نەمل سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

نەمل كەلىمىسى خاس ئىسىم بولغاندا « چۈمۈلە »، ئومۇمىي ئىسىم بولغاندا « بىر يەرگە جەم بولۇش قابىلىيىتىگە ئىگە ئەڭ كىچىك ۋە ئاجىز جانلىق » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، سۈرىىنىڭ  18 – 19 – ئايىتىدە بايان قىلىنغان قىسسەدە تىلغا ئېلىنغان.

بۇخارى ۋە تىرمىزدا، سۈرە، قىسسە تېمىسىغا نىسبەت بېرىلگەن ھالدا « سۇلايمان سۈرىسى » دەپ ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. دەسلەپكى مەزگىلدە تىزىلغان قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە شۇئەرا – قاساس سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. سۈرىنىڭ بىۋاستە ھالدا خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت، كۈچ ۋە ئادالەت ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەزمۇنى بۇ تەرتىپنى توغرىلايدۇ. قۇرەيش بايقۇتى مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىسىىدە پەيغەمبەرلەر قىسسەلىرى، بولۇپمۇ بەنى ئىسرائىل ئۆرنىكى ئارقىلىق ساۋاقلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇ مەزكۇر دەۋردە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر.  سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 8 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

سۈرىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا قىسسەلەر ۋە ۋەقەلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ ۋە بارلىق مۇئمىنلەرنىڭ شەخسىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. بۇ مەقسەت سۈرىدە ناھايىتى روشەن ھالدا ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، قىسسەلەر ئاخىرلاشقاندا ئاللاھ قا ھەمد، پەيغەمبەرلەرگە سالام قىلىشقا بۇيرۇلغان ( 59 ).

سۈرە مۇقاتتا ھەرىپلىرى بىلەن باشلانغان سۈرىلەر قاتارىدىن بولۇپ، ۋەھىي ئىما قىلىنغان ھالدا باشلانغان. سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىلا نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئادا قىلغان ۋە زاكاتنى چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ بەرگەن مۇئمىنلەرگە خوش خەۋەر بېرىلگەن ( 3 ).

سالات ( ناماز ) ۋە زاكات قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش باسقۇچىنىڭ ھەممىسىدە بىزگە كۆپ ئۇچرايدىغان ئىككى ئىبادەتتۇر. نەچچە ئون ئايەتتە بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىغان. بىرىنچىسى ( سالات )  بەندىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى؛ ئىككىنجىسى ( زاكات ) بەندىنىڭ ئىجتىمائىي جەمىئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ناماز ھېس – تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. زاكات، مال ۋە بايلىق ھەققىدە توغرا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ناماز بەندىنى يامانلىقلاردىن توسىدۇ، زاكات دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. ناماز ۋە زاكات بىر قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىنسان ھايات سەپىرىدە بۇ ئىككى قانات بىلەن ئۇچالايدۇ.

ئايەتتىكى « زاكات بېرىدۇ » ئىپادىسىدىن، خېلى بىر مەزگىلدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن قائىدىسى ۋە نىسبىتى ئېنىق ھالدا بەلگىلەنگەن بىر ئىبادەت نەزەردە تۇتۇلغان دەپ قارالماسلىق كېرەك. بۇ مەزگىلدە زاكات ئىقتىسادىي مەجبۇرىيەتتىن باشقا « پاكلىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر خىل پىداكارلىقنى » ئۆز ئىچىگە ئالغان. كەلىمىنىڭ سۆز يىلتىزىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئاشۇرۇش ئۈچۈن پاكلىنىش … شۇڭا زاكات بېرىش، ياۋا شاخلارنى پۇتاشقا ئوخشايدۇ. ياۋا شاخلار پۇتالغاندا، كۆرۈنۈشتە شاخ ئازايغاندەك قىلسىمۇ، ساپاقتىكى ئۈزۈم كۆپىيىدۇ. زاكات دەل بۇنىڭغا ئوخشايدۇ. راتسىئونال ماتېماتكىدا 40 تىن بىرنى ئېلىۋەتكەندە 39 قالىدۇ. لېكىن، ئىمان ماتېماتىكىسىدا 400 قالىدۇ.

