ئەھزاپ سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە « ئىتتىپاقداش كۈچلەر / قوشۇن » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەھزاپ » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. سۈرىنىڭ 9 – 27 – ئايەتلىرى ئارىسىدا يەر ئالغان بۆلەكتە بۇ كۈچلەر ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلغان.

سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان. بىزگە مەلۇم بولغان يىپ ئۇچلىرى، سۈرىنىڭ ھىجرى 5 – 7 – يىللىرى ئارىسىدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

20 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان خەندەك ( ئەھزاپ ) ئۇرۇشى ھىجرى 5 – يىلى شەۋۋال ئېيىدا؛ 4 – 5 ۋە 37 – 40 – ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەر شۇ يىلى زۇلقائىدە ئېيىدا يۈزبەرگەنىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 28 – 29 – ئايەتلەر، بولۇپمۇ ئۆي ئوچاقلىق بولۇش مەسىلىسىدە نەبىگە چەك قويۇلغان 52 – ئايەت، ھەزرىتى سافىيە بىلەن توي قىلغان مەزگىلى بولغان خەيبەر فەتھىدىن كېيىن نازىل بولغان بولسا كېرەك.

ھەزرىتى ئوسمانغا نىسبەت قىلىنغان تەرتىپتە، سۈرە ئالىئىمران – مۇمتەھىنە سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ يەر توغرا ئەمەستەك تۇرىدۇ. ئالىئىمران سۈرىسىنى ئەھزاپ سۈرىسىنىڭ ئالدىغا قويغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئالىئىمران سۈرىسى ھىجرى 3 – يىلىدا يۈزبەرگەن ئۇھۇد سۈرىسىدۇر. بۇ ئىككى سۈرە ئارىسىدا باشقا سۈرىلەر بولىشى كېرەك. ئىبن ئابباسقا نىسبەت قىلىنغان تەرتىپتە ھەشر – نۇر سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ تىزىلىشمۇ توغرا ئەمەس. بىزنىڭچە بولغاندا مۇجادىلە – تالاق سۈرىسى ئارىسىغا تىزىش مۇۋاپىقتەك تۇرىدۇ.

قۇرئاندا ئىجتىمائىي مەسلىلەر ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۈرىلەردىن بىرسى ئەھزاپ سۈرىسىدۇر. تېمىلار شەخسى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ھۆكۈملەرنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئىسلام جامائىتىنىڭ سىياسىي پىشىپ يېتىلىش جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى مۇشرىك ئىتتىپاقداش قوشۇنىنىڭ خەندەك ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولىشى، ئىسلام جامائىتى ئۈچۈن بىر تارىخىي بۇرۇلۇش نوقتىسى ئىدى. بۇ رىئاللىقنى، بىر كۈنى سەھەردە دۈشمەننىڭ قارارگاھنى تاشلاپ، ئۈن – تىنسىز ھالدا جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە « ئەمدى نۆۋەت سىلەردە! » دېگەن رەسۇلۇللاھمۇ توغرىلايدۇ.

سۈرە ئومۇمىي جەھەتتىن كىشلىك مۇناسىۋەتنى قانداق شەكىللەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

قۇرئاندا « ئى نەبى! » خىتابى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن بۇ سۈرە، بىۋاستە ھالدا نەبىگە خىتاپ بىلەن باشلىنىدۇ. ئىجتىمائىي بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر، كىشى ئاللاھ قا بويسۇنۇشى كېرەك. ئالدى بىلەن رەسۇلۇللاھقا « مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىش قىل! » ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلىدۇ. ئاندىن كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارنىڭ رايىغا بويسۇنماسلىققا بۇيرۇلغان ھالدا سۆز باشلىنىدۇ. بۇ « ئۇلارغا ئىتائەت قىلما! » ئەمرى، « كۈنتەرتىپنى ئۇلارنىڭ بەلگىلىشىگە يول قويما! » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ داۋامى مۇنداق:

وَاتَّبِعْ مَا يُوحَى إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا (2) وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ وَكَفَى بِاللَّهِ وَكِيلًا (3)

« ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان نەرسىگە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشكىن. اﷲ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. (ھەممە ئىشىڭدا) اﷲ قا يۆلەنگىن، اﷲ (ساڭا) ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر » ( 2 – 3 ).

