مۈلك سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سۈرە، ئاللاھ نىڭ « مۇتلەق ھۆكۈمران ۋە ھۆكۈم ئىگىسى » ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن مۈلك ئىسمىنى بىرىنچى ئايەتتىن ئالغان:
« ( پۈتۈن ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ) ھۆكۈمرانلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر » ( 1 ).
قەدىمقى تەپسىر ۋە ھەدىس مەنبەلىرىدە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. سۈرىنىڭ بۇ ئىسمىدىن باشقا يەنە ئالتە ئىسىمى بار.
بىر رىۋايەتكە قارىغاندا ساھابىلەر بۇ سۈرىنى مانىئە ( مەنئى قىلغۇچى ) دەپ ئاتىغان ( تەبەرانى ). ئوقۇغان كىشىگە ئازاپتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىغان.
ئىتقان، مۇنجىيە ( قۇتقازغۇچى ) ئىسىمى بىلەن ئاتىغان. چۈنكى، بۇ سۈرىنى ئوقۇغان كىشىگە جەھەننەمدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە، دافىئە ( قوغدىغۇچى، ساقلىغۇچى ) دەپمۇ ئاتىغان بولۇپ، بۇ سۈرىنى ئوقۇغان كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىدىغان يوللارنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا شافىئە دەپمۇ ئاتالغان ۋە بۇ سۈرىنى ئوقۇغان كىشىنى قىيامەتتە شاپائەت قىلىدىغانلىقى سەۋەپ قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مۇجادىلە دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، « مۇنكەر ۋە نەكىر پەرىشتىلىرىنىڭ بۇ سۈرىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ پايدىسىغا كۆرەش قىلىدىغانلىقى »غا ئوخشاش تالاش – تارتىش قىلىنىدىغان بىر « دەلىل » سەۋەپ قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا مۇخەللىسە دەپمۇ ئاتالغان. بۇ سۈرىنى ئوقۇغان كىشىنى زابانى ( جەھەننەم پەرىشتىلىرى )لارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغانلىقى سەۋەپ قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
يۇقىرىدىكىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر سۈرىنىڭ ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، مەككە سۈرىلىرىدە گەۋدىلىك بولغان بالاغەتنى ئاساس قىلغان قىپايىسى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە.
جابىر تەرتىۋىدە مۇئمىنۇن – ھاققا، باشقا تەرتىپلەردە تۇر – ھاققا سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. بىزنىڭ تەرتىۋىمىزدە تۇر – غاشىيە سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ تەخمىنەن رىسالەتنىڭ 9 – يىلىغا توغرا كەلمەكتە. 28 – ئايىتىدە رەسۇلۇللاھقا قارشى پىلانلانغان سۈيقەستنى ئىما قىلىشى بۇ تارىخنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۈچەيتىدۇ.
سۈرە، ئاللاھ – ئىنسان – كائىنات مۇناسىۋىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ھايات سەپىرىدىكى ئىنساننىڭ ۋەھىينىڭ يېتەكچىلىكىگە مۇھتاج ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. سۈرىدە ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ماھىيىتىگە كىشىنىڭ دىققىتى ئاغدۇرۇلغان بولۇپ، ئىنساندىن ئىبارەت شاھ ئەسەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىككى دۇنيالىق ئىكەنلىكى سۇئالىغا، سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىلا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېيىلگەن: « قايسىڭلارنىڭ ئەمەلىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن » ( 2 ). ئاندىن ئىنساندىن، ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان كائىناتنىڭ قۇسۇرسىز بىر نىزامى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشى تەلەپ قىلىنغان:
الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَوَاتٍ طِبَاقًا مَا تَرَى فِي خَلْقِ الرَّحْمَنِ مِنْ تَفَاوُتٍ فَارْجِعِ الْبَصَرَ هَلْ تَرَى مِنْ فُطُورٍ (3) ثُمَّ ارْجِعِ الْبَصَرَ كَرَّتَيْنِ يَنْقَلِبْ إِلَيْكَ الْبَصَرُ خَاسِئًا وَهُوَ حَسِيرٌ (4)
« ئۇ يەتتە ئاسماننى مىسلىسىز ماسلىشىش ئىچىدە ياراتتى. رەھماننىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن؛ ( ئاسمانلارغا ) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟ ئاندىن سەن يەنە قايتا – قايتا قارىغىن، كۆزۈڭ ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ » ( 3 – 4 ).
يەنى، تەڭدىشى يوق بۇ كائىناتنىڭ بىر مەنىسى ۋە مەقسىتى بولىدۇ – يۇ، كائىنات خىزمىتىگە بويسۇندۇرۇلغان ئىنساننىڭ يارىتىلىش مەقىسىتى بولمامدۇ؟ ئەقىل ۋە ۋەھىي، ئىنسانغا مەنا ۋە مەقسىتىنى تېپىش ئۈچۈن بېرىلگەن. جەھەننەمگە تاشلانغانلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ ھەقىقەت مۇنداق بايان قىلىنغان:
« ئەگەر بىز بۇ ( ۋەھىيگە ) قۇلاق سالغان ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ ئۇنى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق » ( 10 ).
ئەقىل ۋە نەقىل … بۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئىنساننى ھەقىقەتكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئىككىسىدىن يۈز ئۆرىگۈچى، ئاللاھ قا تۇزكورلۇق قىلغان بولىدۇ. تۇزكورلۇق قىلغۇچىلار جازاغا تارتىلىدۇ ( 13 – 18 ). ئىنساننى پەقەت چەكسىز مەرھەمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئۆزى ھىمايە قىلىدۇ ( 20 ). ئىنسان يارىلىشتىنلا ئاللاھ قا قەرز ( 23 – 24 ). بۇ قەرزدارلىق تۇيغۇسى بولغان ئەد – دىندىن يۈز ئۆرىگۈچىلەر ھېساپ سورىلىدىغان دىن كۈنىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇلغان ( 23 – 27 ).
سۈرە، ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا، بۇ پوزىتسىيىسىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، دۇچار بولىدىغان ئاقىۋەتتىن خەۋەر بېرىپ ئاخىرلاشقان ( 28 – 30 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى ھەقىقەتەن مەنىلىك بولۇپ، ھەم ھايات ھەم مۆجىزە ھەمدە جانلىق بولغان سۇغا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق سۇ ئۈستىدىن ئىنسان روھىنىڭ سۈيى بولغان ۋەھىيگە كىشىنىڭ نەزرىنى بۇرىماقتا. ھەر يەردە « سۇلار سەلگە ئوخشاش » كۆپ تېپىلىدىغان بولسىمۇ، كۆپ بولىشىغا قارىماي ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە ئىززىتى كېمىيىپ قالمايدىغان سۇ، ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا بولغان سېخيىلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. ئەگەر سۇلار تارتىلىپ كەتسە ۋە ئىنسان ئۇنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنسا، بىر ئىستاكان سۇ ئۈچۈن ھەق ئالماستىن بىكارغا بەرمەيتتى:
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَاؤُكُمْ غَوْرًا فَمَنْ يَأْتِيكُمْ بِمَاءٍ مَعِينٍ
« ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر سۈيىڭلار ( يەر ئاستىغا ) سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە پاك ئېقىن سۇلارنى كىم كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ » دېگىن ( 30 ).
رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەردىن بۇ سۈرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە كەلگەن رىۋايەتلەر، كىشىنىڭ دىققىتىنى سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاغدۇرۇش مەقسىتىدە ئېيتىلغانلىقى ئاساسىدا چۈشۈنۈلىشى كېرەك.