ئەسر سۈرىسى

 

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئەسر » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. « ئەسر » سۆزى « سىقىپ سۈيىنى چىقىرىش، مېغىزىنى ئېلىپ شاكلىنى تاشلاش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان پېئىل تومۇرىدىن تۈرلىنىپ چىققان. ئادەتتە چۈش ۋاقتى بىلەن ئاخشام ئارىسىدىكى زامان تىلىمى « ئەسر » دەپ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ ۋاقىت ئىشلەيدىغان بىر كىشى ئۈچۈن ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن، ئېزىلىپ سۈيى چىققان ۋە بىر كۈنلۈك خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلگەن ۋاقىتتۇر. يۈز يىللىق بىر مەزگىلمۇ « ئەسر » دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئىنساننىڭ ساپاسىنى نامايەن قىلىدىغان ئۈچ ئەۋلادنىڭ ئۆمرىنى تەمسىل قىلىدۇ. ھېساپ كۈنىمۇ « ئەسر » دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى ئۇ « ھوسۇل » كۈنىدۇر. ئىنساننىڭ قىلمىشلىرى ئۇ كۈنى ئايرىلىدۇ.

سۈرە، دەسلەپكى مەزگىلدىكى مۇسھاب ۋە تەپسىرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بۇخارى بۇ سۈرىنى « ۋەلئەسر » دەپ ئاتىغان.

ئەسر سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان دەسلەپكى سۈرىلەردىن بىرى. ھەزرىتى ئوسماننىڭ نۇزۇل تەرتىۋىدە ئىنشىراھ – ئادىيات سۈرىسى ئارىسىدا، 13 – ئورۇندا يەر ئالغان. ئادىياتنىڭ ئورنى توغرا بولغان بولسىمۇ، ئىنشىراھ سۈرىسىنىڭ يېرى توغرا ئەمەس. چۈنكى ئىنشىراھ، زۇھا سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغان سۈرە بولسا كېرەك. مەزمۇن جەھەتتىن زۇھا سۈرىسىنىڭ قۇشمىقىغا ئوخشايدۇ. ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە رەھمان – كەۋسەر سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ تېخىمۇ توغرا ئەمەس. بىزنىڭچە قەدر – ئادىيات سۈرىسىنىڭ ئارىسى ئەڭ مۇۋاپىق بولسا كېرەك. سۈرە نازىل بولغان تارىخنى ئېنىق كۆرىسىتىش قېيىن. شۇنداقتىمۇ رىسالەتنىڭ 1 – يىلنىڭ ئاخىرى 2 – يىلىنىڭ باشلىرىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

سۈرە قۇرئاندىكى ئايەت ھەجمى جەھەتتىن ئەڭ قىسقا ئۈچ سۈرىدىن بىرى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچ ئايەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار كەۋسەر، ئەسر ۋە ناسر سۈرىلىرىدۇر.

ئەسر سۈرىسى ھەجىم جەھەتتىن كىچىك، ئەمما مەنا جەھەتتىن ناھايىتى كەڭ مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، ئانا تېمىسى – قۇرئان بەرپا قىلماقچى بولغان ئۆرنەك ئىنسان تىپىنى تەسۋىرلەپ بېرىش. سۈرىنىڭ بالاغەت جەھەتتىن تەڭدىشى يوق. ئىمام شافى، « ئەگەر قۇرئان بۇ سۈرىدىنلا ئىبارەت بولغان بولسا، ئىنسانىيەت ئۈچۈن يەنىلا يېتەرلىك بولاتتى » دېگەنىكەن ( ئالۇسى ). بۇ سۈرە بىلەن بەلەد سۈرىسى ئارىسىدا مەزمۇن جەھەتتىن زىچ مۇناسىۋەت بار.

ئابدۇللاھ ب. ھۇسەيندىن نەقىل قىلىنغان بىر رىۋايەت، ئەسر سۈرىسىنىڭ تۇنجى قۇرئان نەسلىنىڭ ھاياتىدا تۇتقان ئورنىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە تەسۋىرلەپ بەرمەكتە: « رەسۇلۇللاھنىڭ ئەسھابلىرىدىن ئىككى كىشى بىر يەردە جەم بولغاندا، بىرسى يەنە بىرسىگە ئەسر سۈرىسىنى ئوقۇپ بەرمەستىن ئايرىلمايتتى » ( تەبەرانى ).