قۇرئاننىڭ ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بايانىدىن بىرسى بۇ سۈرىدە يەر ئالىدۇ: « اﷲ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك / ئىككى ۋىجدان ياراتقىنى يوق » ( 4 ). بۇ ئارقىلىق « ھەقىقەتنىڭ بىر بولىدىغانلىقى » ئىما قىلىنغان. شۇنداق، ھەقىقەت بىردۇر. ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئىككى ئانىسى، ئىككى دادىسى بولمايدۇ، بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر رىئاللىق. ئۆزى تۇغمىغان بىرسىنى « قىزىم، ئوغلۇم » دېگۈچى، ئۇنى تۇغۇپ دۇنياغا كەلتۈرگەن بىر ئانىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بىرسىنىڭ ئايالىغا « سەن مەن ئۈچۈن ئانامغا ئوخشايسەن » دېيىشى، ھەرگىزمۇ ئايالىنى ئۇنىڭ ئانىسىغا ئايلاندۇرمايدۇ ( 4 ).  بېراۋنىڭ، پۇشتىدىن بولمىغان بىر كىشىنى ئۆزىنىڭ ئاتىسى دېيىشى، ئۇنىڭ بىر ئۆزى ئاتىسىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت رىئاللىقنى يوق قىلالمايدۇ ( 5 ).

يەنى، يارىتىلىشىتىن تارتىپ بار بولغان فىترى ھەقىقەتنى، ئېغىزدا ئېيتىلغان سۆزلەر بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتى بولىدۇ. بىزنىڭ سۆزلىرىمىز ئۇ ھەقىقەت بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولسا توغرا، بىردەكلىككە ئىگە بولمىسا خاتادۇر. شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىزنىڭ سۆزلىرىمىز بەلگىلىمەيدۇ. خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ جەمىئىيەتتە بىردەك قوبۇل قىلىنىشى، ئۇنى خاتا بولۇشتىنى خالىي قىلمايدۇ. ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنىسى مۇشۇنداق دەپ « ئايالى » ئانىسى بولۇپ قالمايدۇ، بېقىۋالغان بالىمۇ ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالا بولۇپ قالمايدۇ.

ھەقىقەتكە ساداقەت ئەلچىلىك / رەسۇللۇق ئەنئەنىسىنىڭ شۇئارىدۇر ( 7 – 8 ). بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان مۇئمىنلەرگە ھەر دەۋردە جەڭ ئېلان قىلىنغان. ھاياتى بەدىلىگە ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇش، كاپىر ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالماسلىق ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ بۇرچىدۇر ( 9 – 20 ).

رەسۇل بۇ مەسىلىدە ئەڭ تىپىك ئۆرنەك بولۇپ، ھەقىقەتكە ساداقەت كۆرسىتىشتە مۇئمىنلەرمۇ ئەلچىلەردەك بولۇشى كېرەك ( 21 – 27؛ 45 – 46 ). ئاللاھ رەسۇلىنىڭ بۇ ئۈلگىلىك رولىنى بايان قىلغان ئايەت بۇ سۈرىدە يەر ئالماقتا:

لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآَخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا

« سىلەرگە ـ اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە اﷲ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر » ( 21 ).

ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئۇ مىسلىسىز ئۆرنەكلىك رولى تارىخىي نوقتىدىن خەندەك ئۇرۇشىدىن بۇرۇن نامايەن بولغان ئىدى. سۈرىدە نەبەۋى ئۆرنەكلىكنىڭ تارىخىي كارتېنىلىرى ئىشارەت قىلىنىدۇ ( 22 ). ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆرنەكلىكىنى ھاياتىغا تەدبىق قىلغان، ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان ۋە « ساھابە » ئۈنىۋانىغا لايىق بولغان، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھلىرىنىڭ تىللارغا داستان مەيدانى ئەبەدىيلەشتۈرۈلگەن:

مِنَ الْمُؤْمِنِينَ رِجَالٌ صَدَقُوا مَا عَاهَدُوا اللَّهَ عَلَيْهِ فَمِنْهُمْ مَنْ قَضَى نَحْبَهُ وَمِنْهُمْ مَنْ يَنْتَظِرُ وَمَا بَدَّلُوا تَبْدِيلًا

« مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدە اﷲ قا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن يىگىت كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىنى ئاللاھ قا ئاتاپ ساداقىتىنى كۆرسەتتى، بەزىسى نۆۋىتىنى كۈتمەكتە، ئۇلار ۋەدىسىنى ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق » ( 23 ).

