تۇر سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سىنا تېغى ئىما قىلىنغان « ئۇلۇغ تاغ » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تۇر » ئىسمى سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان.
بىرىنچى نەسىلدىن بۈگۈنگىچە « تۇر » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. تۇر دەپ ئاتالغان سىنا تېغى، سىنا يېرىم ئارىلىدىكى تىھ سەھراسىنىڭ چەت بىر قىسمىغا جايلاشقان ۋە مەزكۇر رايۇندىكى تۈزلەڭلىكدە ناھايىتى ھەيۋەتلىك تۇرغان بىر تاغدۇر. ھەزرىتى مۇسا، بەنى ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ۋەھىي ئېلىش ئۈچۈن بۇ تاغقا چىققان، ئون ئەمىر بۇ تاغدا نازىل بولغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىدە پەيغەمبەرگە قارىتىلغان سۈيقەست پىلانلىرى ئىما قىلىنغان ( 42 ). سۈرىنىڭ 44 – ئايىتى بىلەن ئىسرا سۈرىسىنىڭ 90 – 92 – ئايەتلىرى ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت باردەك كۆرۈنمەكتە. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە سەجدە – مۈلك، ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە رەئىد – مۈلك، جەبىر بىن زەيىدنىڭ ئىبن ئابباسقا نىسبەت بېرىلگەن تەرتىۋىدە نۇھ – مۇئمىنۇن ئارىسىدا يەر ئالماقتا.
بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن سۈرىنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ 9 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا نازىل بولغانلىقىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى، قۇرەيش، رەسۇلۇللاھقا سۈيقەستنى پەقەت ئەبۇ تالىپنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن رەسمىي شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغانىدى.
ھەر نەرسىنىڭ بىر روھى باردۇر. بۇ دۇنيا ھاياتنىڭ جىسمى بولسا، روھى ئاخىرەتتۇر. سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى مانا بۇ روھ – ئاخىرەتتۇر.
مەنبەلىرىمىزدە، جۇبەير بىن مۇتئىمنىڭ بۇ سۈرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان قىزىقارلىق بىر ئەسلىمىسى نەقىل قىلىنغان: « بەدىر ئەسىرلىرى ھەققىدە مەككىگە ۋاكالەتەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مەدىنىگە كەلدىم. مۇسۇلمانلار مەسجىتتە ناماز قىلىۋاتاتتى. رەسۇلۇللاھ تۇر سۈرىسىنى ئوقۇۋاتاتتى. » شۈبھىسىزكى رەببىڭنىڭ ئازابى چوقۇم روياپقا چىقىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ » ( 7 – 8 ) ئايەتلىرىگە كەلگەندە، يۈرىكىم ئورنىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك بولۇپ كەتتىم » ( بۇخارى ۋە ئىبن ھەنبەل ).
سۈرە بىر قاتار مەۋجۇدىيەتلەرگە قەسەم قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئاللاھ نىڭ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقلىرىدىن بەزىلىرىگە قەسەم قىلىشىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا سۈرىلەردە قەسەمنىڭ مەقسىتى مەۋجۇدىيەتنىڭ شاھىت بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بولۇپ، ئىنكارچىلار ئاللاھ تىن ھاياتلىرىنى ئېلىپ قاچالايدىغانلىقىنى، يەنى خاتىرلەنمەيدىغان، ھېسابى ئېلىنمايدىغان بىر ھايات ياشايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. قەسەم قىلىنغان مەخلۇقلارغا دىققەتنى بۇراپ، « ئاللاھ ياراتقان ھەر نەرسىگە شاھىت بولالايدىغان بىر ئىقتىدار بېرىلگەن يەردە، يېزىپ قويۇلمىغان بىر ھاياتنى ياشىيالمايسەن » دېمەكتە. بۇ سۈرىدە قەسەم قىلىنغان مەخلۇقلار تۆۋەندىكىچە:
وَالطُّورِ (1) وَكِتَابٍ مَسْطُورٍ (2) فِي رَقٍّ مَنْشُورٍ (3) وَالْبَيْتِ الْمَعْمُورِ (4) وَالسَّقْفِ الْمَرْفُوعِ (5) وَالْبَحْرِ الْمَسْجُورِ (6)
« تۇر تېغى بىلەن قەسەمكى، ئېچىلغان تېرە باغلاملىرىدىكى قۇرلارغا يېزىلغان ئىلاھى خەۋەر بىلەن قەسەمكى، بەيتۇل مەئمۇر بىلەن قەسەمكى، ئاسمان بىلەن قەسەمكى، شاۋقۇن چىقىرىپ دولقۇنلىغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى » ( 1 – 6 ).
