ھىجر بىن ئادىي
« ۋەللاھى ئەگەر ئۆلۈمدىن قورقۇپ نامىزىنى ئۇزۇن ئوقۇدى دەپ قالمايدىغان بولساڭلار، نامىزىمنى تېخىمۇ ئۇزۇن ئوقۇيتتىم. بۇ ھاياتىمدا قىلغان ئەڭ قىسقا ناماز ئىدى ». ئاندىن مۇنداق دۇئا قىلدى: « ئاللاھىم! كۇفە بىزنىڭ زىيىنىمىزغا شاھىتلىك قىلدى، شام بىزنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ. بىزنى ئۆلتۈرسەڭلارمۇ بۇ يولدا ئۆلتۈرۈلگەن بىر جەڭگىۋار بولۇپ ئۆلىمەن؛ ئىتلار تىتما – تىتما قىلغان ئادەم بولىمەن ».
ھىجر بىن ئادىي ( رەزىيەللاھۇئەنھۇ )
مۇغىرە بىن شۇبەنى كۇفەگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەن ئەمىر مۇئاۋىيە ئۇنىڭغا مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى:
« ئەلىگە لەنەت، ئوسمانغا مەدھىيە ئوقۇشتىن يالتىيىپ قالما! ».
مۇغىرە، خۇتبىگە چىقىپ سۆزىنى ساھابىگە لەنەت ۋە تىل – ئاھانەت بىلەن تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇيەردە ئولتۇرغان ھىجر بىن ئادىي ( رەزىيەللاھۇئەنھۇ ) مۇنداق ۋارقىرىدى:
« ئەكسىچە ئاللاھنىڭ لەنىتىگە سىلەر تېخىمۇ لايىق! ».
بەك ئۇزۇنمۇ ئەمەس، تېخى 10 يىلنىڭ ئالدىدا خەلىپىلەر خەلقنى ئاللاھنىڭ غەزىپى بىلەن قورقۇتقان بولسا، مانا ئەمدى ئاللاھتىن غەيرى بىلەن قورقۇتۇۋاتاتتى. ۋالىينىڭ ھەزرىتى ھىجرگە جاۋابى:
« ئسىت ساڭا ئەي ھىجر! مەن سېنىڭ ۋالىيىڭ. سۇلتاندىن قورققىن، سۇلتاننىڭ غەزىۋىنىڭ ۋە سەلتەنەتىنىڭ سېنى ۋە ساڭا ئوخشاشلارنى ھالاك قىلىشىدىن قورق! ».
بۇ سەھنىلەر ھەر جۈمە داۋاملىشاتتى. « ھىجرنى ئۆلتۈر! » تەكلىپىگە مۇغىرە بىن شۇبە مۇنداق جاۋاپ بېرەتتى:
« مۇئاۋىيە دۇنيادا سەلتەنەت سۈرسۇن دەپ مۇغىرە ئاخىرەتتە ئازاپ تارتىشنى خالىمايدۇ ».
ھەزرىتى ھىجرنىڭ ساھابىلەر ئارىسىدا ياخشى كۆرۈلگەن بىر كىشى بولىشى ۋە مۇتتەقى كىشىلىكى، ئۇنى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئونىڭغا قول سېلىشىدىن ساقلاپ قالاتتى. ئىبنى زىياد كۇفە ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، قىلغان تۇنجى ئىشى ھەزرىتى ھىجر ۋە دوستلىرىنى تۇتۇپ، شامغا ئەۋەتىش بولدى. مۇئاۋىيە، گۇناھى ھەزرىتى ئەلىنى لەنەتلەش تەكلىپىنى رەت قىلىش بولغان بۇ 11 كىشىگە ھۆكۈم چىقارغۇزىدۇ. نەتىجىدە قازىي شۇرەيخ « ھىجرنىڭ قېنى ۋە مېلى ھارامدۇر » ھۆكمىنى بېرىدۇ. مۇشۇنداق ھۆكۈم چىققان بولسىمۇ، مۇئاۋىيە يەنىلا ھىجرنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئۆلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا يەنە بىر پۇرسەت بېرىدۇ، ئەگەر ساھابىگە تىل تەككۈزسە ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىناتتى. « مەن رەببىم رازى بولمايدىغان بىر سۆزنى ئاغزىمغىمۇ ئالالمايمەن » دېگەن ھەزرىتى ھىجر، ساھابىلەرگە لەنەت ئوقۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغان باشقا دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە، مەرجى ئازرا دېگەن بىر يەردە قەتىل قىلىندى» ( تابارى، تارىخ،V/275 ).