سۈرىدە قىسسەلەر بۆلىكى باشلانغاندا، داۋۇت ۋە سۇلايمان ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئىككى شەخس پەقەت پەيغەمبەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولۇپ، سۈرە بۇ پەيغەمبەرلەر ھەققىدە توختالغاندا، بۇلارغا « مۈلۈك » بېرىلگەنلىكىنى ئەمەس، ئەكسىچە « ئىلىم » بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ:

وَلَقَدْ آَتَيْنَا دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ عِلْمًا وَقَالَا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي فَضَّلَنَا عَلَى كَثِيرٍ مِنْ عِبَادِهِ الْمُؤْمِنِينَ

بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا ئىلىم ئاتا قىلدۇق. ئۇلار: « جىمى ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ئاللاھ قا خاستۇر! » دېگەنىدى ( 15 ).

ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىلىمنىڭ شۈكرىسىنى ئادا قىلغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىلىم بىلەن ئاللاھ قا ھەمدۇسانا ئېيتقانىدى. ئۇنداقتا، ئىگىسىگە ھەمدۇسانا ئېيتىشنى ئۆگەتمىگەن ئىلىم، ئىلىم بولامدۇ؟ دادىسى داۋۇدقا ۋارىس بولغان سۇلايمانغا « قۇشلارنىڭ مەنتىقىسى (مَنْطِقَ الطَّيْرِ )» ئۆگىتىلگەنىدى ( 16 ). ئايەتتە قۇشلارغا مەنتىق نىسبەت قىلىنغان بولۇپ، سۇلايمان ئۇلارنىڭ مەنتىقىسىنى بىلەتتى. بىرسى بىر نەرسىدىن مەنا چىقارغان بولسا، ئۇ كىشىدە شۇ نەرسىنىڭ تىلى بار بولغان بولىدۇ. بىرسى بىر نەرسىدىن ھېچقانداق بىر مەنا چىقىرالمىغان بولسا، ئۇ شۇ نەرسىنىڭ تىلىنى ۋە سۆزىنى بىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تىلسىزدۇر. ئايەتتە قۇشلارغا سۇلايماننىڭ تىلىنى ئەمەس، سۇلايمانغا قۇشلارنىڭ تىلى / مەنتىقى ئۆگىتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. كارامەت قۇشنىڭ زاۋانغا كېلىشىدە ئەمەس، سۇلايماننىڭ پاراسەت ۋە ئەقىللىق بولغانلىقىدا ئىدى.

سۈرىدە سۇلايمان ۋە بىلقىس ھەققىدىكى قىسسەگە كەڭ دائىرىدە ئورۇن بېرىلگەن ( 16 – 44 ) بولۇپ، بۇ ئارقىلىق « بىر چۈمىلىگىمۇ زۇلۇم قىلماسلىق » نەسىھەت قىلىنىپ، ھوقۇق ۋە كۈچ ئەخلاقى ياكى كۈچ ۋە ھېكمەت مۇناسىۋىتىنى قانداق شەكىللەندۈرۈش ئۆگىتىلگەن. سۇلتان سۇلايمان بولۇپ دۇنياغا ھۆكۈمران بولالىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، سىزنى قۇدرەتلىك قىلغان نەرسە سەلتەنەتىڭىز ئەمەس، ئەكسىچە كۈچ ۋە ھوقوق قولىڭىزدا بولىشىغا قارىماي، بىر چۈمۈلىگىمۇ زۇلۇم قىلماسلىقتەك ئادالەتنى بەرپا قىلالىشىڭىزدۇر. سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن « چۈمۈلە » مانا بۇ زۇلۇمغا ئۇچرىمىغان چۈملىدۇر.

سۈرىدە ھەر پەيغەمبەرنىڭ ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىق ۋە قابىلىيەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى ئىما قىلىنغان. ھەزرىتى سۇلايمانغىمۇ بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان ئارتۇقچىلىقلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەنىدى. بۇ قىسسەنىڭ ئالدىدا بايان قىلىنغان مۇسا ( 7 – 14 ) ، ئۇنىڭدىن كېيىن بايان قىلىنغان سالىھ ( 45 – 53 ) ۋە لۇت قەۋمى ( 54 – 58 ) قىسسەلىرى ئارقىلىق ئىنكارچى زېھنىيەت ئاگاھلاندۇرۇلغان.

سۈرىدە تەۋھىد ئەقىدىسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن بولۇپ، ئاللاھ تىن غەيرىگە ئىلاھلىق سۈپىتى بېرىشنىڭ ئاللاھقا قىلىنغان ئەڭ چوڭ تۇزكورلۇق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەندىن كېيىن، بۇ خىل تۇزكور كىشىلەرگە مۇنداق خىتاپ قىلىنغان:

قُلْ لَا يَعْلَمُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الْغَيْبَ إِلَّا اللَّهُ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ

ئېيتقىنكى: « ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ تىن غەيرى، ئىدراكتىن ھالقىغان ھەقىقەتلەرنى ( غەيىبنى ) بىلمەيدۇ، ھېچكىم ئۆلگەندىن كېيىن قاچان تىرىلدۈرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ » ( 65 ).

