IMG_2936.PNG

جاھىلىيەت مۇشرىكلىرى، ھۆر ئىرادە ۋە ئەخلاقى مەسئۇلىيەت بىلەن جەبىرچى تەقدىر چۈشەنچىسى كۆرىشىدە، جەبىرچى تەقدىرچىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇردى. جاھىلىيەت ئىنسانلىرىنىڭ تەقدىر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى قۇرئان ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: « ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا – بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق … » ( ئەنئام، 148 ). ئۇلار قۇرئاننىڭ تەۋھىد چاقىرىقىغا قارشى چىقىپ شىرىك ئەقىدىسىنى « تەقدىر » ئۈستىدىن ياقىلىغانىدى.

قۇرئان، جاھىلىيەت تەقدىر چۈشەنچىسىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ئىنساننىڭ ئەخلاقى مەسئۇلىيىتىنى ياقىلىدى. مۇشرىكلارنىڭ بۇ مۇئامىلىسى، ئاللاھ قا « مېنى سەن ئازدۇردۇڭ » دېگەن شەيتاننىڭ پوزىتسىيىسى بىلەن ئوخشاش ئىدى. لېكىن، قۇرئان رەت قىلىپ، يۇغۇشتۇرىۋەتكەن جاھىلىيەت تەقدىر چۈشەنچىسى ئەمەۋىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى.

ئىبن ئەبىل ھادىد، مۇئاۋىيەنىڭ سىففىن ئۇرۇشىدا ئەسكەرلىرىگە قىلغان نۇتقىنى ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان: « ئاللاھ نىڭ تەقدىرى بىلەن، قىسمەت بىزنى يەر يۈزىنىڭ بۇ جايىغا ئېلىپ كەلدى ۋە بىز بىلەن ئېراقلىقلارنى قارمۇ – قارشى قىلىپ قويدى. بىز ئاللاھ نىڭ تەقدىرىگە رازى » ( نەجھۇل بەلاغە شەرھى 11، 397 ).

قازى ئابدۇلجاببار « تاباقاتۇل مۇتەزىلە » ناملىق ئەسىرىدە ئەمىر مۇئاۋىيەنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى نەقىل قىلغان: « سىلەرگە ھۆكۈمران بولۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىمەن. چۈنكى، ئاللاھ سىلەرگە ھۆكۈمران بولۇشۇمنى ئىرادە قىلدى ».

ئىبن قۇتەيبەنىڭ « ئەل ئىمامە ۋەس سىياسە » سەرلەۋھىلىك ئەسىرىدە نەقىل قىلىشىچە، ئەمىر مۇئاۋىيە ئوغلى يەزىد ئۈچۈن بەيئەد ئېلىش ئەسناسىدا مۇنداق دېگەنىدى: « يەزىدنىڭ سىلەرگە ھۆكۈمران بولىشى تەقدىر – پىشانىدۇر، بەندىلەرنىڭ بۇ ھەقتە باشقا تاللاش يولى يوق ».

مۇئاۋىيەنىڭ بەسىرە ۋالىسى زىياد بىن ئەبىھىنىڭ، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى تىلغا ئالماستىن سۆز باشلىغانلىقى ئۈچۈن « پەسكەش » ( بەترا ) ئىسمى بىلەن مەشھۇر بولغان بىر خۇتبىسى بار. زىياد ئۇشبۇ خۇتبىسىدە مۇئاۋىيە كۆتۈرۈپ چىققان تەقدىرچىلىك ئىدىئولوگىيسىگە مۇنداق ھەسسە قوشقان: « ئى ئىنسانلار! سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلار، سىلەرنىڭ ھامىيلىرىڭلاردۇر. بىز سىلەرنى ئاللاھ بىزلەرگە ئاتا قىلغان ھۆكۈمرانلىق بىلەن باشقۇرىمىز. سىلەرنى ئاللاھ بىزگە ئېھسان قىلغان ئۈلۈش بىلەن قانات ئاستىغا ئالىمىز » ( ئىبن ئابدىراببىھ، « ئەل – ئىقدۇل فەرىد »، 4، 173 ).

دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەمەۋى ۋالىسى بولغان ئۇبەيدۇللاھ بىن زىيادمۇ ئەمەۋى تەقدىر چۈشەنچىسىنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بىرى بولدى. كەربەلادىن سالامەت چىققان ئەھلى بەيت مەنسۇپلىرى خارلانغان بىر رەۋىشتە قەلئەسىگە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئىبن زىياد ھەزرىتى زەينەپتىن « قېرىندىشىڭ ۋە ئەھلى بەيتىڭگە ئاللاھ نىڭ قىلغانلىرى ھەققىدە نېمە ئويلاۋاتىسەن؟ » دەپ سورىغان ئىدى.

ئىبن زىيادنىڭچە بولغاندا، ھەزرىتى ھۈسەيىننى يەزىد ئەمەس، ئاللاھ ئۆلتۈرگەن ئىدى. ئىبن زىياد بۇ چۈشەنچىسىنى ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ ئوغلى ئەلىنىڭ ئۇغۇسىنى قاينىتىش ئەسناسىدىمۇ نامايەن قىلغان. ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ ئەلى ئىسملىك ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرى كەربالادا شېھىت قىلىندى. يەنە بىر ئوغلى ئېغىر كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى زەينەپ جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئۆلۈمدىن قىل پېيى ساقلاپ قالغانىدى. ئىبن زىياد، ئەلىلەرنى پەرق قىلالمىغان بولسا كېرەك، مۇنداق دەپ سورىغان:

– « ئاللاھ، ھۈسەيىننىڭ  ئوغلى ئەلىنى ئۆلتۈرگەن ئەمەسمىدى؟ ».

ئەلى ئەل ئەسغەر، ئىبن زىيادنىڭ ئىدىئولوگىيلىك ( سىياسى غەرەزلىك ) بۇ سۆزىنىڭ تىگىنى بىلىپ يەتكەچكە مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:

– « مېنىڭ ئەلى ئىسىملىك بىر ئاكام بار ئىدى، ئۇنى كىشىلەر قىلىچلىرى بىلەن ئۆلتۈردى».

جەفەر ئەس سادىقنىڭ تەقدىر توغرىسىدىكى كۆز قارشى يۇقىرىقى ۋەقەنى كۈچلەندۈرىدىغان ماھىيەتتە. ئىمام جەفەر تەقدىر توغرىسىدا سۇئال سورالغاندا مۇنداق دېگەن: « بەندىنىڭ سادىر قىلغانلىقى تۈپەيلى ئەيىپلەنگەن قىلمىشى، بەندىنىڭ ئۆز قىلمىشىدۇر. بەندىنى ئەيىپلىگىنى بولمايدىغان قىلمىش، ئاللاھ تەرەپتىندۇر ». ( ئىبنۇل مۇرتەزا، « تاباقات »، 34 ).

ئىبن ئابدىرەببىھ نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « مۇئاۋىيە ئۆلگەندە، ئۇنىڭ ئوغلى يەزىد مۇنداق دېدى: » خالىغىنىنى قىلىدىغان، مۈلۈكنى خالىغان بەندىگە بېرىدىغان، خالىغىنىدىن تارتىۋالىدىغان، خالىغىنىنى خار، خالىغىنىنى ئەزىز قىلىدىغان ئاللاھ قا ھەمدۇ – سانالار بولسۇن!» » ( ئەل – ئىقدۇلفەرىد 4، 153 ). بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ « پاھ – پاھ! بۇ نېمە دېگەن چوڭقۇر تەسلىمىيەت » دېگۈسى كېلىدۇ. بىراق مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيتنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم.

