ئەل – قادىر بولغان ئاللاھ، كۈچى – قۇدرىتىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلەتمەيدۇ
سوئال: ئاللاھ نىڭ ھەر شەيئىگە كۈچى يېتىدۇ، بۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق. ئۇنداقتا، ئاللاھ كۈچىنى ئىشلەتكەندە ئۆزىگە قويغان پرىنسىپى بارمۇ؟
جاۋاپ: قۇرئان بىزگە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاللاھ كۈچى يېتىدىغان ھەر ئىشنى قىلمىغان بولۇپ، ئۇ كۈچىنىڭ تىزگىنى ئاستىدا ئەمەس، ئەكسىچە كۈچىنى تىزگىنلەپ تۇرغان زاتتۇر. قۇرئاندا ئادەتتە قىلالايدىغان تۇرۇپ قىلمىغان ئىشلار توغرىسىدا توختالغاندا، ئېھتىماللىقنى بىلدۈرىدىغان « لەۋ – مۇبادا » رەۋىشى ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: « مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلار ( مۇناپىقلار )نى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن مەھرۇم قىلاتتى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر » ( بەقەرە، 20 ).
بۇ ئايەتتە « مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى … مەھرۇم قىلاتتى » دېگەندىن كېيىن، بۇ يەردە يېزىلمىغان، بىراق جۈملىنىڭ تۈزۈلىشىدىن چىقىپ تۇرىدىغان بىر جۈملە بار: « بىراق ئاللاھ بۇنى خالىمىدى ». شۇنداق، ناۋادا خالىغان بولسا ئىدى، مۇناپىقلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىغان بولاتتى، ھەم ئېلىپ تاشلىيالايتتى. چۈنكى قادىر ئاللاھ نىڭ بۇنىڭغا كۈچى يېتەتتى. بىراق ئۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمىدى. ئۇنداقتا ئۇ نېمىنى خالىدى؟ ئۇلارنىڭمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئاتا قىلىنغان ئىرادىنى ئىشلىتىشىنى خالىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا پۇرسەت بەردى، تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەردى. شۇنداق تۇرۇپمۇ يەنە نىفاقتا چىڭ تۇرسا، ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان دەھشەتلىك ئاقىۋەتنى كىتاۋىدا ئالدىنئالا بىلدۈردى.
بۇنىڭغا ئوخشاش يەنى بىر مىسالنى ئىلاھى مەشىئەتكە مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئىشلىتىلگەن ئايەتلەردە كۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ، مەسىلەن: « ئۇ ( ئاللاھ ) خالىغان بەندىسىنى / ( مەغپىرەت ) تىلىگۈچىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغانغا / تىلىگۈچىگە ئازاپ قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر » (بەقەرە، 284).
بۇ ئايەت، قادىر بولغان « ھەممە نەرسىگە كۈچى يېتىدىغان » ئاللاھ نىڭ، بۇ كۈچىنى پىرىنسىپسىز رەۋىشتە كەلسە – كەلمەس ئىشلەتمەيدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇنى قۇرئاندىن كۆرۈۋالالايمىز. مەسىلەن: « ئۇ يولدىن چىققانلاردىن باشقىسىنى ئازدۇرمايدۇ » ( بەقەرە، 26 )، « ئۇلار ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھەقتىن بۇرىۋەتتى » ( سەپ، 5 ). دېمىسىمۇ يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئۆتكەن « يَغْفِرُ لِمَن يَشَاء وَيُعَذِّبُ مَن يَشَاء » ئىبارىسىدىكى « يَشَاء » پېئىللىرى ئىككى ئىگىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئىككى ئىگە « ئاللاھ » ۋە « ئىنسان »دۇر. بىر پېئىلنىڭ ئىككى ئىگىنى ئپادىلەيدىغانلىقىدەك بۇنداق ئالاھىدە ئەھۋال، ئاللاھ نىڭ چەكسىز كۈچىنى ئىشلىتىشتىكى بىر پىرىنسىپىنىمۇ كۆرسەتمەكتە. يەنى بۇ پىرىنسىپ شۇ: « ئىنسان كۈچىنى ئىشلىتىشى كېرەككى، ئاللاھ نىڭ ياردىمىگە لايىق بولسۇن ».
ئەل – قادىر ئاللاھ نىڭ كۈچىنى كەلسە – كەلمەس، كەيپى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرىدىن يەنە بىرى تۆۋەندىكى ئايەتتۇر:
ئۇلار: « نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببى تەرىپىدىن بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟ » دەيدۇ. ئېيتقىنكى:
« ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىردۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ » ( ئەنئام، 37 ).
