زوخرۇف سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

زوخرۇف، « بېزەك » مەنىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان زىننەت بويۇمى بولغان « ئالتۇن » مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. سۈرىنىڭ 35 – ئايىتىگە ئاساسەن سۈرىگە زوخرۇف ئىسمى بېرىلگەن. بۇ كەلىمە قۇرئاندا ئۈچ يەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بىرسى بۇ سۈرىدە ئۆتىدۇ.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، 79 – 80 – ئايەتلىرىنى ئەبۇ تالىپنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى بىر ۋەقەگە ئىما قىلىنغان دەپ قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئالدىنقى سۈرىدىن كېيىنلا نازىل بولغان بولسا كېرەك. بۇ نۇبۇۋۋەتنىڭ 12 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ. يەتتە سۈرىلىك « ھا، مىم » ئائىلىسىنىڭ تۆتىنجى ئەزاسى سۈپىتىدە شۇرا – دۇخان سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالىدۇ.

سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن ئىچكى پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ھا، مىم بىلەن باشلانغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش، ئىلاھىي يول كۆرسەتكۈچ بولغان ۋەھىي تەكىتلەنگەن ھالدا باشلانغان.

سۈرىنىڭ باشلىنىش بۆلىكىدە ۋەھىيگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەلۇمات ئالدىمىزغا چىقىدۇ:

« سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (مۇقىملاشقان) يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھېكمەتلىك (كىتاب) دۇر » ( 2 – 4 ).

بۇ يەردە « كىتابنىڭ ئانىسى » ياكى « ئانا كىتاپ ( ئۇممۇل كىتاپ )» دەپ ئاتالغان ۋە بىر نوقتىدا مەركىزى ساقلىغۇچى كارتغا ئوخشاش دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدىغان ۋەھىينىڭ ئانا مەنبەسى « لەۋھۇلمەھپۇز ( مۇھاپىزەت قىلىنغان لەۋھە / كارت ) » دەپ ئاتالغان. ۋەھىينىڭ ئەۋەتىلگەن قەۋمىگە قارىتىلغان تىلى بار. ئەمما بۇ تىل ئاللاھ نىڭ ياكى ۋەھىينىڭ تىلى ئەمەس. بۇ تىل ۋەھىي ئەۋەتىلگەن ئىنسانلارنىڭ تىلى بولۇپ، ئىنسانلار كۈندىلىك ھاياتتا ئىشلىتىدىغان بىر تىلدا ئەۋەتىلگەن. ھەر پەيغەمبەرگە ۋەھىي، ئۇ پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن قەۋمنىڭ تىلىدا نازىل بولغان. ئەرەپچە ۋەھىينىڭ سۈپىتىدۇر. بۇ ۋەھىي بارلىق سۈپەتلەردىن خالىي ھالدا ئانا كىتاپتا ساقلانغان. ئانا كىتاپ، بارلىق كىتاپلارنىڭ ئانىسى، ۋەھىينىڭ مەنبەسى بولۇش بىلەن بىرگە، كائىناتنىڭ بارلىق ئىلاھىي قانۇنىيەتلىرىنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۇنداقتا كائىناتنىڭ كائىنات ۋە تەبىئەت قانۇنلىرى بىلەن، سۆز شەكلىدىكى ۋەھىينىڭ سۆزلىك قانۇنلىرى ئوخشاش مەنبەلىرىدىن كەلمەكتە.

سۈرىدە مۇشرىكلارنىڭ ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننى ياراتقۇچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەسلىتىلىدۇ ( 9 ). ۋەھىينىڭ جان بەرگۈچى كۈچىنى ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرۈشى بىلەن سېلىشتۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ ( 11 ).

مۇشرىك ئەقلىنىڭ قىز پەرزەنتلىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى نەخ مەيداندا ئەيىپلەيدۇ:

وَجَعَلُوا لَهُ مِنْ عِبَادِهِ جُزْءًا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَكَفُورٌ مُبِينٌ (15) أَمِ اتَّخَذَ مِمَّا يَخْلُقُ بَنَاتٍ وَأَصْفَاكُمْ بِالْبَنِينَ (16) وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُمْ بِمَا ضَرَبَ لِلرَّحْمَنِ مَثَلًا ظَلَّ وَجْهُهُ مُسْوَدًّا وَهُوَ كَظِيمٌ (17) أَوَمَنْ يُنَشَّأُ فِي الْحِلْيَةِ وَهُوَ فِي الْخِصَامِ غَيْرُ مُبِينٍ (18)

ئۇلار اﷲ نىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى اﷲ نىڭ بىر جۈزئىييى قىلىۋالدى. (بۇنداق قىلغۇچىلار) ئىنسان ھەقىقەتەن اﷲ قا ئاشكارا ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر.

