، خاتىرىمىزنى پارچە – پارچە قىلىۋەتتى
ئاللاھ بۇنىڭدىن 1400 يىل بۇرۇن مۇبارەك قۇرئاندا بۇنى بايان قىلغان: فىرئەۋن سېھىرگەرلەردىن پايدىلاندى
خەلقىنى ھاماقەتلەشتۈردى
چۈنكى ئۇلار پاسىق بىر قەۋم ئىدى، گۇناھ – مەسىيەتكە چۆمۈلۈپ كەتكەن پاسىقلىشىپ كەتكەن بىر قەۋم ئىدى دەپ ئىزاھلايدۇ
بىز بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇساق
بۇ ئويۇنلارغا ئالدىناتتۇقمۇ؟
بىز بۇ ئايەتنى ئوقۇساق، بۇ ئويۇنلارنىڭ دامىغا چۈشەمدۇق؟
ئەمما بىز بۇ ئايەتلەرنى پەقەت يۈزەكى ئوقۇيمىز
نېمە دېگىنىنى چۈشەنمەيمىز
تۇنجى قېتىم مۇبارەك قۇرئاننى ئوقۇشقا باشلىغاندا
بىر ئامېرىكا فىلىمى كۆردۈم، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئاق – قارا ئىكرانلىق فىلىم
ھەممە ئادەم ھەر دائىم دەيدۇ
قارا، مۇبارەك قۇرئان ” ئىقرا “ بىلەن باشلانغان، ھەممىڭلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇڭلار
ئىقرا ” ئوقۇش “ دېگەنلىك
ھەممە ئادەم ئوقۇسۇن
قارا، بىزنىڭ مائارىپقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى كۆردىڭىز دەيدۇ
مۇشۇنداق بىر نەرسىلەرنى دەيدۇ كىشىلەر
مېنىڭچە بۇنداق ئاددىي باشلىغىلى بولمايدۇ
ئاللاھنىڭ ۋەھىينى
بۇنداق ئاددىي باشلىغىلى بولمايدۇ، مەكتەپ بېرىڭلار كىتاپ ئوقۇڭلار ئىپادىسى بىلەن باشلىشى مۇمكىن ئەمەس
ۋەھىي بۇنداق باشلىمايدۇ، بۇنىڭ باشقىچە بىر شەكلى بار دەپ ئويلايمەن
فىلىم كۆرىۋېتىپ قارىسام، ”ھاۋادا ئىت تالىشى“ دەپ ئاتايدۇ
ئايرۇپىلانلار ھاۋادا ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ
ئايروپىلاننىڭ ئىچىدە كامىرا، لۇچۇكنىڭ قۇلىقىدا قۇلاقلىق سىمىسىز ئاپرات بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىدۇ
جىز – جىز ئاۋاز بار ئۇ دەۋردىكى سىمسىز ئالاقە ئۈسكىنىسىنىڭ سۈپىتى ناچار
لۇچۇكنىڭ قۇلقىدىكى سىمسىز ئالاقە ئۈسكىنىسىدە مۇنداق بىر ئاۋاز چىقىدۇ
جۈملىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ پەقەت
Do you read me?
Do you read me?
بۇنى چۈشەنگىدەك ئىنگىلىزچە بار دېدىم ۋە توختاتتىم
Do you read me?
مېنى ئوقۇۋاتامسەن؟ دەيدۇ ئادەم
نېمە؟
سەن ئۇنىڭغا مەكتۇپ ئەۋەتكەنمىتىڭ ئوقۇسۇن دەيدىغانغا
مېنى ئوقۇۋاتامسەن؟ دەيدۇ سىمسىز ئالاقە ئۈسكىنىسىدىكى كىشى
Do you hear me?
مېنى ئاڭلاۋاتامسەن دېمەيۋاتىدۇ ئۇ كىشى
چۈنكى لۇچۇك ئاڭلاۋاتىدۇ
ئاڭلىغىنى نېمە؟ جىز -جىز ئاۋاز
Do you read me?
