سەلەفنىڭ توغرا بولغان قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ بۇزۇلۇش جەريانى ھەققىدە

 سەلەفى سالىھىنلارنىڭ سەھىھ قەدەر چۈشەنچىسى، قۇرئاننىڭ ئەسەرى بولۇپ، ساھابە كىراملار ئانىلىرىدىن تۇغۇلۇشتىلا ساھابە بولۇپ تۇغۇلمىغانىدى. ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى جاھىلىيەت ئەقىدىسىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىدى. ھەر ئىنسانغا ياشاۋاتقان مۇھىتى قانداق تەسىر كۆرسەتسە، ئۇلارغىمۇ ئىچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىجتىمائىي جەمىئىيەت تەسىر كۆرسىتىپ، زېھنىدە بەزى چۈشەنچىلەرنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

قۇرئان ئۇلارنى « قاراڭغۇ زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش »قا ۋەدە بەردى. قۇرئان « قاراڭغۇ زۇلمەت » دەپ ئاتىغان نەرسە، ۋەھىي نازىل بولغان جەمىئىيەتنىڭ ئېتىقات، ھېس – تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرى ئىدى. بۇ ئامىللار ۋەھىي بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە يېڭىدىن شەكىللىنەلىسە، شۇنىڭغا ماس ھالدا « قاراڭغۇ – زۇلمەتلەردىن يورۇقلۇققا چىققان » بولاتتى. بۇ ئۇنداق ئاسانغا توختىمىدى. ۋەھىينىڭ 23 يىللىق نازىل بولۇش جەريانىدا، چەكلىك ساندىكى كىشىلەر « ۋەھىينىڭ ئادىمى » دېيىشكە لايىق بولغىدەك سەۋىيەدە ۋەھىي تەربىيىسىدىن ئۆتكەن ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەتراپىدا ئىنسان كۆپ ئىدى، ئەمما ئۇمۇ ئادەم قەھەتچىلىكىنىڭ رىيازىتىنى تارتقانىدى. بىر قېتىم دەردىنى تۆكۈپ بۇ ئاچچىق رىئاللىقنى مۇنداق تىلغا ئالغان ئىدى:

« ئىنسانلارمۇ تۆگىلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بەزىدە يۈز تۇياق تۆگىنى بىر يەردە تاپالىغان بىلەن، ئىچىدىن مىنگىلى بولغىدەك بىرەرسىنىمۇ تاپالماسلىقىڭلار مۇمكىن » ( مۇسلىم، ف.ساھابە، 232 ).

قۇرئان تەربىيىلەپ چىققان چەكلىك ساندىكى بۇ قۇرئان ئادەملىرىنىڭ بىر قىسمى جەڭلەردە شېھىت بولدى، بىر قىسمى ئىچكى ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن زايا بولۇپ كەتتى. پەقەت بىر – بىرىگە قارشى سەپ تارتقان « جەمەل » ئۇرۇشىدىلا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 10000 مىڭغا يەتكەن ئىدى. بۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ سەپ تارتقۇچىلار ساھابىلار ئىدى. ھەممىدىن يامان بولغان نەرسە، بىر – بىرىگە تىغ كۆتۈرۈپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىگىچە بېرىپ تاقالغان بۇ ئىچكى ئىختىلاپلار، كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىدا ساقايماس يارا پەيدا قىلغان ئىدى. بۇ يارا قانداق داۋالىنىدۇ؟ بۇ ئىش قانداق ئىزاھلىنىدۇ؟  ۋىجدانلار نېمە بىلەن پەپىلىنىدۇ؟

بىر مۇسۇلماننى ھەممىدىن بەك بىئارام قىلىدىغان ۋە ھەيران قالدۇرىدىغان مەسىلە، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ قانداقلارچە بىر – بىرلىرىنى ئۆلتۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە ئىختىلاپقا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشى ئىدى. ۋاھالەنكى، قۇرئان « مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر » ( ھۇجرات، 10 ) دېگەن ئىدى. يەنە « ھەممىڭلار ئاللاھ نىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم يېپىشىڭلار، تەپرىقىگە مۇپتىلا بولماڭلار » ( ئالئىمران، 103 ) ۋە « نىزالاشماڭلار، مەغلۇپ بولىسىلەر » ( ئەنفال، 46 ) دېگەن ئىدى.

رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇپ ئەمدى 25 يىل بولاي دېگەندە، ھىجرى 35 – يىلى زۇلھەججە ( مىلادى 656 – يىلى ئىيۇندا ) ئېيىدا، 3 – خەلىپە نامازخان كىشىلەر تەرىپىدىن قەتلى قىلىندى. بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ تېخى تۆت ئاي ئۆتمەيلا، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى جەمەل ( تۆگە ) ئۇرۇشىدا بىر – بىرىگە قىلىچ تەڭلىدى. قۇرئان مەسىللەرنى كېڭەش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئېيتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى مەسىلىنى قىلىچ بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى، كىشىلەرنىڭ ۋىجدانلىرىدا چاقماق سوققاندەك تەسىرى پەيدا قىلدى.

بۇنى قانداق چۈشەندۈرگىلى بولسۇن؟ نېمە دېسە قانائەت ھاسىل قىلمىغان، ئىزاھات بەرمىسە تېخى بولمىغان. بۇ ۋەقەلەرگە بېرىلگەن ئىزاھاتلار، سوئاللارغا جاۋاپ بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يېڭى سوئاللارنى تۇغدۇراتتى.

ئاخىرقى ھېساپتا بەزىلەر بۇنى ئىزاھلاشنىڭ ئەڭ ئاسان يولىنى تاپتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ۋە چۈشەنچىسىنى قۇرئان بەرپا قىلمىغان ئىدى. بەلكىم، بەزىلەرنىڭ نىيىتى ياخشى ئىدى. ئېھتىمالەن بەزىلىرى توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاش كويىدا بولىۋاتاتتى. نەتىجىدە، قۇرئان ئالدىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغدەك قەد كۆتۈرۈپ، ئالدىنى توسۇپ تۇرغان جاھىلىيەت چۈشەنچىسى،  ئۆزىگە ئوغرى يولى تېپىپ، ئالدىدىكى توسالغۇدىن ھالقىپ، ئۆزىنى قايتىدىن يايالايدىغان بىر يول تاپقان ئىدى. ئىزدەۋاتقان چارە تېپىلغان بولۇپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى بىر كەلىمە بىلەنلا ئىزاھلاندى:

قەدەر – تەقدىرى ئىلاھىي.

ئاللاھ شۇنداق تەقدىر قىلغان بولغاچقا، مۇشۇنداق بولغانىدى. بۇنىڭغا كىم بىر نەرسە دېيەلەيتتى؟ بولۇپ بولغان ئىشقا ۋە ئۆلگەنلەرگە چارە تېپىلمايتتى. ساھابىلار بىر – بىرىنى ئۆلتۈرگەندى، بىراق بۇنىڭدا ھېچكىمنىڭ خاتالىقى يوق ئىدى. پەقەت بىرلا جىنايەتچى بار بولۇپ، ئۇمۇ ئېنىق ئىدى: قەدەر.

بۇ ئاتالمىش چارە، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى. نېمىشقا قوللاشقا ئېرىشمىسۇن؟ بىرىنچىدىن، بۇ چارە ئىنتايىن ئەپلىك ئىدى. « قازايى قەدەر » دېيىلگەندە ھېچكىم غىڭ –پىڭ قىلالمايتتى. ھېچكىم قەدەرنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭدىن ھېساپ سورالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە « قەدەر » دېگەن نەرسىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ بولىدىغان بولسا، ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا جۈرئەت قىلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاندىن قالسا، « قەدەر » دەپ جاۋاپ بېرىش، قارا تۈرۈك ئاۋامنىڭ ۋىجدانىنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئەپچىل بىر ئاغرىق پەسەيتكۈچى مەلھەم ئىدى. شۇنداق قىلىپ « كىم ھەقلىق، كىم ھەقسىز؟ » دەپ سۈرۈشتۈرۈش كۈلپىتىدىنمۇ قۇتۇلغان بولدى. « قازايى قەدەر » دېسىلا، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ جىنايىتىنىڭ ھېساۋىنى بېرىشتىن خالاس بولغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپمۇ ئازابىنى پەسلىتىدىغان بىر باھانىگە ئېرىشەتتى. ئەگەر ئوتتۇرىدا ئادالەتنى يۈرگۈزىدىغان بىر كۈچ ۋە ئادىل ھۆكۈمگە رازى بولىدىغان تەرەپمۇ بولمىسا، « قازايى قەدەر » جاۋابى، ئەڭ ئەپچىل بولغان بىردىن – بىر تاللاش يولى بولۇپ قالاتتى.