رەسۇلنىڭ ئاياللىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆرنەكلىك رولىنى ئۇنتۇماسلىقى، ئۆزىگە لايىق بولغاننى قىلىشى كېرەك. خۇددى ئەلچىلەر مۇئمىنلەرگە ئۆرنەك بولغاندەك، ئەلچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئۆرنەك بولىشى كېرەك. چۈنكى بىر كىشىنىڭ ئۆرنەك بولىشى يېتەرلىك بولمايدۇ، ئائىلىنىڭ ئۆرنەك بولىشى شەرت. قۇرئان ئىبراھىم ئائىلىسى ۋە ئىمران ئائىلىسىنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسەتكەنىكەن، بۇلارنى باشلامچى بولۇپ ئۆزىگە ئۆرنەك قىلغۇچىلار يەنىلا رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسى بولىشى؛ بۇ ئۈلگىلىك رولغا ماس كەلمەيدىغان ئىشلار، رەسۇلنىڭ ئۆيىدە يۈزبەرگەن تەقدىردە جازاسى قالماسلىقى كېرەك. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، قارشى چىقىش جازاغا، ئىتائەت مۇكاپاتقا لايىقتۇر ( 28 – 36 ).

رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ۋە ئۆيلىرى ئۈستىدىن، ئىنسان ئەقلىگە كەلگەن « مۇئمىننىڭ ئۆيى ۋە ئۇ ئۆيدە ئولتۇرىدىغان مۇئمىن بىر ئائىلە قانداق بولىشى كېرەك؟ » دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بېرىلگەن:

وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَى وَأَقِمْنَ الصَّلَاةَ وَآَتِينَ الزَّكَاةَ وَأَطِعْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنْكُمُ الرِّجْسَ أَهْلَ الْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا (33) وَاذْكُرْنَ مَا يُتْلَى فِي بُيُوتِكُنَّ مِنْ آَيَاتِ اللَّهِ وَالْحِكْمَةِ إِنَّ اللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا (34)

« ئۆيلىرىڭلاردىكى ۋاقىتتىمۇ ئەدەپ – قائىدىنى ئۇنتۇماڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ياسىنىپ چىقىپ جىنسىيىتىڭلارنى نامايەن قىلماڭلار! نامازنى لايىقىدا ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار! ئى ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! اﷲ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ. ئۆيلىرىڭلاردا ئوقۇلىۋاتقان اﷲ نىڭ ئايەتلىرى، ( بولۇپمۇ ئۇلاردىكى )  ھېكمەت ئۈستىدە ئەقىل يۈرگۈزۈڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن سىرلارنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر » ( 33- 34 ).

سۈرىدە، رەسۇلۇللاھنىڭ يېقىنلىرى بىلەن بولغان شەخسى مۇناسىۋەتلىرىمۇ بەلگىلىك پىرىنسىپقا باغلانغان بولۇپ، ھەزرىتى ئائىشەنىڭ « ئەگەر رەسۇلۇللاھ ۋەھىيدىن بىر قىسمىنى يوشۇرماقچى بولغان بولسا، ئۇ بۇلار بولاتتى » دېگەن 37 – 40 – ئايەتلەر ئارىسىدا بايان قىلىنغان شەخسىي ئۆرنەك ئارقىلىق، ئەنئەنىنىڭ قالدۇقلىرى سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ھەمدە ئازادگەردىلەر ( ئازاد قىلىنغان قۇللار )نىڭ جەمىئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ۋەقە رەسۇلۇللاھنىڭ ھاممىسىنىڭ قىزى بولغان زەينەپ بىنتى جاھشنى، بېقىۋالغان بالىسى زەيد بىن ھارىسە بىلەن نىكاھلىشى ئىدى. زەينەپ مەككىدىكى ئابرويلۇق بىر ئائىلىگە تەۋە ھۆر ئايال بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى قوشۇپ قويغان زەيد بىن ھارىسە ئازاد قىلىنغان بىر قۇل ئىدى. گەرچە زەينەپ رازى بولمىسىمۇ، ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولغان بۇ نىكاھ ئوڭۇشلۇق داۋاملاشمىغان. زەينەپ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئۇنى نىكاھىغا ئالغانىدى. زەينەپ بىنتى جاھش، ھەزرىتى نەبى بىلەن توي قىلغاندا 36 ياشقا كىرگەن بولۇپ، پەرزەنتى يوق بىر تۇل ئايال ئىدى. ئۇ ئېرى زەيد بىن ھارىسە بىلەن سۆيۈملۈك رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى يىرالمىغانلىقى ئۈچۈن توي قىلغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۇنىڭ كۆڭلىدە رەسۇلۇللاھ بار ئىدى. ئۇ، رەسۇلۇللاھ بىلەن توي قىلىش تەمەسىدە، 35 يېشىغىچە بارلىق تالىپلىرىنى رەت قىلىپ كەلگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزرىتى زەينەپ بىلەن توي قىلىشى، ھەم بىر جاھىلىيەت ئەنئەنىسى بولغان بېقىۋالغان بالىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن توي قىلالماسلىقتەك ئادەتكە خاتىمە بېرىش، ھەم تەبىقە ئايرىمچىلىقىنىڭ ئورنىغا ئىسلام قېرىنداشلىقىنى دەسسىتىش، ھەمدە ھەزرىتى زەينەپنىڭ قالغان كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.

