ساد سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە باشلىنىشتىكى « ساد » ھەرىپى بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈرىدە داۋۇت ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى قىسسە بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن « داۋۇد سۈرىسى » دەپمۇ ئاتالغان. لېكىن، بۇ ئىسىم كەڭ دائىرىدە تارقالمىغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللەردە تىزىلغان قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە قەمەر – ئەئراف سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. لېكىن، بۇ نازىل بولۇش مەزگىلىگە ماس كەلمەيدۇ.

ئىبن ئابباستىن نەقىل قىلىنغان بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، سۈرىنىڭ 5 – 7 – ئايەتلىرى، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كاتتىلىرى ئەبۇ تالىپنىڭ يېنىغا رەسۇلۇللاھنىڭ تەۋھىد دەۋىتى ھەققىدە شىكايەت قىلىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئىتىرازلىرىغا جاۋاپ بولۇپ نازىل بولغان. مۇشرىكلارنىڭ كاتتىلىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقان ئەبۇ تالىپنىڭ يېنىغا كېلىپ، جىيەنىنى داۋاسىدىن ۋازكېچىشكە قايىل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇنىڭغا بەزى نەرسىلەرنى تەكلىپ قىلغان. ئۇ تەكىلىپ قىلىنغان نەرسىلەر: « ئەگەر ئۇ خالىسا ئۇنى ئۆزىمىزگە پادىشاھ قىلايلى. ياكى ئۇنى ئىچىمىزدىكى ئەڭ باي كىشىگە ئايلاندۇرايلى. خالىسا ئۇنى مەككىدىكى ئەڭ چىرايلىق قىزلارغا ئۆيلەپ قويايلى. ئەگەر بۇلارنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇنى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئىچىمىزدىن خالىغان بىرسىنى ياكى يېقىنلىرىمىزدىن بىرسىنى ئۇنىڭ ئورنىغا ئال! » ( تىرمىزى، ئەھمەد ۋە ئىبن ساد ).

ئەبۇ تالىپ مۇشرىك كاتتىلارنىڭ بۇ تەكلىۋىنى رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزگەندە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى:

« ئى تاغا! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قوياشنى ئوڭ قولۇمغا، ئاينى سول قولۇمغا بېرىپ، مېنى بۇ داۋادىن ۋازكەچ دېسە، ئاللاھ تىن بىر تەلىمات كەلمىگۈچە بۇ داۋامدىن ھەرگىز ۋازكەچمەيمەن ».

ئىبن ھىشام نەقىل قىلغان بىر رىۋايەت، سۈرىنىڭ ئەبۇ تالىپنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ ۋاپات بولۇش جەريانىدا نازىل بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. ئەبۇ تالىپ پەيغەمبەرلىكنىڭ 9 – يىلىدا ( مىلادى 619 ) ۋاپات بولغانىدى. بۇ ئەھۋالدا سۈرىنى رىسالەتنىڭ 9 – يىلىدا نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىغا تىزىشقا بولىدۇ.

قىسقا ۋە ئىخچام ھالدا نەقىل قىلغان قىسسەلەر ئارقىلىق خىتاپ قىلىش، بۇ مەزگىلدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىك بولۇپ، بىر تەرەپتىن ھالاك بولغان قەۋملەر ئارقىلىق مۇشرىكلار ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۈچ ۋە سەلتەنەت بېرىلگەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ ۋە مۇئمىنلەرگە تەسەللىي بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ رەسۇلۇللاھقا ئالدىن بېرىلگەن بىشارەت بولۇپ، بۇ بىشارەت رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەييۇبنىڭ سەبرى بىلەن سەبىر قىلغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقانىدى ( 41 – 44 ). ئەييۇب قىسسەسى ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا سەبىر تەۋسىيە قىلىنغان. قىسسە بايانىدىكى بۇ قوش يۆنىلىشلىك ئۇسلۇب، بۇ سۈرىدىن كېيىنلا نازىل بولغان ئەئراف سۈرىسى بىلەن تېخىمۇ تەپسىلىي ھالغا كەلگەن. سەبە، كەھف ۋە يۈسۈپ سۈرىسى بىلەن داۋاملاشقان.

سۈرە خاتادىن قايتىش بىلەن خاتالىقتا چىڭ تۇرۇش ئارىسىدىكى پەرقنى ئاساسىي تېما قىلغان. ئىلاھىي تەربىيلەش لاھىيەسى بولغان ۋەھىي ئىما قىلىنغان ھالدا باشلانغان ۋە ئاخىرلاشقان بۇ سۈرىنىڭ باشلىنىشى ئۆزىدىن كېيىن نازىل بولغان ساففات سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى قوبۇل قىلىنمايدىغان باھانىگە ( 168 – 169 ) بىر جاۋاپ ماھىيىتىگە ئىگە. سۈرىدە ھەددىنى بىلمەسلىك ۋە ئەجدادلارنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىپ ئېزىپ كەتكەن مۇشرىكلارغا خاتالىقىدا چىڭ تۇرىۋالماسلىقنى تەنبىھلەنگەن ( 1 – 12 ). چۈنكى، خاتالىقىدا چىڭ تۇرغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئىچىنىشلىق بولغانىدى ( 13 – 16 ).

