ساففات سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە « سەپ – سەپ تىزغانلار / تىزىلغانلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ساففات ئىسمىنى بىرىنچى ئايەتتىن ئالغان. ئايەتتە سەپ – سەپ تىزغانلار ياكى تىزىلغانلارنىڭ كىملەر ۋەياكى نېمىلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن. ئەرەپ تىلىدا بۇ كۆپلىك شەكلى، ئىنسان، پەرىشتە ۋە قۇشقا ئوخشاش ھەرىكەت قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان مەخلۇقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. باشتىكى ئۈچ ئايەتتە ھەر جەھەتتىن ئىتائەت قىلىدىغان مەخلۇقلارنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى 165 – ئايەت تەستىقلايدۇ. بۇ يەردە سەپ – سەپ تىزغانلار / تىزىلغانلار « ۋەھىي » بولىشى مۇمكىن.
بىز ساففات، زارىيات، نازىئات، مۇرسەلات ۋە ئادىيات سۈرىلىرىنىڭ كىرىش قىسمىدىكى نېمىنى سۈپەتلەپ كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان بۇ سۈپەتلەرنىڭ ۋەھىيلەر بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مۇناسىۋىتى بولغان شەيئىلەرنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايمىز.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، بارلىق نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە ئەنئام – لوقمان سۈرىلىرىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان. لېكىن، سۈرىنىڭ 62 – ئايىتىنى دۇخان 43 – ئايەتتىكى ئېتىرازغا جاۋاپ سۈپىتىدە ئوقۇش مۇمكىن. يەنە ئىسرا سۈرىسىنىڭ 60 – ئايىتىنى بۇ سۈرىنىڭ 62 – ئايىتىگە ئىزاھات سۈپتىدە ئوقۇش مۇمكىن. بۇ تەقدىردە سۈرىنى دۇخاندىن كېيىن ۋە ئىسرادىن ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىش كېرەك. لېكىن، بۇ ئەھۋالدا دۇھاننى ھا – مىم ئائىلىسىدىن ئايرىپ چقىش كېرەك، بۇ توغرا بولمىسا كېرەك. ئوچۇق قىلىپ ئېيتساق، بىزمۇ بۇ سۈرىنى قايسى ئورۇنغا تىزىشنى بىلەلمەي قالدۇق.
ئاللاھ نىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا دائىر ۋەدىسىنى ئەسلىتىشى، بۇ سۈرىنىڭ ناھايىتى رەسۇلۇللاھنىڭ ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان بىر مەزگىلدە نازىل بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا ( 171 – 172 ). بۇ تەخمىنەن پەيغەمبەرلىكنىڭ 10 – يىلىدا، ئەقەبە بەيئىتى ئارقىلىق مەدىنە ئۈمىدىنىڭ شەكىللىنىشىدىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئىنساننىڭ ئاخىرەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشتۇر. 1 – 11 – ئايەتلەردە، خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئاساس قىلىنغان مەككە سۈرىلىرىنىڭ ئۇسلۇبى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، ئايەتلەر قىسقا، دىققەت تارتىدىغان ۋە تەسىرى قىلغۇچى ئالاھىدىلىككە ئىگە. سۈرىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئايىتىدە ئۈچ سۈپەت بايان قىلىنغان، لېكىن بۇ سۈپەت ئىگە بولغۇچىلار تىلغا ئېلىنمىغان. يەنى بۇ ئايەتلەردە ئالاھىدىلىكلەر بايان قىلىنغان، ئەمما بۇ ئالاھىدىلىك ياكى سۈپەتلەر بىلەن نېمىنىڭ نەزەردە تۇتۇلغانلىقى ئېنىق بايان قىلىنمىغان.
وَالصَّافَّاتِ صَفًّا (1) فَالزَّاجِرَاتِ زَجْرًا (2) فَالتَّالِيَاتِ ذِكْرًا (3)
« سەپ – سەپ تىزغانلار ۋە تىزىلغۇچىلار، ۋازكەچتۈرۈپ ئالدىنى توسقانلار، ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئارقا – ئارقىدىن كەلگەنلەر بىلەن قەسەمكى،… » ( 1 – 3 ).
بەلكىم، بۇ يەردە سۈپىتى بايان قىلىنغان شەيئى ۋەھىي بولسا كېرەك. چۈنكى، سەپ بىر مەقسەت بىلەن يان – يانغا تىزىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. تىلاۋەتمۇ « بىر مەنا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىپلەرنىڭ، كەلىمىلەرنىڭ، جۈملىلەرنىڭ يان – يانغا تىزىلىشى » دېمەكتۇر. ساھابىلەرنىڭ قارىيلىرى ۋە تابىئىنىلارنىڭ ئالىملىرىدىن قاتادە بىننى دىئامە بۇ سۈپەتلەر بىلەن ۋەھىينى ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ نەزەردە تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
داۋام قىلغان ئايەتلەرنىڭ ۋەھىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى بۇ تەبىرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۈچەيتمەكتە. بولۇپمۇ بۇ ئايەتلەردە ۋەھىي مەنبەسىنىڭ مۇھاپىزەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ( 6 – 10 ).