ئايەتتە مۆجىزە چۈشۈرلۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىنكارچىلارغا بېرىلگەن جاۋاپ ناھايىتى ئېنىق: « ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىر ». ھەم قۇرئانى، ھەم تارىخىي بىر رىئاللىق شۇكى، ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزە ئۇلارغا چۈشۈرۈلمىگەن. گەرچە ئايەتتە ئاللاھ نىڭ چەكسىز قۇدرىتى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىنىڭ چۈشۈرۈلمەسلىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا پايدىلىق ئىدى. چۈنكى ئىلگىرىكى قەۋملەر مۆجىزە تەلەپ قىلغاندا، ئۇلارغا مۆجىزە كەلگەن، بىراق ئۇلار ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغان. بۇ ئۇلارنىڭ ھالاك بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى.
بۇنداق بىر ئايەتنىڭ بېشىدا ھەم ئاخىرىدا « ئاللاھ نىڭ قانۇنلىرى »غا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىشى چوڭقۇر مەناغا ئىگە. بۇنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن مەزكۇر پاراگىرافنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنئام سۈرىسى 35-38 – ئايەتلىرىنى بىرلىكتە ئوقۇش كۇپايە.
قادىر، چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە بولىشىغا قارىماي، قۇدرىتىنىڭ ئارقىسىدىن كېتىپ قالمايدىغان زاتنى كۆرسىتىدۇ. ئىلاھى قۇدرەت چەكسىز ۋە مۇتلەقتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەرەزگە ئەمەس، مۇمكىناتقا مەنسۇپتۇر. چۈنكى مۇتلەق قۇدرەتكە ئىگە بولغان ئاللاھ، قادىر سۈپىتى بىلەن قۇدرىتىگە مەنسۇپ ئەمەس، ئەكسىچە قۇدرىتىنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ چەكسىز قۇدرىتىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان كۈچكە ئىگە. ئۇنىڭ خالىغىنىنى خالىغان شەكىل ۋە رەۋىشتە قىلىشىغا ھېچكىم توسالغۇلۇق قىلالمايدۇ. ھېچكىم ئۇنىڭدىن ھېساپ سوراش قۇدرىتىگە ئىگە ئەمەس، ئەمما ئۇ ھەممىدىن ھېساپ سورايدىغان قۇدرەتكە ئىگە. شۇنداقتىمۇ ئۇ، بۇ چەكسىز قۇدرەتنى كەيپى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى تىزگىنلەشكىمۇ قادىردۇر.
ئىنسان ئۈچۈن « قادىر » سۈپىتى ئىشلىتىلسە بولىدۇ. بىراق بۇ ھەر دائىم مۇقەييەت ۋە چەكلىك قۇدرەتنى بىلدۈرىدۇ. ئىنسان ھەرگىزمۇ « ئەل – قادىر » بولالمايدۇ، ئەمما ئەل – قادىرنىڭ تەجەللىسى ۋە لۇتۇف – ئېھسانى بىلەن قادىر بولالايدۇ. ئەگەر ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغان قۇدرەتنى يامان يولغا ئىشلەتسە، ئۇ چەكسىز قۇدرەت ئۇنىڭ ياقىسىغا يېپىشىشقىمۇ قادىردۇر.
سوئال: ئاللاھ شەيتانغا ئىرادە قۇدرىتى ئاتا قىلدى، شەيتان ئاللاھ ئاتا قىلغان بۇ قۇدرەتنى خاتا يولغا ئىشلىتىپ ئاللاھ قا ئاسىي بولدى. بۇ ئەھۋال ئاستىدىمۇ شەيتان « قادىر » ھېساپلىنامدۇ؟
جاۋاپ: ناۋادا شەيتان مەجازى مەنادا بولسىمۇ « قادىر » بولغان بولسا ئىدى، نەپسىگە قادىر بولۇپ ئاللاھ قا ئاسىي بولمىغان بولاتتى. شەيتان شەخسىيەتچىلىكىگە قادىر بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاسىي بولدى. ئەسلىدە ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان ئامانەتنى، نىسپى قۇدرەتنىڭ رەڭدارلىقىغا ئالدانماي، ئۇنى تىزگىنلىگەن بولسا ئىدى، دەل ئۇ چاغدا « قادىر » بولغان بولاتتى. نەمرۇد ۋە پىرئەۋنمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىگە ئامانەت قىلىنغان قۇدرەت بىلەن غادايدى، كۈچىنى تىزگىنلەشكە قادىر بولالمىدى. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ رەڭدارلىقىغا ئالدىنىپ، كۈچىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. تىزگىنلىنەلمىگەن كۈچ ئەسلىدە ئاجىزلىقتۇر. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىدە جەملەنگەن كۈچ – قۇدرەتلىرىنىڭ ئاستىدا قېلىپ، ئېزىلىپ يوق بولدى.
بىلىم، بايلىق، ھۆكۈمرانلىق، ماقام – مەنسەپ، شۆھرەت، نەپسى ۋە شەيتاننىڭ قولىدا ئويۇنچۇققا ئايلانغان ئىنسانلار، كۆرۈنگەندەك يۇقىرىقىلارنىڭ ئۈستىدە كۈچ ۋە قۇدرەتكە ئىگە ئەمەس. بەلكى بۇنىڭ دەل ئەكسىچە يۇقىرىقىلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۈچ ۋە قۇدرەتكە ئىگە.