ئەئراف سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سۈرە 46 – ۋە 48 – ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان « ئەل – ئەئراف » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، « ئەئراف » كەلىمىسى « تونۇش، بىلىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئۇرف » كەلىمىسىدىن تۈرلىنىپ چىققان.
ئاتنىڭ يايلى، خورازنىڭ تاجى بۇ ھايۋانلارنىڭ ئەڭ تونۇشلۇق بەلگىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەپچىدە « ئۇرف » دېيىلىدۇ. « تام، سېپىل، قەلئە، مۇنار، مۇنبەر، سەھنە » گە ئوخشاش كۆزگە ئاسان چىلىقىدىغان ۋە بىر قاراشتىلا كۆرگىلى بولىدىغان شەيئىلەر ئۈچۈنمۇ بۇ كەلىمە ئىشلىتىلىدۇ.
ئادەتتە ئەئراف « جەننەت بىلەن جەھەننەم ئارىسىدىكى بىر جاي » دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. تابىئىنلار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر ئالىم ھەسەن ئەلبەسىرى ۋە باشقا بەزى ئالىملار 46 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئەلەل ئەئراف » كەلىمىسىنى « مەرىپەت قابىلىيىتى »، « ئەسھابۇل ئەئراف » نى « مەرىپەت ئىگىلىرى » دېگەن مەنىدە چۈشەنگەنىكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن « ئەئراف » ئىسمىنىڭ بىر ماكان ئىسمى ئەمەس، ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ دەپ چۈشۈنۈش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى « ياخشىلار بىلەن يامانلارنى ئايرىيدىغان قابىلىيەت » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. نەسائىنىڭ ھەزرىتى ئائىشەدىن نەقىل قىلغان بىر رىۋايىتىگە ئاساسەن، بۇ سۈرىنىڭ رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە « ئەئراف » ئىسمى بىلەن ئاتالغانلىقى مەلۇم.
ئۇنىڭدىن باشقا، سۈرىگە « تەيىن قىلىنغان زامان – تەيىن قىلىنغان ماكان » دېگەندەك ئىككى مەنىنى بىلدۈرىدىغان « مىقات » ئىسمى بېرىلگەن. بۇ ئىسىم مەزكۇر سۈرىدىكى 143 – ئايەتتىن ئېلىنغان، يەنى « مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە رەببى ئۇنىڭغا سۆز قىلغان چاغدا ». شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا سۆز قىلىشى، تارىخ تەرەققىياتى جەريانىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نوقتىسىدۇر. ھەزرىتى مۇسا بۇ ئىلاھىي خىتاپقا بىۋاستە نائىل بولغانلىقى ئۈچۈن كەلىمۇللاھ ( ئاللاھ سۆز قىلغان كىشى ) دېگەن لەقەم بىلەن ياد ئېتىپ كېلىنگەن.
بۇ سۈرە يەنە « مىساق ( ۋەدە ) » ئىسمى بىلەنمۇ ئاتالغان. بۇ ئىسىم سۈرىگە « مىساق ئايىتى » دەپ ئاتالغان ئاللاھ – بەندە ئارىسىدىكى ئەھدىدىن ئىلھام ئېلىنغان ئاساستا بېرىلگەن. يەنى:
ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم باللىرىنى ( يەنى نەسلىنى ) ئۇلارنىڭ ( ئاتىلىرىنىڭ ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: « مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟ » دېدى. ئۇلار: « ھەئە، سەن بىزنىڭ رەببىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق » دېدى ( 172 ).
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كېيىنكى ئىككى ئىسىم ئۇنتۇلغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. بەزى ئايەتلەرنى نەزەرگە ئالمىغاندا، 206 ئايەتلىك سۈرىنىڭ نۇن ھەرىپلىك قاپىيسى، سۈرىنىڭ بىر قېتىمدا ياكى بۆلەكلەر ھالىتىدە ئارقىمۇ – ئارقا ھالدا نازىل بولغانلىقىغا دالالەت قىلماقتا. سۈرىنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇنى كۆرسەتمەكتە بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. سۈرە دېمەكچى بولغان مەقسەتنى ھەم ماھىيەت جەھەتتىن، ھەم مەزمۇن جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز ئاققان بىر دەريادەك لىرىك ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلماقتا.
