ئىبراھىم سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە ئىسمىنى، 35 – 41 – ئايەتلەردە بايان قىلىنغان ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىنى ئاللاھ قا ئامانەت قىلىش قىسسەسىدىن ئالغان.

قۇرئاندا بىر قانچە يەردە ھەزرىتى ئىبراھىم ھەققىدە توختالغان بولۇپ، پەقەت بۇ سۈرىنىڭ « ئىبراھىم » ئىسمى بىلەن ئاتىلىشىنىڭ چوڭقۇر مەنىسى بولسا كېرەك. مۇناسىۋەتلىك بۆلەكتىكى بايانلار ئاساسىدا، بۇ مەنىنى ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىدىكى مېمارچىلىق پائالىيىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ، ئۇنى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىش پائالىيىتىدىن ئىزدىشىمىز كېرەك، دېسەك خاتالاشمايمىز. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىگە بولغان ئوغلى ئىسمائىلدىن ئايرىلىشقا رازى بولغان، ئائىلىسىنى « ئېكىنسىز »، گىياھ ئۈنمەس تاغ بىلەن قورشالغان بىر ۋادىغا ئاپىرىپ قويۇش ئارقىلىق، كىشىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىرىنى ئاللاھ قا قانداق ئامانەت قىلىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئابىدىسىنى تىكلىگەنىدى.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ھەققىدە پەرىقلىق قاراشلار يوق.

سۈرە تېما ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. بۇ سۈرە جابىر بىن زەيد تەرتىۋىدە شۇرا – ئەنبىيا، باشقا تەرتىپلەردە نۇھ – ئەنبىيا سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن سۈرىنى، پەيغەمبەر قىسسەلىرى يەر ئالغان بويقۇت مەزگىلىدىن كېيىن نازىل بولغان سۈرىلەردىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ. سۈرىدە بۇ مەزگىلگە ئائىت ساد، ئەئراف، ئىسرا، ئەنبىيا سۈرىلىرىگە ئوخشاش يەھۇدىي ۋە يەھۇدىيلىشىش مەسىلىسى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

ئىبراھىم سۈرىسى مۇقاتتائات ھەرىپلىرى بىلەن باشلانغان 29 سۈرىدىن بىرسى. سۈرە مەزكۇر سۈرىلەرگە ئوخشاش بىۋاستە ھالدا ۋەھىيىنى شىپى كەلتۈرۈپ باشلانغان. بۇ ئۇسلۇبنىڭ بايان قىلىنىش شەكلى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ: « بۇ ئىنسانىيەتنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىشىڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلغان بىر ۋەھىيدۇر » ( 1 ). بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « قاراڭغۇلۇق » كېچە قاراڭغۇلىقى ئەمەس، ئەلۋەتتە.  مەنىۋى قاراڭغۇلۇق بولغان « قاراڭغۇ ئەقىللەر » بولۇپ، ۋەھىي نۇردۇر. خۇددى كۆز ئۈچۈن يورۇقلۇق نېمىنى ئىپادىلىسە، دىل ئۈچۈنمۇ نۇر شۇنى ئىپادىلەيدۇ. ۋھىي نۇرى بىلەن قارىغان قەلب پاراسەت ساھىبى بولىدۇ. ۋەھىينىڭ نۇرى چۈشكەن ئەقىل، قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ يورۇقلۇققا چىقىدۇ. ئۇ ئەقىلنىڭ يۆنىلىشى، يەنى قىبلىسى بار بولىدۇ. چۈنكى، بىر يەردە نۇر بولسا، ئۇ يورۇقلۇقنىڭ بىر مەنبەسى بولغان بولىدۇ. نۇر چۈشكەن نەرسىنى مەنبەسىگە يۈزلەندۈرىدۇ. بۇ يۈزلىنىش ھىدايەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئەگەر نۇر بولمىسا، ئۇ نەرسىنىڭ قىبلىسى بولمايدۇ. چۈنكى، قاراڭغۇلۇقنىڭ مەنبەسى يوق. قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئەقىللەر بىر قاراڭغۇلۇقتىن يەنە بىرسىگە ئاتلاپ يۈرىيدۇ.