دەپ سورىغاندا مەقسىدى شۇ
مېنى چۈشەندىڭمۇ؟ نېمە دەۋاتقانلىقىمىنى چۈشەندىڭمۇ دەۋاتىدۇ
نېمە دەۋاتقانلىقىمىنى چۈشەندىڭمۇ؟
ئوقۇش دېگەنلىك ”چۈشىنىش“ دېگەنلىك بولىدۇ
فىلىمنىڭ داۋامىدا نېمە بولدى؟ قىزىقىۋاتامسىلەر؟
Do you read me?
دېدى
لۇچۇكمۇ جىژ -جىژ ئاۋازدا ”ھە؟“ دېدى
دەل ”نېمە“ دېگەندە پارتىلاپ كەتتى
ئەسلىدە گەپ قىلغان كىشى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىكەن
دىققەت قىل! ئارقاڭدا ياپۇن ئايروپىلانى بار
سېنى نىشانغا ئالدى، ئېتىپ چۈشۈرۋېتىدۇ دىققەت قىل
دەپ ئاگاھلاندۇرىۋاتقانىكەن ئۇنى
جىژ – جىژ ئاۋادىن ئاڭلىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئوقۇمىغانلىقى – ئاڭقىرالمىغانلىقى ئۈچۈن
تەدبىر ئالالمىدى
ئەگەر چۈشەنگەن بولسا قانداق بولاتتى؟ ئىككى ئىھتىمال بار ئىدى
بىرىنچى ئىھتىمال، ھە، شۇنداقمۇ بەك ياخشى بولدى
يەنە ئاپروپىلان پارتىلايتتى
ئىككىنجى ئىھتىمال، دېگەننى چۈشەندى، چۈشەنگەننىڭ نەتىجىسى بولغان تەدبىرنى ئالدى
ئايروپىلاننى يانتۇ قىلدى، ياپۇننىڭ بومبىسى باشقا يەرگە كېتىپ قالدى
ئوقۇش ۋە چۈشىنىش يېتەرلىك بولمايدۇ
ئوقۇپ چۈشەنگەنلىرىڭنى ھاياتىڭغا تەدبىقلىشىڭ كېرەك
بىز شۇنداق قىلىۋاتامدۇق؟
رەببىمىزمۇ ئوخشاش نەرسىنى دەۋاتىدۇ بىزگە
مۇبارەك قۇرئاندا، دىققەت ئارقاڭدا ياپۇن ئايروپىلانى بار
بومبىسى بىر ئازدىن كېيىن گەجگەڭدە پارتىلايدۇ
ئەگەر كېرەكلىك تەدبىرنى ئالمىساڭ
تەدبىر ئالمىساڭ، پارتىلاپ كېتىسەن، مۇلىكۇلاڭمۇ قالمايدۇ، دەيدۇ
بۇ يەردا پارتىلاپ كەتسەك ئەنسىرىگىدەك بىر ئىش يوق
ئەگەر ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان يەردە، ئاللاھ ھۇزۇرىدا گەجگىمىزدە پارتىلىسا ئۇ بومبا قانداق قىلىمىز؟
ئوقۇپ چۈشىنىش، چۈشەنگەنلىرىمىزنى ھاياتىمىزغا تەدبىقلاش مەجبۇرىيىتىمىز بار
باشقا چارىمىز يوق
بۇ مۇبارەك قۇرئانغا
قىلىندىغان ئەڭ چوڭ يامانلىقتۇر
ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەسلىك
دېگەنلىرىنى ھاياتىمىزغا تەدبىقلىماسلىق
چۈنكى رەببىمىز مۇنداق دەيدۇ
سىز ئىنسانلار ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ خەيرىلىك ئۈممەتسىلەر، دەيدۇ
ھىجرەتنىڭ 1431 – يىلدا
بىزنىڭ ئۆزىمىزگىمۇ خەيرىمىز يوق
ئىنسانىيەتكە خەيرىمىز قانداق تېگىدۇ؟
بىز بۇنىڭ ھېسابىنى قانداق بېرىمىز؟
قىلىدىغان پەقەت بىرلا ئىش بار، ناھايىتى ئاسان
مۇبارەك قۇرئاننى قولىمىزغا ئالىمىز
مۇبارەك قۇرئان بىلەن ياشاشقا باشلايمىز
ھاياتىمىزنىڭ مەركىزىدە قۇرئان بولىدۇ
