ئىنشىقاق سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە « يېرىلىش، پارچىلىنىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىنشىقاق كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان  بولۇپ، بۇ كەلىمە بىرىنچى ئايەتتە تىلغان ئېلىنغان:

« ئاسمان يېرىلغان چاغدا » ( 1 ).

بۇ سۈرە ئىلاھىي بۇزۇلۇشنى بىلدۈرىدىغان سۈرىلەردىن بىرى.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىدىكى 6، 13 – 14 ۋە 20 – 24 – ئايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ سۈرە قۇرەيش بويقۇتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە نازىل بولغان. بۇ ئايەتلەردە مۇشرىكلار زۇلۇمىنىڭ كۈچىيىپ، مۇئمىنلەرنىڭ قاتتىق ئېغىر كۈندە قالغانلىقى ئىما قىلىنغان.

ھەزرىتى ئوسمان ۋە ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە ئىنفىتار – رۇم سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ سۈرىنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 8 – يىلىدا نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىغا تىزىشقا بولىدۇ.

سۈرىدە بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ يەنە بىر يۈزى بارلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، كىشى نېمە تېرىغان بولسا شۇنى ئالىدىغانلىقى، شۇ مەھسۇل بىلەن ئاللاھ نىڭ ھوزۇرىغا چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يېغىنچاقلىغاندا، كائىناتنىڭ يولۇچىسى بولغان ئىنسان، يولنىڭ ئاخىرىدا تاللىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.

إِذَا السَّمَاءُ انْشَقَّتْ (1) وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ (2) وَإِذَا الْأَرْضُ مُدَّتْ (3) وَأَلْقَتْ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتْ (4) وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ (5) يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَى رَبِّكَ كَدْحًا فَمُلَاقِيهِ (6)

« ئاسمان يېرىلغان، رەببىڭنىڭ خىتابىغا قۇلاق سالغان ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئېلىنغان؛ زېمىن سوزۇلۇپ بىپايان بىر تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇلغان، ئىچىدىكى ھەممە نەرسىنى سىرتىغا چىقىرىپ ئىچىنى قۇرۇقدىغان، رەببىڭنىڭ خىتابىغا قۇلاق سالغان ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئېلىنغان ۋاقىتقىچە، ئى ئىنسان! رەببىڭگە مۇلاقەت بولغىنىڭغىچە سەن ( مەيلى خالا – خالىما ) ھايات يولىدا تېز سۈرئەتتە سەپىرىڭنى داۋاملاشتۇرىسەن » ( 1 – 6 ).

بۇ ھايات سەپىرىدە ھەر كىشىنىڭ ئارخىۋى ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، ياخشىلار دۇنيا ھاياتىدا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن، نامە – ئەمەل دەپتىرى ئوڭ قولىغا بېرىلىدۇ. جازاغا لايىق بولغۇچىلار، دۇنيا ھاياتىدا فىترىتىگە ماس ھالدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ۋىجدانىنىڭ چۇقانىغا قۇلاق سالمىغانلىقى ئۈچۈن، نامە – ئەمەل دەپتىرى سول قولىغا بېرىلىدۇ ( 7 – 15 ).

ئەڭ چوڭ شاھىت كىم؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تۇر. ئەڭ بۈيۈك گۇۋاھلىق كىمنىڭ گۇۋاھلىقى؟ ئەلۋەتتە، ئاللاھ نىڭ گۇۋالىقىدۇر. ئۇنداقتا، ئەڭ بۈيۈك شاھىتنىڭ كالامىغا قۇلاق سېلىشنىڭ ئىنسان روھىدا پەيدا قىلغان ئۆزگۈرۈشمۇ ھەقىقەتەن ئەڭ چوڭ بولىدۇ:

فَلَا أُقْسِمُ بِالشَّفَقِ (16) وَاللَّيْلِ وَمَا وَسَقَ (17) وَالْقَمَرِ إِذَا اتَّسَقَ (18) لَتَرْكَبُنَّ طَبَقًا عَنْ طَبَقٍ (19)

« شەپەق ۋاقتىنى شاھىت قىلىمەن! كېچە ۋە ئۇ خاتىرلىگەن نەرسىلەرنى شاھىت قىلىمەن! نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي بىلەن قەسەمكى! ئى ئىنسانلار! سىلەر جەزمەن بىر ھالىتىڭلاردا تۇرمايسىلەر، قەدەممۇ – قەدەر ھايات سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەيسىلەر » ( 16 – 19 ).

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتلەردە ھايات سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدىكى مۇكاپات ۋە جازا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئادالەتنىڭ يەنە بىر ئىسمىدۇر ( 24 – 25 ).