بۇ سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدە تىزىلغان قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە ساد – جىن سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە 39 – ئورۇنغا، ھەزرىتى ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە 37 – ئورۇنغا، ئىمام جافەر تەرتىۋىدە 39 – ئورۇنغا تىزىلغان. ئارىدىكى بۇ پەرق زاماندىكى پەرقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بىزنىڭ تەرتىۋىمىزدە ساد – سەجدە سۈرىسى ئارىسىدا، يەنى 57 – ئورۇنغا توغرا كەلمەكتە. بۇ ئورۇن قەدىمكى تەرتىپلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئارقىغا توغرا كەلمەكتە. بىزنىڭ تەرتىۋىمىزگە ئاساسلانغان ۋاقتىمىزدا، سۈرىنىڭ نازىل بولۇش ۋاقتى پەيغەمبەرلىكنىڭ 9 – يىلىغا توغرا كەلمەكتە. ساد ۋە جىن سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلىشى، ئەئراف سۈرىسىنىڭ نازىل بولۇش ۋاقتى ھەققىدىكى قارىشىمىزنى كۈچلەندۈرمەكتە. مەزكۇر سۈرە قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇزۇن يەتتە سۈرىدىن بىرى.
ئەئراف سۈرىسى رەسۇلۇللاھقا تەسەللى بەرگەن ھالدا باشلىنىدۇ. يەنى، رەسۇلۇللاھقا « يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن » دېيىلىگەن:
كِتَابٌ أُنْزِلَ إِلَيْكَ فَلَا يَكُنْ فِي صَدْرِكَ حَرَجٌ مِنْهُ لِتُنْذِرَ بِهِ وَذِكْرَى لِلْمُؤْمِنِينَ (2) اتَّبِعُوا مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ (3)
« (ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، مۆمىنلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتاب (يەنى سۈرە) ساڭا نازىل قىلىندى، ئۇنىڭدىن (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشتا قەۋمىڭنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، اﷲ نى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر » ( 2 – 3 ).
قۇرئاننىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن « مەسانى » ئۇسلۇبى، بۇ سۈرىدىمۇ ئۆزىنى ئەكىس ئەتتۈرمەكتە. رەسۇلۇللاھقا تەسەللىي بەرگەن ئايەتلەرنىڭ يېنىدا، بۇ ۋەھىيلەرگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلارنى قورقۇتىدىغان تەھدىت ئايەتلىرىمۇ يەر ئالماقتا. قۇرئان ھەممە كىشى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. مۇئمىنگە ۋەدە ئارقىلىق ھىدايەت، مۇنكىرلەرگە ۋائىد ( تەھىدىت سېلىش ) ئارقىلىق ھىدايەت قىلىنماقتا … بۇ نوقتىدىن سۈرىنىڭ باشلىنىشى، كىشىگە تاھا سۈرىسىنىڭ باشلىنىشىدىكى « بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن نازىل قىلمىدۇق » ئايىتىنى ئەسلىتىدۇ. تاھا سۈرىسىدە قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى ئىمان قىلىنغان، ئەمما بۇ سۈرىدە مەزكۇر سۈرىنىڭ نازىل بولىشى ئىما قىلىنغان. بۇ سۈرىنىڭ باشلىنىش ئۇسلۇبىغا ئاساسەن، مەزكۇر سۈرىنى زۇھا، ئىنشىراھ، تاھا قاتارلىق تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىش ماھىيىتىدىكى سۈرىلەر قاتارىغا تىزىشقا بولىدۇ.
سۈرە بۇ باشلىنىشتىن كېيىن سۆزنى ئىلاھى كالامنى ئىما قىلغان ئاساستا ئادەم ۋە ئىبلىس قىسسەسىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ قىسسە ئارقىلىق، ئادەم گۇناھ ئۆتكۈزدى، ئىبلىسمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدى. لېكىن، ئادەم گۇناھىنى ئىتىراپ قىلىپ « ئادەم » بولدى، ئىبلىس گۇناھىدا چىڭ تۇرۇپ « شەيتان » بولدى. بۇ ئىككىسى پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ۋە ياماننىڭ تۇنجى ئۆرنەكلىرى بولدى، دەپ نەسىھەت قىلماقتا ( 10 – 30 ).