ھەزرىتى داۋۇد خاتالىقتا چىڭ تۇرىۋالماسلىقنىڭ، ھەزرىتى سۇلايمان مال – مۈلۈك ۋە سەلتەنەتتە ( ھاكىمىيەتتە ) ئۆزىنى بىلىش، ھەددىدىن ئاشماسلىقنىڭ بىرەر ئۆرنىكىدۇر ( 17 – 40 ).

بۇ ئىككى قىسسە ئارقىلىق كۈچ – قۇدرەت ۋە كۈچ ئەخلاقى مۇلاھىزە قىلىنغان. ھاكىمىيەت ۋە پاراغەتنىڭ كىشىنى بىخۇدلاشتۇرۇپ يولدىن چىقىرىپ تاشلايدىغان تەرىپى بايان قىلىنىپ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرالىغانلار بىلەن تاقابىل تۇرالمىغانلارنىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدا تەڭ ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن ( 28 ).

ھەزرىتى داۋۇد قىسسەسى ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ ۋە مۇئمىنلەرگە مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ سىلەرگە 99 قوي بەرگەن بولسا، يەنە باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكى بىر قويغا كۆز تىكمەڭلار! ». بۇ ئىبرەتلىك قىسسە بۇ سۈرىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

وَهَلْ أَتَاكَ نَبَأُ الْخَصْمِ إِذْ تَسَوَّرُوا الْمِحْرَابَ (21) إِذْ دَخَلُوا عَلَى دَاوُودَ فَفَزِعَ مِنْهُمْ قَالُوا لَا تَخَفْ خَصْمَانِ بَغَى بَعْضُنَا عَلَى بَعْضٍ فَاحْكُمْ بَيْنَنَا بِالْحَقِّ وَلَا تُشْطِطْ وَاهْدِنَا إِلَى سَوَاءِ الصِّرَاطِ (22) إِنَّ هَذَا أَخِي لَهُ تِسْعٌ وَتِسْعُونَ نَعْجَةً وَلِيَ نَعْجَةٌ وَاحِدَةٌ فَقَالَ أَكْفِلْنِيهَا وَعَزَّنِي فِي الْخِطَابِ (23) قَالَ لَقَدْ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعْجَتِكَ إِلَى نِعَاجِهِ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ الْخُلَطَاءِ لَيَبْغِي بَعْضُهُمْ عَلَى بَعْضٍ إِلَّا الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَقَلِيلٌ مَا هُمْ وَظَنَّ دَاوُودُ أَنَّمَا فَتَنَّاهُ فَاسْتَغْفَرَ رَبَّهُ وَخَرَّ رَاكِعًا وَأَنَابَ (24) فَغَفَرْنَا لَهُ ذَلِكَ وَإِنَّ لَهُ عِنْدَنَا لَزُلْفَى وَحُسْنَ مَآَبٍ (25) يَا دَاوُودُ إِنَّا جَعَلْنَاكَ خَلِيفَةً فِي الْأَرْضِ فَاحْكُمْ بَيْنَ النَّاسِ بِالْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ الْهَوَى فَيُضِلَّكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ إِنَّ الَّذِينَ يَضِلُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا نَسُوا يَوْمَ الْحِسَابِ (26)

(ئى مۇھەممەد!) دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسەسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان) مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈشتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار (داۋۇدقا): « قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان ( ھەققىنى يېگەن )، ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن » دېدى. ( ئۇلارنىڭ بىرى ) « شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دېدى ۋە دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇردى » دېدى. داۋۇد ئېيتتى: « ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىپ راستلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن شېرىكلەر (يەنى دوستلار)، شۈبھىسىزكى، بىر ـ بىرىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ ( ھەققىنى يەيدۇ )، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا ( بۇنىڭدىن مۇستەسنا ) بۇلار ئازدۇر ». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى. (اﷲ قا) تەۋبە قىلدى. بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ. ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، اﷲ نىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ  ( 21 – 26 ).

