بەييىنە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە، 1 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئېنىق ۋە روشەن دەلىل » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بەييىنە كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) كاپىر بولغانلار ۋە شېرىك قوشۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغانلار، ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل ( بەييىنە ) كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى » ( 1 ).

ئەل – بەييىنە بۇ يەردە نوقۇل ھالدا مۇئەييەن بىر دەلىلنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ يەردە روشەندىن مەقسەت، بۇ ھەقتىكى « ھەر دەلىل »نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېيىنكى ئايەتتىن بۇ دەلىلنىڭ « رىسالەت » ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.

بەزى مۇسھابلاردا بۇ ئىسىم بىلەن يەر ئالغان بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھقا نىسبەت قىلىنغان بىر رىۋايەتتە « لەم يەكۇنىللەزىنە كەفەرۇ » دەپ ئاتالغان ( مۇسلىم ۋە بۇخارى ).

سۈرە يەنە قەييىمە ياكى بەرىييە دەپمۇ ئاتالغان.

سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ مەزمۇنى، ئۇنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقىغا دەلالەت قىلىدىغان بولۇپ، مەككىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى رەت قىلىدۇ. گەرچە سۈرە قىسقا بولسىمۇ، ئايەتلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. ھەزرىتى ئوسمانغا نىسبەت قىلىنغان تەرتىپتە، سۈرە تالاق – ھەشر؛ ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە تالاق – جۇمۇئە سۈرىلىرى ئارىسىدا يەر ئالغان. تالاق سۈرىسىنىڭ بەييىنەدىن ئەڭ ئاز بىر يىل كېيىن نازىل بولغانلىق ئېھتىمالى كۈچلۈك. بەييىنە سۈرىسىنىڭ نازىل بولۇش مەزگىلى ھىجرەتنىڭ 4 – يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدىن بۇرۇن. چۈنكى، بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە ئىما قىلىنغان بەنى نادىر، ھىجرەتنىڭ 4 – يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدىن بۇرۇن مۇھاسىرىگە ئېلىنغانىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، بەييىنە سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان تالاق سۈرىسىنى، نازىل بولۇش سەۋەبى بولغان ۋەقەدىن مەلۇم بولغاندەك، ئەڭ بالدۇر بولغاندا ھىجرەتنىڭ 5 – يىلىغا تىزىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ 6 – يىلى بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ بار. بىزنىڭ تەرتىۋىمىزدە جۇمۇئە – ھەشر سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالماقتا.

سۈرە نازىل بولغان ھىجرى 4 – يىلى، يەھۇدىيلار توختىماي ۋەقە چىقىرىپ تۇرغان يىل ئىدى. « ۋەسىقە » دەپ ئاتالغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلگەندەك، رەسۇلۇللاھ ھىجرەتتىن كېيىن يەھۇدىي قەبىلىلىرى بىلەن قىلغان كېلىشىمگە، كېلىشىم تەرەپتارلىرىدىن بىرى بولغان قەبىلىلەر بىر – بىردىن خىيانەت قىلىشقانىدى. بۇ سۈرە نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى بەنى نادىر كېلىشىمگە خىيانەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىگە يەتكەن ھەقىقەت ۋە روشەن دەلىللەرگە قارىماستىن، ئىنكار قىلىشنى تاللىغانىدى.

سۈرە دەلىل ۋە ئىمان ئارىسىدا بىۋاستە بىر مۇناسىۋەت قۇرىدۇ. سۈرىدە « نىجادلىق، پىشقەدەم ۋە سابىق بولغۇچىغا ئائىت ئەمەس، ئەكسىچە ھەقىقەتكە سادىق بولغۇچىغا ئائىتتۇر » دېگەن ھەقىقەتنى ئانا تېما قىلىنغان.

سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان ئەھلى كىتاپ، مەدىنە يەھۇدىيلىرى ئىدى. گەرچە ئۇلار ۋەھىي ۋە نۇبۇۋۋەت ھەقىقىتىگە ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ، ئاخىرقى ۋەھىي ۋە ئاخىرقى نەبىگە ئىمان ئېيتمىدى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، يەنە ۋەھىي ۋە نۇبۇۋۋەتنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلار بىلەن بىر سەپتە تۇردى. يەنە كېلىپ، بۇنى ھەقىقەتنىڭ روشەن دەلىللىرى ئۆزلىرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى يېقىندا كېلىدىغان بىر نەبى ئارقىلىق مۇشرىك ئەرەپلەرنىڭ ئەدىۋىنى بېرىدىغانلىقىنى داۋا قىلغانىدى ( بەقەرە، 89 ). ھەقىقەت، ئېنىق ۋە روشەن دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققاندا. ھەسەتخورلىقى سەۋەبىدىن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ ئازدى ( بەقەرە، 109 ).

كىتاپ ئەھلى مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىتاپلىرى ۋە ئۆزىگە كەلگەن ئەلچىلەرگىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى نامايەن قىلغانىدى. سۈرە بۇ تارىخىي ۋەقە ئارقىلىق، تەبىئى بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ئىلگىرىكى ۋەھىيگە بولغان ئىتائەت داۋاسىنىڭ ئىسپاتى، ئەلچىلەر زەنجىرىنىڭ ئاخىرقى ھالقىسىغا ئىمان ئېيتىشتا ئەڭ ئالدىدا بولۇشتۇر. ھالبۇكى، ئۇلار مۇشرىكلاردىنمۇ كېيىن قالدى.

وَمَا تَفَرَّقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَةُ (4) وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ وَذَلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ (5)

« كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئۇلار پەقەت اﷲ قىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا، دىن بەلگىلەش ھوقوقىنىڭ پەقەت اﷲ قىلا خاس ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىپ، باتىل بولغان ھەر نەرسىدىن يۈز ئۆرۈشكە، ئىبادەت / نامازنى لايىقىدا ئادا قىلىشقا، زاكات / پاكلىنىشقا ۋە تېخىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن بېرىلىشى كېرەك بولغاننى بېرىشكە بۇيرۇلدى. ئەنە شۇلار ئەبەدىي قىممەتلەر سىستېمىسىدۇر / ( ناماز، زاكات ) توغرا دىندۇر » ( 4 – 5 ).

نۇرغۇن مۇشرىك ئىمان ئېيتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا يەر ئالغاندا، ئۇلار نىجادلىقنى تەسلىمىيەت ۋە ساداقەتتىن ئىزدىمەي، پىشقەدەملىك ۋە سابىق بولۇشتىن ئىزدىگەنىدى.

سۈرە بۇ ئىبرەت ئۈستىدىن ھەر دەۋر ۋە ھەر مۇھاتابقا:

ھەقىقەت ھەر دەۋر ۋە ماكاندا پەرقلىق تىللار، پەرقلىق ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇبلار بىلەن قايتىدىن ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. ھەقىقەتنىڭ يېڭى تەجەللىسىنى پەقەت « بىزگە » ئائىت بولمىغانلىقى ياكى بۇ جەھەتتە پىشقەدەم بولغانلىقىمىز ئۈچۈن رەت قىلىش، بۇ سۈرىنىڭ كاھىشىغا ئۇچراش دېگەنلىكتۇر. سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىدە، شېرىك قوشۇشنى تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرىۋالغانلار « مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ زىيانلىقى » دەپ سۈپەتلىنىدۇ ( 6 ). ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا ماس ھالدا بىر ھايات ياشىغانلار « مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسى » دەپ تونۇشتۇرۇلىدۇ ( 7 ).

مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى بولغان ئىمان ۋە سالىھ ئەمەل ئىگىلىرىگە، رەببى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە « مەمنۇن »لىقنىڭ تەك تەرەپنى ئەمەس، ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ:

«اﷲ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ اﷲ تىن مەمنۇن بولىدۇ » ( 8 ).