يۆنىلىش ئۆزگەرتكەن خىلاپەت

 

« ئى ئىبنى مەسئادە! ئاللاھ ئەبۇ بەكىرگە رەھمەت قىلغاي! ئۇ نە دۇنيانى خالىدى، نە دۇنيا ئۇنى خالىدى. ئۆمەرگە كەلسەك، دۇنيا ئۇنى خالىدى، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتمىدى. ئوسمان كەلسەك، دۇنيا ئۇنىڭغا كەلدى، ئۇمۇ دۇنياغا نائىل بولدى. ئەمما بىز … بىز دۇنيانىڭ ئىچىدە كىرلەندۇق، دۇنيانىڭ چاڭ – توزانلىرىغا غەرق بولدۇق ». ئاندىن پۇشايمانلىق تۇيغۇسى ئىچىدە: « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئاللاھ بىزگە بەرگەن بىر سەلتەنەتتۇر » دېدى.

                                                                                                                               مۇئاۋىيە بىن ئەبى سۇفيان

 

مۇئاۋىيە قۇرەيىشنىڭ ھۆرمەتلىك جەمەتلىرىدىن بىرسىنىڭ پەرزەنتى ئىدى. دادىسى ئەبۇ سۇفيان، فەتىھتىن بۇرۇن قۇرەيىشنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، مۇشرىك مەككىنىڭ رەئىسى ئىدى.

فەتىھتىن كېيىن دادىسى بىلەن بىرگە مۇسۇلمان بولدى. مۇئاۋىيە، ئاقسۆڭەك بىر ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن خەۋەردار، ساۋاتلىق بىر كىشى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەتراپىدىكىلەرنى قابىلىيىتىگە قاراپ خىزمەتكە قوياتتى. بۇ قاتاردا مۇئاۋىيەگە ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئادا قىلىشى، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ بېرىلىشىگە ۋەسىلە بولغانىدى.

رەسۇلۇللاھتىن كېيىنكى ئىككى خەلىپىمۇ ئۇنىڭغا ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى بەرگەنىدى. ھەزرىتى ئۆمەر، قۇمدا يۈز بەرگەن ئىسياننى باستۇرۇش ۋەزىپىسىنى مۇئاۋىيەگە تاپشۇرغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇنى شىمالغا ئەۋەتىلگەن قوشۇننىڭ باش قۇماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن بولۇپ، خېلى كۆپ مۆتىۋەر ساھابە ئۇنىڭ قوشۇنىدا سەپ تۇتقانىدى.

ھەزرىتى ئۆمەر ۋەزىپە تاپشۇرغان ۋالىيلارنىڭ ھال – ئەھۋالى ۋە ئۆزگۈرۈشلىرىگە ناھايىتى دىققەت قىلاتتى. بىرەسىنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرگەن ھامان يۈز خاتىرە قىلماستىن، شەرىئەت نېمىنى تەقەززا قىلغان بولسا شۇنى قىلاتتى. بۇ مەزگىلدە ئەمىر مۇئاۋىيەنىڭ نەزەرگە ئالغۇدەك بىرەر خاتالىقى كۆرۈلمىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ۋالىيلىرىنى پات – پات ئالماشتۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، يۇقىرىقى سەۋەپتىن مۇئاۋىيە ئۆز ئورنىدا تۇرىۋەردى.

مۇئاۋىيە ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىمۇ ئۆز ئورنىدا تۇرىۋەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھوقوق ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىلگىرىكىدىن كېڭەيتىلگەنىدى. قىزىل دېڭىز قىرغاقلىرىغىچە بولغان زېمىن ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىگە تەڭ ھالغا كېلىپ قالغانىدى.

سىياسەت تارىخىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال مەۋجۇت. بىر ۋالىي بىر جايدا كەڭ دائىرىلىك ھوقوق بىلەن ئۇزۇن مۇددەت تۇرسا، بۇ ئۇنى سەلتەنەت سەۋداسىغا مۇپتىلا قىلىدۇ. مۇئاۋىيە دەل 16 يىل شام ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولغانىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۈچىنچى راشىد خەلىپىگە مۇئاۋىيەنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەندە، ھەزرىتى ئوسمان « ئۇنى ئۇ يەرگە ئومەر تەيىن قىلدى » دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى. بۇنىڭغا ھەزرىتى ئەلى:

« ئۆمەرنىڭ قۇلى، ئۆمەردىن مۇئاۋىيە قورققاندەك قورقمايتتى. ئۇ سەندىن قورقۇپ قالارمۇ؟… » دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ قان داۋاسىنى باھانە قىلىپ، قانۇنلىق ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن شام ۋالىيسى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئېلان قىلغان ۋە كۆز تىككەن بۇ ماقامنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئىشقا سالغانىدى.

