جۇمۇئە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىگە جۇمۇئە ئىسمى، « كەڭ كۆلەملىك تەربىيە » مودىلىنىڭ ئىنسانلىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق ئۆرنىكىنى تەشكىل قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىماسى ( بىر يەرگە جەم بولىشى ) بولغان، ھەمدە كۈنىمىزدىمۇ داۋاملىشىۋاتقان جۈمە نامىزى ھەققىدە نازىل بولغان تۆۋەندىكى ئايەتكە ئاساسەن بېرىلگەن:

« ئى مۇئمىنلەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ ﷲ نى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار،  ئەگەر ( ياخشىلىق بىلەن مەنپەئەت ئارىسىدىكى پەرقنى ) بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر » ( 9 ).

سۈرە نازىل بولغان مەزگىلنى ئېنىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇش قېيىن. بۇ مەسىلىدىكى پەرقلىق قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، 9 – ئايەتنىڭ جۈمە نامىزىنى پەرز قىلغان ئايەت دەپ چۈشۈنۈشتىن كېلىپ چىقماقتا. ھالبۇكى ئايەتنىڭ ئۇسلۇبى، جۈمە نامىزىنىڭ بۇ ئايەت نازىل بولۇشتىن بۇرۇنمۇ قىلىنىۋاتقانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. تارىخىي رىۋايەتلەرمۇ بۇ ھەقىقەتنى تەستىقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئايەتنىڭ بېشىدىكى « إِذَا نُودِيَ »، جۈمە ئەزاننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئوقۇلۇپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

سۈرىنىڭ 1 – 8 – ئايەتلىرى بىلەن 9 – 11 – ئايەتلىرىنىڭ ئىككى پەرقلىق مەزگىلدە نازىل بولغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. لېكىن مەزمۇن نەزەرگە ئېلىنغاندا، ئالدىنقى بۆلۈمنى ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايىتىگە ئاساسەن خەيبەرنىڭ فەتىھ قىلىنىشىغىچە ئارقىغا تارتىدىغان قاراشنى قوللىمايدۇ. چۈنكى 5 – ۋە 6 – ئايەتلەر، مۇسۇلمان – يەھۇدىي مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى قويۇق بولغان بىر مەزگىلگە دالالەت قىلماقتا. 7 – يىلدىكى خەيبەر فەتھى بۇ سۈرە ئۈچۈن ناھايىتى كېيىنكى بىر مەزگىلدۇر. نازىل بولۇش تارىخى، مەدىنىدىكى ئاخىرقى يەھۇدىي قەبىلىسى بولغان بەنى قۇرەيزانىڭ مەدىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىش مەزگىلىگە توغرا كەلمەيدۇ.

بۇ ئەھۋالدا پەرقلىق زامانلاردا نازىل بولغانلىقىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمىزدىمۇ، سۈرىنىڭ ھەر ئىككى بۆلىكىنى ھىجرەتنىڭ 3 – ياكى 4 – يىلىدا نازىل بولغان دەپ قاراش مۇۋاپىق.

سۈرىنى سەف سۈرىنىڭ ئارقىسىغا تىزىش ئەڭ مۇۋاپىق. سەف سۈرىسىدە ئۇرۇش دائىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئىنتىزام مەسلىسى، بۇ سۈرىدە ناماز دائىرىسىدە تەكرار تىلغا ئېلىنغان. مۇئمىنلەرنىڭ سەپ ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى جامىدە، جۈمەدە، جامائەت بىلەن بىرلىكتە جەم قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىنغان.

جۈمە سۈرىسىنىڭ ئانا تېمىسى، مۇسۇلمانلارغا « يەھۇدىيلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار! » ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەسكەرتىش بولۇپ، تەۋراتنى يەتكۈزۈش ۋە ھاياتىغا تەدبىقلاش مەسئۇلىيىتى بېرىلگەن، بىراق بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغان يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالى، « كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەكلەرگە » ئوخشىتىلغان.

مَثَلُ الَّذِينَ حُمِّلُوا التَّوْرَاةَ ثُمَّ لَمْ يَحْمِلُوهَا كَمَثَلِ الْحِمَارِ يَحْمِلُ أَسْفَارًا بِئْسَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآَيَاتِ اللَّهِ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ

« تەۋراتنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بېرىلىپ، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ ھالى خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ( ئەمما دۈمبىسىدىكى كىتاپنىڭ قىممىتىدىن بىخەۋەر بولغان ) ئېشەككە ئوخشايدۇ. ﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ » ( 5 ).