يەزىد ئەمەۋى ھاكىميىتىگە قارشى چىققانلارغا مۇنداق دەيتتى: « بىھۇدە ئاۋارە بولماڭلار!  ئاللاھ بىزنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمىزنى ئىرادە قىلدى. ئاللاھ بىر نەرسىنى ياقتۇرمىسا، ئۇنى ئالماشتۇرىدۇ »  ( ئۇيۇنۇل – ئاھبار، 2، 239 ). ( دۇنيا تارىخى بويىنچە بارلىق ياخشىلارنىڭ ئەقلى بىر – بىرىگە ئوخشاش بولغىنىدەك، پۈتكۈل زالىملارنىڭ تەپەككۇرىمۇ بىر – بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يەزىددىن تەخمىنەن 13 يېرىم ئەسىر كېيىن ياشىغان ئامېرىكا پېرىزىدىنتى رىچارد نېكسونمۇ (Richard Nixon) دۇنياغا تەھدىد قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: « تەڭرى ئامېرىكا بىلەن بىللە. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بىر دۇنيانى خالايدۇ ». يەنى، ئامېرىكا ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بارغۇسى جىنايەتلىرىنى تەقدىر نوقتىسىدىن يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشقانىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش بىر پوزىتسىيىنى سەئۇدىدا كۆرمەكتىمىز. 1990 -يىلىدىكى ھەج ئەسناسىدا يۈز بەرگەن « تونىل پاجىئەسى »دە، رەسمي باياناتقا ئاساسلانغاندا 1426 كىشى، مۇستەقىل مەنبەلەرنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسلانغاندا 5 – 6 مىڭ ھاجى مىنا تونىلىنىڭ ئىچىدە دەسسىلىپ ئېچىنىشلىق ھالدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. سەئۇدى ھۆكۈمىتى بۇ پاجىئەنى « ئاللاھ نىڭ تەقدىرى » دەپ چۈشەنچە بېرىشتىن باشقا بىر ئىزاھات بېرىشنى ئارتۇقچە دەپ قارىدى. كېيىن بۇ پاجىئەنىڭ، بىر سەئۇدى شاھزادىسى يولدىن ئۆتىدۇ دەپ تونىلنىڭ چىقىش ئېغىزى توسىۋېتىلگەنلىكى، بۇنىڭدىن بىخەۋەر سەلدەك ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ھاجى نامزاتلىرى ئالدىدىكىلەرنى ئىتتىرىپ كەپلىشىپ قالغانلىقتىن، بۇ دەسسىلىش ۋەقەسى كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولدى. چۈمۈلىنىمۇ دەسسەپ ئۆلتۈرۈش قەتئى چەكلەنگەن مەزگىلدە ۋە ماكاندا دەسسىلىپ جان ئۈزگەن ھاجىلارنىڭ قېنىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىشى كېرەك بولغانلار، قوللىرىنى « تەقدىر » سوپۇنى بىلەن يۇيۇپ پاقىرتىۋەتكەن ئىدى ).

ئۇمەييە ئوغۇللىرىنىڭ جاھىلىيەت تەقدىر چۈشەنچىسىنى دۆلەتنىڭ رەسمىي ئىدىئولوگىيسى قىلىپ بېكىتىش تىرىشچانلىقلىرى بەزى ساھابىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. بۇنىڭغا ئېتىراز قىلغانلاردىن بىرى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەن ئىدى. ئىبنۇل مۇرتەزا، ئۇنىڭ شاملىقلارغا يازغان بىر مەكتۇبىنى نەقىل قىلغان. تۆۋەندىكى قۇرلار ئۇ مەكتۇپتىن بىر ئۈزۈندە:

« ئەي بۇ ئالەمگە ۋىدالاشقان مۇناپىقلارنىڭ ئەۋلاتلىرى! ئەي زالىملارنىڭ ياردەمچىلىرى! ئەي پاسىقلار مەسچىتلىرىنىڭ قاراۋۇللىرى! ئىچىڭلاردىن ( تەقدىر نامى ئاستىدا ) ئاللاھ قا بۆھتان چاپلايدىغان، ئۆزلىرى سادىر قىلغان جىنايەتلەرنى ئاللاھ قا دۆڭگەيدىغان، شۇنداقلا قىلغانلىرىنى ئاللاھ قا ئارتىپ قويىدىغانلاردىن باشقىسى چىقمامدۇ؟ » ( ئەلمۇنيە ۋەل – ئەمەل 136-137 ).

