image

قۇرئان ئاللاھ نىڭ سۆزىمۇ؟
مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ ئاللاھ نىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىدۇ. بۇ بىر ئىمان ئاساسىدۇر. بۇ ئىماننىڭ ئۇلىدا، « ئىمان » سۆزىنىڭ ئەخلاقى قارشىلىقى بولغان  « ئىشەنچ » يەر ئالىدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتمايدىغانلىقىغا ئىمان ئيېتىدۇ. بۇنىڭغا دەلىل سۈپتىدە، ئۇنىڭ سەمىمى ۋە تەپسىلاتى ھەممىگە مەلۇم بولغان ھاياتىنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىي ئالغاندىن كېيىنكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھاياتىنىڭ مەنبەسى قۇرئان ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتىدا ئىككى يۈزلىكىنىڭ ۋە يالغانچىلىقنىڭ زەررىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى دۈشمەنلىرىنىڭ ئېغىزدىمۇ  « ئەل – ئەمىن ( ئىشەنچلىك كىشى ) » ئىدى. بىر كىشىنىڭ دۇرۇس كىشى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك گۇۋاھلىق، دۈشمەنلىرى بەرگەن شاھىتلىقىدۇر. 
يەنە بىر تەرەپتىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمىن بولىشىنىڭ قۇرئاندىكى دەلىلى، ئۇنىڭ خاتالىقىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنى ئازارلىغان ئايەتلەرنىڭ قۇرئاندا بولىشى بولۇپ، مەككىنىڭ كاتتىلىرىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلماقچى بولۇپ، ئۆزىدىن سۇئال سورىغان بىر ئەما كىشىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق شەكىلدە ئازارلانغان ( 80:3،4 ). غازاتقا بارماسلىق ئۈچۈن ئىجازەت سورىغان مۇناپىقلارغا رۇخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، « ئاللاھ سېنى كەچۈردى، نېمىشقا ئۇلارغا رۇخسەت بەردىڭ؟! » ( 9:43 ) دەپ ئازارلانغان. داۋاسىدا ھەقلىق بولغان بىر يەھۇدىي بىلەن داۋاسىدا ھەقسىز بولغان بىر مۇسۇلماننىڭ داۋاسىنى ئايرىشتا، داۋاسىدا ھەقلىق بولغان يەھۇدىي تەرەپتە تۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئازارلانغان (4:105،107 ). مۇناپىقلارنىڭ جىنازە نامىزىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلىنىدۇ ( 9:84 ). ئۆزى باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى خالىمىغان ئىككى ۋەقە، ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە ۋەھىي ئارقىلىق كىشىلەرگە ئاشكارە قىلىنىدۇ ( 33:37؛ 66:1 ).
قۇرئاننىڭ مەنبەسىنىڭ ئىلاھىي ئىكەنلىكىنىڭ باشقا بىر دەلىلى، قۇرئاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسى ھاياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىلەرگە، ۋەقەلەرگە ۋە ئەلەملەرگە يەر بېرىلمىگەن. قۇرئاندا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئۈچۈن بىر سۈرە ئايرىلغان، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ھەققىدە بىرمۇ ئايەت يوق. ئۇنىڭ ھاياتىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان تۇنجى ئايالى خەدىچە، تاغىسى ۋە ھامىيسى ئەبۇ تالىب، ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ كۆز يېشى قىلغان ئوغلى ئىبراھىم ۋە باشقا پەرزەنتلىرىنىڭ ۋاپاتى قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمايدۇ. بۇ مىساللارنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ.
قۇرئاننىڭ مەنبەسىنىڭ ئىلاھى ئىكەنلىكىنىڭ باشقا بىر ئىسپاتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلىشى مۇمكىن بولمىغان بەزى مەلۇماتلارنىڭ قۇرئاندا يەر ئېلىشى بولۇپ، مەسىلەن: ئالەم بوشلىقىنىڭ كېڭىيدىغانلىقىنى بايان قىلغان زارىيات سۈرىسى 47 – ئايەت، ئاسمان ۋە يەرنىڭ باشتا بىر – بىرى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن ھالەتتە ئىكەنلىكى، كېيىن ئايرىلغانلىقى ۋە ھەر شەيئىنىڭ سۇدىن يارىتىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئەنبىيا سۈرىسى 30 – ئايەت؛ زېمىننى تۇخۇمغا ئوخشاتقان شەمس سۈرىسى 6 – ئايەت؛ شامالنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى چاڭلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان ھىجر سۈرىسى 22 – ئايەت؛ بۇلۇتلارنىڭ يامغۇرنى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن ئىبراھىم سۈرىسى 20 – ئايەت بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتمۈشتىن پەيغەمبەرلەرگە ئائىت مەلۇماتلار ۋە رۇم سۈرىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئىران سانسانىي دۆلىتىنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەر ( 30:2،5 ) بۇنىڭغا مىسالدۇر.
قۇرئاننىڭ مەنبەسىنىڭ ئىلاھى ئىكەنلىكىنىڭ يەنە باشقا بىر دەلىلى، ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىمان ھەرىكەتلىرىدىن بىرىنىڭ، قۇرئان تەربىيەلەپ چىققان ئاز ساندىكى كىشىلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا تارىخنىڭ شاھىت بولىشى بولۇپ، مۇھەممەدى چاقىرىقى / دەۋەتىدىن بىر قانچە ئەسىر ئۆتمەي تۇرۇپلا، بۇ دەۋەتكە ئاۋاز قوشقانلار ياشىغان جاينىڭ ئەڭ غەربتە ئىبەرىق يېرىم ئارىلىدىن شەرقتە ھىندىنوزىيىگىچە، جەنۇپتا سەيلان ۋە سۇمالىدىن شىمالدا كافكازىيە ۋە سىبىرىيەگىچە كېڭەيدى. ئىسلامنىڭ تارىخىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ۋە ئىنسان غەلىبىسىنىڭ بىرىنچى سەۋەبى قۇرئان – ۋەھىيدۇر. بۇ جەھەتتىن قۇرئاننىڭ ۋەھىي بولىشىنىڭ قىيامەتكىچە ھەر كىشىگە ئوچۇق بىرىنىچى دەرىجىلىك ئىسپاتى، ئۇنىڭ ئىنساندىكى ئۆزگەرتكۈچى تەسىرىدۇر. قۇرئاننىڭ خىتاپ قىلىنغۇچىسى ئۈستىدىكى تەسىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئىمان ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. كىشىنىڭ قۇرئانغا ئىمانى ئاشقانسىرى، قۇرئاننىڭ ئۇ شەخس ئۈستىدىكى ئۆزگەرتكۈچى تەسىرىمۇ ئاشىدۇ.