مۇۋازىنەتسىزلىكنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرنۈشى
مائىدە سۈرىسىنىڭ 8 – ئايىتىدە كۆرسىتىلگەندەك كەڭ دائىرىدە « مۇتتەقى » بولۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئوتتۇرا ھال بولۇش، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇئامىلە شەكلى سۈپتىدە رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇزۇن داۋاملاشمىدى. مېڭە، يۈرەك ۋە بىلەكنى تەڭپۇڭ بىر شەكىلدە ئىشلەتكەن ئۇ كۈنلەر ناھايىتى تىزلا تارىخقا كۆمۈلدى. بۇ ھەرگىزمۇ، بىباھا ئوتتۇرا ھاللىقنى ئۆز شەخسىيىتىدە شەكىللەندۈرگەن كىشىلەر يېتىشىپ چىقمىدى، دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن، ئۇلار ئەسرى سائادەتتىكىدەك جەمىئىيەتكە ئەكس ئەتتۈرىدىغان شارائىت ۋە پۇرسەتكە ئىگە بولالمىدى.
بىر پۈتۈن گەۋدىدىن ئەڭ ئاۋۋال ئايرىلغان پارچە « بىلەك ( كۈچ ) مۇۋازىنىتى » ئىدى. ئەسرى سائادەتتە، جىھاد بىر كەسىپ ئەمەس ئىبادەت سۈپىتىدە ئادا قىلىناتتى. بولۇپمۇ ئىسلام بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى توساقلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كۆرىشى ئىدى جىھاد. ئۆلۈش ۋە ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىنسانىي شەكلىنى ئۇنتۇپ كەتكىنىگە ئۇزۇن زامان بولغان ئىنسانىيەتكە، ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ئۆلۈشنى ۋە ئۆلتۈرۈشنى ئۆگىتىشنىڭ ئىسمى ئىدى جىھاد. تىنچلىقنىڭ ئەبەدىي كاپالىتى ئىدى.
شۇنداق، بۇلار بىلەن بىرگە، بەندىنىڭ ئاللاھ ئالدىدا بەرگەن ئېمتىھانلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىدى جىھاد. ئۇ، پەقەت ئۇرۇش مەيدانلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەممىدىن بۇرۇن يۈرەكتە باشلايتتى. يۈرەك مەملىكىتىدە مەغلۇپ بولغانلار، ئەڭ باشتا مۇجاھىد بولۇش خاراكتېرىنى يوقۇتۇپ قوياتتى. چۈنكى، مۇجاھىدلارنى جىھاد مەيدانلىرىغا ئۇلاغلىرى ئەمەس، ئىمانلىرى ئېلىپ باراتتى. كۆزىدە نۇر، تىزىدا مادار قالمىغان بىر ئىمان، ساھىبىغا ھايات ئاتا قىلىدىغان كۈچنى يەتكۈزۈپ بېرەلمەيتتى، نەتىجىدە كۆرەشنىڭ بىرىنچى قەدىمىدىلا مەغلۇپ بولاتتى.
نەبەۋىي ( پەيغەمبەرلىك ) سىياسەت سۇلتانى سىياسەتكە، ئادالەت ئىستىبىداتقا ئايلىنىشى بىلەن تەڭ جىھادمۇ كەسىپكە ئايلاندى. چۈنكى، سۇلتانلار ھەققە ۋە خەلققە تايانمايتتى. پۇت تىرەپ تۇرىشى ئۈچۈن بىر « كۈچ »كە مۇھتاج بولۇپ، بۇ كۈچ ئارمىيە / قوشۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇ شەكىلدە بىر پۈتۈن گەۋدىدىن ئايرىلغان قورال / كۈچ، غەنىمەت ھېرسىنىڭ تەسىرى بىلەن رەسمىيلىشىپ ئورگان ھالىغا كەلدى. ھەر ئورگاننىڭ ئۆزىگە خاس بىر ماكانغا ئىھتىياجى بار ئىدى. قورال ئۈچۈن ئۇ ماكان « ھەربىي لاگىر » ئىدى. مۇجاھىد ئۈچۈن مۇئمىن بولۇش كۇپايە قىلمايتتى ئەمدى، « ھەربىي لاگىرغا تەۋە » بولىشى كېرەك ئىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇئمىننى چوڭقۇر چۈشەنچە ئىگىسى قىلغان ۋە رەببانىيلەشتۈرگەن ھەر خىل قۇرئانى فاكۇلتېتلار بولغان ئېتىقاد ( چىن يۈرەكتىن ئىشىنىش )، ئەدەپ، ئىھسان، زىكىر، شۈكۈر، يىغىنچاقلىغاندا، ئىسلام ئېرپانى بىر پۈتۈن گەۋدىدىن ئايرىلدى. ھالبۇكى بۇ تىلغا ئېلىنغانلار، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى بەلگىلىك بىر گۇرۇھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ئىدى. بەلكى ئىمان ۋە تەقۋا بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولغان تەلىم – تەربىيە ئۇسلۇبى بولۇپ، بۇ فاكۇلتېتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسلىرىنى، ھەتتا تەپسىلاتلىرىنى قۇرئاندىن تېپىش مۇمكىن ئىدى. چۈنكى، ئىنساننى « ئەھسەنى تەقۋىم » ئۈستىدە ياراتقان ئاللاھ نىڭ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى تەركىبى بولغان قەلبىنى ۋە روھىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.