بۇ سۈرە مۇقاتتائات ھەرىپلىرى بىلەن باشلانغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش، كىرىش قىسمىدىلا ئىنكارچىلارغا قارىتا ھەيۋە قىلىدۇ: « ( كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ) قاتتىق ئازاپ سەۋەبىدىن ئۇ كاپىرلارغا ۋاي » ( 2 ). قۇرئان يۈز ئۆرىگەنلەر ئۈچۈنمۇ بىر رەھمەتتۇر. چۈنكى، يۈز ئۆرىگۈچىلەرگە تېخى ھايات ۋاقتىدىلا كېلەچەكتە دۇچار بولىدىغان ئازاپتىن ئالدىنئالا خەۋەر بەرمەكتە ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرماقتا. خەتەرلىك يولدا كېتىۋاتقان بىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خەۋەر بېرىش ئۇنىڭ ئۈچۈن يامانلىق ئەمەس، ئەكسىچە ياخشىلىقتۇر. قۇرئانمۇ خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش ئىنكارچىلارغا ياخشىلىق قىلماقتا.

قۇرئاننىڭ ياخشىلىقىدىن پايدىلىنىشنىڭ پەقەت بىرلا شەرتى بار، يەنى ئۇنى چۈشۈنۈش. مانا بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ ھەر پەيغەمبەرنى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەۋەتكەن. بۇ ھەقىقەتنى قۇرئان ئۆلچىمىگە سالساق، قۇرئان ۋە باشقا بارلىق ۋەھىيلەرنىڭ تىلى ئاللاھ نىڭ تىلى ئەمەس، ۋەھىي ئەۋەتىلگەن قەۋمنىڭ تىلىدۇر. قەۋمنىڭ تىلى دېگەنلىك، ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن بىر تىل دېگەنلىك بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت بۇنىڭ سەۋەبىنى « چۈشۈنۈشلىك بولۇش ئۈچۈن » دەپ بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ ئۆزىگە قاراپ باقايلى:

وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ فَيُضِلُّ اللَّهُ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ

« قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە ئىلاھىي ۋەھىينى ئېنىق ۋە چۈشۈنۈشلۈك بايان قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ( سۆزلەيدىغان ) قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاندىن كىمكى ئازغۇنلۇقتا چىڭ تۇرسا، ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدۇ؛ كىمكى ھىدايەت تېپىشنى خالىسا، ئاللاھ ئۇنى ھىدايەت قىلىپ توغرا يولغا باشلايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 4 ).

ۋەھىي ئاللاھ نىڭ مۇرادىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىلاھىي مۇرادنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن ۋەھىنى چۈشۈنۈش شەرت. يەنى، ۋەھىنى چۈشۈنۈش پەرزدۇر. بۇ ھەر مۇئمىنگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە پەرز. قۇرئاننىڭ ئەسلى تىلىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى ۋە تەپسىرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق چۈشۈنۈش مەسئۇلىيىتى بار. قۇرئان، مەيلى ئۇنى ئۇلۇغلاش مەقسىتىدە بولسۇن، ياكى ھەر خىل « چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ئادەتتىكى كىشى چۈشىنەلمەيدۇ » داۋالىرىنى قىلغۇچىلارنىڭ بۇ داۋاسىنى بىكارغا چىقىرىدۇ. قۇرئان ئۆزىنى« مۇبىن » سۈپىتى بىلەن سۈپەتلەيدۇ. مۇبىن ھەم « ئۆزى چۈشۈنۈشلۈك ۋە روشەن  بولغان »، ھەم « باشقا ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرگەن ۋە چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ بەرگەن » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى « ئاللاھ قا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش » بولۇپ، « ئىتائەت »نىڭ ئەسلىدە بىر « شۈكۈر » ئىكەنلىكى كىرىش بۆلىكىدىكى بۇ ئايەت بىلەن ئىپادىلەنگەن:

لَئِنْ شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ وَلَئِنْ كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ

« ئەگەر نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، ( ئۇنى ) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ » ( 7 ).