خىلاپەتنى قىلىچ بىلەن چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغان مۇئاۋىيە ئوقۇغان تۇنجى خۇتبىنى ئىبنى كەسىردىن نەقىل قىلايلى:

« ئاللاھ قا قەسەم قىلىمەنكى، ھاكىمىيەتنى قولۇمغا ئالغان ۋاقتىمدا ھېچقايسىڭلار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولمىدىڭلار، بۇنى بىلىمەن. ھەتتا بۇ ھەقتىكى ئوي – پىكرىڭلارنىمۇ بىلىمەن. لېكىن مەن بۇ ماقامنى قىلىچ بىلەن قولغا كەلتۈردۈم » ( ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە، VIII/135 ).

نەبەۋى سىياسەت تارىخىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتى تۇنجى قېتىم قىلىچ كۈچى بىلەن تارتىۋېلىنغانىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ قانۇنلاشتۇرغان، راشىد خەلىپىلەر ئىجرا قىلىپ كەلگەن سىياسىي، ئىبادى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بەلگىلىمىلىرى شەرىئەتكە خىلاپ ھالدا ئۆزگەرتىلگەن ياكى تەرك ئېتىلىشكە باشلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇرانىڭ ئورنىنى « مىراس »، « ئەمىر بىلمەئرۇف »قا ئوخشاش بەزى پەرزلەر جىنايەت ۋە پىتنە قاتارىدا كۆرۈلۈشكە باشلانغانىدى. دۆلەت بىلەن ئاۋام ئارىسىغا ئۆتكىلى بولمايدىغان تاملار پەيدا قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سۈننەتلەردىن ئاۋامغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇش، خۇتبىلەردە ئاۋامنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشقا ئوخشاش سۈننەتلەر تەرك قىلىنغانىدى. بەيئەت پۈتۈنلەي پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، قېنى، مېلى، ئار – نۇمۇسى ھارام قىلىنغانلار يولسىز ۋە كەيپى ھالدا سىياسىي جەھەتتىن قېنى، مېلى ۋە ئار – نۇمۇسى ھالال ھالغا كەلتۈرۈلەتتى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پاجىئەلىك مىساللار كېيىنكى بابلاردا تىلغا ئېلىنىدۇ.

مانا بۇلار بىر نەرسىنىڭ خەۋەرچىسى، يەنى نەبەۋى خىلاپەتنىڭ ئاخىرلىشىپ، سۇلتانى خىلاپەتنىڭ باشلىنىشدى ئىدى. ئەگەر بۇ پەرق ئايرىلمىسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى پاك ئىسلامنىڭ بىر پارچىسى دەپ قاراشقا باشلىنىدۇ. ئەڭ چوڭ خەتەر مانا بۇ ۋاقىتتا باش كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ.

شەخسلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى شەخسلەرگە يېزىشنى ياقتۇرمىغانلارنىڭ، بۇ خاتالىقلارنى ئىسلامنىڭ زۇلۇمدىن پاك بولغان سەھىپىلىرىگە يېزىلىشىغا بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى خىيانەت بولمىسا، ھاماقەتلىكتۇر، جاھالەتتۇر، قارىغۇلارچە ئەگىشىشتۇر. بىز بىر شەخسنى ئاقلاش ئۈچۈن، بىر دىننى ۋە ئۇ دىننىڭ بارلىق مەنسۇپلىرىنى تۆھمەت ئاستىدا قالدۇرىدىغان بۇنداق مۇئامىلىلەرنى، سەۋەبى نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەك. تارىخ بويىنچە بەزى كىشىلەر، ئۆزىنىڭ ھېس – تۇيغۇسىنى، تەرەپۋازلىقىنى ۋە مەشرەپلىرىنى ئەبەدىي ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنى خۇددى ئەقىدە مەسىلىسىدەك قىلىپ كۆرسىتىشتىن تەپ تارتمىغان. ئەقىدە لىباسى كەيگۈزۈپ قويغان قاراشلىرىنىڭ لىباسىنى سالدۇرۇپ، ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىماقچى بولغانلارنى بىپەرۋالارچە ئەيىپلىگەن، قارا چاپلىغان، تۆھمەت قىلىپ مەھكۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنىدى. خاتالىقنى ساۋاپ قىلىپ كۆرسىتىش نەقەدەر خەتەرلىك بولسا، ساۋاپنى خاتا قاتارىدا كۆرسىتىشمۇ شۇنچىلىك خەتەرلىكتۇر.

ھېچكىمنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرمىگەن ياكى ئىمتىياز بەرمىگەن بىر دىننى، مۇنداق تۆھمەت ئاستىدا قالدۇرىدىغان ھەر قانداق پوزىتسىيە، ئۇ دىنغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ زۇلۇم ۋە جىنايەتتۇر.

ھازىر ئاچىدىغان تارىخ بەتلىرىنى ئادالەت ۋە سالماقلىق بىلەن ئوقۇيدىغان بولساق، بىز ۋە بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تۇلۇملىرىدا غىزاغا ئايلىنىدىغان « ھېكمەت »نى بۇ بەتلەردە ناھايىتى كۆپ تاپالايمىز.

ساد بىن ئەبى ۋاققاس، مۇئاۋىيەنىڭ يېنىغا كىرگەندە مۇنداق سالام بەرگەنىدى:

« سالام ساڭا ئى پادىشاھ! » ( ئىبنۇل ئەسىر، ئەل – كامىل، III/275 ).

مۇئاۋىيەمۇ بۇ ماقامنىڭ خىلاپەت ماقامى ئەمەسلىكىنى بىلەتتى ۋە مۇنداق دېگەنىدى:

« مەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى سۇلتانى » ( ئىبنى ئابدىلبەرر، ئەل – ئىستىئاب، III/380؛ ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە، VIII/137 ).

تۈزۈملىرىنى رەسۇلۇللاھ بەلگىلىگەن نەبەۋى خىلاپەتنىڭ ماھىيىتى تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىلگەنىدى. نەبەۋى خىلاپەتنىڭ ئالاھىدىلىكى « بېرىلگەن » بولىشى، سۇلتانى خىلاپەتنىڭ ئالاھىدىلىكى « ئېلىنغان » بولىشى ئىدى. بۇ ئىسلامى سىياسەتتە ئەڭ ئاساسلىق پەرقلەردىن بىرىدۇر. چۈنكى بۇ پەرق بىلەن ئىسلامى سىياسەتنىڭ ئىككى ئاساسلىق شەرتى بولغان بەيئەت ۋە شۇرا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولىدۇ.

ئىسلامى سىياسەتتىكى بۇ تۈپتىن ئۆزگۈرۈشلەر، باشقا تەرەپلەردىمۇ مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ دۆلەت دىنغا ئەمەس، دىن دۆلەتكە تەۋە بولغانىدى. راشىد خەلىپىلەر شەرىئەتكە ئۆزىنى بويسۇندۇرغان بولسا، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر شەرىئەتنى ئۆزىگە ماسلاشتۇردى.

مۇسۇلمان كاپىرغا مىراسچى بولالمايدىغان تۇرۇقلۇق، مۇسۇلمان كاپىرغا مىراسچى قىلىندى. شەرىئەتكە خىلاپ بولغان بۇ ئىجرائاتنى ئىمام زۇھرى رىۋايەت قىلغان. ئۇزۇن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ شەرىئەتكە خىلاپ بولغان ئىجرائاتنى راشىد خەلىپە ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.

يەنە بىر ئۆزگىرىش دىيەت مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنى ئىبنى كەسىردىن ئوقۇيلى:

« دىيەت مەسىلىسىدە مۇئاۋىيە سۈننەتنى ئۆزگەرتتى. سۈننەتتە مۇئاھىد ( ئىسلام دۆلىتى بىلەن سۈلھى قىلغان غەيرى مۇسۇلمان )نىڭ دىيەتى مۇسۇلماننىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. لېكىن مۇئاۋىيە بۇنى مۇسۇلماننىڭ دىيىتىنىڭ يېرىمغا چۈشۈردى ۋە قالغان يېرىمىنى ئۆزى ئالدى » ( ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە، VIII/141, 142 ).

شەرىئەتتە غەنىمەت مالنىڭ بەشتەنبىرى غەزىنىگە تەۋە بولۇپ، بەشتەن تۆتى ئۇرۇشقا قاتناشقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلەتتى. مۇئاۋىيە بۇنداق قىلمىدى، غەنىمەت ماللار ئىچىدىكى ئالتۇن – كۆمۈشلەرنى ئۆزى ئايرىپ ئېلىۋالغانىدى ( ئىبنى ساد، تاباقات، VII/28, 29 ).

