شۇرا سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سۈرە، 38 – ئايەتكە ئاساسەن « مەسلىھەتلىشىپ ئورتاق ئەقىلنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، كېڭەش قىلىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « شۇرا » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
شۇرا كەلىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشىغا قەدەر سوزۇلىدۇ. تۇنجى نەسلىنىڭ بۇ سۈرىنى مەزكۇر ئىسىم بىلەن ئاتىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر رىۋايەت يوق. بەزى تەپسىرلەر سۈرىنى باشلىنىشتىكى ئىككىنجى گۇرۇپ مۇقاتتائات ھەرىپلىرى بىلەن، يەنى « ئەيىن، سىن، قاف » بىلەن، بەزىلىرى « مۇئمىن » ئىسمى بىلەن ئاتىغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. بەزى ئايەتلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا دەپ قارالغان بولسىمۇ، بۇ قاراش ئەنئام سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆلچەملەرگە ماس كەلمەيدۇ. مەزكۇر سۈرە ئائىت بولغان يەتتە سۈرىلىك « ھا، مىم » ئائىلىسىدىكى باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش ھىجرەتكە يېقىن بىر مەزگىلدە نازىل بولغان. مەدىنىدىن كەلگەنلەر بىلەن قىلىنغان ئەقەبە بەيئىتىنى ئىما قىلغان 38 – ئايەت بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرمەكتە.
سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۈچ تەرتىپتە فۇسسىلەت – زوخرۇف سۈرىسى ئارىسىغا، جابەرى نەقىل قىلغان، ئىبنى ئابباسقا نىسبەت بېرىلگەن جابىر بىننى زەيد تەرتىۋىدە كەھف – ئىبراھىم سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بىزنىڭچە ئالدىنقى ئۈچ تەرتىپتىكى ئورنى مۇۋاپىق كۆرۈلمەكتە.
سۈرىنىڭ تېمىسى ۋەھىي ۋە ۋەھىينىڭ رەسۇلۇللاھ ۋە ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرۈش بولۇپ، سۈرە ۋەھىي ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى تەكىتلەنگەن ھالدا باشلىنىدۇ ۋە ئاخىرلىشىدۇ. سۈرىدە ھەيۋە قىلىش ئۇسلۇبى گەۋدىلىك ھالدا نامايەن قىلىنغان.
سۈرە ۋەھىينىڭ مەنبەسى تەكىتلەنگەن ھالدا باشلانغان بولۇپ، ئاللاھ نىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكىگە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ :
لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ
« ئاسمانلاردىكى شەيئىلەر ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭدۇر ( يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، اﷲ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر )، اﷲ ئۈستۈندۇر، كاتتىدۇر » ( 4 ).
سۈرىدە ئاللاھ نىڭ ئىنسانلارنى بىر – بىرىدىن پەرىقلىق ھالدا ياراتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، بۇ پەرىقلەر ئېتىقادنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. ئېتىقادتىكى ئوخشاشماسلىق، ئىنسانغا بېرىلگەن ھۆر ئىرادىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن پەرىقلىق يوللارنى تاللىشىنى ئىرادە قىلمىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئۈممەت ( دىندا ) قىلاتتى. ئۇنداقتا ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلغان:
وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَهُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَكِنْ يُدْخِلُ مَنْ يَشَاءُ فِي رَحْمَتِهِ وَالظَّالِمُونَ مَا لَهُمْ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
« ئەگەر اﷲ خالىسا، ئۇلارنى ( يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى ) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت ( يەنى بىر دىندا ) قىلاتتى، لېكىن اﷲ رەھمەتكە ئېرىشىشنى خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ » ( 8 ).
