ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﺍ ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭ؟
ﺋﻪﻗﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﻪﻣﺴﯩﺰ؟
ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﮪﯩﻴﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ؟
ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻢ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
« ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﺭﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻧﯧﻤﻪ؟ » ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺴﯩﺰ.
ﺋﻪﭘﻜﯩﺘﺎﭖ – « ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﺭﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻧﯧﻤﻪ؟ »
ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ:
ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻢ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ – ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭖ ﮪﻪﺩﯨﻴﻪﺳﻰ
ھايات كىتابىم تورىدىن ئۇيغۇرچە – ئىنگىلىزچە ئېلكىتاپ ھەدىيەسى
ئىسلامدا ئەقىلنىڭ ئورنى قەيەر؟
قۇرئاندا خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىدىن ئەقلىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر كىتاپ. قۇرئان بۇ چاقرىقنى قايتا – قايتا تەكرارلايدۇ. ئەقىلنى ئىشلىتىشكە بۇنچە تەرغىپ قىلغان باشقا بىر « مۇقەددەس » كىتاپ يوق.
قۇرئاندا ئەقىل ( ئاقل ) ئىسىم شەكلىدە كەلمەيدۇ، ئەمما پىئېل شەكلىدە ( تائاققۇل ) ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۈچ نوقتىنى كۆرسىتىدۇ:
1. ئەقىلنىڭ ئاكتىپ شەكىلدە ئىشلىتىلگەندە بار بولىدىغان، ئىشلىتىلمىگەندە ئۆزىنى كۆرسەتمەيدىغان پەرىشتە ئىكەنلىكىنى.
2. قۇرئاننىڭ ئاكتىپ، تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە كارغا كېلىدىغان بىر ئەقىلگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى.
3. قۇرئاننىڭ ئەقىلگە قارىتا تۇغۇلۇشتىن بار بولغان مۇستەقىل، مۇتلەق نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان بىلىم ( ئىلم )نى 850 يەردە تىلغا ئالىدۇ / ئىما قىلىدۇ. بىلىم ئەقىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قۇرئاننىڭ ھەر قېتىم بىلىمنى ئىما قىلىشى، ئەسلىدە ئەقىلگە قارىتىلغان.
ئەقىل ھەققىدە قۇرئاندىن مىسال كەلتۈرەلەمسىز؟
ئىسلامنىڭ ئەقىلگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە كۆرە چۈشىنىش كېرەك:
پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازاپقا گىرىپتار قىلىدۇ ( 10:100 )
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى ( ھەقنى ئاڭلىماي ) گاس بولۇۋالغان، ( ھەقنى سۆزلىمەي ) گاچا بولۇۋالغان، ( ياخشى – ياماننى پەرق ئەتمەي ) ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەردۇر ( 8:22 )
ئاللاھ قا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق ( 7:130 )
شەك – شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا ( يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن ) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى ( ئەقىل ئىشلەتكەن قەلب ) بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ( ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى ) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ( ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئېلىپ ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر ( 7:179 )
… بۇلاردا ( ئايەتلەر، ۋەقەلەر ۋە شەيئىلەردە ) چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ( ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ) نۇرغۇن دەلىللەر بار ( 13:4 )
ئاللاھ ( ئۆلۈكنى ) تىرىلدۈرىدۇ، ( تىرىكنىڭ ) جېنىنى ئالىدۇ، كېچە – كۈندۈزنىڭ ئۆزگۈرۈپ تۇرۇشى ئاللاھ نىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟ ( 23:80 )
… چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز ( 30:28 )
سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز – نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز – نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى ( يەنى پەيغەمبەر ) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق ( 35:37 )
ئەقىل بىلەن ۋەھىينىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
قۇرئاندا، جەھەننەمگە تاشلانغانلارنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان بىر ئايەتتە « ئەقلىنى ئىشلىتىش » بىلەن « ۋەھىيگە قۇلاق سېلىش » بىر – بىرىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلىدۇ: « ئەگەر بىز ( پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ) ئاڭلىغان ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدىن بولماس ئىدۇق » ( 67:10 ). بۇ، قۇرئان توغرا ئىشلىگەن بىر ئەقىل بىلەن بۇزۇلمىغان بىر ۋەھىينىڭ، ئىنساننى ھەقىقەتكە ئۇلاشتۇرۇشتا تەڭ دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرئان يەر، ئاسمان، قوياش، ئاي، كېچە، كۈندۈز … قاتارلىق تەبىئەت ۋە كائىناتنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنى « ئايەت » دېگىنىدەك، ئۆزىدىكى سۈرىلەرنى تەشكىل قىلغۇچى پارچىلارنىمۇ « ئايەت » دەيدۇ.
( بۇ ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز – نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر ( 38:29 )
ھەر قاچان ئۇلارغا: « ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىگە ( يەنى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھىيگە، قۇرئانغا ) ئەگىشىڭلار » دېيىلسە، ئۇلار: « ياق، ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمىز » دېيىشىدۇ. ئاتا – بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟ ( 2:170 )
بىلىڭلاركى، ( ئەقىل ئىشلىتىدىغان ) دىللار ئاللاھ نىڭ ۋەھىيلىرى / ئاللاھ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ ( 13:28 )