ئەسلىدە بۇ، قۇرئانغىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش مۇئامىلىدە بولىدىغانلارغا بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. سۈرىنىڭ كىرىش قىسمىدا، قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى مۇھاتابلىرىنىڭ كىتاپتىن مەھرۇم ( ئۇممى )  ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ ( 2 ). بۇ ئارقىلىق كىتاپلارنىڭ ئەڭ مۇقەددىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، « كىتاۋى بار ئەمما كىتاپسىز » ھالغا چۈشۈپ قېلىشتەك خەتەرلىك ئەھۋالغا مۇئمىنلەرنىڭ دىققەت نەزرىنى ئاغدۇرۇپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۈممەتى مۇھەممەدكە:

« قۇرئان ۋەھىينى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى سىلەرگە بېرىلدى. بۇ مەسئۇلىيەتنى، پەقەتلا قۇرئاننىڭ ۋاراقلىرىنى قولۇڭلاردا تۇتۇش بىلەن، ئۆيۈڭلاردا، ئىشكاپلىرىڭلاردا، تەكچىلەرگە قويۇپ قويۇش بىلەن ئادا قىلغان بولمايسىلەر. بۇ مەسئۇلىيەتنى قۇرئاننىڭ لەبزىنى يادا ئېلىش بىلەنلا ئادا قىلغان بولمايسىلەر. بۇ مەسئۇلىيەتنى قۇرئاننى ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىپ، ئۆيۈڭلارنىڭ تاملىرىنى بېزەش بىلەن ئادا قىلغان بولمايسىلەر.  بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ شەرتى قۇرئاننى ھاياتنىڭ / تۇرمۇشنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىش ۋە قۇرئان كۆرسەتمىسى بىلەن ياشاشتۇر. ئەگەر بۇنداق قىلمىساڭلار، بەنى ئىسرائىلنىڭ تەۋراتقا قىلغان مۇئامىلىسىنى سىلەر قۇرئانغا قىلغان بولىسىلەر. بەنى ئىسرائىل تەۋراتقا بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن يەھۇدىيلەشتى. سىلەرمۇ قۇرئانغا ئەنەشۇنداق مۇئامىلە قىلساڭلار، سىلەرمۇ يەھۇدىيلىشىسىلەر! » دېمەكتە.

تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەپتىلىك يىغىلىشقا قاتنىشىشنى، ھەر قانداق ماددىي پايدىغا سېتىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ

« ئى مۇئمىنلەر! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپﷲ نى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار،  ئەگەر ( ياخشىلىق بىلەن مەنپەئەت ئارىسىدىكى پەرقنى ) بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر » ( 9 ).

يەھۇدىيلارنىڭ شەنبە كۈنى ھىلىسىنىڭ ئاستىدا ياتقان دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ئىللىتى، تۆۋەندىكى ئايەتتە ئۈستى يېپىق ھالدا ئىما قىلىنغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ كىشىگە. بۇنىڭ تەكتىدە « بىردىنبىر رىزىق بەرگۈچى خەيرىلىك زات » ئاللاھ قا بولغان ئىشەنچسىزلىك ياتماقتا. ھالبۇكى، « ئىمان »نىڭ ئەخلاقى نوقتىدىكى مەنىداش سۆزى « ئىشەنچ قىلىش »تۇر.

وَإِذَا رَأَوْا تِجَارَةً أَوْ لَهْوًا انْفَضُّوا إِلَيْهَا وَتَرَكُوكَ قَائِمًا قُلْ مَا عِنْدَ اللَّهِ خَيْرٌ مِنَ اللَّهْوِ وَمِنَ التِّجَارَةِ وَاللَّهُ خَيْرُ الرَّازِقِينَ

« ئەمما ئۇلار بىرەر تىجارەت مەنپەئەتىنى ياكى تاماشانى كۆرگەندە، سېنى ئۆرە تۇرغان پېتىڭ تاشلاپ، ئۇنىڭغا (يەنى تىجارەتكە) يۈگۈرىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى:

ﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە (يەنى ساۋاب ۋە نېمەت) تاماشادىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر، ﷲ بىردىنبىر ئەڭ ياخشى رىزىق بەرگۈچىدۇر » ( 11 ).