ئاللاھ نىڭ كىتابىدىن بىر دەلىلگە ئاساسلانمىغان ھەر چۈشەنچە بىر ئازغۇنلۇقتۇر

 ئەلبەسرى ئېيتىدۇكى: « ئاللاھ نىڭ كىتابىغا ئاساسلانمىغان ھەر قانداق چۈشەنچە زالالەتتۇر ». ئۇنىڭ بۇ سۆزى قۇرئاننىڭ « ھەقىقەتتىن قالسىلا گۇمراھلىقتىن غەيرى نەرسە مەۋجۇت ئەمەس » ( يۇنۇس، 32 ) ئايىتىنى ئەسلىتىدۇ.

رىسالە باشتىن ئاخىرى ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمگە قانچىلىك ساداقەتلىك بىلەن ئەگەشكەنلىكىنىڭ شاھىدىدۇر. چۈنكى ئۇ قانداقلىكى بىر سۆزنى ئېيتسا، ئارقىدىنلا ئۇ سۆزىدە ئاساسلانغان قۇرئان ئايىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. مۇھاتابى ئابدۇلمەلىكنى دادىللىق بىلەن مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: « ئاللاھ نىڭ قازا ۋە ھۆكمىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرى ۋە ئارزۇلىرىنى تاشلاپ، ساڭا ئوقۇپ بېرىلگەن كىتاپقا قۇلاق سالغىن ».

قۇلاق سېلىشنى تەلەپ قىلغان ئەنفال سۈرىسى 53 – ئايەتنى قەدەرچىلىككە قارشى شاھىت سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئايەت ئاللاھ نىڭ بىر قانۇنيىتى ھەققىدە توختالغانىدى. بۇ قانۇنىيەتكە ئاساسەن ئاللاھ، بىر قەۋمگە ئاتا قىلغان نېئمىتىنى، ئۇ قەۋم ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئۆزگەرتمەيدۇ. يەنى ئاللاھ نىڭ تەقدىرى مەزكۇر قەۋمنىڭ تاللىشىغا باغلىقتۇر. ئاللاھ قەۋمنىڭ گۇمراھلىققا پېتىشىنى تەقدىر قىلمايدۇ، ئىرادە قىلمايدۇ، بۇنداق قىلشقا رازى بولمايدۇ. ئەگەر قەۋم گۇمراھلىقنى تاللىسا، ئاللاھ مۇ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېئمىتىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئەلبەسرىنىڭ مۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى: « نېئمەتنىڭ مەنبەسى ئاللاھ دۇر، نېئمەتنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشى، بەندىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر ».

ئەگەر بەندىلەر « ئاللاھ نېئمىتىنى ئۆزگەرتمىسۇن » دەيدىكەن، ئۇنداقتا ئۆزلىرى ئۇ نېئمەتكە لايىق بولۇشى لازىم. ئاللاھ نىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا بويسۇنماسلىق، نېئمەتكە نانكورلۇق قىلغانلىقتۇر. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، شۇ ئىلاھى قانۇن ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ: « نېئمەتكە شۈكۈر قىلساڭلار، ئۇنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بېرىمەن، ئەگەر كۇپرانى نېئمەت قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم ئەلۋەتتە بەكمۇ قاتتىقتۇر » ( ئىبراھىم، 7 ).

ئۇ ئېيتىدۇكى: « ئاللاھ مەنئى قىلغان نەرسە ئاللاھ تىن ئەمەستۇر، چۈنكى ئۇ ياقتۇرمايدىغان ئىشتىن رازى بولمايدۇ. ياقتۇرغان ئىشتىن رازى بولىدۇ ».

ئىنسان بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن بۇنىڭغا « قەدىر »نى سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتسە، ئاللاھ قا تۆھمەت قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ بىگۇناھ ئىنساننى ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان. ئاللاھ ھارام قىلغان قىلمىشنى « قەدەر » دېيىش، ماھىيەتتە: ئاللاھ بەندىسىنى ئەرىشتىكى كىتابى ئارقىلىق جىنايەتكە مەھكۇم قىلغان، لېكىن يەر يۈزىدىكى كىتابى ( قۇرئان ) بۇنى چەكلەپتۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بىر – بىرىگە زىتتۇر، ئاللاھ قا تۆھمەت قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ بىر ئىشنى چەكلەپ، ئاندىن بەندىسىنى ئۇنىڭغا مەھكۇم ۋە مەجبۇر قىلمايدۇ.

سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە، ئەلبەسرى زۈمەر سۈرىسىنىڭ 7 – ئايىتىنى دەلىل سۈپىتىدە نەقىل قىلغان. بۇ ئايەتتە ئاللاھ كاپىرلىق ۋە نانكورلۇقنىڭ فائىلى ( ئىگىسى ) سۈپىتىدە بەندىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئاللاھ بۇ قىلمىشلارنى ئۆزىگە نىسبەتەن قىلمايدۇ ( ئاللاھ بارچە خاتالىقلاردىن خالىيدۇر ). كۇفۇرلۇق ۋە شۈكۈردىن بىرسىنى تاللاشنى بەندىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ئىرادە ۋە تاللاش ئەركىنلىكىنى بەرگۈچى ئاللاھ تۇر. ئاللاھ بەندىلىرىگە، بۇلاردىن قايسىسىدىن رازى بولىدىغانلىقىنى، قايسىسىدىن رازى بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرىدۇ.

­ ئىنسان ئۆز تاللىشىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالماي، مەسئۇليەتنى ئاللاھ قا ئارتىپ قويىدىغان قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ تېگىدە، ئاللاھ قا قىلىنغان ئەڭ ئېغىر تۆھمەت ياتقانلىقىغا كىشىنىڭ دىققەت نەزرىنى ئاغدۇرۇپ: « باشتا بەندىسىنى بىر ھۆكۈمگە مەجبۇر قىلىپ، ئاندىن بەندىسىنى مەجبۇر قىلىپ قويغان ئۇ ھۆكمىگە رازى بولماسلىق ئاللاھ قا ياراشمايدۇ ».