ئەمدى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىممەتلەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، مۇسۇلمان بولۇش يېتەرلىك بولمايتتى، ئۇنىڭغا قوشۇپ « خانىقاچى » بولۇش كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسلامنىڭ ئۆز كىشىلىكىگە ئىگە بولغان ئىنسانى يەنە بىر قېتىم زەربە يېگەنىدى. رەسمىي ئورگانلاشقان ھەر بىر قۇرۇلما، ھەر قېتىم بىر پۈتۈن بولغان دىندىن بىر پارچىنى يۇلۇپ ئالاتتى.
« تەسبىھ » ئۆزىگە ماكان تاپقان يەردە، « كىتاپ » ئۆزىگە جاي تاپالماي قالارمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇمۇ ئۆزىگە بىر ماكان تاپتى.
رەسمىي بولمىسىمۇ تارىخى ئۇزۇن بولغان ئىلىم، نىزامىيە مەدرىسلەرنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن رەسمىي شەكىلدە ئورگان ھالىغا كەلدى. سەلەف، ئىلىمنى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن كەسىپ قىلغانىدى ھەمدە بىر ئىبادەت ئىدى ئىلىم. ئۇ ئەبەدىي سائادەتنىڭ بىر ۋاستىسى ئىدى. چۈنكى، « ئاللاھ تىن ھەقىقىي قورقىدىغانلار ئالىملار » ئىدى. تۇنجى مەدرىسە ئېچىلغاندا، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ماۋارا ئۇننەھىر ئۆلىمالىرىدىن بىرسى، « ئاپلا، ئەمدى ئىلىم ئۆلدى » دېگەن ۋە « بىز ئىلىمنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆگىنەتتۇق. شۇڭا ئىلىمگە سەمىمىي ۋە ئىخلاسمەن كىشىلەرلا تالىپ بولاتتى. چۈنكى، بۇ ئىشتا جاپا – مۇشەققەت بار، ھېچقانداق دۇنيالىق مەنپەئەت يوق. ئەمما، بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم، مەدرىسلەر ۋاستىسى ئارقىلىق سۇلتانلار سېتىۋالىدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ئىلىمنىڭ پۇل بولغانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىلىمگە ئىنتىلىدۇ. ئىلىمغا ئىگە بولىدۇ، لېكىن ئىخلاس ۋە تەقۋالىقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ » دەپ قوشۇمچە قىلغانىدى.
شۇنداق، بۇ تەخمىنلەرنىڭ ھەممىسى رىئاللىق ئايلانغانىدى. ئىلىم ئەمدى « ئاخىرەت ئوزۇق – تۈلىكى » ئەمەس، « دۇنيا ئوزۇق – تۈلىكى » بولۇپ قالغانىدى.
مۇۋازىنەتتىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە رەسمىي ئورگانلىشىش ئارىسىدا شەكىللەندۈرگەن مۇناسىۋەتتىن، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىدى دەپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىسلام ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان بىر پۈتۈن ئىنساننىڭ پارچىلىنىشىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، رەسمىي ئورگانلىشىشنىڭ سەلبىي تەسىرىنى كۆرسىتىش زۆرۈر ئىدى. بۇ يەر رەسمىي ئورگان ھالىتىگە كېلىشنىڭ زۆرۈر بولۇپ – بولمىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىش ئورنى ئەمەس. بۇ مەسىلىنى تارىخ جەمىئىيەتشۇناسلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلارغا قالدۇرۇپ، بىر نوقتىنى ئەسكەرتىشنىڭ پايدىسى بار دەپ قارايمەن. يەنى، ھەر قائىدىنىڭ مۇستەسنا ھالى بولىدۇ. رەسمىي ئورگان ھالىغا كېلىشتىن بۇرۇنقى ئۆرنەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىجابىي بولىشى ناتايىن بولغاندەك، رەسمىي ئورگان ھالىتىگە ئايلانغاندىن كېيىنكى ئۆرنەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سەلبىي بولىشىمۇ ناتايىن.
