Devote Yourself to ALLAH

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋە بەرەكەتەھۇ،

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، ھەممىڭلار ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر؟ كۆڭلۈڭلار خاتىرجەم ۋە ئىش – ئىبادەتلىرىڭلار جايىدىمۇ؟

ھايات كىتابىم تورىدىكى قېرىنداشلىرىڭلار خەلقىمىزگە دۇر- دانىلەر سۇنۇش ئۈچۈن، بىلىمىمىزنى بېيىتىش مەقسىتىدە يېقىندىن بۇيان « قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىسى » ۋە « قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ھەققىدە يوللاۋاتقان كۈندۈلۈك تېمىلىرىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ…

شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھايات كىتابىم تورى بېتىدىكىلەر ئۆزى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغان بەزى كىتاپلاردىن، ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان « قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ » ۋە « يۈرەك دۆلىتى » ناملىق كىتاپنىڭ ئىنگىلىزچە ۋورد ھۆججىتىنى؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇش پىلانلانغان، لېكىن تېخىچە ئورۇندىيالمىغان « يۈرەك فەتھى » ۋە « ئاتاش رىسالىسى » قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنى نەشىرىياتتىن ئېلىپ، سىز قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.

مەقسىدىمىز:

  1. ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان بەزى ئىسلامى كىتاپلارنى تونۇشتۇرۇش.
  2. ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مۇئەللىپنىڭ كىتاپلىرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولغان « قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ » ۋە « يۈرەك دۆلىتى » ناملىق ئەسەرلىرىنى، ئىنگىلىزچىسىگە سېلىشتۇرۇپ ئوقۇش ئارقىلىق تىل ۋە دىن ئوتتۇرىسىدىكى ئورگانىك رىشتىلەرنى كۈچلەندۈرۈپ، چەتئەل تىلى ئارقىلىق روھىيىتىنى بېيىتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەتكۈزۈش.
  3. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئىنگىلىزچە – ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرۇمىلىق ئېلكىتابىنى ۋە ئەپكىتابىنى ئىشلەپ ۋەيا ئىشلىتىپ، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئۈگەنگەن چەتئەل تىللىرىنى ئىشلىتىش ۋە چەت تىلى ئۈگەنگۈچىلىرىمىزگە ياخشى ئۆرنەك بولۇش ۋەيا ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش.
  4. ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلەيدىغان ۋەيا ئوقۇيدىغان دوستلىرىمىزغا ئىمكان قەدەر ئېلكىتابى ۋەيا ئەپكىتابىنى تەۋسىيە قىلىپ، ئوقۇتۇپ، ئۇلار بىلەن ئىنگىلىزچە سۆزلىشىش بۇلۇڭلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغىنىمىزدا، سۆز تېمىسى قىلىدىغان ماتېرىيال سۈپىتىدە پايدىلىنىش شارائىتى يارىتىش.
  5. ئامال بار تېزرەك ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن تۈركچە بىلمەيدىغان، ئەمما ئىنگىلىزچە ماتېرىياللارنى ياخشى ئوقۇپ چۈشۈنەلەيدىغان ھەمدە، ئۇيغۇرچە ۋەيا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلالايدىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن، خالىسانە تەرجىمە ئىشىغا يار – يۆلەكتە بولىشى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرتلىرنى ھازىرلاش ۋە ھەمكارلىشىشقا ياردەمدە بولىدىغانلار بىلەن رىشتە ئورنىتىش.

قېنى ئەمسە، ئىنگىلىزچە كىتاپلىرمىزنى ھايات كىتابىم تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇپ، ئىنكاسىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.

ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتاپلارغا ئائىت مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلارمۇ تەمىنلەندى.

what is islam

1. WHAT IS ISLAM  WHAT IS ISLAM

« قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ » كىرىش سۆزى ۋە ئەپكىتابى ھەم ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈش

https://yuzlen.net/?p=500

 

the kingdome of heart

2. THE KINGDOME OF HEART The Kingdom of Heart

يۈرەك دۆلىتى ئۇيغۇرچە ئەپكىتاپ (app) + ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ ( تۈركچە MP3 ئۈنكىتابى ھەدىيە )

https://yuzlen.net/?p=1820

 

 

the conquest of heart

3. THE CONQUEST OF HEART THE CONQUEST OF HEART

 

 

Messege of Devotion

4. THE MESSEGE OF DEVOTION THE MESSEGE OF DEVOTION

« ئاتاش رىسالىسى » نىڭ ئۇيغۇرچىسى پات-يېقىندا…

 

Alemlerin Rebbi ALLAH

5. ALLAH The Lord of The Univers / Worlds ALLAH the Lord of The Univers

 

ھۆرمەت بىلەن

ھايات كىتابىم تورى

2015-يىلى 30-ئاپرىل