سۈرىدە خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن مەدەنىيەتلەردىن قالغان ئىزنالارغا ئىبرەت نەزرىدە قاراپ ئۇلاردىن ساۋاپ ئېلىشقا بۇيرۇلغان:

قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُجْرِمِينَ

ئېيتقىنكى: « زېمىندا سەير قىلىڭلار، گۇناھكارلار ( پەيغەمبەرلىرىنى / ۋەھىينى ئىنكار قىلغۇچىلار )نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار » ( 69 ).

ئاندىن سۈرە باشلىنىشتىكىگە ئوخشاش سۆزنى ۋەھىيگە / قۇرئانغا كەلتۈرۈپ، ۋەھىينىڭ خىتاپ قىلىنغۇچىدا شەكىللەندۈرمەكچى بولغان ئاخىرەت چۈشەنچىسىنى تەكىتلىگەن:

وَيَقُولُونَ مَتَى هَذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ (71) قُلْ عَسَى أَنْ يَكُونَ رَدِفَ لَكُمْ بَعْضُ الَّذِي تَسْتَعْجِلُونَ (72)

ئۇلار: « ئەگەر ( سۆزۈڭلاردا ) راستچىل بولساڭلار، ( سىلەر بىزگە ۋەدە قىلغان ) ئازاب قاچان چۈشىدۇ » دېيىشىدۇ. « سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولىشى مۇمكىن » دېگىن ( 71 – 72 ).

ئاندىن بىردىنلا بەنى ئىسرائىل ھەققىدە بايانلار باشلىنىدۇ. قۇرئان بەنى ئىسرائىل ئىختىلاپ قىلىشقان بىر مۇنچە مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئەگەر يەھۇدىيلار قۇرئانغا مۇراجەت قىلسا، ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان بىر مۇنچە مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىدىن خەۋەردار بولاتتى ( 76 ).

قۇرئان بىز بىلىدىغان ئۇقۇملارنى يېڭىۋاشتىن ئىزاھلاپ توغرا بولغان مەنىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ مەنىلەر تەك دۇنيالىق ئەمەس، ئىككى دۇنيالىق مەنىلەر بولۇپ، بۇ مەنىلەر ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەقىل، ئاللاھ « نەزەر تاشلا » دېگەن نوقتىدىن تۇرۇپ ۋەقە – ھادىسىلەرگە نەزەر تاشلايدۇ ۋە ئاللاھ كۆرسەتمەكچى بولغان نەرسىنى كۆرىدۇ. ھايات ۋە ئۆلۈم قۇرئان يېڭىۋاشتىن ئىزاھلىغان ئۇقۇملاردىن پەقەت بىر ئۆرنەك، خالاس. قۇرئان بىز « ئۆلۈك » دېگەنلەرگە « ئۆلۈك » دېمەيدۇ، ئەكسىچە بىز « تىرىك » دېگەنلەرگە « ئۆلۈك » دەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز « كۆزى ئوچۇق » دەپ بىلگەنلىرىمىزنى « كور » دەيدۇ. بۇ ھەقىقەت تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:

إِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَى وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَاءَ إِذَا وَلَّوْا مُدْبِرِينَ (80) وَمَا أَنْتَ بِهَادِي الْعُمْيِ عَنْ ضَلَالَتِهِمْ إِنْ تُسْمِعُ إِلَّا مَنْ يُؤْمِنُ بِآَيَاتِنَا فَهُمْ مُسْلِمُونَ (81)

« شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن. بولۇپمۇ بۇ دەۋەتتىن يۈز ئۆرىگەن گاسلارغا دەۋىتىڭنى ئاڭلىتالمايسەن. توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن كورلارنى توغرا يولغا سەن باشلىيالمايسەن. سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە چىنپۈتكەن كىشىلەرگىلا ئاڭلىتالايسەن » ( 80 – 81 ).

ۋەھىي، ئاللاھ نىڭ ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن غاپىل ئەمەسلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئاللاھ نىڭ غاپىل ئەمەسلىكى، ھاكىمى پەقەت ئاللاھ لا بولغان مەھشەر كۈنىدىكى مەھكىمىدە ھەقىقىي رەۋىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ:

وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ

« رەببىڭلار سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر » ( 93 ).