ئەمەۋى تەقدىرچىلىكىگە قارشى چىققانلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ زەرنىڭ تالىپى ۋە  مەدىنە مەكتىۋى يېتىشتۈرۈپ چىققان مۇتتەقى ئالىم مابەد ئەلجۇھەنىمۇ بار ئىدى. مابەدنىڭ تەقدىر چۈشەنچىسىمۇ ھەسەن ئەلبەسرىنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئەمەۋى ئەمەس بەلكى قۇرئانى ئىدى. ھەتتا ئەل – ماقرىزنىڭ قارىشىچە، مابەد تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىسىنى ئەلبەسرىدىن ئالغان ( ھىتات،2،356 ). مابەد تەقدىر توغرىسىدىكى ئەمەۋى دۆلەت ئىدىئولوگىيسىگە قارشى چىققانلىقىنىڭ بەدىلىنى جېنى بىلەن تۆلىگەنىدى. مابەد، ئابدۇراھمان بىن ئەشئاس بىلەن  قوزغالغان ئۆلىمالار ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.  ھەججاج بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق دىيالوگلار بولۇپ ئۆتكەن:

– ئى مابەد! ئاللاھ نىڭ ساڭا بەرگەن بۇ تەقسىماتىغا قانداق قارايسەن؟

_ مېنى ئاللاھ نىڭ تەقسىماتى بىلەن يالغۇز قويۇپ قوي! ئەگەر ئۇنىڭ قىسمىتىدىن ماڭا تېگىشلىك بولغان نېسىۋە بۇ بولسا، مەن بۇنىڭغا رازى.

_ ئۇنداقتا ساڭا بۇ رەۋىشتە كويزا – كىشەن سېلىنىشى ئاللاھ نىڭ تەقدىر – قىسمىتى ئەمەسمۇ؟

_ ماڭا سەندىن باشقا بىرىنىڭ كىشەن سالغىنىنى كۆرمىدىم. قېنى، كىشەننى ئېلىۋەت. ئەگەر ئاللاھ نىڭ تەقدىر – قىسمىتى بۇنىڭغا توسالغۇ بولسا، مەن ئۇنىڭغىمۇ رازى.

شۇنىڭدىن كېيىن مابەد قاتتىق قېيىن – قىستاقلارغا  ئېلىنىپ، ئەڭ ئاخىرى قەتلى قىلىنغان.

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ يېقىنلىرىدىن غەيلان بىن مۇسلىممۇ، ھىجرى 120- يىلى ھىشامنىڭ قولى بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان. قازى ئابدۇلجاببار « تەبەقاتۇل مۇتەزىلە » ناملىق ئەسرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان: ھىشام بىن ئابدۇلمەلىك بىلەن مۇتتەقى ئالىم غەيلان بىن مۇسلىم ئوتتۇرىسىدا مۇنداق دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەن:

– دۇنيا نېمەتلىرىنىڭ بىزگە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىگە ئىشەنمەيسەن؟ شۇنداقمۇ؟

– ئامانەتنى خائىنلارغا بېرىشىدىن، خىلاپەتنى فاجىر ۋە پاسىقلارغا بېرىۋېتىشىدىن ئۇلۇغ ئاللاھ قا سېغىنىمەن. ئاللاھ نىڭ خەلىپىلىرى ئۇنىڭ ئەھكامىنى تەدبىق قىلىدىغان، ئاللاھ تىن قورقىدىغان، دۆلەتنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرىدىغان ۋە شۇنداقلا قېچىپ قۇتۇلۇش ئىمكانسىز بولغان زاتنىڭ غەزىۋىدىن تەپتارتىدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ فاجىرلارنى گۇناھقا… شاھىتلارنى يالغانچىلىققا مەجبۇرلىمايدۇ، ھاراقنى زابويغا تەقدىر – قىسمەت قىلمايدۇ.