ياكى اﷲ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى (بالا) تۇتۇپ، ئوغۇللارنى سىلەرگە خاس قىلدىمۇ؟

ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە مەرھەمەتلىك اﷲ قا لايىق كۆرگەن نەرسە (يەنى قىز بالا) بىلەن بېشارەت بېرىلسە (يەنى خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنسا)، قايغۇغا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ ۋە: « نېمە؟ زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولۇشتىن ( باشقا بىر ئىشقا يارىمايدىغان )دىن يەنە بىرسى تۇغۇلدىمۇ » دەيدۇ؟ ۋە ئۆزىنى ئوچۇق بولمىغان بىر مۇنازىرىنىڭ ئىچىدە كۆرىدۇ ( 15 – 18 ).

بۇ مۇشرىك ئەقىلنىڭ قىڭغىر بولغان تەقدىر ئېتىقادى ھەققىدە توختالغان ۋە ئاللاھ قا قىلغان تۆھمىتى تىلغا ئېلىنغان:

ئۇلار: « مەرھەمەتلىك اﷲ خالىسا، بىز ئۇلارغا چوقۇنمايتتۇق » دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى (يەنى ئاساسى) يوق، ئۇلار پەقەت پادىغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدۇ ( 20 ).

بۇ، ئازغۇن ئەقىلنىڭ ئاللاھ قا قىلغان تۆھمىتىنى ئىپادىلەيدىغان تەقدىر ئېتىقادىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىدى. بۇ ئەقىلنىڭ دۇنياغا قاتتىق بېرىلىپ كەتكەن ئەقىل ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن بىلەلەيمىز:

ئۇلار: « بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر (يەنى مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن) بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟ » دېيىشتى ( 31 ).

تەقلىد، بۇ ئەقىلگە زىيان بېرىدىغان بىر ئازغۇنلىقنىڭ سەۋەبى سۈپتىدە كۆرسىتىلگەن. شېرىكنى ھايات شەكلىگە ئايلاندۇرغان گۇرۇھلارنىڭ بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە ئاتا – بوۋىسىنى كۆرسەتكەنلىكى بايان قىلغان:

ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار: « ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچىدۇرمىز » دەيدۇ ( 22 ).

سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە، نازىل بولۇش مۇھىتى، مۇشرىكلار ھۆرمەت قىلىپ ئەجدادىمىز دەپ بىلگەن ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ، ئۆز ئاتىسىغا قارشى تەۋھىدنى قانداق مۇداپىئە قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ( 26 ). ئۇنىڭدىن كېيىن نېمەت ئازغۇنلىقىنىڭ قانداق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئەگەر دۇنيا نېمەتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئالدىغا چەكسىز شەكىلدە بېرىلگەن، ئىنسانلار ھەر ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىگە ئاسانلا ئېرىشەلىسە، بۇ ئۇلارنىڭ پايدىسىغا ئەمەس، زېيىنغا بولاتتى:

وَلَوْلَا أَنْ يَكُونَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً لَجَعَلْنَا لِمَنْ يَكْفُرُ بِالرَّحْمَنِ لِبُيُوتِهِمْ سُقُفًا مِنْ فَضَّةٍ وَمَعَارِجَ عَلَيْهَا يَظْهَرُونَ (33) وَلِبُيُوتِهِمْ أَبْوَابًا وَسُرُرًا عَلَيْهَا يَتَّكِئُونَ (34) وَزُخْرُفًا وَإِنْ كُلُّ ذَلِكَ لَمَّا مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَالْآَخِرَةُ عِنْدَ رَبِّكَ لِلْمُتَّقِينَ (35)

« ئىنسانلار ( كۇپۇر ۋە تۇزكورلۇقتا ھەمدەم بولۇپ ) ھەممىسى (كۇفرىدا) بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، مەرھەمەتلىك اﷲ نى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە تەختلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلار تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. (يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى) ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەر) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلارغا خاستۇر » ( 33 – 35 ).