مۇشۇنداق چۈشەنچىدىكىلەر، زېھنىدىكى يۈكتىن ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بىلەن قۇتۇلدى ۋەياكى قۇتۇلدۇق دەپ گۇمان قىلىشتى. لېكىن ساھابىلەرنىڭ بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈشلىرى « ئاللاھ نىڭ تەقدىرى » ياكى « تەقدىر شۇنداقكەن، بۇنىڭغا نېمە ئامالىمىز بار؟ » دەپ ئۆتكۈزۋېتىش ھەر قانداق كىشى قىلالايدىغان ئىشى ئەمەس ئىدى. بۇ مەسىلىگە باشقىلارغا ئوخشاش قارىمىغانلار تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى:

– ساھابە ساھابىنى ئۆلتۈردى. مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا قىلىچ تەڭلىدى. بۇنى قىلغانلار مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرمىدى؟ بۇنداق قىلماسلىق قولىدىن كەلمەمتى؟

بۇ سوئالغا « شۇنداق، قولىدىن كەلمەيتتى » دېگۈچىلەرنى، مۇخالىپلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا « جەبرىيە » دەپ ئاتىدى.

بۇ سوئالغا « ياق، قولىدىن كېلەتتى » دېگۈچىلەرنى، مۇخالىپلىرى « قەدەرىيە » دەپ ئاتىدى.

جەبرىيە، ئۆزىنىڭ نەزىرىيىسىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن، بەندىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئىنكار قىلدى. قەدەرىيە، جەبرىيەنىڭ ئەكسىچە بەندىنىڭ قىلمىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ كۆرەش پىكىر دۇنياسىدىلا قالغان بولسا، بارچە گۈللەر تەڭ ئېچىلىپ، باغۇ – بوستانلىقلار شەكىللەنگەن، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقاتتى. بىراق بۇ پىكرى مۇنازىرىگە كېيىنكى مەزگىلدە سىياسىئۇنلارمۇ قول تىقتى. ئەمەۋىلەر سەلەفلىرىگە ئوخشاش، جەبرىيىنىڭ نەزىرىيىسىنى سەلتەنەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ بايقاش بىلەن تەڭ، مەسىلە پىكرى مۇنازىرە ساھاسىدىن ھالقىپ، كېيىنچە « جەبرىيە » دەپ ئاتالغان گۇرۇپپنىڭ چۈشەنچىسى دۆلەت ئىدىئولوگىيىسىگە ئايلىنىپ قالدى. بارلىق سەلتەنەتلەر، بۇ چۈشەنچىنى ئۆز ھاكىمىيەتلىرى ئۈچۈن پىشاڭ سۈپىتىدە ئىشلىتىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى.

نەتىجىدە، قۇرئان ئاچقان « مەسئۇليەتنى » ئاساس قىلغان ھۆر ئىرادە يولى بارغانسىرى تارىيىپ، جاھىلىيەتنىڭ « مەسئۇليەتسىزلىك »نى ئاساسىي پرىنسىپ قىلغان قەدەرچى يولى ئۆزىگە خىرىدار يىغىشقا باشلىدى.

ھالبۇكى، قۇرئان بۇ يولنىڭ ئالدىنى توسقان ئىدى. لېكىن جاھىلىيەتنىڭ قەدەرچى ئەنئەنىسى، ئىسلام رىۋايەت ئەدەبىياتىنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىردى. ئۆزىنى رىۋايەتلەرگە يۈدۈگۈزۈپ، قۇرئاننىڭ سىرتىدا، ئەمما قۇرئانغا پاراللىل بولغان بىر پاراللىل قەدەر چۈشەنچىسىنى تىكلىدى.

ھەسەن ئەلبەسرى بۇ يولنىڭ ئاخىرى بېرىپ توختايدىغان يېرىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن، يىراقنى كۆرەلەيدىغان، پاراسەتلىك سەلەف ئالىملىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ يامان يولنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى قۇرئان ئاچقان يولغا ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز دەۋرىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمدارىغا خىتابەن « قەدەر رىسالىسى »نى قەلەمگە ئالدى. بۇ ئارقىلىق يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ماھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ۋەسىقىنى مىراس قالدۇرۇپ بۇ ئالەمدىن كەتتى.