بۇ سەۋەپلەرگە قارىماستىن، بۇ ۋەقەنىڭ قۇرئان تەرىپىدىن ئەبەدىيلەشتۈرۈلىشى، رەسۇلۇللاھ ھېچ خالىمايدىغان بىر ئىش ئىدى. لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ قۇرئاندا ئورۇن ئېلىشىنىڭ، ۋەھىينىڭ ئىلاھىي مەنبەسىگە قارىتىلغان بارلىق ئېتىرازلارنى بىكار قىلىدىغان بىر تەرىپىمۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئەقلى دەلىل بولمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئايەتلەر ۋەھىي مەنبەسىنىڭ ئىلاھىي ئىكەنلىكىگە دەلىل بولۇپ يېتىپ ئاشىدۇ.

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ « شېھىت » ۋە « خوشخەۋەر بەرگۈچى » ئىكەنلىكى بۇ سۈرىدە بايان قىلىنىدۇ. شېھىت بولۇشنىڭ قۇرئاندىكى مەنىسى « ئۈلگە ۋە ئۆرنەك » بولۇشتۇر. يەنى، ھاياتىنى ئىمانىغا شاھىت قىلىش ۋە ياشىغان دەۋرىنىڭ شاھىدى / گۇۋاھچىسى بولۇشتۇر. بۇ ئىككى رولنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئاللاھ قا چاقىرغان دەۋەتچى ۋە ئەتراپىنى يورۇتىدىغان بىر قەندىل بولۇشتۇر… شېھىت بولۇش، مانا بۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەزىپىدۇر، رولدۇر:

يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا (45) وَدَاعِيًا إِلَى اللَّهِ بِإِذْنِهِ وَسِرَاجًا مُنِيرًا (46)

« ئى نەبى! سېنى بىز ھەقىقەتەن شاھىت، خوشخەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن اﷲ قا دەۋەت قىلغۇچى ۋە ئەتراپىنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق » ( 45 – 46 ).

سۈرىنىڭ داۋامىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭىدىن بەرپا قىلىدىغان ئايەتلەر بايان قىلىنغان، بەزى شەرئى ۋە ئەخلاقى بەلگىلىمىلەر بېكىتىلگەن ( 37 – 59 ). ئىجتىمائىي ئەدەپ ۋە تەربىيە قائىدىلىرىگە كىشنىڭ دىققەت نەزرى ئاغدۇرۇلغان. بۇلار ئارىسىدا مۇئمىنلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىدىكى مېھماندارچىلىقتا رىئايە قىلىشى كېرەك بولغان ئەدەپ – ئەخلاق قائىدىلىرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتىلغان ئەدەب – ئەخلاق پىرىنسىپلىرى بايان قىلىنغان ( 53 ).

