ئاللاھ ئەزەلدىن پۈتىۋەتكەن « مۇسىبەت » ئىمان ۋە كۇپۇر ئەمەس
ئىمام ئەلبەسرى ھەدىد سۈرىسى 23 – ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « ئاللاھ پۈتىۋەتكەن مۇسىبەت »نىڭ ئىمان ۋە كۇفۇر ئەمەسلىكىنى ئايەتلەر بىلەن دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، قانائەتلىنەرلىك رەۋىشتە ئىزاھلىغان. بىراق ئايەتتە قوللىنىلغان « كىتاب »نىڭ نېمە مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى ئۈستىدە توختالمىغان. كاشكى ئەلبەسرى سۈرە ھەدىد 20 – ئايىتىنىمۇ دەلىل سۈپىتىدە كۆرسەتكەن بولسا، ئايەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى نوقتىسىدىن تېخىمۇ مۇكەممەل بۇلاتتى.
قۇرئاندا « كىتاب » كۆپ مەنالىق كەلىمىلەر كاتېگورىيىسىگە كىرىدۇ. قۇرئاندا، « قۇرئان » ( ھەدىد، 20 )، « تەۋرات » ( بەقەرە، 53 )، كونا ۋە يېڭى ئەھدە ( بەقەرە، 113 )، « ئۆتمۈش ۋەھىيلەر » ( ئەئراف، 169 )، « ۋاقىت، مەلۇم زامان » ( نىسا، 103 )، « تەبىئەت قانۇنى » ( تەۋبە، 36؛ يۇنۇس، 61؛ ھەج، 79 )، « ئىجتىمائى قانۇنيەت » ( ھىجىر، 4 )، « ۋەدىلەشكەن ۋاقىت » ( بەقەرە، 235 )، « ئىلاھى قانۇنلار » ( ئەنئام، 38 ۋە 59؛ ئەنفال، 68؛ تاھا، 52؛ ھەدىد، 23 )، « يارىتىلىش قانۇنيەتلىرى » ( ھۇد، 6 )، « ھايات ۋە ئۆلۈم قانۇنىيەتلىرى » ( رەئىد، 38؛ فاتىر، 11 )، « ئىلاھى قانۇنيەتلەرنىڭ مەركىزى مېڭىسى » ( رەئىد، 39 )، « ئاخىرەت كۆتىكى / ئارخىپى » ( كەھىف، 49؛ موئمىنۇن، 62؛ زۈمەر، 68؛ مۇتەفىفىن، 7 )، « مەۋجۇداتلارنىڭ تىزىملىك ئارخىپى » ( نەمىل، 75؛ سەبەئ، 3؛ نەبە، 29 ) قاتارلىق مەنالاردا كېلىدۇ.
يۇقىرىدا مەلۇم بولغاندەك « كىتاب » كەلىمىسى، قۇرئاندا 14 پەرقلىق مەنىدە كەلگەن بولۇپ، ئاساسەن كائىنات ۋە ئىنسان بويسۇنۇپ ياشايدىغان « ئىلاھى قانۇن » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. ئايەت، ئىنسان بېشىغا كېلىدىغان ھەر بىر ئىشنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بىر ئىلاھى قانۇنىيەت دائىرىسىدە مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا. ئىلاھى قانۇنىيەتلەرنى بايقاپ، ئۇنىڭغا ماس ھالدا ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ، بۇ مۇسىبەتلەرگە قارىتا چارە – تەدبىر تېپىپ چىقىشى تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.
ھەدىد سۈرىسىنىڭ 22 – ئايتى مەزمۇن جەھەتتىن مۇنداق ھەقىقەتنى ئىپادىلەيدۇ: ئاللاھ ھاياتلىققا ھەر سىكۇنت ئارلىشىدۇ، ھاياتلىقنى يارىتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ياراتقان، ھاياتنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتمىگەن. بىراق ئىنسان زامانسىزلىقنى چۈشۈنۈپ يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ نىڭ زامان چەكلىمىسىدىن خالىي ئىرادە ۋە مۇرادىنى چۈشۈنۈپ يېتەلمەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن « ئەۋۋەللىك » ۋە « ئاخىرلىق »نىڭ ئىلاھى يارىتىش ئۈچۈن تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى چۈشۈنۈشتە قېيىنىلىدۇ، « بىراق بۇ ئاللاھ قا نىسبەتەن تولىمۇ ئاساندۇر ».