بۇ ئايەتتىن كېيىن كەلگەن ئايەتتە، شۈكۈر قىلماي تۇزكورلۇق قىلساق، ئاللاھ قا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىمىز بايان قىلىنماقتا. چۈنكى، جىمى ھەمدۇسانالار بىز خالساقمۇ – خالىمساقمۇ ئاللاھ قا خاستۇر. كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقلارنىڭ ھەمدۇساناسى ئاللاھ قا خاستۇر.

وَقَالَ مُوسَى إِنْ تَكْفُرُوا أَنْتُمْ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا فَإِنَّ اللَّهَ لَغَنِيٌّ حَمِيدٌ

مۇسا : « ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر تۇزكورلۇق قىلىپ كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ، ئاللاھ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. چۈنكى ئاللاھ ئەلۋەتتە ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيلەشكە لايىقتۇر » دېدى ( 8 ).

تۇزكورلۇق قىلغۇچىلار ھالاك قىلىنىشقا لايىق بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆرنەك بېرىلگەن ( 9 – 18 ). بۇ قەۋملەر پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئىنسان پەيغەمبەر بولىشىغا ئېتىراز قىلغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار مۆجىزە تەلەپ قىلغانىدى. بۇ ئارقىلىق ھالاك قىلىنغان ئۆتمۈش قەۋملەر ئۈستىدىن ئۆز دەۋرىدىكى ۋەھىنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئاگاھلاندۇرۇلغان. چۈنكى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنسان پەيغەمبەر بولىشىغا ئېتىراز قىلغان ۋە مۆجىزە تەلەپ قىلغانىدى. لېكىن مۆجىز ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىقتىن ئالامەت ئەمەس ئىدى. بىرىنچىدىن، مۆجىزە كەلگەن تەقدىردىمۇ ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇراتتى. ئىككىنجىدىن، ئەگەر مۆجىزە كېلىپ، يەنە ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرسا، ئىلاھىي قانۇنىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئۇلارغا ئىلاھىي ھۆكۈم ھەق بولۇپ ھالاك قىلىناتتى.

ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا ئىلاھىي ۋەھىي ئەۋەتىشى، ئىنساننىڭ يارىتىلىشتىكى مەنا ۋە مەقسىدىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ھەر نەرسىنىڭ يارىتىلىش مەقسىدى ۋە مەناسى بولىدۇ. شەيئىلەرنىڭ مەنا ۋە مۇددىئاغا ئىگە بولۇش قانۇنىيىتى، مەخلۇقاتنىڭ قانۇنى بولۇپ، بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندىكى ئايەت بايان قىلماقتا:

أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ

« ئاللاھ نىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەقىقەتكە ( بىر دەلىل بولسۇن دەپ ) مەقسەت ۋە مەناغا ئىگە قىلغان ھالدا ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ، ئورنىڭلارغا باشقىلارنى يارىتاتتى » ( 19 ).

سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە شەيتاننىڭ ئەشەددىي ۋە ئەبەدىي دۈشمىنى بولغان ئىنسانغا قارىتا ئوينىغان ئوينى بايان قىلىنغان. يەنى:

وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الْأَمْرُ إِنَّ اللَّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدْتُكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ وَمَا كَانَ لِي عَلَيْكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ إِلَّا أَنْ دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِي فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوا أَنْفُسَكُمْ مَا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنْتُمْ بِمُصْرِخِيَّ إِنِّي كَفَرْتُ بِمَا أَشْرَكْتُمُونِ مِنْ قَبْلُ إِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ

ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: « اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى اﷲ قا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ » دەيدۇ ( 22 ).