قىسسەدە تىلغا ئېلىنغان ئىككى داۋاگەر، ئەسلىدە ھەزرىتى داۋۇدنىڭ مۇئامىلىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى سەمىگە سېلىپ، تەۋبە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلار ئىدى. بۇ قىسسەدىن ئىبرەت ئالغۇچىلارغا كۆپ ساۋاق بار. داۋۇدقا ئوخشاش جاھانغا ھۆكۈمران بولسىڭىزمۇ، بېرىلگەن نەسىھەتكە قۇلاق سېلىڭ ۋە خاتادىن يېنىڭ. خاتاسىز بەندە بولمايدۇ. ھەر بەندىدىن خاتالىق سادىر بولىدۇ. لېكىن، پەزىلەت خاتادىن مۇستەسنا بولۇش ئەمەس، بەلكى خاتاسىدىن يېنىشتۇر. ياخشى كىشىلەر خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلەر ئەمەس، ئەكسىچە خاتالىقىنى تونۇپ ئۇنىڭدىن قايىتقان كىشىلەردۇر. ئىلكىدىكى كۆپنى كۆرەلمىگەنلەر، باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكى ئازغا كۆز تىكىدۇ. ئىنساننىڭ كۆزىنى بىر سىقىم توپا تويغۇزىدۇ. بۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە قىسسەدىن كېيىن، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش بايان قىلىنغان:

« ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى مەقسەت ۋە مۇددىئاسىز ھالدا بىكارغا ياراتمىدۇق » ( 27 ).

بۇ ئارقىلىق « ئى ئىنسان، ئاللاھ ياراتقان ئاسمان ۋە زېمىننىڭ مەقسىتى سەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش. ئۇنداقتا سېنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىڭ نېمە؟ كىم ئۈچۈن يارىتىلدىڭ؟ » دېمەكتە.

بۇ سۇئالغا توغرا جاۋاپ بېرىش كۇپايە قىلمايدۇ. توغرا جاۋاپ بىلەن بىرگە، بۇ جاۋاپقا لايىق شەكىلدە ياشاش شەرت. ئىنسان بۇنداق بىر ھايات شەكلىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، يول كۆرسەتكۈچكە مۇھتاج. بۇ يول كۆرسەتكۈچ دەل ۋەھىيدۇر. سۆز بۇ نوقتىغا كەلگەندە سۈرىدىكى بۇ جاۋاپ دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ:

كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آَيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ

« ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز – نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا بۇ مۇبارەك كىتاب ( قۇرئان )نى نازىل قىلدۇق » ( 29 ).

بۇ ئايەتتىن كېيىن بايان قىلىنغان پەيغەمبەر قىسسەلىرى ئارقىلىق شەخسەن رەسۇلۇللاھنىڭ تەسەۋۋۇرى شەكىللەندۈرۈلگەن. ھەزرىتى داۋۇت ۋە سۇلايمان، ھەزرىتى ئەييۇب، ھەزرىتى ئىبراھىم، ھەزرىتى ئىسھاق، ھەزرىتى ياقۇپ، ھەزرىتى ئىسمائىل، ھەزرىتى ئەليەسا بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەردۇر ( 41 – 48 ).

ھەزرىتى ئەييۇبنىڭ قىسسەسى بايان قىلىنغاندا، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن شۇ سۆزلەر نەقىل قىلىنغان: « رەببىم! شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن بىزارلىق ۋە تەرك ئېتىلگەنلىك تۇيغۇسى بېرىۋاتىدۇ » ( 41 ). بۇ يەردە ھەزرىتى ئەييۇبنىڭ بىتاپلىقتىن ئەمەس، بەلكى بىتاپلىقتىن تۇغۇلغان بىزارلىقتىن شىكايەت قىلىشى ۋە بۇنى شەيتانغا نىسبەت بېرىشى، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى شەيتانغا نىسبەت بېرىشى، خاتالىقنى سادىر قىلغۇچىنى ئەمەس، بەلكى خاتالىقنى نىشانغا ئالغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر ( سىزنىڭ نىشانىڭىزدا خاتالىق سادىر قىلغۇچى ئەمەس، ئۇ سادىر قىلغان خاتالىقنى تۈزۈتۈش بولسۇن ). ۋەھىي بۇ ئارقىلىق خاتالىقىمىز بىلەن بىرلىشىپ كەتمەسلىكىمىزنى بىزگە ئۆگەتمەكتە. بۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچى خاتالىقى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، كىشى خاتالىقىنى ئۆزىدىن ئېلىپ تاشلىيالايدۇ، ئۇنى قايتا سادىر قىلماسلىققا تىرىشىدۇ. خاتالىقى بىلەن يۈزلىشىپ، تەۋبە – ئىستىغفار ئارقىلىق ئۇنى يېڭىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتلەردە ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى مۇكاپات ۋە جازاسى بايان قىلىنىدۇ ( 49 – 64 ). ئىبلىس قىسسەسى ئارقىلىق، خاتالىقتا چىڭ تۇرۇشنىڭ كىشىنى قانداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. ۋەھىينىڭ مەقسىتى ئىنساننى ئىبلىسلىشىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا نىسبەتەن كور ۋە گاس بولىۋالغانلار، بۇ ئايەت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان:

« بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇ ( قۇرئان ) خەۋەر بەرگەنلەرنىڭ راستلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر » ( 88 ).