سۈرىدە تەۋھىد مەسىلىسى ئايەتلەردە يېپىق ھالدا تەكىتلەنگەن. ئىنساننىڭ لايدىن يارىتىلغانلىقى بۇ سۈرىدە ئىما قىلىپ ئۆتۈلگەن ( 11 ). ئىنكارچىلارنىڭ ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ( 14 ). بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىپ « بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ » دېيىشلىرىچۇ تېخى؟ ( 16 ). بۇ پەقەت ئاللاھ نىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىكى بۇنچە ئەجرىنى ۋاستىلىق شەكىلدە ئىكار قىلىشلا بولۇپ قالماي، ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىشتىن قاچقانلىقتۇر. جىنايەت ۋە گۇناھنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغانلارنىڭ ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس ( 18 – 34 ). ئايەتلەر بويىنچە يامانلار ئالىدىغان جازا ۋە ياخشىلار ئالىدىغان مۇكاپات بايان قىلىنغان. ئىلاھىي قانۇن ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، يامانلار جازالىنىدۇ، ياخشىلار مۇكاپاتلىنىدۇ. يامانلارنىڭ ئۆزلىرىگە « ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ يولى »نى شىپى كەلتۈرۈشىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەزرىتى ئىبراھىم مىسال قىلىپ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق چوقۇم ئاتا – بوۋىمىزنىڭ يولىدىن ماڭىمىز دېگۈچىلەرگە، ئىمان پىشىۋاسى ئىبراھىمنىڭ يولىنى تۇت دېمەكتە. لېكىن، ئۇلار خاتا يولنى تاللىغان: « ئۇلار ئاتا – بوۋىلىرىنى خاتا يول ئۈستىدە تاپتى. لېكىن ئۇلار ئاتا – بوۋىسىنىڭ يولىدىن يۈگۈردى » ( 69 – 70 ).
ياخشىلارنىڭ مۇكاپاتى توققۇز پەيغەمبەر ئۈستىدىن بايان قىلىنغان. يەنى، ھەزرىتى نۇھ، ھەزرىتى ئىبراھىم، قۇربانلىق قىلغان ئوغلى بايان قىلىنغان قىسسەدە ئىسمى زىكىر قىلىنماستىن تىلغا ئېلىنغان ھەزرىتى ئىسمائىل، ھەزرىتى ئىسھاق، ھەزرىتى مۇسا، ھەزرىتى ھارۇن، ھەزرىتى ئىلياس، ھەزرىتى لۇت، ھەزرىتى يۇنۇس ( 75 – 148 ).
بولۇپمۇ ھەزرىتى ئىبراھىم قىسسەسى بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنىپ، باشقا سۈرىلەردە ھەزرىتى ئىبراھمى ھەققىدە بايان قىلىنمىغان بىر ۋەقە، يەنى ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ بىر تال ئوغلىنى قۇربان قىلىپ چۈش كۆرۈشىدىن ئىبارەت ئېغىر ئېمتىھان بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق قۇربانلىق بەرمەي تۇرۇپ مۇكاپاتقا / نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت، خىتاپ قىلىنغۇچىلارنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈش مەقسەت قىلىنماقتا: « بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز »:
رَبِّ هَبْ لِي مِنَ الصَّالِحِينَ (100) فَبَشَّرْنَاهُ بِغُلَامٍ حَلِيمٍ (101) فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ السَّعْيَ قَالَ يَا بُنَيَّ إِنِّي أَرَى فِي الْمَنَامِ أَنِّي أَذْبَحُكَ فَانْظُرْ مَاذَا تَرَى قَالَ يَا أَبَتِ افْعَلْ مَا تُؤْمَرُ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّابِرِينَ (102) فَلَمَّا أَسْلَمَا وَتَلَّهُ لِلْجَبِينِ (103) وَنَادَيْنَاهُ أَنْ يَا إِبْرَاهِيمُ (104) قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا إِنَّا كَذَلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ (105)
« رەببىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن ». بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق. ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: « ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىپ چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سەن بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟ » دېدى. ئۇ ئېيتتى: « ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، ئاللاھ خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن ». ئىككىسى (اﷲ نىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى. بىز ئۇنىڭغا: « ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ) » دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز ( 100 – 105 ).
بارلىق ئازغۇنلۇقنىڭ تەكتىدە ئاللاھ تەسەۋۋۇرىدىكى خاتا چۈشەنچە ياتىدۇ. بۇ ئازغۇنلۇقنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئاللاھ بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان شېرىك كەلمەكتە. كۆرۈندىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان بىر قاتار نەرسىلەرگە ئاللاھ قا ئائىت سۈپەتلەرنى بېرىش شېرىكتۇر ( 149 – 166 ). ھالبۇكى: « قۇدرەت ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر » ( 180 ).
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسىنى سۈرىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن « مۇخلاسىن » كەلىمىسى گەۋدىلەندۈرمەكتە. يەنى: « ئىمانىنى ساپ ۋە پاك تۇتۇش تىرىشچانلىقىنى ئاللاھ كۈچەيتىپ بەرگەن بەندىلەر ». قۇرئاندا 8 يەردە تىلغا ئېلىنغان بۇ كەلىمە، بۇ سۈرىدىلا بەش قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بۇ نوقتا نەزەردە تۇتۇلغاندا، مەزكۇر سۈرىنى « ئىخلاس » سۈرىسى دەپ ئاتىساقمۇ خاتالاشمايمىز.
رەببىم! بىزنى مۇخلىس بولغان ۋە ئىخلاس بېرىلگەن بەندىلەر قاتارىدىن قىلغىن!