سۈرە، قۇرئاننىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۆتمۈش – كېلەچەك، دۇنيا – ئاخىرەت، ئىمان – ئەمەل، نىشان – ھەقىقەت، كائىنات – ئىنسان ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن / بايقىيالايدىغان بىر ئەقىل بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ مەقسەتنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىپادىلىگەن ئايەتلەر تۇپراق – يىلتىز، يىلتىز – مېۋە مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشى / گۈزەل – يامان / سەت مىسالى بىلەن بايان قىلغان 24 – 27 – ئايەتلەر بولۇپ، ۋەھىينىڭ مەقسىتى ئىنساننىڭ چاڭقاپ چۆلگە ئايلانغان قەلبىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش ئىدى. بۇ مەقسەتتە ئۇ كالام ئۇرۇقلىرىنى قەلب تۇپرىقىغا چاچىدۇ. شەيتان تېرىغان جەھەننەم ئۇرۇقلىرىنى قەلبتە ئۈنۈپ چىقمىسۇن دەپ، ئىلاھىي كالام جەننەت ئۇرۇقلىرىنى تېرىيدۇ. بۇ ھەقىقەت مۇنداق ئىپادىلەنگەن:

أَلَمْ تَرَ كَيْفَ ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا كَلِمَةً طَيِّبَةً كَشَجَرَةٍ طَيِّبَةٍ أَصْلُهَا ثَابِتٌ وَفَرْعُهَا فِي السَّمَاءِ (24) تُؤْتِي أُكُلَهَا كُلَّ حِينٍ بِإِذْنِ رَبِّهَا وَيَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ (25) وَمَثَلُ كَلِمَةٍ خَبِيثَةٍ كَشَجَرَةٍ خَبِيثَةٍ اجْتُثَّتْ مِنْ فَوْقِ الْأَرْضِ مَا لَهَا مِنْ قَرَارٍ (26) يُثَبِّتُ اللَّهُ الَّذِينَ آَمَنُوا بِالْقَوْلِ الثَّابِتِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآَخِرَةِ وَيُضِلُّ اللَّهُ الظَّالِمِينَ وَيَفْعَلُ اللَّهُ مَا يَشَاءُ (27)

« اﷲ نىڭ مۇنداق بىر تەمسىل كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ. كەلىمە تەييىبە (يەنى ياخشى سۆز، ئىمان كەلىمىسى) يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان. رەببىڭنىڭ ئىزنى بىلەن ۋاقتى ـ ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخقە ئوخشايدۇ. اﷲ كىشىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، ئۇلارغا نۇرغۇن تەمسىللەرنى كەلتۈرىدۇ. يامان سۆز(يەنى كۇفرى كەلىمىسى) زېمىندىن قومۇرۇپ تاشلانغان، ھېچقانداق قارارى يوق ناچار دەرەخقە ئوخشايدۇ. اﷲ مۆمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. اﷲ زالىملا ـ نى گۇمراھ قىلىدۇ، اﷲ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ » ( 24 – 27 ).

بۇ قۇرئاننىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان بىر بۆلىكى بولۇپ، ياخشى سۆز تۇپراقتا يىلتىز تارتقان، شاخلىرى دۇئاغا ئېچىلغان قوللارغا ئوخشاش ئاسمانغا تاقاشقان دەرەخكە؛ يامان سۆز يىلتىزى زېمىندىن قومۇرۇپ تاشلانغان ۋە ھېچقانداق قارارى بولمىغانلىقتىن چېرىپ قۇرۇپ كەتكەن ناچار دەرەخكە ئوخشىتىلغان. بۇ ئوخشىتىشلار ئارقىلىق سۆزنىڭ كۈچىگە كىشىنىڭ دىققىتى ئاغدۇرۇلغان. لېكىن، سۆزنىڭ كۈچلۈك بولالىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەقىقەتنىڭ نۇرى ئاستىدا بولىشى كېرەك. ھەقىقەتتىن ئايرىلغان سۆز، تۇپراقتىن قومۇرۇلغان دەرەخكە ئوخشاش چېرىپ كېتىدۇ.