قۇرئاندا ئاللاھ نىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا « سالات ( ياردەم ) قىلغانلىقى – ( يۇسەللۇنە ) » بايان قىلىنىدۇ. مۇئمىنلەردىنمۇ ياردەملىرىنى بۇ ئىلاھىي ياردەم بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئىلاھىي تەلەپ، ئەسلىدە ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەخش ئېتىش ئۈچۈن قويۇلغان بىر تەلەپتۇر. ئاللاھ بەندىدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلغاندا، ئېلىش ئۈچۈن تەلەپ قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئاتا قىلىش / بەخش ئېتىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردىمۇ سۆز مۇشۇ مەنىدە. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان سالاۋات ( رەھمەت ئوقۇش ) ئەدەبىياتى، بۇ ئايەتتە ئەمىر قىلىنغان ياردەمنىڭ باشقا بىر شەكلى سۈپىتىدە پەيدا بولغان. لېكىن بۇ ياردەم تەلىپى، ھەرگىزمۇ ئېغىزدىكى سۆزگە چۈشۈرۈپ قويغىلى بولمايدىغان بىر « ئەمەلىي ھەرىكەت » تەلىپى بولۇپ، ئايەتتە مۇئمىنلەردىن تەلەپ قىلىنغان ياردەم ئەسلىدە ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ياردەم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئاغزاكى ياردەمنى كۆرسەتمەيدۇ. « يۇسەللۇنە » ۋە « سەللۇ » پېئىللىرى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇ ئايەت تۆۋەندىكىچە:

إِنَّ اللَّهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا

« شۈبھىسىزكى، اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ھەقىقەتەن نەبىگە ياردەم قىلىدۇ. ئى مۇئمىنلەر! سىلەرمۇ نەبىيگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئىتائەت قىلىشتا ( ئۇ ئۆرنەك بولغاندەك ) اﷲ قا پۈتۈنلەي تەسلىم بولۇڭلار » ( 56 ).

بۇ ئايەتتىن كېيىن كەلگەن « اﷲ ۋە رەسۇلىنى رەنجىتكەنلەر » بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت، تەلەپ قىلىنغان بۇ ياردەمنى قىلىشنىڭ ئورنىغا چوماق بولغانلار ھەققىدە توختالغان بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئىزاھاتىمىزنى تەستىقلىماقتا. بۈگۈننىڭ مۇئمىنى ئاللاھ رەسۇلىغا بولغان ياردەم بۇرچىنى، ئۇ ئامانەت قويۇپ كەتكەن « قۇرئان »غا ساداقەت كۆرسىتىش ۋە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ھايات شەكلى بولغان قۇرئاننى، ئۆزىنىڭ ھاياتىغا تەدبىقلاشتىن ئىبارەت سۈننەتنى تىرىلدۈرۈش بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك.

قۇرئان نازىل بولىۋاتقان شۇ جەمىئىيەتتە ئاللاھ رەسۇلىنى رەنجىتكەن ئىككى يۈزلىمىچى ۋە قەلبى كېسەللىك بىلەن تولۇپ كەتكەن كىشىلەرگە « يامانلىق قىلغۇچىلار يامانلىقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشمەيدۇ » قانۇنىيىتىنى ئەسلىتىدۇ. ئەسلىدە كىم نېمە قىلغان بولسا، شۇنىڭغا لايىق نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقى، ئاللاھ نىڭ سۈننىتىدۇر. ئاللاھ نىڭ سۈننىتى، ئاللاھ نىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر:

سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا

« بۇ اﷲ نىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر، اﷲ نىڭ تۇتقان يولىدا / سۈننىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن » ( 62 ).

سۈرىدە، ئىنكارچىلارنى كۈتىۋاتقان چوڭ ئازاپ تىلغا ئېلىنىدۇ ( 63 – 68 ). سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە ئۈممەتى مۇسانىڭ، ھەزرىتى مۇساغا قىلغانلىرىنى ئۈممەتى مۇھەممەدنىڭمۇ سادىر قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ: « ئى مۇئمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار! » ( 69 ).

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئوچۇق ۋە روشەن بولۇپ، « ئى مۇھەممەد ئۈممىتى يەھۇدىيلەشمەڭلار! » دېيىلمەكتە.

مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ھەر ئىنساننىڭ غايىسى « ئىلاھىي ئامانەت »نى خىيانەت قىلماي، كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش بولىشى كېرەك. ئىلاھىي ئامانەتكە خىيانەت قىلغۇچى، خىيانىتىنىڭ بەدىلىنى ئېغىر شەكىلدە ئۆتەيدۇ. قۇرئاندا « ئامانەت ئايىتى » دەپ ئاتالغان ئۇ ئايەت بۇ سۈرىدە يەر ئالغان:

إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَنْ يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنْسَانُ إِنَّهُ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا

« شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى. لېكىن ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچى، نادان بولۇپ چىقتى » ( 72 ).