ئەمدى 11 – ئايەتنى باشلايلى. بۇ ئايەت قۇرئان بالاغىتىنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرسى. ئالدى بىلەن بۇ ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلايلى.

ذَرْنِي وَمَنْ خَلَقْتُ وَحِيدًا –  مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى ماڭا قويۇۋەت ( 11 ).

وَجَعَلْتُ لَهُ مَالًا مَمْدُودًا – ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم.

وَبَنِينَ شُهُودًا – ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللار بەردىم.

وَمَهَّدْتُ لَهُ تَمْهِيدًا – ئۇنىڭ ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈردۇم.

ئالدىنقى دەرسلىرىمدە بەزى ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدىم. بەزى ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىنى بىلسىڭىز، ئۇ ئايەتنى ئاسانلا چۈشىنەلەيسىز.

بۇ ئايەتنىڭ ۋەلىد بىن مۇغىرە ھەققىدە نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنماقتا.

ھەممىگە مەلۇم، ئۆز ۋاقتىدا مەرتىۋە جەھەتتە مەككىنىڭ قازىسى سالاھىتىدە بولغان ۋەلىد بىن مۇغىرە ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن. ئۇ مەككە كاتتىلىرىدىن ئىدى. ئۇ كىشى داۋاملىق بايلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختىنىپ تۇراتتىكەن.  بۇ كىشى ناھايىتى باي بولۇپ، مۇسۇلمان بولماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا پۇل – مال بېرىپ ئۆز تەرىپىگە تارتىپ، ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن توسۇشقا ئۇرنىدىكەن. مال – دۇنياسىنى كىشىلەرنى ئىماندىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلاتتىكەن. بەئەينى بەلەد سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغاندەك:

يَقُولُ أَهْلَكْتُ مَالًا لُبَدًا – ئۇ: « بۇ يولدا كۆپ مال سەرپ قىلدىم » دەيدۇ ( بەلەد، 6 ).

بۇ ئىشى سەۋەبىدىن، ئۇ ئۆزىچە خۇددى ناھايىتى چوڭ ئىش قىلىۋاتقاندەك پەخىرلىنىدىكەن، بۇ ئىشىنىڭ كېيىن ئۆزىگە بالا بولىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر. ئۇ مانا مۇشۇنداق باي كىشى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ كىشىنىڭ 9 ياكى 11 ئوغلى بار بولۇپ، بۇ جەھەتتىنمۇ پەخىرلىنىپ يۈرەتتىكەن. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا دائىم مۇنداق دەپ ماختىنىپ مۇنداق دەيدىكەن:

« ئەنە ۋاھىدۇبنۇ ۋاھىدى – مەن ۋاھىدنىڭ ئوغلى ۋاھىد. يەنى، ئەرەپلەرنىڭ ئىچىدە ماڭا ۋە دادامغا تەڭ كېلەلەيدىغان ھېچقانداق كىشى يوق » دەپ ماختىنىپ تۇراتتىكەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئاللاھ نېمە دەيدۇ؟ ئۇنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

ذَرْنِي وَمَنْ خَلَقْتُ وَحِيدًا –  سەن ئۇ ۋاھىد (مەن تەنھا ياراتقان كىشى )نى ماڭا قويۇۋەت ( 11 ) دەيدۇ ئاللاھ.

بۇ ئايەت قۇرئان بالاغىتىنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرسى. بۇ ئايەتنىڭ بىر – بىرىگە يېقىنلىشىپ قالىدىغان بەش خىل تەرجىمىسى بار. بۇ بەش تەرجىمىنىڭ ھەممىسى توغرا. ئايەت ئۆزى ئۈچ كەلىمىدىن تۈزۈلگەن، بەش خىل تەرجىمە؟ قانداق گەپ بۇ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن. ھازىر ئىزاھلاپ ئۆتىمەن.

مەن ئۆزەم يالغۇز ھالدا ياراتقان كىشىنى ماڭغا قويۇۋەت. « ئۆزەم يالغۇز ھالدا »، يەنى ئۇنى مەن ياراتتىم. بۇ يەردە  وَحِيد كەلىمىسى خَلَقْتُ كەلىمىسى بىلەن باغلاپ چۈشۈنۈلگەن. « ئۇنى مەن ياراتتىم، ئۇ كىشىنىڭ يوغانچىلىق قىلغۇدەك نېمىسى بار؟». ئۇ باشقا نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ يۈرىيدۇ، ئۇنى ياراتقۇچى مەن. ئى مۇھەممەد، ئۇنى مەن ياراتتىم، ئۇنى ماڭا قويۇۋەت، دەيدۇ ئاللاھ. بۇ بىرىنچى خىل تەرجىمە.