قۇرئان كائىناتنىڭ سىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرئاننىڭ سىرى ئەسمائى – ھۇسنادا. ئەسمائى – ھۇسنانىڭ سىرى ئاللاھ ئىسمىغا يوشۇرۇنغان. قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنى، مەۋجۇدىيەتنىڭ ئەڭ مۆتىۋىرى ئاللاھ ھەققىدىكى ئايەتلەردۇر. ئاللاھ نى قۇرئاندىن تونۇش، ئاللاھ نى ئاللاھ نىڭ تىلىدىن تونۇشتۇر. بىرسىنى تونۇشنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئۇسۇلى، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن تونۇشتۇر. ئاللاھ نى تونۇشتۇرغان ۋە ئاللاھ نىڭ ئوخشىشى يوق ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى بۇ سۈرىدە يەر ئالىدۇ:
لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ
« ھېچ شەيئى اﷲ قا ئوخشاش ئەمەستۇر » ( 11 ).
سۈرە، قايسى زامان ۋە ماكاندا ياشىغان بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى بىر ئۈممەت دەپ بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ( 13 – 15 ). ئاللاھ ۋە قىيامەت ھەققىدە مۇنازىرىنىڭ ئازدۇرغۇچى تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ( 16 – 18 ). قىيامەت ھەققىدىكى بۇ جۈرئەتلىك مۇئامىلىنىڭ ئاستىدا، دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ۋە تەك دۇنيالىق چۈشەنچىسى ياتماقتا ( 19 – 23 ). تەك دۇنيالىق بۇ گۇرۇھقا قارشى رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتى مۇنداق كۈچلەندۈرۈلمەكتە:
« تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت اﷲ قا يېقىنلىشىش خۇسۇسىدا سىلەردە بىر ئىنتىلىش ۋە مۇھەببەت ( ئويغۇتۇشنى ) ئارزۇ قىلىمەن » ( 23 ).
قىسقىسى، كىم نېمىنىڭ كەينىدىن ماڭسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقىقەت پانىي دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئەڭ يارقىن شەكىلدە بايان قىلماقتا:
مَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الْآَخِرَةِ نَزِدْ لَهُ فِي حَرْثِهِ وَمَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَا لَهُ فِي الْآَخِرَةِ مِنْ نَصِيبٍ
« كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى( ئىشتىياقى )نى زىيادە قىلىمىز. كىمكى دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا كۆزلىگىنىنى بېرىمىز، بىراق ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق » ( 20 ).
بۇ سەۋەپتىن، دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن ۋە ماددى مەنپەئەتكە ئېرىشمەي تۇرۇپ، بارمىقىنى ئويناتمايدىغان قەۋملەر، ئۆزلىرىدىن ھېچقانداق بىر ھەق تەلەپ قىلماستىن، ھاياتىنى ئاتىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى چۈشۈنۈپ يېتەلمىگەنىدى. ئۇلارنى « ساراڭ » دەپ ئەيىپلەشلىرىنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرسى بۇ. ئۇلارنىڭچە ھېچكىم مەنپەئەتنى كۆزلىمەي تۇرۇپ ھېچقانداق بىر ئىش قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا مەنپەئەت پەقەت بۇ دۇنيادىكى مەنپەئەتتىنلا ئىبارەت. پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ بۇ تەك دۇنيالىق چۈشەنچىلىرىنىڭ سىرتىدا بولغانلىقتىن، ئۇلارغا كۆرە پەيغەمبەرلەر ساراڭدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرلەر ھەق ئالمايلا قالماستىن، ئىلكىدىكى بارلىق ئىمكانلارنى بۇ داۋاغا سەرپ قىلىدۇ. مانا بۇ تەك دۇنيالىق بىرسى ئۈچۈن، ئاڭقىرىپ يەتكىلى بولمايدىغان بىر ئىش:
ذَلِكَ الَّذِي يُبَشِّرُ اللَّهُ عِبَادَهُ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا إِلَّا الْمَوَدَّةَ فِي الْقُرْبَى وَمَنْ يَقْتَرِفْ حَسَنَةً نَزِدْ لَهُ فِيهَا حُسْنًا إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ شَكُورٌ
بۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە اﷲ تەرىپىدىن بېرىلگەن خۇشخەۋەردۇر.
ئېيتقىنكى: « تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت اﷲ قا يېقىنلىشىش خۇسۇسىدا سىلەردە بىر ئىنتىلىش ۋە مۇھەببەت ( ئويغۇتۇشنى ) ئارزۇ قىلىمەن ».
كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر ( 23 ).
