1. سەلتەنەتنىڭ قىسقىچە تارىخى
نەبەۋى يول
مەيلى سائادەت دەۋرىدە مەيلى رەشىد خەلىپە دەۋرلىرىدە بولسۇن دىنىي رەھبەرلىك دىنىي ۋە سىياسىي دەپ ئىككىگە بۆلۈنمىگەن ئىدى. پەقەتلا رەھبەرلىك ئورگىنىدا ئەمەس، ھاياتنىڭ بارچە ساھەلىرىدىمۇ دىن-سىياسەت پۈتۈنلىكىنى قوغدىلىنىۋاتقان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ( س. ئە. ۋ.)، شىرىك بىلەن بىرگە بىر ئىلاھلىق دىنلاردىن كەلگەن سېكۈلار چۈشەنچنلەرنىمۇ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلىغان ئىدى.
ئىسلام ئەقىدىسىگە شىرىك قانداق قىلىپ پۈتۈنلۈككە ئىلاۋە قىلىش بولسا، سېكۇلارىزىممۇ پۈتۈننى پارچىلارغا ئايرىۋېتەتتى. يەنى شېرىك، ئىچىدە ھەق بولغان باتىل، سېكۇلارىزىم بولسا ئىچىدىن ھەق سوغۇرۇپ ئېلىنغان باتىل ئىدى. بىرى دىنغا قاتىدۇ، بىرى چىقىرىدۇ. بىرى ئەقىدىگە قوشۇپ بۇزىدۇ، يەنە بىرى ئازايتىپ بۇزىدۇ. مانا بۇ خاتالىق رەسۇلۇللاھنىڭ بىر پۈتۈن مېتودى ئارقىلىق رەت قىلىندى. ئىنسانلارنىڭ ھەم ئىچ دۇنياسىنى ھەم تاشقى دۇنياسىنى ھەمدە ئۇ دۇنياسىنى تەرتىپكە سالغان، باشقۇرغان بىر دىننى يەتكۈزگەن / تەبلىغ قىلغان ئىدى. مەسجىتتە ناماز قىلدۇرغان، ئالدىنقى سەپتە بولسا جەڭ قىلغان ئىدى رەسۇلۇللاھ.
رەشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەرمۇ ئۇنىڭ يولىدىن ماڭغان ئىدى. رەھبەرلىكنىڭ بۆلۈنمەسلىكى جەھەتتە بەك ئەستايىدىل بولۇشقان ئىدى.
ھەزرىتى ئەبۇبەكىر سەلتەنەتكە ئېچىلغان بارلىق ئىشىكلەرنى تاقىۋەتكەن رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن ماڭغان ئىدى. ئۇ ئىشىكنى ئاچقۇزمىغان ئىدى. مۇلھىت كىسراغا ۋە لايىق قەيسەرگە ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەستايىدىل بولدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئەشۇنداق قىلدى. سەلتەنەت تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق تۆشۈكنى ئەتتى. رەھبەرلىكنىڭ بۆلۈنمەسلىكىگە قارىتا ئاجايىپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى. رەشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەر دەۋرىدىن كېيىن، سىياسىي قۇرۇلمىدا بىر قاتار دەز كەتتى. دىن – دۇنيا ئايرىمىسى بارغانسىرى ئۆزلەشتى، بولۇپمۇ، سەلتەنەتنىڭ ھۇزۇرى دىن ۋە دۇنيانىڭ ئايرىلىشىغا، يەنى « ئىپتىدائىي ئىلمانىزىم» غا باغلىق ئىدى.