يېڭى دەۋردە شەرىئەت ھۆكۈملىرىمۇ پەرقلىق شەكىلدە تەدبىقلىنىشقا باشلىغانىدى. مەسىلەن، بەسىرە ۋالىيسى ئابدۇللاھ بىن ئامىر خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا، بىر كىشى ۋالىينىڭ ساھابىگە ھاقارەت قىلىشىغا چىداپ تۇرالماي، ۋالىيغا تاش ئاتتى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا قولى كېسىپ تاشلانغان ئۇ كىشى، بۇ ئەھۋالنى مۇئاۋىيەگە شىكايەت قىلدى. مۇئاۋىيە:

« قولۇڭنىڭ دىيەتىنى بەيتۇلمالدىن تۆلەيمەن. لېكىن ۋالىيلىرىمنى جازالاندۇرمايمەن » دەپ جاۋاپ بەردى.

دۆلەت، رەسۇلۇللاھ قۇرۇپ چىققان، راشىد خەلىپىلەر مۇھاپىزەت قىلىپ كەلگەن « شەرىئەت » دۆلىتى ئەمەس ئىدى. مەشھۇر زالىم ھەججاجقا ئوخشاش، ئۇمەييە ئوغۇللىرى ئۈممەتنىڭ بېشىغا مۇسەللەت قىلغان ئازغۇنلاردىن بىرسى بۇسر بىن ئەرتاد ئىدى. مۇئاۋىيە بۇ كىشىنى يەمەنگە ۋالىي قىلىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ يەمەنگە بارا – بارمايلا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ۋالىي ئابدۇللاھ بىن ئابباسنىڭ ئىككى كىچىك ئوغلىنى قەتلى قىلدۇرغان. بۇ جىنايەت كۆز ئالدىدا بولغانلىقتىن بالىلارنىڭ ئانىسى خۇدىنى يوقۇتۇپ قويغانىدى ( ئىبنۇل ئەسىر، ئەل – كامىل، III/250, 251؛ ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە، VIII/94 ).

بۇ كىشى تېخى ھەزرىتى ئەلىگە بولغان بەيئىتىنى بۇزمىغان ھەمەداننى « فەتىھ قىلىش »قا بۇيرۇلغاندا، ئۇ يەردە قىلغان زۇلۇملىرى تارىخنىڭ يۈزىنى قارايتقانىدى. ھەمەداننىڭ مۇسۇلمان ئاياللىرىنى جارىيە نىيىتىدە ئەسىر ئېلىپ قوللانغانلىقى بۇلاردىن پەقەت بىرسى.

ھېچكىم نەپرىتىنى ۋە غەزىپىنى ئىسىملارغا قارىتىدىغان خاتالىققا چۈشمىسۇن. بۇ زۇلۇملارنى سادىر قىلغۇچى كىشىلەر مەنسىپى ۋە چۈشەنچىلىرىدىن ئايرىپ تاشلانغان ۋاقىتتا ناھايىتى ياخشى بىرەر شەخس بولالايدۇ. لېكىن ئۇلارغا تىل بىلەن ئىپادىلەش ئاجىزلىق قىلىدىغان دەرىجىدىكى زۇلۇملارنى سادىر قىلغۇزغان ئامىل دەل « سەلتەنەتچى » مەنتىق ئىدى. بۇ مەنتىقنىڭ بەلگىلىك تارىخى، زامانى ۋە ماكانى يوق. ھەر دەۋردە، ھەر جايدا، ھەر گۇرۇھتىن مەلۇم بىرىگە چاپلىشىدۇ. ئەگەر دۈشمەن بولماقچى بولسا، مانا بۇ مەنتىققە، « سەلتەنەتچى » مەنتىقىگە دۈشمەن بولۇش كېرەك. مانا مۇشۇنداق بولغاندا، تارىخ يېزىشنىڭ ۋە ئوقۇشنىڭ مەقسىدى ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ.

بۇ دەۋردە مودا بولغان ئاشقۇنلۇقتىن بىرسى، جاھىلىيەت دەۋرىگە خاس بولغان ئادەتلەردىن بىرى بولغان مېيىتقا زۇلۇم قىلىش باش كۆتۈرۈپ چىققانىدى. بولۇپمۇ زۇلۇم قىلىنغان بۇ جەسەدلەر، رەسۇلۇللاھنىڭ قىممەتلىك ئەسھابىنىڭ مېيىتلىرى ئىدى.