قۇرئان قەدىمكى ئىنكارچى قەۋملەرنىڭ ئاللاھ قا چاپلىغان تۆھمىتىگە ئاساسەن شەكىللەنگەن « قەدەر / تەقدىر – پىشانە » ئېتىقادىنى پات – پات تىلغا ئالىدۇ. بۇلاردىن بىرسى بۇ سۈرىدە يەر ئالغان. كىشى ئىنكارچى ( كاپىر )، ئەمما قىلمىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ئورنىغا، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتنىڭ ياكى « قەدەر / تەقدىر – پىشانە »، ياكى « تەلەيسىزلىك » ۋەياكى « بەدبەخت »لىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قۇرئان بۇ خىل ئازغۇنلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىدۇ:
« سىلەرگە ( يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا ) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ » ( 30 ).
ئىنسانغا بېرىلگەن دۇنيالىق نېمەتلەر قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۆتكۈنچى نەرسىلەر بولۇپ ( 36 )، بۇ تۈردىكى ئايەتلەر دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشكە قارشى، ئوتتۇراھال بىر چۈشەنچىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن سۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.
مۇئمىنلەرگە ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئورتاق ئەقىل بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان ئايەت ( 38 )، ئۇلارغا كوللىكتىپ ئەقىلنىڭ رەسمىي ئاپپارات خاراكتېرغا ئىگە قىلىنىشىنى مەقسەت قىلغان « شۇرا »نى نىشان قىلىپ كۆرسەتمەكتە. شۇرا كەلىمىسىنىڭ يىلتىزى، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كېڭەش قىلىش، ئەقىللەر مەھسۇلىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئورتاق ئەقىل ھەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئەمەسمۇ؟
سۈرىدە ئاللاھ نىڭ مۇئمىنلەرگە بەخش ئەتكەن نېمەتلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىنسانغا قىلغان ئىلتىپاتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ۋەھىينىڭ كېلىش شەكىللىرى ھەققىدىكى ئەڭ تەپسىلى مەلۇمات، بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان:
وَمَا كَانَ لِبَشَرٍ أَنْ يُكَلِّمَهُ اللَّهُ إِلَّا وَحْيًا أَوْ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ أَوْ يُرْسِلَ رَسُولًا فَيُوحِيَ بِإِذْنِهِ مَا يَشَاءُ إِنَّهُ عَلِيٌّ حَكِيمٌ
« اﷲ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. اﷲ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 51 ).
ھەزرىتى مۇھەممەد، ئابدۇللاھ ئوغلى مۇھەممەد سۈپىتىدە دۇنياغا كەلگەندىلا ئالەملەرگە رەھمەت بولغانمىدى ياكى ئىلگىرى كىتاپ نېمە، ئىمان نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىغان ھالىتىدە، ئاللاھ تەرىپىدىن تاللىنىپ پەيغەمبەرلىك بېرىلدىمۇ؟ مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بولغان ئىككى ئايەتتىن بىرسى بۇ سۈرىدە يەر ئالغان:
« سەن (ۋەھيىدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ » ( 52 ).
بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بولغان ئىككىنجى ئايەت:
« بىز پەقەت ئالەملەرگە رەھمەت بولسۇن دەپ ساڭا رىسالەتنى بەردۇق » ( ئەنبىيا، 107 ) ئايىتىدىن ئىبارەت.
سۈرە تۆۋەندىكى ئەبەدىي ھەقىقەت بىلەن ئاخىرلاشقان:
« بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش اﷲ قا قايتىدۇ » ( 53 ).
يەنى، ئىنسان قىلغان ئىشلار، ئۇنى قىلغۇچى ھەققىدە بىرەر شاھىت سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش ئۈچۈن ئاللاھ قا سۇنۇلىدۇ. مەيلى ياخشىلىق ياكى يامانلىق بولسۇن يېزىلمايدىغان ھېچقانداق قىلمىش يوق.
قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدىغان تەك دۇنيالىق چۈشەنچىگە ئىگە كىشىلەر، قىلمىشلىرىنىڭ يېزىلماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئىشلار ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك بولمايدۇ.