تەكچىدە تۇرماسلىقى كېرەك
يېنىمىزدا تۇرىدۇ، ئەقلىمىزدە ئورۇن ئالىدۇ، كۈندىلىك سۆزلىرىمىزنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ
مەسىلىلىرىمىزگە ئۇ كۆرسەتكەن يەردىن قارايمىز
بۇنى قىلماسلىققا ھېچقانداق باھانە يوق
مۇبارەك قۇرئاننىڭ نۇرغۇنلىغان مەنا تەرجىمىسى، تەپسىرى ھەر يەردە بار
ماگزېن، ماي قاچىلاش پونكىتىدىمۇ ساتىدۇ، قاچىدىغان يېرىمىز قالمىدى
بۇرۇن كىتاپلار ناھايىتى قىممەت ئىدى، قول بىلەن يېزىلغانلىقتىن ئاسان تاپقىلى بولمايتتى، كىشىلەر ئوقۇيالمايتتى ئەمدى
يانغۇندىمۇ تەپسىر بار، ئالغىن ئوقۇغىن
ھاياتىڭنى ئۆزگەرت، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز
ئەكسىچە بولغاندا
بۇ كېچە ئەنفال سۈرىسىنىڭ 73 – ئايىتىنى ئوقۇڭ ئۆيگە قايتقاندا
رەئىد سۈرىسىنىڭ 11 – ئايىتىگە قىزىققانلار قايتقاندا چوقۇم قاراپ باقىدۇ
بۇ ئەلنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ دەيدىغانلار جاۋابىنى ئۇ يەردىن تاپىدۇ چوقۇم
مۇبارەك رەئىد سۈرىسىنىڭ 11 – ئايىتىنى ئوقۇپ
بۇ مەملىكەتنىڭ ھالى نېمە بولىدۇ
بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ھالى نېمە بولىدۇ
بۇ يولنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟
بۇنىڭ جاۋابىنى تاپقانلار
مۇبارەك قۇرئان بىلەن بىر ئاز دەرتلەشكەنلەر
ئەنغال سۈرىسىنىڭ 53 – ئايىتىنىمۇ ئوقۇيدۇ
كۆرىدۇ
مۇبارەك قۇرئان ئۆزىنى قانداق تەپسىر قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ
ئەگەر بۇ كېچە ” ئۇيقۇم قاچسۇن“ دېسىڭىز
ئۇيقىڭىز قاچسۇن. ئەنفال سۈرىسىنىڭ 73 – ئايىتىنى ئوقۇڭ
ئۇيقىڭىز قاچسۇن
ئەگەر ئۇ ئايەتنى ئوقۇپمۇ يەنە ئۇيقىڭىز قاچمىغان بولسا
ئۇ ئايەتنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇڭ
ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئوقۇڭ
تا ئۇيقىڭىز قاچقىچە ئوقۇڭ
ئۇيقىڭىز قاچمىسا، ئۇ ئايەتنى چۈشەنمەپسىز دېگەنلىك بولىدۇ
قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز ناھايىتى ئاسان
ناھايىتى ئاددىي
كۈندىلىك ھاياتىمىزنىڭ مەركىزىگە مۇبارەك قۇرئاننى قويىمىز
سۆزلىرىمىزنىڭ مەركىزىدە ئۇ بولىدۇ
ئۇنى پەقەت جىسمى جەھەتتىنلا ئەمەس، مەنە جەھەتتىنمۇ مۇقەددەس بىلىشىمىز كېرەك
قاراڭ، بۇ ئاخشاممۇ
مۇبارەك قۇرئاننى چۈشىنىش ۋە مۇبارەك قۇرئاننى ياشاش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان مۆئمىنلەرنىڭ ھاياتىدىمۇ
مۇبارەك قۇرئان ئىككىنجى ئورۇندا تۇردى
بىرىنچى ئورۇننى ئەمەس