ھىجرى بىرىنجى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مەدىنىنىڭ ئىمامى دەپ نام ئالغان غەيلان بىن مۇسلىم، ھاكىميەت ئىدىئولوگىيىسى تەرەپدارى ئەۋزائىغا قارشى ھۆر ئىرادە مەكتىۋىنىڭ چۈشەنچىسىنى ياقىلاپ مۇنازىرلەشكەن. ئەۋزائى بۇ مۇنازىرىدە يېڭەلمىگەن رەقىبى ئىمام غەيلاننى، پەقەت پەتىۋا بېرىش ئارقىلىقلا يېڭەلىگەن ۋە بۇ فەتىۋا ئارقىلىق ئۇنى قەتلى قىلدۇرغانىدى. غەيلان ئەۋزائىگە قارشى سۆزنىڭ كۈچىنى ئىشلەتكەن، ئەۋزائى غەيلانغا قارشى ھاكىميەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سالغانىدى. بەزى مەنبەلەر بۇ مۇتتەقى ۋە مۇجاھىد ئالىمدىن مىراس سۈپىتىدە 2000 بەتلىك بىر كۈللىيات قالغانلىقىنى بايان قىلغان. ھاكىميەتكە يان باسمىغان ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتىلغان « تارىختا ئىز قالدۇرماسلىق » ھەرىكىتى، مەدىنىنىڭ ئىمامى غەيلان بىن مۇسلىم ئەسەرلىرىگىمۇ قارا قولىنى ئۇزاتقان بولسا كېرەك، ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان كۈللىياتىدىن ھېچبىر نەرسە زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ئەمەۋىلەرنىڭ جاھىلىيەت تەقدىر چۈشەنچىسىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، ئۇنى دۆلەتنىڭ رەسمىي سىياسىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىغا قارشى چىققانلار ئىچىدە ھەسەن ئەلبەسرىمۇ بار ئىدى. ئىبنى قۇتەيبە مۇنۇلارنى نەقىل قىلغان:

ئاتا بىن يەسار، ئەلبەسرىگە دەيدۇكى: « شۇ مەلىك ( ھۆكۈمران )لار بارغۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىنى تۆكۈۋاتىدۇ، مال – مۈلكىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىۋاتىدۇ، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋاتىدۇ. ئاندىن، » بىزنىڭ قىلمىشلىرىمىز ئاللاھ نىڭ تەقدىرى بىلەن بولىۋاتىدۇ » دېيىشىدۇ ». ھەسەن ئەلبەسرى ئۇنىڭغا مۇنداق تارىخىي جاۋاپنى بېرىدۇ: « ئاللاھ نىڭ دۈشمەنلىرى يالغان ئېيتىۋاتىدۇ » ( ئەل مائارىف، 441 ).

