تالاق سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئاجرىشىش، ئۈزلىشىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تالاق » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. يەنى:

« ئى نەبى! سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار. (نەسەب ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئىددەتنى ساناڭلار! رەببىڭلار ئالدىدا قىلمىشلىرىڭلاردىن جاۋاپكار ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار! » ( 1 ).

ئايەتتىكى ئەمىرنىڭ مۇھاتابى ئايالىنى تالاق قىلغان ئەرلەر بولۇپ، مۇئمىن ئەرلەرگە تالاق ھوقۇقىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئايال كىشىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى نەزەردە تۇتۇش ئەمىر قىلىنماقتا ۋە بۇنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە. سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن بىرىنچى ئايەتنىڭ مەزمۇنى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى « تالاق مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇش » مەنىسى ئىپادىلەيدۇ.

سۈرىنىڭ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىشى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن.

ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد، سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن « قىسقا نىسا سۈرىسى – سۇرەتۇن نىسائىل قۇسرا » دەپ ئاتىغان. بۇ ئىسىم، مەزكۇر سۈرىنى خۇددى نىسا سۈرىسىگە ئوخشاش « ئاياللار ھەق – ھوقوقى » مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان سۈرىلەر قاتارىغا تىزىدۇ.

سۈرىنىڭ قاچان نازىل بولغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەش قېيىن. سۈرىنىڭ 1 – 7 – ئايەتلىرىنىڭ، بەقەرە 228 – 234 – ئايەتلىرىنىڭ يېشىمى / ئىزاھاتى ئىكەنلىكى ھەقىقىتىگە، ئىبن مەسئۇدنىڭ بۇ سۈرىگە قويغان ئىسمىنى بىرلەشتۈرسەك، سۈرىنىڭ ھىجرەتتىن كېيىنلا نازىل بولۇشقا باشلىغان بەقەرە سۈرىسى ۋە ھىجرى 4 – يىلىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان نىسا سۈرىسى، ھەتتا ئەھزاپ 49 – ئايەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دىققەتكە ئالغان ۋاقتىمىزدا، سۈرىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈرىلەردىن كېيىن نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەھزاپ سۈرىسى بىلەن بۇ سۈرە ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق، رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان خىتاپلاردىمۇ كۆزگە چىلىقىدۇ. ئەھزاپ 50 – ئايىتى بىلەن بۇ سۈرىنىڭ 1 – ئايىتىدە « ئى نەبى! » دەپ خىتاپ قىلىنماقتا.

سۈرە قەدىمكى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنسان – بەييىنە سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان بولۇپ، بۇ ئورۇن بىزنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى ئىنسان سۈرىسى مەككىدە، ھەتتا مەككىدە نازىل بولغان دەسلەپكى ئۈچتەنبىرى سۈرىلەرنىڭ ئىچىدە يەر ئالىدۇ. قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ نازىل بولۇش ۋاقتى ۋە ماكانى ھەققىدە، ساھابىلەر ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق شەخس بولغان ھەم سۆزىنى ھېچكىم ئالدىراپ رەت قىلالمايدىغان ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇ، ئىنسان سۈرىسىنىڭ قىيامەت سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ سۈرىنىڭ رىسالەتنىڭ 4 ياكى 5 – يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئىنسان سۈرىسىنىڭ تۇنجى تەرتىپلەردىكى ئورنى ۋە نازىل بولۇش تارىخى ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇدنىڭ گۇۋاھلىقى، سۈرىنىڭ مەزمۇنى ۋە بالاغىتىمۇ نامايەن قىلغان ئالاھىدىلىكى نەزەردە تۇتۇلغاندا، تەرتىپتىكى ئورنى بىلەن نازىل بولغان ۋاقىت ئارىسىدا تەخمىنەن 15 يىللىق بىر پەرىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ دەۋر پەرقى نەزەردىن ساقىت قىلغۇدەك دەرىجىدە كىچىك ئەمەس. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىپلەرنىڭ تالاق سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزغان بەييىنە سۈرىسى ھىجرى 4 – يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدىن بۇرۇن نازىل بولغان بولسا كېرەك. يىغىپ ئېيتقاندا، تالاق سۈرىسىنىڭ تۇنجى تەرتىپلەردە ئىنسان – بەييىنە سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلىشىنى ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. بىزنىڭچە بولغاندا، ئەھزاپ – مائىدە سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن سۈرە ھىجرى 5 ياكى 6 – يىلىدا نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.

سۈرىنىڭ ئىككى مەقسىتى بار. بىرىنچىسى، ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالنىڭ ئۇۋالچىلىققا قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەتتا ئىچكىرلەپ تەھلىل قىلغاندا، ئاجىزلارنى مۇشتۇمزورلارنىڭ زۇلۇمىدىن قوغداش؛ ئىككىنجىسى، ئۈزلەشكەن ئاياللارنىڭ ئىددەت مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، نەسەپنىڭ ساپلىقىنى ھىمايە قىلىش، ھەم ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللارغا قارىتىلغان بولغۇسى بىر تۆھمەت ۋە بۆھتاننىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

ۋەھىي ئەركەك – چىشى بۇ ئىككى جىنىسنى بىر – بىرىگە « تەسەللىي » بەخش ئېتىدىغان ئىككى ئامىل سۈپىتىدە تونۇشتۇرىدۇ. بۇ بىر مەقسەت بولۇپ، بۇ مەقسەت پەقەت « مېھرى – مۇھەببەت » ۋە « مەرھەمەت / شەپقەت » بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ ( رۇم، 21 ). نىكاھ رىشتى، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق بىر جۇپ ئارىسىدىكى تەبىئىي مايىللىق تۈگىگەن ۋە نىكاھ رىشتىنى ئۈزۈش زۆرۈر بولۇپ قالغان ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، بۇنىڭغىمۇ « مەجبۇرىي » يول قويۇلغان. « ئۈزلىشىش / خېتىنى بېرىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان تالاق، مانا بۇ ئىجازەتنىڭ ئىسمىدۇر.