بۇ قىسسەدىن شۇ ساۋاق چىقماقتا: شەيتانلىشىش بىلەن نەتىجىلەنگەن جەرياننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا ئاللاھ تىن ئۈمىدىنى ئۈزۈش كەلمەكتە. چۈنكى، ئىبلىس ئىسمى « ئۈمىدىنى ئۈزگەن » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئاللاھ تىن ئۈمىدىنى ئۈزگۈچىدىن ئاللاھ مۇ ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي بەختسىزلىكتۇر، پالاكەتتۇر.
قۇرئاندا ئادەم – ئىبلىس قىسسەسى يەتتە جايدا تەپسىلىي ھالدا بايان قىلىنىدۇ. لېكىن، بۇ قىسسەلەردە تەكىتلەنگەن مەسىلە بىر – بىرى بىلەن ئوخشاش ئەمەس. بىرسىدە پەرىشتىلەرنىڭ ئىتائىتى تەكىتلەنگەن بولسا، يەنە بىرسىدە شەيتاننىڭ ئىسيانى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. يەنە بىرىدە ئادەمنىڭ « تەۋبىسى » ئاساسىي تېما قىلىنغان بولسا، يەنە بىرىدە ئىبلىسنىڭ ئۈمىدسىزلىكى نوقتا قىلىنغان. ئەئراف سۈرىسىدە بايان قىلىنغان ئادەم – ئىبلىس قىسسەسىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، بىزنىڭچە ئىبلىسنىڭ ئاكتىپ يامانلاردىن بولۇش يولىدا چىڭ تۇرۇشى بولۇپ، تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇنى كۆرسەتمەكتە:
قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ (16) ثُمَّ لَآَتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ (17)
ئىبلىس ئېيتتى: « سەن مېنى ئازدۇردۇڭ. قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن. ئاندىن ھەم بىۋاستە ۋە ئاشكارا، ھەم ۋاستىلىك ۋە يوشۇرۇن ھالدا، ھەم سۈرىتى ھەقتىن كۆرۈنۈش ئارقىلىق، ھەم ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى ۋە نەپسى – خاھىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا چوقۇم ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن » ( 16 – 17 ).
بۇ قىسسەدىن بارلىق ئادەم بالىلىرى ئىبرەت ئېلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ قۇرئانمۇ مانا بۇ نوقتىدا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ قىسسەدىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىرىدۇ:
يَا بَنِي آَدَمَ لَا يَفْتِنَنَّكُمُ الشَّيْطَانُ كَمَا أَخْرَجَ أَبَوَيْكُمْ مِنَ الْجَنَّةِ يَنْزِعُ عَنْهُمَا لِبَاسَهُمَا لِيُرِيَهُمَا سَوْآَتِهِمَا إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ إِنَّا جَعَلْنَا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
« ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق » ( 27 ).
ئادەم – ئىبلىس قىسسەسى بايان قىلىنغان ئايەتلەردىن كېيىن مۇنداق بىر ئايەتنىڭ كېلىشى، چوقۇم بىر ھېكمەتكە تۈرتكە بولىشى كېرەك:
قُلْ مَنْ حَرَّمَ زِينَةَ اللَّهِ الَّتِي أَخْرَجَ لِعِبَادِهِ وَالطَّيِّبَاتِ مِنَ الرِّزْقِ قُلْ هِيَ لِلَّذِينَ آَمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا خَالِصَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ كَذَلِكَ نُفَصِّلُ الْآَيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
« اﷲ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان گۈزەللىكلەرنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟ » دەپ سورىغىن. ۋە جاۋاپ بېرىپ ئېيىتقىنكى، « ئۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان (گەرچە ئۇلارغا كۇففارلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر». اﷲ نىڭ بىر ۋە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلىمىز » ( 32 ).