قۇرئان ئۆرنەك شەخسلەر ئۈستىدە توختالغان. ھەر پەيغەمبەر ئىنساننىڭ خاراكتېر ئوخشاشلىقىغا ئۆرنەكتۇر. يەنە قۇرئان ئىبرەتلىك شەخسلەر ئۈستىدە توختىلىدۇ. نەمرۇد، پىرئەۋىن، ئەبۇ لەھەب بۇلاردىن بىر قانچە مىسال. قۇرئان بۇلاردىن باشقا يەنە ئائىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئىبراھىم ئائىلىسى ۋە ئىمران ئائىلىسى بۇلارغا ئۆرنەكتۇر. ئىمران ئائىلىسى ھەققىدە توختالغان سۈرىلەردىن بىرسى ئىبراھىم سۈرىسىدۇر. قۇرئاننىڭ ئائىلىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىشى، خىتاپ قىلىنغۇچىلارغا بۇ ئائىلىلەرنى ئۆزىگە ئورنەك قىلىپ تىكلىشى ئۈچۈن ئىدى. قۇرئان بۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماستىن، ئۇلارنى ئۆز دەۋرىنىڭ « ھازىر ۋە بۇ يەر »لىرىدە شۇنداق ئۆرنەك ئائىلىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلىنماقتا. يەنى بۇ ئارقىلىق خىتاپ قىلىنغۇچىلارغا « بۇ ئائىلىلەرگە ئوخشاش بىرەر ئۆرنەك ئائىلە » بولۇڭ دېيىلمەكتە.

ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن قىلغان تۇنجى دۇئاسى، ئۇلارنى شېرىكتىن يىراق تەۋھىد ئەھلى بولىشى ئۈچۈن ئىدى ( 35 ). ھەزرىتى ئىبراھىم، ئائىلىسىنى ئاللاھ قا بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ نىڭ مۇقەددەس ئۆيىنىڭ يېنىغا، قۇش ئۇچمايدىغان – كارۋان ئۆتمەيدىغان، ئېكىنسىز، يەنى تېرىقچىلىق قىلغىلى بولمايدىغان بىر ۋادىغا جايلاشتۇرۇپ قويغانىدى. بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردە، بۇ ئەسنادا ھەزرىتى ئىبراھىم بىلەن ھىجرەتنىڭ كېلىنى ھەزرىتى ھاجەر ئارىسىدا مۇنداق بىر دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەنلىكى نەقىل قىلىنغان:

« – بىزنى كىمگە ئامانەت قىلىدىڭ؟ – دېدى ھاجەر. ئىبراھىم:

  • ئاللاھ قا. ھاجەر:
  • ئاللاھ قىمۇ؟ ئۇنداقتا ئاللاھ بىزگە يېتەر!.

ھەزرىتى ھاجەرنىڭ بەرگەن يۇقىرىدىكى جاۋابى، نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم ئائىلىسىنىڭ ئۆرنەك ئائىلە سۈپىتىدە قۇرئاندا بايان قىلىنغان كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ئائىلىسى ئارقىلىق بايان قىلىنغان ھەقىقەت، ئىنساننىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدىكى ھالىتى بولۇپ، بۇ ھەقىقەت چۆرىدەلگەن ئاساستا ئىنساننىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرقى ھالى ۋە ئىستىقبالى تارىخىي ئۆرنەكلەر ئۈستىدىن « ھازىرغا ۋە بۇ ماكانغا » ئېلىپ كېلىنىدۇ ھەمدە بۇ ئۆرنەكلەر ئارقىلىق خىتاپ قىلىنغان كىشىلەرگە ئەبەدىي سائادەت ئۈچۈن چارە – تەدبىر قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، ھەقىقەتتىن كۈچ ئالغان ھەق سۆزدىن يۈز ئۆرىگۈچىلەرنى كۈتىۋاتقان قورقۇنچلىق ئاقىۋەت بولۇپ، بۇ ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ تەك يولى ئاكتىپ ئەقىل ئىشلىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشتۇر:

لِيَجْزِيَ اللَّهُ كُلَّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ (51) هَذَا بَلَاغٌ لِلنَّاسِ وَلِيُنْذَرُوا بِهِ وَلِيَعْلَمُوا أَنَّمَا هُوَ إِلَهٌ وَاحِدٌ وَلِيَذَّكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ (52)

« اﷲ ھەر كىشىنىڭ قىلمىشىغا قاراپ مۇكاپات ياكى جازا بېرىدۇ، اﷲ ئەلۋەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر. كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، اﷲ نىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، بۇ (قۇرئان) تەبلىغدۇر (يەنى كىشىلەرگە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىندى) » ( 51 – 52 ).