نامازشام قارىغۇسى دەپ ئاتالغان رەڭ قارىغۇلىقىغا گىرىپتار بولغان ئىنسانلار ئەرەپ تىلىدا ئائ`شا دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بىر كۆرۈش ئىقتىدارىدىكى ئاجىزلىق بولۇپ، ئىنسان كۆرگەن نەرسىلەرنى ھەقىقىي ھالىتى بىلەن بىلەلمەيدۇ. قۇرئاندا ئايەتلەرگىمۇ مۇشۇنداق بىر نەزەر بىلەن قاراش ئېھتىماللىقى بار. ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىگە نامازشام قارىغۇسى بىر كۆز بىلەن قارىغانلارنىڭ ئەھۋالى بۇ سۈرىدە تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:

وَمَنْ يَعْشُ عَنْ ذِكْرِ الرَّحْمَنِ نُقَيِّضْ لَهُ شَيْطَانًا فَهُوَ لَهُ قَرِينٌ

« كىمكى مېھرىبان اﷲ نى ۋەز – نەسىھەت بىلەن بولغان بۇ خىتابىغا قىڭغىر نەزەر بىلەن قارىسا، بىز ئۇنىڭغا شەيتان ( باشقا بىر كىشىلىك )نى مۇسەللەت قىلىمىز، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ » ( 36 ).

أَفَأَنْتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ أَوْ تَهْدِي الْعُمْيَ وَمَنْ كَانَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ

كۆرۈشنى خالىمىغانغا ھېچكىم كۆرسەتمەيدۇ. ئاڭلاشنى خالىمىغانلارغا ھېچكىم ئاڭلىتالمايدۇ. مەيلى ئۇ پەيغەمبەر بولسۇن: « (ئى مۇھەممەد!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ يا كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ » ( 40 ).

ھەزرىتى مۇساغا پىرئەۋننىڭ، ھەزرىتى ئىساغا بەنى ئىسرائىلنىڭ قارشى چىققانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ ( 46 – 60 ). بۇ ئارقىلىق مەككىلىك مۇشرىكلارغا بىرىنچىدىن، « پىرئەۋنگە ئوخشاش زۇلۇم قىلماڭلار! »؛ ئىككىنجىدىن، «  ئىچىڭلاردىن چىققان بىر ئاكتىپ ياخشىغا تۆھمەت قىلماڭلار، قارا چاپلاپ، ئەزىيەت يەتكۈزۈپ ئۇنى بوغماڭلار! » دېمەكتە. ھەزرىتى ئىسا ئارقىلىق دېيىلمەكچى بولغان ئىمادىن بىرى، ئۇنىڭ پەرىشتە ئەمەس، بىر ئىنسان ئىكەنلىكىدۇر ( 60 ). سۈرىدە بۇ ئىللەتلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ۋەھىيگە تۇتقان مۇئامىلىسى تىلغا ئېلىنىپ ( 46-56، 63 – 65 )، ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى بايان قىلىنىدۇ.

سۈرە ئىمان ۋە ئىنكارنىڭ، تەۋھىد ۋە شېرىكنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. سۈرىدە ئىنسان مەۋجۇدىيەتتىكى ئىلاھىي مۆتىدىللىقنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان سىراتى مۇستەقىمگە دەۋەت قىلىنىدۇ ( 61، 64 ).

تۆۋەندىكى ئايەت ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر خوشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ:

« بۇ كۈندە جان دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئىدراك قىلىپ، تەقەززاسىنى ئادا قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا » ( 67 ).

تۆۋەندىكى ئىلاھىي خىتاپ ئالدىدا، ئىنسان ئۆز تۈرىنى يولدىن چىقارغانلارنىڭ خىجالەتچىلىكىنى تارتماقتا. تەپەككۇر بىلەن ئوقۇغان كىشىگە « ئاللاھ يەنە نېمە قىلىپ بەرسۇن؟ » دېگۈزىدىغان ئايەت مۇنداق بايان قىلىنغان:

لَقَدْ جِئْنَاكُمْ بِالْحَقِّ وَلَكِنَّ أَكْثَرَكُمْ لِلْحَقِّ كَارِهُونَ

« بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ھەق (دىن) نى كەلتۈردۇق ۋە لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەق (دىن) نى يامان كۆرگۈچىلەردۇر » ( 78 ).

ئۇنداقتا، مۇشۇنداق بىر تۇزكورلۇق پاتقىقىغا پاتقانلارغا قارىتا، رەببىمىز رەسۇلۇللاھتىن ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا؟ قېنى ئوقۇپ باقايلى، سىزنىڭمۇ ئاغزىڭىز مېنىڭكىگە ئوخشاش ھەيرانلىق ئىلكىدە ئېچىلىپ قالىدۇ:

فَاصْفَحْ عَنْهُمْ وَقُلْ سَلَامٌ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ

« سەن ( ئۇلارنىڭ سالامىنى ) خۇشخۇيلۇق بىلەن ئال. يەنى، ( سىلەرگىمۇ ) سالام بولسۇن! دېگىن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار ( ھەقىقەتنى ) بىلىدۇ » ( 89 ).