ئۇنداقتا، ئۇ ھېكمەت نېمە؟ ئۇ ھېكمەت، بىرىنچىدىن، ئۆز خاھىشى بىلەن ھالال قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ دائىرىسىنى تارايتىپ، ھاراملارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەشەببۇسلىرىنىڭ ئارقىسىدا شەيتاننىڭ ياتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ھالالنى ھارام دەپ قاراشنى كاپىرلارنىڭ كۇپرى بىلەن، ھارامنى ھالال قىلىشنى مۇناپىقنىڭ نىفاقى بىلەن قىياسلاشقا بولىدۇ.
ئىككىنجىسى، سۈرىتى ( كۆرۈنۈشى ) ھەقتىن بولۇش بولۇپ، ناھايىتى يوشۇرۇن بولىدۇ. بۇ شەيتاننىڭ « ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئوڭدىن كېلىمەن / ھۇجۇم قىلىمەن » دېگەن تۈردىكى ئېزىش بولۇپ، بۇ خىل ئېزىش شەيتان ئازدۇرىدىغان ئوڭلاردىن بىرسىدۇر. بۇنىڭ تەكتىدە، ساختا دىندارلىق ياتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇلىدا ھالال ۋە ھارامنى بەلگىلەشتە يىگانە ھاكىم بولغان ئاللاھ نىڭ بۇ ھەققىدىن ئۆزىگە نېسىۋە ئېلىش ئارزۇسى ياتماقتا. بۇ قۇرئان شېرىك دېگەن ئىشلار قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ شېرىك، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى بىلەن « قاپقاراڭغۇ كېچىدە، قاپقارا چۈمۈلىنىڭ قاپقارا تاش ئۈستىدە مېڭىشىغا ئوخشايدىغان » دەرىجىدە يوشۇرۇن بولىدۇ.
ئادەم – ئىبلىس قىسسەسىدىن كېيىن كەلگەن بۆلەكلەردە « ئادەم ۋە ئىبلىس بىرەر سىمۋولدۇر. بىرسى ياخشىلىقنى، يەنە بىرسى يامانلىقنى سىمۋول قىلماقتا. بىرسى ئاكتىپ ياخشىنىڭ، يەنە بىرسى ئاكتىپ يامانلىقنىڭ ئوبرازى. ئادەمنى ئاكتىپ ياخشى قىلغان ئامىل، ئۇنىڭ قۇسۇرسىز بولىشى ئەمەس. چۈنكى، ئۇ قۇسۇرسز ئەمەس، بەندە خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. قۇسۇرسىزلىق ئاللاھ قا خاستۇر. بەندە خاتالىقىنى تونۇپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلسا « ئادەم » بولىدۇ ۋە يوقۇتۇپ قويغان جەننىتىگە ئېرىشىدۇ. ئادەم خاتالاشتى، ئىبلىسمۇ خاتالىق ئۆتكۈزدى. لېكىن، ئادەم خاتالىقىنى ئىتىراپ قىلىپ ئادەم بولىدى، ئىبلىس خاتالىقىنى بوينىغا ئالماي، ئۆزىنى ئاقلاپ شەيتان بولدى. ئى بۇ ۋەھىي خىتاپ قىلىنغۇچى! كىمنى ئۆزەڭگە ئۆرنەك قىلساڭ، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىسەن. كىمگە ئوخشاش بولساڭ، ئۇنىڭغا ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىسەن » دېگەن ھەقىقەت ئوتتۇرىغا قويۇلغان ( 31 – 58 ).
قىسسەدىن ئېلىنغان بۇ ساۋاقنىڭ بىرمۇ – بىر مىسالى تارىختا بار. تارىختا ئادەمنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ئاۋانگارت ياخشىلاردىن بولغان پەيغەمبەرلەر ۋە شەيتاننىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ئاكتىپ يامان بولۇش تاللىغان ئىسيانكار قەۋملەر ئۆتكەن. ئەگەر « شەيتاننىڭ ئىزىدىن ماڭغان بۇ قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟ » دەپ سورىسىڭىز، بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتىگە نەزەر سالسىڭىز بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى تاپالايسىز. شەيتاننىڭ ئىزىدىن ماڭغان ئاد، ھۇد، سەمۇد، لۇت ۋە مەديەن قەۋملىرى ھالاك بولغانىدى ( 59 – 102 ).