ئوخشاش بىر ۋەقەلىك باشقا بىر مەنبەلەردە ئاتا بىن يەسار ئۈچۈن ئەمەس، مابەد ئەلجۇھەنىگە نىسبەت بېرىلگەن ھالدا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مەسىلىنىڭ ماھىيتى ئوخشاش. ئىمام ئەلبەسرى، ھاكىميەتنىڭ قوللىشى بىلەن ياقىلانغان تەقدىر چۈشەنچىسىنىڭ، مۇسۇلمان خەلقىنىڭ ئەخلاقى مەسئۇليەت تۇيغۇسىنى يوق قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەر، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ « ئاللاھ قا قارشى دۈشمەنلىك ۋە بۆھتان » دەپ قارىغان ئەمەۋى ھاكىميىتىنىڭ تەقدىر / جەبىر چۈشەنچىسىگە قارشى، ھەققانىيەتنى ياقىلاش ئۈچۈن قەلەمگە ئالغان رىسالىسى ۋە ئۇنىڭ شەرھىسىدۇر. ھەسەن ئەلبەسرىگە ئوخشاش مۇتتەقى بىر ئالىمنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قارىغاندا، « ئاللاھ دۈشمىنى » بولۇپ كۆرۈنگەن ئەمەۋى ھۆكۈمدارى، ئۆزىنى « ئاللاھنىڭ خاس دوستى » دەپ بىلەتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىدا ئۇنى ئاللاھ تاللىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇشى ئاللاھ نىڭ تەقدىر – قىسمىتى ئىدى. بۇ سەۋەپتىن، ئۇلارنىڭ ھاكىميىتىگە قارشى چىقىشى، ئاللاھ نىڭ تەقدىرىگە قارشى چىققانلىق بولاتتى.

ئۇلارنىڭ كەبىنى مەنچاناق بىلەن چىقىپ، ئوت قويىۋېتىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىنى تۆكۈپ، ئىپپەت – نۇمۇسىنى ئاياق – ئاستى قىلىشى، ھاررە ۋەقەسىدىكىگە ئوخشاش مەدىنىنىڭ خوتۇن – قىزلىرىنى ياۋايى ئەسكەرلەرگە سۇنۇپ بېرىشىمۇ يەنىلا « ئاللاھ نىڭ تەقدىرى » ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى مۇسۇلمانلارغا ھۆكۈمران بولۇشقا تاللىغان ئىدى؟!

رىسالىدە مەلۇم بولغاندەك ئىمام ئەلبەسرىنىڭ « ئاللاھ نىڭ تەقدىرى » بىلەن ھېچ ئېلىپ – بېرلمەي قالغىنى يوق ئىدى. ئۇنىڭ دەردى، « بەندىلەرنىڭ ئەخلاقى مەسئۇلىيتى » ئىدى. رىسالىنىڭ مەركىزى ئىدىيسى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولغىنى، ئىرادىدىن زىيادە ئەخلاقى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىدى.

بۇ دەرت ئۈممەتنىڭ دەردى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭمۇ دەردىگە ئايلانغانىدى. چۈنكى، ئۈممەتنى جاھىلىيەت تەقدىر چۈشەنچىسىنى كۆتۈرۋالغان بىر ھاكىميەت زۇلۇم، قان، زورلۇق -زۇمبۇلۇق ۋە مۇشتۇمزورلۇق بىلەن باشقۇرماقتا؛ پۈتۈن بۇ زۇلۇم ۋە مۇشتۇمزورلۇقنى « ئاللاھ نىڭ تەقدىرى » دەپ كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئاللاھ قا ۋە ئىنسانغا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بۆھتان بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ، بۇ خىل تەقدىر چۈشەنچىسى، ئەخلاقى مەسئۇلىيەتنى يوق قىلىدىغان بىر يۇقۇملۇق ۋاباغا ئايلانماقتا ئىدى. ئىنسانلار ھەر تۈرلۈك ھاراملارغا پەرۋا قىلماستىن گۇناھ ئۆتكۈزمەكتە ۋە « ئاللاھ نىڭ تەقدىرى » دەپ جاۋاپكارلىقتىن  ئۆزىنى قاچۇرماقتا ئىدى. دەرۋەقە، ھەسەن ئەلبەسرىنى، ئۇ نامى چىققان ئېغىر – بېسىقلىقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، مۇشۇنداق بىر رىسالىنى يېزىشقا تۈرۈتكە بولغان سەۋەپ دەل بۇ ئىدى.