ئىسلامنىڭ ئەسرى سائادەتتىكى مۇۋازىنىتىنىڭ پارچىلىنىش ھېكايىسى ئاساسەن مۇشۇنداق. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭ پەلسەپىسى بارلىققا كەلدى. تەرەپلەر، تەرەپتارلار مەيدانغا كەلدى. بۆلۈنۈش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەگە كېڭەيدى. ئەقىدىمۇ بۇنىڭدىن نېسىۋىسىنى ئالدى. زاھىرى – باتىنى ۋە خانىقا – مەدرىسە مۇنازىرىسى بەزىدە شۇنداق قورقۇنچلۇق پەللىگە يەتتىكى، بۇ جەھەتتە بەزى رايۇنلار توقۇنۇشلارغا سەھنە بولدى. ھەر پارچىنىڭ ئىخلاسمەنلىرى ھۆكۈمدارلارغا يۆلەنگەن ھالدا، قولىدىكى ھەقىقەت پارچىلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈشكە، ھەقىقەتنىڭ باشقا پارچىلىرىنى يوق قاتارىدا ساناشقا باشلىدى.
يىغىنچاقلىغاندا، ھېس – تۇيغۇ، تەپەككۇر ۋە ئەمەل بىر – بىرىدىن ئايرىلغان، ھەر بىرى ئۆزىگە بىر ئىسىم قويۇپ پىرقە ھالىغا كەلگەنىدى. كېيىنكى مەزگىلدە، بۇ ئېقىملار ئۆزىگە خاس ئىلمىي ئۇسلۇب، قائىدە – پرىنسىپىنى شەكىللەندۈردى. ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس لوغەت ۋە ئاتالغۇلىرى بار ئىدى. يامان بولغىنى، « ھەر پىرقە ئۆز دىنى بىلەن خوشاللىناتتى » ( 30:32 ) « بۇ ھەقىقەتتىن بىر پارچە » دېيىشنىڭ ئورنىغا « بۇ ھەقىقەتنىڭ دەل ئۆزى! » دەيتتى. كىشىلەرنى ئۆز تۇتۇپ ماڭدىم دەپ قارىغان ھەقىقەت پارچىسىغا چاقىراتتى، ئۇ پارچىنى تۇتۇپ ماڭغۇچىلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشكەنلىكىنى، قالغانلارنىڭ ئازغۇنلۇق، زالالەت ئىچىدە بولغانلىقىنى داۋا قىلاتتى.
بۇ شەكىلدە باشلانغان پارچىلىنىش بارغانسىرى ئىنسانلىرىمىزنىڭ تەبىئىيتىگە ئايلاندى. كۈنىمىزدە شاھىت بولىۋاتقان بۇ قورقۇنچلىق ۋەزىيەتنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرنۈشى قىسقىچە مانا مۇشۇنداق.
بۇ تارىخىي ئارقا كۆرنۈشنىڭ تەسىرى تېخىمۇ ئېغىر شەكىلدە كۈنىمىزدىمۇ داۋام قىلماقتا. ئۈستۈنلۈكنىڭ تارىختا قېلىپ قالغانلىرى بولىشى مۇمكىن، ئەمما ھېچقانداق بىر رەزىللىك تارىختا كۆمۈلۈپ قالمىدى. كۈنىمىزگە باشقىچە ئۇسلۇب ۋە ئىسىملار بىلەن يېتىپ كەلدى.
بۈگۈن ئىنسانلىرىمىزنىڭ ھېس – تۇيغۇسى، تەپەككۇرى ۋە ئەمەلىگە مۇسەللەت بولغان مۇۋازىنەتسىزلىك، ئاشقۇنلۇق ئۇلىدا، بۇ سەلبىي ئەنئەنە ياتماقتا.
– « يۈرەك دۆلىتى» دىن ئارىيە
يۈرەك دۆلىتى ئۇيغۇرچە ئەپكىتاپ (app) + ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ ( تۈركچە MP3 ئۈنكىتابى ھەدىيە ) | ھايات كىتابىم تورى – https://yuzlen.net/?p=1820