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇراھمان بىن ھەسەن قورقۇنۇچلۇق شەكىلدە قەتلى قىلىنغان ئىدى. ئەمىر مۇئاۋىيە « جازاسىنى تازا ئېغىرلاشتۇرۇپ سەن بەرگىن! » دەپ ئۇنى ئىبىن زىيادقا ئەۋەتتى. ئىبن زىياد ھەزرىتى ئابدۇراھماننى تىرىك پېتى كۆمگۈزۋەتتى. (تابارى، تارىخ، V/253-277 ).
ھىجرنىڭ شاھادىتىدىن بارلىق ساھابىلەر چوڭقۇر قايغۇغا چۈمگەن ئىدى. بۇ زۇلۇمنى ئاڭلىغان مۇئاۋىيەنىڭ خۇراسان ۋالىيسى رەبى بىن زىياد مەسجىدتە توپلانغان خەلقنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ مۇنداق دېدى:
« مەن بىر دۇئا قىلماقچى، سىلەرمۇ › ئامىن › دېيىشىپ بېرىڭلار. چۈنكى بۇندىن كېيىن ياشاشنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى قالمىدى. ئەي رەببىم! سېنىڭ قېتىڭدا مېنىڭ بىر قىممىتىم، قوبۇل قىلىنغان كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ئەمىلىم بار بولسا، مېنى بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كەت! ».
ئۇ ئۈستىگە كېپەنلىك بولغۇدەك بىر نەرسە كىيگەن ئىدى. جامائەتكە نامازنى ئۆتەپ بېرىپ مەسجىتتىن چىقتى ۋە شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ۋاپات بولدى » ( تابارى، تارىخ، V/291 ).
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە، مۇئاۋىيە بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەلەتىگە قاراپ مۇنداق ۋارقىرىغان ئىدى:
« ئەي مۇئاۋىيە! ھىجر بىن ئادىينى ئۆلتۈرگەن ۋاقتىڭدا ئاللاھتىن ھېچ قورقمىدىڭمۇ؟ ».
ھەسەن ئەلبەسرى مۇنداق دەيدۇ:
« مۇئاۋىيەنىڭ تۆت ئىشى باركى، بۇلاردىن بىرەرسىنى ئادەتتىكى بىر ئادەم سادىر قىلىپ سالغان بولسا ئىدى، ئۆزىگە تولىمۇ خەتەر تۇغدۇرغان بولاتتى. بىرىنچىسى: ئۇ، ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەتنى شۇرا يولى بىلەن ئەمەس، قىلىچ ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى. ئىككىنجىسى: ئوغلىنى ۋەلى ئەھىد يەنى تەخت ۋارىسى ئېلان قىلدى. لېكىن ئۇ ئۆزى يەزىدنىڭ ھاراقكەش، پاھىشىۋاز، يىپەكتىن كىيىم كىيىپ، كەيپ – ساپا قىلىپ يۈرىيدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۈچىنچىسى: سۈمەييەنىڭ ئوغلى زەيىدنى نەسەبىگە قوشۇۋېلىپ، رەسۇلۇللاھ ھارام قىلغان بىر ئىشنى قىلدى ۋە دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورۇنلىرىنى تۇققانلىرى بىلەن توشقۇزۇۋەتتى. تۆتىنجىسى: ھىجر ۋە دوستلىرىنى قەتلى قىلدى » ( ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە، VIII/133 ).
ھەزرىتى ئۆمەر: « يېنىڭلاردا مۇئاۋىيە بولسا كىسرا ۋە قەيسەرنى ئەسلەيسىلەر » ( تابارى، تارىخ، V/330 ) دېگەن ئەمىر مۇئاۋىيە، يېنىدىكى بىر ئادەمگە مۇنۇلارنى ئېتىراپ قىلغانىدى:
« ئى ئىبنى مەسئادە! ئاللاھ ئەبۇ بەكىرگە رەھمەت قىلغاي! ئۇ نە دۇنيانى خالىدى، نە دۇنيا ئۇنى خالىدى. ئۆمەرگە كەلسەك، دۇنيا ئۇنى خالىدى، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتمىدى. ئوسمان كەلسەك، دۇنيا ئۇنىڭغا كەلدى، ئۇمۇ دۇنياغا نائىل بولدى. ئەمما بىز … بىز دۇنيانىڭ ئىچىدە كىرلەندۇق، دۇنيانىڭ چاڭ – توزانلىرىغا غەرق بولدۇق ». ئاندىن پۇشايمانلىق تۇيغۇسى ئىچىدە: « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئاللاھ بىزگە بەرگەن بىر سەلتەنەتتۇر » دېدى. (تابارى، تارىخ، V/334 ).