ئاجرىشىش ھاياتنىڭ ئاچچىق رىئاللىقىدىن بىرى. ۋەھىي بۇ رىئاللىقنى نەزەردە تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئۇۋالچىلىقنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سۈرە 1 – 7 – ئايەتلىرىدە ئاجرىشىش ھەققىدە بەلگىلىمىلەر قويغان. ۋەھىي، بۇ ئاچچىق رىئاللىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچىلەر ئۈستىدىن، ھەر دەۋرنىڭ قېيىنچىلىقتا قالغان كىشىلىرىگە مۇنداق خوشخەۋەر بېرىدۇ:

وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا (2) وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ (3)

« كىمكى اﷲ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. اﷲ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ » ( 2 – 3 ).

سۈرىنىڭ 4 – ئايىتى، « ئاجراشقان ئاياللارنىڭ قايتىدىن توي قىلىشى ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرىشى كېرەك بولغان مۇددەت » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئىددەت » مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىدۇ. سۈرىدە بۇ مەسىلىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىغا ئۆز دەۋرىدە ئاياللارغا قارىتىلغان زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەۋەپ بولغان. چۈنكى ئەرلەر تالاق قىلغان ئاياللارغا بېسىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ قايتىدىن تۇرمۇشلۇق بولىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ھامىلە بولۇش ئېھتىماللىقىنى باھانە قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى نەسەپ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەياكى پۇشتىغا ئىگە چىقىش ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇ ئۇسلۇب بىلەن سابىق ئايالىدىن ئۆچ ئېلىشنى؛ بەزىسى ئۈزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، سابىق ئايالىنى « زاپاس » قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشنى؛ بەزىسى ئۆزىنىڭ ئەرلىك مەسئۇلىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئايالىنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلاتتى. قۇرئان بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتا بەلگىلىمىلەرنى بېكىتكەن. بۇنى پرىنسىپلارنى بەلگىلىگەندە ئەرلەرگە « تەقۋا / مەسئۇلىيەتچان » بولۇشنى ئەسكەرتىكەن:

« كىمكى اﷲ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئەمەل قىلىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەنە شۇ اﷲ نىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر، كىمكى اﷲ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ » ( 4 – 5 ).

سۈرىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ ھەققىنى ھىمايە قىلغان مەزمۇنى، تۆۋەندىكى ئايەتتە ناھايىتى يارقىن ھالدا بايان قىلىنماقتا:

أَسْكِنُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ سَكَنْتُمْ مِنْ وُجْدِكُمْ وَلَا تُضَارُّوهُنَّ لِتُضَيِّقُوا عَلَيْهِنَّ وَإِنْ كُنَّ أُولَاتِ حَمْلٍ فَأَنْفِقُوا عَلَيْهِنَّ حَتَّى يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ فَإِنْ أَرْضَعْنَ لَكُمْ فَآَتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ وَأْتَمِرُوا بَيْنَكُمْ بِمَعْرُوفٍ وَإِنْ تَعَاسَرْتُمْ فَسَتُرْضِعُ لَهُ أُخْرَى

« ئۇلارنى (ئىددەت ئىچىدىكى ئاياللىرىڭلارنى) قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار، ئۇلارغا بېسىم قىلىپ جاندىن تويغۇزىۋەتمەڭلار. ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، يەڭگىگەنگە قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار، ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ (ئېمىتىش) ھەققىنى بېرىڭلار، ( بالىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ) ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار. ئەگەر ( بالىنى ئېمىتىش مەسىلىسىدە ) كېلىشەلمىسەڭلار، ئۇنى (يەنى بالىنى) باشقا بىر ئايال ئېمىتسۇن » ( 6 ).

سۈرىنىڭ كېيىنكى بۆلىكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى بولغان ۋەھىي ۋە ئۇنى بىزگە يەتكۈزگەن نۇبۇۋۋەت / ئەلچىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ( 8 – 11 ). ئەگەر بىر ئەقىل، ئاللاھ نىڭ ئاجرىشىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە ئارلىشىشىنى چۈشۈنۈشتە قېينىلىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا يەر ۋە زېمىننى « ئىنسان » غا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئاللاھ نىڭ، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق جاۋاپ بېرىلگەن:

اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَوَاتٍ وَمِنَ الْأَرْضِ مِثْلَهُنَّ يَتَنَزَّلُ الْأَمْرُ بَيْنَهُنَّ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ وَأَنَّ اللَّهَ قَدْ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيْءٍ عِلْمًا

« اﷲ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى، اﷲ نىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەر ۋاقىت جارى بولۇپ ئۈزلۈكسىز ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) اﷲ نىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە اﷲ نىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر » ( 12 ).

خۇلاسىلىگەندە، ئىنسان ئاللاھ ئۈچۈن ئۆز مەيلىگە قويىۋەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەتىۋارلىق بىر مەۋجۇدىيەتتۇر.