ئۇلۇھىييەت، رۇبۇبىييەت، نۇبۇۋۋەت ۋە ۋەھدانىيەت دەلىللىرىدىن كېيىن 108 – 117 – ئايەتلەردە بۇ دەلىللەرنى رەت قىلغان ئىنكارچىلارنىڭ كېسەللىك بىلەن تولغان ئىچكى دۇنياسى مۇلاھىزە قىلىنغان. 118 – ئايتتىن تارتىپ سۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېمەك – ئىچمەك نوقتىسىدا باتىل ئېتىقاد ۋە خۇراپاتلىقلار ئارقىلىق ئىنسانلار توپىدىكى پادا پىسخىكىسى تەھلىل قىلىنىدۇ ۋە خۇراپاتلىقنىڭ تەۋھىدنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ.
قۇرئاننىڭ قەيىردە ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ قىسسەلىرى تىلغا ئېلىنغان بولسا، ئۇ يەردە ئادەم – ئىبلىس قىسسەسىدە دېيىلگەن مۇددىئا ئەكس ئەتمەكتە. بۇ قىسسەلەردىن كېيىن كەلگەن مۇسا – پىرئەۋىن قىسسەسىنىمۇ ئوخشاش بىر ئىبرەت نوقتىسىدىن ئوقۇش كېرەك. مۇسا ئادەمنىڭ ئىزىدىن، پىرئەۋىن شەيتاننىڭ ئىزىدىن ماڭدى. ياخشىلار بىلەن يامانلار ۋاقىتنىڭ بۇ تىلىمىدا يەنە بىر قېتىم يۈز تۇرانە ئۇچراشتى. ئاقىۋەتتە ئاللاھ نىڭ قانۇنىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ياخشىلار غالىپ كەلدى ( 103 – 137 ).
لېكىن، زەپەر قۇچقان ياخشىلار ئۇتۇقنى ئاللاھ نىڭ ياخشىلىققا بېرىلگەن بىر مۇكاپات دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، ئىبرانى ئىرقى ئۇنى ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن ھەق دەپ قاراپ شەيتان چۈشكەن توزاققا چۈشتى. مۇسا، تەۋبىسى بىلەن، بەندىلىكى ۋە تەسلىمىيىتى بىلەن ئادەمنىڭ يولىدىن ماڭغاندا، قەۋمى ئىرقچىلىق بىلەن، خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئاللاھ قا ئىسيان قىلىش بىلەن شەيتاننىڭ ئىزىدىن ماڭدى. نەتىجىدە، ۋەھىي يەتكۈزۈش شەرىپىگە نائىل بولغان مۇسۇلمان بەنى ئىسرائىل قەۋمى يەھۇدىيلەشتى ( 103 – 178 ).
بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالمىغانلار مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:
وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ لَهُمْ قُلُوبٌ لَا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آَذَانٌ لَا يَسْمَعُونَ بِهَا أُولَئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ أُولَئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ
« شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلبلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدىغان، كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدىغان، قۇلاقلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدىغانلارنى دوزاخقا (يېقىلغۇ) مەھكۇم قىلدۇق. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر » ( 179 ).
يۇقىرىدىكى بۆلەكتە تىلغا ئېلىنغان بىر ئايەت، كالام ئىلىمىگە مەنسۇپ ئالىملار ئارىسىدا « مىساق ئايىتى » دەپ ئاتالغان:
وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِنْ بَنِي آَدَمَ مِنْ ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَى أَنْفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ قَالُوا بَلَى شَهِدْنَا أَنْ تَقُولُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَذَا غَافِلِينَ
ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم باللىرىنى ( يەنى نەسلىنى ) ئۇلارنىڭ ( ئاتىلىرىنىڭ ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: « مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟ » دېدى. ئۇلار: « ھەئە، سەن بىزنىڭ رەببىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق » دېدى. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: « بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز » دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن ( ئۇلارغا بۇنى ئەسلەتتۇق ) ( 172 ).
بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ۋە ئاۋام ئارىسىدا « قالۇ – بەلا » دەپ ئاتالغان مىساقنىڭ ماھىيىتى كالامچىلار ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىسى بولغان. ئەشئەرى كالام ئىلمىگە مەنسۇپ ئالىملار بۇ مىساقنى « روھلار ئالەمى » دەپ ئاتالغان بىر ئالەمدە ئىنسان يارىتىلىشتىن بۇرۇن ئەھدە ئېلىنغان دەپ قارايدۇ. ئەشئەرى كالامچىلىرى ياقىلىغان « تۇنجى مىساق » قارىشىنى ئىمام ماتۇرىدى رەت قىلىدۇ. ماتۇرىدىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئايەت ئىنساننىڭ تۇغۇلىشىدىنلا بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىشقا مايىل فىترىتى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، بۇ ئايەتتە ئەسلىدە « ئاللاھ نىڭ ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنىڭغا يەرلەشتۈرگەن فىترىتى » ( رۇم، 30 ) ئىما قىلىنغان.
ئەشئەرى كالامىنىڭ تۇنجى « روھلار ئالەمى »نى قوبۇلغان چۈشەنچىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇ قارىشى، ئەسلىدە ئىسلام كالام ئىلمىگە پىلاتونچىلىقتىن، ئۇ يەرگە قەدىم مىسىرنىڭ ھەرمەسچى تەلىماتىدىن كىرگەن. بۇ پەلسەپە ئېنىق ھالدا بىر « روھ – بەدەن ئايرىمى » ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئايەتتىكى ئىلاھى مىساق بۇنداق بىر پەلسەپە ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋاقىتتا، بۇ ئايەتنىڭ ئىنسانغا دەيدىغان كۆپ نەرسىسى قالمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق بىر ئىزاھات، ئايەت تىلغا ئالغان مەسىلىنى ئىنساننىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. بۇ مەسىلىدە ھەل قىلغۇچ سۇئال مۇنداق: بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « رەببىڭ ئادەم باللىرىنىڭ پۇشتىدىن ئۇلارنىڭ نەسلىنى چىقارغان ھەر قېتىمدا » ئىبارىسىنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟ ». ئەگەر بۇ ئىبارە ئىنساننىڭ ئەقىل ۋە بالىغ بولۇش مەسىلىسى دەپ قارالغان ۋاقىتتا، رەسۇلۇللاھنىڭ « ئۈچ كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلدى: ئىھتىلام مەزگىلىگە قەدەم قويمىغان بالىلاردىن… » ھەدىسىدە بەرگەن بۇ مەلۇمات دەل جايىغا چۈشكەن بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسى، قۇرئاننىڭ نەبەۋى بىر تەپسىرى بولىدۇ.
مساق ئايىتىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىۋاتقاندا، تېمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يەر ئالغان بۇ ئايەت كۆزىمىزگە چىلىقماقتا ۋە دىلىمىزنى – كۆزىمىزنى يورۇماقتا:
خُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ
« سەن ئىنسان فىترىتىگە ئەڭ مۇۋاپىق بولغان يولنى تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن) »( 199 ).
يۇقىرىدىكى ئايەت، غاپىللاردىن بولۇپ قالماسلىقنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئايەتلەر گۇرۇپپىسى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ( 180 – 206 ). سۈرىنىڭ رەببىمىزگە قايسى ئۇسلۇپتا بەندىچىلىك قىلىشنىڭ ئەدەب قائىدىسىنى ئۆگەتكەن ئاخىرقى ئايەتلىرى، سۈرىنىڭ بېشىدا يەر ئالغان ئادەم – ئىبلىس قىسسەسىدە تىلغا ئېلىنغان مەككار ئىبلىستەك بولۇپ قالماسلىقنىڭ يوللىرىنى بايان قىلماقتا:
وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآَصَالِ وَلَا تَكُنْ مِنَ الْغَافِلِينَ (205) إِنَّ الَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيُسَبِّحُونَهُ وَلَهُ يَسْجُدُونَ (206)
« رەببىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، ئۆزىگە ياتلاشقانلاردىن بولمىغىن. ئۇنۇتمىغىنكى، رەببىڭ تەرىپىدە سەپ تۇتقانلار كىبىرلىك قىلىپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، اﷲ قا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ » ( 205 – 206 ).