ئاللاھ ئىنساننى مەجبۇر قىلغان نەرسىگە جاۋاپكار، مەسئۇل قىلغان ئىشقا مەجبۇر قىلمىغان

ئاللاھ بىر شەيئىنى ئايىتى بىلەن چەكلەپ، لەۋھۇلمەھپۇزدا ئۇ شەيئىنى بەندىلىرى ئۈچۈن قازايى -قەدەر قىلمايدۇ. بۇ، ئاللاھ قا قىلىنغان ئەڭ چوڭ بۆھتاندۇر. ئاللاھ بەندىلىرىگە تۇزاق قۇرمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنى بىر ئىشقا مەجبۇر قىلغان بولسا، ئۇ ئىش سەۋەبىدىن بەندىلىرىنى جاۋاپكارلىققا تارتمايدۇ. ئەگەر مەسئۇل قىلغان بولسا، ئۇلارنى ئۇ ئىشقا مەجبۇر قىلمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ ئۈچۈن جائىز بولمايدىغان « تەكلىفى ما لا يۇتاق – قۇربى يەتمەيدىغان ئىشلار »  قاتارىدىندۇر.

ئاللاھ نىڭ « خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار » دېيىشى، ئىنساننىڭ ئىرادە قىلىشىنىڭ، ئەسلىدە ئاللاھ نىڭ قازايى – قەدەرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ ئىنسانغا خالاشنى / تاللاشنى ئەمىر قىلماقتا. ئىنساننىڭ ئاللاھ قا « ياق، يا رەببىم مەن خالىمايمەن » دېگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. ئەلۋەتتە، بۇمۇ بىر خالاشتۇر. بۇنداق بولغاندا، ئىنسان خالىماسلىقنى تاللىغان بولىدۇ. چۈنكى ئىرادە ئاتا قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنساننىڭ خالىماسلىقىمۇ ئىرادىسى بىلەن قىلغان تاللىشىدۇر. دېمەك، بۇنىڭدىنمۇ ھېساپقا ۋە جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. « مەن خالىمىدىم » دېيىش ئارقىلىق قۇتۇلالمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئاللاھ ئۇنىڭغا: « سەن خالىماسلىقنى تاللىۋالدىڭ، كەل تاللىشىڭنىڭ ھېساۋىنى بەر » دەيدۇ.

قۇرئان نۇرغۇن ئايىتىدە « خالاش / تاللاش » پېئىلىنى ئىنسانغا نىسبەت قىلىدۇ: « سىلەردىن ( ياخشىلىقتا ) ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ياكى ئارقىدا قېلىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن… » ( مۇددەسسىر، 37 ).

تۆۋەندىكى ئايەت، ئىنساننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى تاللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: « روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا ( بەخت – سائادەتكە ) يېتىدۇ، نەپسىنى ( كۇفرى ۋە فىسقى – فۇجۇر بىلەن ) چىرىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمۈت بولىدۇ / زىيان تارتىدۇ » ( شەمىس، 9-10 ).

تۆۋەندىكى ئايەتتە، بەندىنىڭ مۇئامىلىسىگە قارىتا، ئاللاھ نىڭ بەندىگە تۇتقان مۇئامىلىسى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن: « ئۇلار ئاللاھ نى ئۇنۇتتى ( يەنى ئاللاھ نىڭ تائىتىنى تەرىك ئەتتى )، ئاللاھ مۇ ئۇلارنى ئۇنۇتتى » (تەۋبە: 67 ).

ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. بىراق بەندىلەر ئازسا، ئاللاھ ئازدۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئۆز تاللىشى نەتىجىسىدە ئازغان بولىدۇ: « سەمۇدقا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق) نى ئارتۇق بىلدى،… » (فۇسىلەت، 17). « ئۇلار (جامائەلەر) دىن ئەلچىلەرنى ئىنكار قىلمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تىگىشلىك بولدى» (ساد، 14).

ئىنسان ئىرادىسىنى مونوپۇل قىلىۋالىدىغان بىر قەدەر چۈشەنچىسى، ئىنساننى تاللاش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق قىلىش ھېساپ كۈننىڭ مەۋجۇدىيەت سەۋەبى بولغان ئىلاھىي ئېمتىھاندىن ئىبارەت ھەقىقەتىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. بۇنداق قىلغان كىشى ياخشى بىلەن ياماننى باپ – باراۋەر كۆرگەن بولىدۇ، ئاللاھ بۇنداق قىلىشتىن پاكتۇر. « ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ياخشىلىق ھېساپلىغان كىشى (ھىدايەت تاپقان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟) » ( فاتىر، 8 ).