« ئوقۇش »نى قۇرئانى مەنىدە چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بۇ رىۋايەتتىن مۇنداق مەنا چىقىدۇ: رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى بىر يەردە جەم بولغاندا، بىر – بىرىگە ھەقنى، سەبىرنى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە ئۇنى ھاياتىغا تەدبىقلاش ھەققىدە نەسىھەت قىلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇنى ھايات شەكلىگە ئايلاندۇرۇشى، « ئەسر سۈرىسنى ئوقۇش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

سۈرە ئىنساننىڭ سائادىتىنى ياكى پالاكىتىنى ئۆز قولى بىلەن تەييارلايدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا. ئىنساننىڭ گۇناھنى زامان، دەۋر، ماكانغا ئارتىپ قويۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشىنى رەت قىلىپ، بۇ باھانىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

ياخشىلىقنى بەلگىلىك بىر تارىخىي مەزگىلگە مەھكۇم قىلىپ قويۇپ، ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋردە باش كۆتۈرگەن يامانلىقنى « زامان ئاخىرى » دېگەندەك سۆزلەر بىلەن دەۋرگە ئارتىپ قويۇپ، ئۆزىنى ئاقلاش مەنتىقىنى رەت قىلماقتا.

خۇلاسىلىگەندە، كارامەت زاماندا ئەمەس، ئىنساندا دېمەكتە.

ئەسىر سۈرىسى بىر ئىلاھى ئولتىماتۇم خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇ مۇھاتابىغا « بۇنچە يۇقىرى سەۋىيەدە پەقەت ئاللاھ لا سۆز قىلالايدۇ » دېگۈزىدىغان شەكىلدە خىتاپ قىلىدۇ ۋە ۋىجداننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، ئىنسان شەخسىيىتىنى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە ۋاقىتنى شاھىت قىلىپ تۇرۇپ سۆز باشلىغان:

وَالْعَصْرِ

« ( سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتقان ) زامان / ئەسر بىلەن قەسەمكى ( ئەسر شاھىت بولسۇنكى )!» ( 1 – ئايەت ).

ئاندىن پەقەت ئاللاھ لا ئېيتالايدىغان سۆزنى ئېيتقان:

إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ

« شۈبھىسىزكى، ئىنسان زىيان ئىچىدە  » ( 2 – ئايەت ).

ئاندىن زىياندىن خالىي بولغانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىنغان:

إِلَّا الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ

« ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان، بىر – بىرىگە ھەقنى ۋە سەبىرنى تەۋسىيە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا » ( 3 – ئايەت ).

بۇ ئايەتتە تۆت ئالاھىدىلىك تىلغا ئېلىنغان، يەنى ئىمان ئېيتىش، سالىھ ئەمەل قىلىش، ھەقنى ۋە سەبىرنى تەۋسىيە قىلىش. بۇلارنى ئىشىنىش، ياشاش، بەھرىمان بولۇش ۋە بەرداشلىق بېرىش دەپ تەرىپلىسەكمۇ بولىدۇ.

بىرىنچىسى، ئاللاھ نىڭ؛ ئىككىنجىسى، ھاياتنىڭ؛ ئۈچىنچىسى، ئىنساننىڭ؛ تۆتىنجىسى،  ھەقىقەتنىڭ ھەققى.

ئالدىنقى ئىككى ئالاھىدىلىك كىشىنىڭ شەخسىيتى بىلەن؛ كېيىنكى ئىككى ئالاھىدىلىك كىشىنىڭ ئىجتىمائي جەمىئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئىمان ئېيتىش ئەقىدە، قالغانلىرى ئەمەل مەسىلىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشىنىڭ ئاچقۇچى مانا بۇ تۆت نوقتىدا ئىپادىلەنمەكتە. ئەكسىچە بولغاندا، ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدە بولىدۇ.

يا رەببى بىزنى زىيان ئىچىدە بولغۇچىلار قاتارىدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىغىن!