رەئىدى سۈرىسىنىڭ قىسىقىچە مەزمۇنى

سۈرە « گۈلدۈرماما » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىسمىنى 13 –  ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « رەئىد » كەلىمىسىدىن ئالغان.

بۇ ئىسىم، ۋەھىيگە ۋە ئۇنى تەبلىغ قىلغان ( يەتكۈزگەن ) رەسۇلۇللاھقا قاتتىق قارشى چىققان مەككە مۇشرىك كاتتىلىرىغا قارىتا تەھدى مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، گۈلدۈرماما ئارقىسىدىن كېلىدىغان يامغۇرنىڭ خەۋەرچىسى بولۇپ، بۇ يامغۇر رەھمەت ئېلىپ كېلەمدۇ ياكى ئاپەتمۇ؟ بۇ مەجھۇل.

سۈرىنىڭ مەككە ياكى مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپ بار. سەئىد بىن جۇبەير، ھەسەن ئەلبەسرى، ئىكرىمە، ئاتا بىن ئەبى راباھ مەككىدە نازىل بولغان دەيدۇ. ئىبن زۇبەير، كەلبى، مۇقاتىل بىن سۇلايمان مەدىنىدە نازىل بولغان دەيدۇ ( فەتھۇل قادىر ).

بەزى مەنبەلەر، بۇ ئىككى قاراشقا ئىبن ئابباسنى مەنبە قىلىپ كۆرسەتمەكتە ( بەغاۋى ۋە ئىبنۇل جەۋزى ). ھەر ئىككى رىۋايەت 31 – ۋە 43 – ئايەتلەرنى مۇستەسنا دەپ قارايدۇ. ئەمما، بۇ ھېچقانداق بىر دەلىلنى ئاساس قىلمىغان.

سۈرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسلۇبى رەئىد سۈرىسىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى، دەسلەپكى مەزگىللەردە تىزىلغان تەرتىپلەردە مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر ئارىسىغا تىزىلغان.

مەزكۇر سۈرىنىڭ مەككە ياكى مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى ئىختىلاپلار، دەسلەپكى تەرتىپلەردىمۇ ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە سۈرە مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىغا، يەنى سەجدە – تۇر سۈرىىسى ئارىسىغا تىزىلغان. ئىبن ئابباسقا نىسبەت بېرىلغان يەنە بىر تەرتىپتىمۇ، سۈرە مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىغا، يەنى مۇئمىنۇن – تۇر سۈرىىسى ئارىسىغا تىزىلغان. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەر ئارىسىغا، يەنى مۇھەممەد – تالاق سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. ئىمام جافەر تەرتىۋىدە مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەر ئارىسىغا، يەنى مۇھەممەد – رەھمان سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بىزنىڭچە ئىبن ئابباس تەرتىۋى توغرا. سۈرىنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ 9 – يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ.

رەئىد سۈرىسىدە ئىككى ئاساسلىق تېما تىلغا ئېلىنغان:

  1. مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاللاھ قا يۈزلەنگەن تەرىپى بىلەن تەۋھىد ۋە ۋەھدەت ( يىگانىلىق ).
  2. مەۋجۇدىيەتنىڭ مەخلۇقاتقا يۈزلەنگەن تەرىپى بىلەن ئەزۋاج ( ھەمراھ، جۇپ )، ئەزداد ( زىتلىق ) ۋە كەسرەت ( كۆپلۈك ).

سۈرە مۇقاتتا ھەرىپلىرىدىن كېيىن « بۇلار كىتاپنىڭ ئايەتلىرىدۇ » دەپ سۆزى باشلايدۇ. ئايەتلەر كۆپ، كىتاپ بىردۇر. ئايەتلەر ۋەھىينىڭ نىشانى، كىتاپ ۋەھىينىڭ مەنبەسىدۇر. ۋەھىينىڭ ئانا مەنبەسى ئاللاھ تۇر. ئاللاھ نىڭ ۋەھىي نازىل قىلىشتىكى مەقسىتى ئىنساندۇر. كۆرۈنگەن ھەر نەرسە بىر ئايەت بولۇپ، ئايەتلەر پەقەت كىتاپنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس. ئاسمان كىتابىدا قوياش ۋە ئاي ئايەتلەردۇر. بۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر قانۇنغا تەۋە قىلىنغان ( 2 ). مىدىرلىماس تاغلاردۇر، شاۋقۇن سۈرۈپ ئاققان دەريالار، ئەركەك – چىشى قىلىپ جۇپ يارىتىلغان ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، ئاسمان – زېمىن ئارىسىدىكى كېچە – كۈندۈز يەر يۈزى كىتابىنىڭ ئايەتلىرىدۇر ( 3 ). دۇنيا ( يەر شارى ) تەكتۇر، بۇ يىگانىلىقى بىلەن ۋەھدەتنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، قىتئەلەر ۋە قۇرۇقلۇق پارچىلىرى كۆپتۇر، بۇ كۆپلىكنى كۆرسىتىدۇ ( 4 ). ئۇنىڭدىن باشقا، باغلار، ئېكىنزارلىقلار، بىر يىلتىزدىن چىققان كۆپ شاخلىق ياكى كۆپ شاخلىق بولمىغان تەك گەۋدە ھالىتىدە قەد كۆتۈرگەن خورما دەرەخلىرى؛ گەرچە بۇلار ئوخشاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما تەمى، لەززىتى، رەڭگى، پۇرىقى، شەكلى ھەر خىل بولغان مېۋىلەرنى بېرىدۇ ( 4 ). بۇلار خالىققا يۈزلەنگەن تەرىپى بىلەن ۋەھدەتنىڭ، مەخلۇققا يۈزلەنگەن تەرىپى بىلەن كۆپلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر.

سۈرىدە پەقەت ئۈچ ئايەتتە ۋەھدەت ۋە كەسرەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇنچە كۆپ مىسال بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان:

لَهُ دَعْوَةُ الْحَقِّ وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَجِيبُونَ لَهُمْ بِشَيْءٍ إِلَّا كَبَاسِطِ كَفَّيْهِ إِلَى الْمَاءِ لِيَبْلُغَ فَاهُ وَمَا هُوَ بِبَالِغِهِ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ

« مۇتلەق ھەقىقەت نەزەردە تۇتۇلغان ھەقىقىي بىر دۇئا، پەقەت ئاللاھ قا قارىتىلغان بولىدۇ. ئاللاھ نى قويۇپ يالۋۇرۇپ – يىلىنغان مەۋجۇدىيەتلەر، ھېچقانداق شەكىلدە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. ( ئۇلارنىڭ مىسالى ) خۇددى ئاغزىمىزغا سۇ چۈشسۇن دەپ نېرىدىن ئىككى ئالقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار ھەرگىزمۇ سۇغا ئېرىشەلمەيدۇ. كۇپۇرغا پېتىپ قالغانلارنىڭ دۇئاسى، گۇمراھلىقىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ » ( 14 ).

سۈرىدىكى بۇ ئانا تېما بىلەن نازىل بولۇش سەۋەبى ئارىسىدا بىۋاستە بىر مۇناسىۋەت بولسا كېرەك. مەسىلەن: ئوخشاش بىر ئاتىدىن كەلگەن ئادەم باللىرى، ئاللاھ نىڭ ۋەھىيسىگە قارىتا بىرسى ئىمان ئېيتىپ، يەنە بىرسى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇئامىلىدە بولماقتا، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئوخشاش بىر ئاتا – ئانىنىڭ بالىلىرىدىن بىرسى ھىدايەتنى تاللىغان بولسا، يەنە بىرسى گۇمراھلىقنى تاللىماقتا، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئوخشاش بىر قەۋمگە مەنسۇپ بىر ئايماق ئىمانغان قاراپ يۈگۈرگەن بولسا، يەنە بىر ئايماق ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرماقتا، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ مانا بۇ « نېمە ئۈچۈن؟ »لەرنىڭ جاۋابى كائىناتنىڭ ۋە تەبىئەتنىڭ مۆجىزىۋى تەرتىۋى ئىچىگە يوشۇرۇنغان. ئوخشاشلىقلارنىڭ زىتلىقى، زىتلارنىڭ ماسلىشىش بۇ مۆجىزىنىڭ بىر كۆرۈنۈشىدۇر.

ئەزۋاج بىرسى بولماستىن، يەنە بىرسى بولمايدىغان شەيئىلەردۇر. مەسىلەن: ئەر – ئايال… يەر – زېمىن… ئەزداد بولسا، بىرسى بولسا يەنە بىرسى مەۋجۇت بولمايدىغانلاردۇر. مەسىلەن: كېچە ۋە كۈندۈز… ئىسسىق ۋە سوغۇق… سۈرىدە سۆزنىڭ رەھىملەرگە ۋە رەھىملەر ئىچىدىكىگە كەلتۈرۈلىشىمۇ ئەزۋاجنى كۆرسەتمەكتە ( 8 ). يەنە قورقۇ ۋە ئۈمىدنى بىرلىكتە ياشىتىشمۇ بۇ مەنىدە ( 12 ) كەلمەكتە. ئەڭ ئاخىرىدا سۆز مەۋجۇدىيەت مەنسۇپ بولغان ئىلاھىي قانۇنغا كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن:

وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَالُهُمْ بِالْغُدُوِّ وَالْآَصَالِ

« ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئەتتىگەندىن كەچكىچە ( ئىلاھى قانۇن تەقەززاسى بىلەن ئۆزگۈرۈپ تۇرغان ) سايىلىرىمۇ ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھ قا بويسۇنىدۇ ( سەجدە قىلىدۇ ) » ( 15 ).

بارلىق بۇ كۆپلىكنىڭ سىرىغا دىققەتنى تارتقاندىن كېيىن، خىتاپ قىلىنغۇچىغا تەۋھىدنى تەۋسىيە قىلماقتا:

« ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ تۇر. ئاللاھ بىردۇر، ھەممىگە غالىبتۇر » ( 16 ).

ۋەھىي خىتاب قىلىنغۇچىدىن شەيئىلەر ئارىسىدا مۇناسىۋەت قۇرىدىغان، شەيئىلەر ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى كۆرەلەيدىغان بىر ئەقىل تەلەپ قىلماقتا. بۇ ئەقىل ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغان، يەر بىلەن ئاسمان، ئەركەك بىلەن چىشى، ئاللاھ بىلەن پەيغەمبەر، ئاللاھ بىلەن ئىنسان، تەبىئەت قانۇنىيىتى بىلەن ئىجتىمائىي قانۇنلار، تەك گەۋدە بىلەن كۆپ شاخ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تۇيغۇ، چۈشەنچە ۋە ھەر خىل قىلمىشى بىلەن بىر – بىرىدىن ئايرىۋەتمەيدىغان بىر ئەقىل بولىشى كېرەك:

وَالَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ أُولَئِكَ لَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ

« ئاللاھ قا بەرگەن فىترەت ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھ نىڭ سىلە – رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمىرنى تۇتماي، زېمىندا ئىجتىمائىي بۇزۇقچىلىق كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغانلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ نىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغانلاردۇر ۋە دارى دۇنيادى كېيىن كېلىدىغان يامان ئاقىۋەت ئۇلارنى كۈتمەكتە » ( 25 ).

مەخلۇقتىكى ئوخشاشماسلىقلار، رەڭدارلىقلار ئۈستىدىن رەسۇلۇللاھ ۋە مۇئمىنلەرگە: « ھەممە كىشىنى مۇئمىن قىلىش سەۋداسىغا بېرىلىپ كەتمەڭلار. چۈنكى، ئاللاھ نىڭ مۇرادى بۇ ئەمەس. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا، بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئاللاھ قا قېيىن ئەمەس » دېمەكتە. ئەمدى تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇپ باقايلى:

وَلَوْ أَنَّ قُرْآَنًا سُيِّرَتْ بِهِ الْجِبَالُ أَوْ قُطِّعَتْ بِهِ الْأَرْضُ أَوْ كُلِّمَ بِهِ الْمَوْتَى بَلْ لِلَّهِ الْأَمْرُ جَمِيعًا أَفَلَمْ يَيْئَسِ الَّذِينَ آَمَنُوا أَنْ لَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَهَدَى النَّاسَ جَمِيعًا وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا تُصِيبُهُمْ بِمَا صَنَعُوا قَارِعَةٌ أَوْ تَحُلُّ قَرِيبًا مِنْ دَارِهِمْ حَتَّى يَأْتِيَ وَعْدُ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ

« مۇبادا بۇ (تىلاۋەت قىلىش) بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان خىتاپ بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش اﷲ بەلگىلىگەن قانۇن بويىچە بولىدۇ. مۇئمىنلەر ئەگەر اﷲ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ، ( ھەممە كىشىنى مۇئمىنلەردىن قىلىش ) سەۋداسىدىن تېخىچە ۋازكەچمىدىمۇ؟ ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلارغا كەلسەك، اﷲ نىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، اﷲ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ » ( 31 ).

سۈرىدىكى بارلىق بۆلەكلەردە سۆز مەخلۇقاتنىڭ خىلمۇ – خىل ۋە رەڭدارلىق قانۇنىيىتىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاپ قىلىنغۇچىغا ھاياتنىڭ ئىلاھىي قانۇنلىرىنى ئۆگىتىش، تىرىشچانلىقىنى ئۇ قانۇنىيەتكە پەرۋا قىلماستىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ قانۇنىيەتلەرنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ئېلىپ بېرىش ئېڭىنى سىڭدۈرۈش مەقسەت قىلىنماقتا.

سۈرە خىتاپ قىلىنغۇچىنى، مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىنى بىر كىتاپ دەپ قاراپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئافاقى ( 1 – 4 ) ۋە ئەنفۇسى ئايەتلەر ( 8 – 11 ) ئۈستىدە توختىلىدۇ. مەنسىزلىك ۋە مەقسەتسىزلىك دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان تەك دۇنيالىق چۈشەنچىنى، كەسكىن بىر ئۇسلۇبتا رەت قىلىدۇ ( 5، 11 – 13، 18 ).

سۈرە، خىتاپ قىلغۇچىلىرىنىڭ كىملىكىنىمۇ روشەن ھالدا بايان قىلىدۇ. بۇلار رەببىنى ۋە قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان كىشىلەردۇر ( 5 ). بۇلار ئىلاھى تەھدىدكە قارشى ھاماقەتلەرچە بويۇنتاۋلىق قىلغان ۋە مۆجىزە تەلەپ قىلغان كىشىلەردۇر ( 6 ). ئاللاھ ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقان كىشىلەردۇر ( 12 ). ئاللاھ تىن غەيرىگە يالۋۇرۇپ – يېلىنغان ( 14 )، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىنى بۇزغان، بەرپا قىلىشقا، ئۇلاشقا بۇيرىغاننى ئۈزۈپ تاشلىغان ( 25 )، ئاللاھ نىڭ ئەلچىسىنى مەسخىرە قىلغان كىشىلەردۇر ( 32 ). ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرگەن، چۈشەنچىلىرى ئۆزىگە قۇرغان توزاققا چۈشكەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازاپقا لايىق بولغان ( 34 )، ھەزرىتى مۇھەممەد ( ئەلەيھىسسالام )كە « سەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلمىدىڭ » دېگەن ( 43 ) كىشىلەردۇر.

بۇ ئايەتلەر پەقەت ئۆز دەۋرىدىكى ئىنكارچىلارنىلا ئەمەس، ھەر دەۋردىكى ئىنكارچىلارنى تەسۋىرلەپ بەرمەكتە.

سۈرە، ئىنساننىڭ ۋەھىي، تەبىئەت ( كائىنات ) ۋە ئۆزىنى ئوقۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. بۇ ئوقۇشنىڭ نىھائى مەقسىتى، سۈرىنىڭ 11 – ئايىتىدە مۇنداق ئىپادىلەنگەن:

إِنَّ اللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّى يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ

« ھەر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ » ( 11 ).

مانا بۇ شەخسى ۋە ئىجتىمائىي / مىللەت خاراكتېرلىق ئۆزگۈرۈشنىڭ ئىلاھىي قانۇنىيىتىدۇر.