سۈرىدە ئىنساننىڭ مۇئامىلە ۋە قىلمىشلىرى ھەققىدە بايانلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھۆر ئىرادىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان تاللاشنىڭ ئەسەرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ھەمدە ئىنسانغا ئاجىزلىق ۋە كۈچ، ئاجىزلىق ۋە ئارتۇقچىلىق كۆرسىتىلگەن. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سۈرىنى مۇكاپات ۋە جازا سۈرىسى دېسەكمۇ بولىدۇ.
بىر – بىرلىرىگە چىڭ باغلانغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ « ھەممىمىز ئىشىنىشىمىز كېرەك، لېكىن ئەمەللىرىمىز ئوخشاش ئەمەس، تەڭ دەرىجىدە ئەمەس. شۇڭا، بىز ئاخىرەتتە بۇ دۇنيادىكىدەك بىرلىكتە بولالامدۇق؟ » دېگەن سۇئالىغا جاۋاپ بېرەلىگەن بىر ئايەت بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان:
وَالَّذِينَ آَمَنُوا وَاتَّبَعَتْهُمْ ذُرِّيَّتُهُمْ بِإِيمَانٍ أَلْحَقْنَا بِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَمَا أَلَتْنَاهُمْ مِنْ عَمَلِهِمْ مِنْ شَيْءٍ كُلُّ امْرِئٍ بِمَا كَسَبَ رَهِينٌ
« ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ ( ياخشى ) ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر » ( 21 ).
ئىنكارچى خىتاپ قىلغۇچىلارنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىنى ئەيىپلەپ، ئىشلىتىلگەن ئۇسلۇب ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:
« ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق ( سۆز ) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ( كۇفرىدا ) ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر » ( 32 ).
يارىتىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھالدا، ئىنكار قىلغۇچىغا قارىتىلغان سۇئاللار، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئىلاھى غەزەپنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ بىر گۇناھ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە:
فَلْيَأْتُوا بِحَدِيثٍ مِثْلِهِ إِنْ كَانُوا صَادِقِينَ (34) أَمْ خُلِقُوا مِنْ غَيْرِ شَيْءٍ أَمْ هُمُ الْخَالِقُونَ (35) أَمْ خَلَقُوا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بَل لَا يُوقِنُونَ (36) أَمْ عِنْدَهُمْ خَزَائِنُ رَبِّكَ أَمْ هُمُ الْمُسَيْطِرُونَ (37)
« ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار ( ئاللاھ نىڭ بىرلىكىگە ) ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدا رەببىڭلارنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار ( شەيئىلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان ) ( كائىناتنى ) بويسۇندۇرغۇچىمۇ؟ » ( 35 – 37 ).
سۈرە ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىلىرىغا سەبىرنى تەۋسىيە قىلىپ سۆزنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ:
وَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعْيُنِنَا وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ (48) وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَإِدْبَارَ النُّجُومِ (49)
« رەببىڭنىڭ ھۆكمىنى سەبىر بىلەن كۈتكىن. ئۇنتۇمىغىنكى، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، ( ئۇيقۇدىن ) تۇرغان ۋاقتىڭدا رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمد ئېيتقىن، كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنىمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن » ( 48 – 49 ).