مېيىتنىڭ كاللىسىنى ۋۇجۇدىدىن كېسىپ ئايرىۋېتىش زۇلۇمى تۇنجى بولۇپ ئاممار بىن ياسىر ( رەزىيەللاھۇئەنھۇ )غا قىلىندى. تارتۇق ئېلىش ئۈچۈن كېسىلگەن كاللىلار مۇئاۋىيەنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنەتتى. ساھابىدىن ئامر بىن ھامىقنىڭ جەسىدىگىمۇ بۇ زۇلۇم قىلىنغانىدى. بىر پەرق شۇكى، بۇ قېتىم خەلىپىنىڭ ئەمرى بىلەن كاللىسى شەھەرمۇ – شەھەر ئايلاندۇرۇلۇپ سازايى قىلىنغانىدى ( ئىبن ساد، تاباقات، VI/25 ). بۇ مۇئامىلە ئۆزى بىلەن تەڭتۇش بولغان نەسىلنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بولغان مۇھەممەد بىن ئەبى بەكىر، نۇمان بىن بەشىر ۋە مۇسئاب بىن زۇبەيىرگىمۇ قىلىنغانىدى. مۇھەممەد بىن ئەبى بەكىرنىڭ جەسىدى ئاخىرى بىر ئېشەك تاپى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرىۋېتىلگەنىدى.

بۇ دەۋردە ئوتتۇرىغا چىققان بىدىئەتلەردىن بىرسى، رەسۇلۇللاھ « ئۇلار ھەققىدە ئاللاھ تىن قورقۇڭلار » دېگەن ئەسھابىغا ھاقارەت قىلىش بىدىئەتى ئىدى. مۇئاۋىيە، ھەر قايسى ۋىلايەتلەرگە تەيىنلىگەن ۋالىيلىرىغا « ئەلىگە ھاقارەت قىلىش، ئوسمانغا  مەدھىيە ئوقۇشتا ئىككىلىنىپ قالماڭلار » دېگەنىدى. بۇ بىدىئەت شۇنداق ئومۇمىيلاشتىكى، رەسۇلۇللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ مەنىۋىي ھوزۇرىدا، يەنى مەسجىدىدە ھاقارەت قىلىناتتى.

بۇ ئىشنىڭ ئەڭ رەزىل تەرىپى، جۈمە خۇتبىلىرىنى ساھابىگە ھاقارەت قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەنئەنە ھالىغا كەلتۈرۈلىشى ئىدى. بۇ رەزىل ئەنئەنە ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز خەلىپە بولغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بۈگۈنمۇ ئوقۇلىۋاتقان نەھل سۈرىسىنىڭ 90 – ئايىتى ئالدى.

سەلتەنەت بىر نەرسىنىڭ كۈچىنى ناھايىتى ئوبدان بايقىغان بولۇپ، بۇ كۈچنى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئىشلەتتى، يەنى مەسجىدلەر. زامانىۋىي دۆلەتلەردە تاراتقۇلار ئۈستىگە ئالغان بۇ خىزمەتنى، ئىسلام ئەللىرىدە مەسجىدلەر ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئىسلامنىڭ بۇ ئۆزگىچە ئورگانلىرى، ئىبادەتخانا بولۇش بىلەن بىرگە، جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرىدىغان مەركەز ئىدى. رەسۇلۇللاھ مەسجىدلەردىن كەڭ دائىرىدە پايدىلانغان بولۇپ، مەسجىدلەرنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. بۇ ئورگانلارنىڭ جەمىئىيەتتە ئوينايدىغان ھەر تەرەپلىمە رولى ئايرىم بىر تېما.

ھاكىمىيەت ئالماشقاندىن كېيىن مەسجىدلەرنىڭ فونكىسيىسىمۇ ئۆزگەردى. مەسجىدلەرنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغان كۈچ، ئىسلامنىڭ بۇ ئورگىنىنى ئۆز سەلتەنەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، مۇخالىپلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشنىڭ تەشۋىقات مەركىزىگە ئايلاندۇرغانىدى.

خۇتبىلەردە ساھابىلەرگە ھاقارەت قىلىش ئىشى، مۇسۇلمان ئاممىدا كۈتۈلمىگەن نارازىلىق پەيدا قىلدى. بۇ بىدىئەتنىڭ يەنە بىر سەلبىي نەتىجىسى، ئالىم، نادان بىرمۇنچە كىشىنى جۈمە نامىزىدىن سويۇتقانىدى. جۈمەگە داۋاملىق قاتنىشىۋاتقان كىشىلەر يا چىدىيالماي مەسجىدتە رەددىيە بېرەتتى ياكى تالاغا چىققاندا ساھابىلەرگە ھاقارەت قىلغان ۋالىيلارغا تاش ئاتاتتى. كۇفە ۋالىيسى بىن زىياد، بىر قېتىم تاش ئاتقان سەكسەن كىشىنىڭ قولىنى كەستۈرۈگەنىدى. بۇ بىدىئەتكە قارىتا نارازلىقلار بىلدۈرۈلگەنلەرنى، ھاكىمىيەت رەھىمسىزلىك بىلەن قاتتىق جازالايتتى.