ئورنىمىزدىن تۇردۇق، ئىستىقلال مارشىمىزنى ئوقۇدۇق ئۇنىڭدىن كېيىن
كۈنتەرتىپنىڭ ئۈچىنچى ماددىسىدا ” كالامۇللاھ “ ئاللاھنىڭ كالامىغا ئۈچىنچى قېتىمدا نۆۋەت كەلدى
بىز ئىشنىڭ ئەسلىنى ئۇنۇتۇپ قاپتۇق، ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇپتۇق بۇ كۈنتەرتىپنى توغرا قىلغان بولساق، نېمىدىن ئايرىلىپ قالاتتۇق؟
بىر نەرسىدىن قورقىۋاتامدۇق؟
كىمدىن قورقىۋاتىمىز؟
نېمىشقا قورقىمىز؟
چۈنكى بىز جاسارىتىمىزنى يوقۇتۇپ قويدۇق
بىزگە جاسارەت بەرگۈچى ۋەھىيدۇر
فاتىھەنى نېمە ئۇققىلى بولمايدىغان شەكىلدە ئوقۇشقا باشلىغان كۈندە يوقۇتۇپ قويدۇق ئۇنى
ئۇنى ئۇنۇتتۇق بىز
پەقەت ئاغزىمىزنىڭ ئۇچىدا بار، قەلبىمىزدە ئورۇن ئالمىدى
قىلىدىغان ئىش ناھايىتى ئاسان
دەرھال بۇ كېچە، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەي
ئائىلىڭزىگە قايتىسىز ئاللاھ خالىسا
كامىل بىر تەھەرەت ئىلىپ، ئىككى رەكەت نەپلە نامىزى ئوقۇڭ
ئۇزۇن – ئۇزۇن، يولۋاسقا ئوخشاش
رۇكۇ رۇكۇ، سەجدە سەجدە بولغان ھالدا ئالدىرىماي
ئاندىن كېيىن
رەسۇل ئەكرەمنىڭ ئەلەيھىسسالاتۇۋەسسالام
ئۇ گۈزەل دۇئاسى بىلەن رەببىڭىزگە نىدا قىلىڭ، ئى رەببىم
قەلبىمنى ۋەھىيگە ئاچقىن
قەلبىمنى ۋەھىي بىلەن ئاچقىن
بۈگۈنگىچە سەل قارىغانلىرىمنى تۈزىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىن
ئاندىن كېيىن
مۇبارەك مائىدە سۈرىسىنىڭ 54 – ئايىتىنى ئوقۇڭ
رەببىمىز ئۇ يەردە بىر نەرسىنى بايان قىلىدۇ
بىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر سۈپەتنى بايان قىلىدۇ
ئۇ باياننى بىر ئوقۇپ بېقىڭ، ئۇ ئۆلچەمگە قانچىلىك چۈشىدىكەنمىز
ئۇ سۈپەت بىزنى كۆرستىىۋاتامدۇ؟
ئۇ سۈپەتنى ئوقۇپ، ھەئە، مەن دەل مۇشۇنداق دېسىڭىز
ئىسىت، ۋاي ئىسىت، بالانىڭ ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز دېگەنلىكتۇر
چۈنكى، بەندە قاچان مەن بۇ ئىشنى بىلدىم دېسە ئازغۇنلىقنىڭ بوسوغىسىغا كەلگەن بولىدۇ
ئەگەر ئۇ ئايەتلەرنى ئوقۇپ
ئاپلا، مەن بۇ ئەمەس، مەندە نۇرغۇن كەمچىللىكلەر بار ئىكەن دېسىڭىز
ئەلھەمدۇلىللاھ
چۈنكى، ئۆزىڭىزنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن پۇرسىتىڭىز بار دېگەنلىكتۇر
ئوقۇپ كۆرۈپ بېقىڭلار، چۈشىنىسىلەر
ئەتىگەنلىككە سەھەردە بالىڭىزغا
ئىش ئورنىڭىزدا، ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان جايدا، تونۇشقان ھەممە كىشى بىلەن
پايلىشىڭ، دەپ بېرىڭ، ئاخشام بىر ئايەت ئوقۇدۇم
ئۇ ئايەتتە رەببىمىز مۇنداق دەيدۇ، دىققەت قىلماپتىكەنمەن سەن بىلەمسەن؟ كەل، ساڭا ئېيتىپ بېري، دەڭ