وَحِيد كەلىمىسىنى مَنْ خَلَقْتُ كەلىمىسى بىلەن باغلاپ چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا بۇ جۈملە مۇنداق مەنىدە بولىدۇ:

مەن، تەنھا ياراتقان كىشىنى ماڭا قويۇۋەت. ئۇ ھازىر يېنىدىكى بالىلىرى بىلەن بىز مۇنداق كۆپ كىشى دەپ ماختىنىپ يۈرىۋاتىدۇ، ئۇ ئانىسىنىڭ قوسقىدىكى چاغدا پەقەت بىر جان ئىدى. ئۇنى مەن ياراتقانىدىم. ئۇنىڭ ھازىر جان سانىنىڭ كۆپلىكىدىن ماختىنىشى، ئۆزىنى ئالدىغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنى ئانا قارنىدا يالغۇز ھالىتىدە مەن ياراتقانىدىم. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەت بار، بۇلاردىن بىرسى ئەنئام 94، يەنە بىرسى كەھف 48 – ئايەت.

وَلَقَدْ جِئْتُمُونَا فُرَادَى كَمَا خَلَقْنَاكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ

« بىز دەسلەپتە سىلەرنى قانداق تەنھا ھالدا ياراتقان بولساق دەرگاھىمىزغا شۇنداق تەنھا ھالدا كېلىپ، ھېساپ بېرىسىلەر » ( ئەنئام، 94 ).

لَقَدْ جِئْتُمُونَا كَمَا خَلَقْنَاكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ

« سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتتە ( مالسىز، بالىسىز، يالىڭاچ ) كېلىسىلەر » ( كەھف، 48 ).

يەنى، ھازىر جان سانىم ياكى ئەتراپمىدىكى كىشىلەر شۇنداق كۆپ دەپ ماختىنىپ ئۆزەڭنى ئالداپ يۈرمە. مەن سېنى قانداق ھالدا ياراتقان بولسام، شۇنداق ھالدا كېلىپ ماڭا ھېساپ بېرىسەن، سېنى مەن تەنھا ياراتتىم، دەيدۇ ئاللاھ. بۇ ئىككىنجى خىل تەرجىمە.

ئۈچىنچى خىل تەرجىمىدە وَحِيد كەلىمىسىنى ھەم ذَرْنِي ھەم  مَنْ خَلَقْتُ كەلىمىسى بىلەن باغلاپ چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا بۇ جۈملە مۇنداق مەنىدە بولىدۇ:

« ( ئى مۇھەممەد! ) مەن تەنھا ياراتقان ئۇ كىشى بىلەن مېنىڭ ئارامغا كىرمە. ئۇنى ماڭا قويۇۋەت ». ئۇنىڭدىن ھېسابىنى ئۆزەم ئالىمەن. سەن ئۇنىڭغا ۋاقتىڭنى سەرپ قىلىپ ئاۋارە بولما، ئۇنى ماڭا قويۇۋەت.

تۆتىنجى خىل تەرجىمە:

« تەنھا ياراتقىنىمنى ماڭا قويۇۋەت ». ئۇنىڭ ھېسابىنى ئۆزەم ئالىمەن، سەن ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن. ئۇ مەن بەرگەن ئىمكانلارنى قايسى يولغا سەرپ قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئۆزەم ئالىمەن. بۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا ئىلھام بېرىلمەكتە، ۋەلىد بىن مۇغىرەگە ئوخشاش كىشىلەر قورقۇتۇلۇپ ئاگاھلاندۇرۇلماقتا.

بۇ تۆت خىل تەرجىمە گرامماتىكا قائىدىلىرىگە ئاساسەن روياپقا چىققان.

بۇ كىشىنىڭ « ئەنە ۋاھىدۇبنۇ ۋاھىدى – مەن ۋاھىدنىڭ ئوغلى ۋاھىد. يەنى، ئەرەپلەرنىڭ ئىچىدە ماڭا ۋە دادامغا تەڭ كېلەلەيدىغان ھېچقانداق كىشى يوق » دەپ ماختىنىپ يۈرىدىغانلىقىنى باياتىن ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق.

ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ ماختىنىشىنى بىكار قىلىۋېتىش ئۈچۈن، « وَحِيد » كەلىمىسىنى سۈپەت ئورنىدا ئىشلەتكەن.

« مەن ياراتقان ئۇ ۋاھىدنى ماڭا قويۇۋەت ». ئۇنىڭ ئۆزىنى بىر چاغلايدىغان ھاكاۋۇرلۇقىغا جاۋاپ سۈپىتىدە « ئۇ ۋاھىدنى ماڭا قويۇپ بەر » دەيدۇ ئاللاھ. بۇ بەشىنچى تەرجىمە.

بۇ بەش تەرجىمىنىڭ ھەممىسى توغرا، ئايەت دېمەكچى بولغان مەقسەتكە مۇۋاپىق.

تەرجىمىلەردە ئوخشاشماسلىقلارنى ئۇچرىتىشىڭلار مۇمكىن. بۇ ھەقتە بۇ تەرجىمىلەر بىر – بىرىگە ئوخشاش ئەمەس دەپ ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. دېيىلمەكچى بولغان مەقسەتلەردىن بىرنى ئىپادىلىگەن بولسا، بۇنى ئوخشاشماسلىق ئەمەس، مەنا بايلىقى نوقتىسىدىن چۈشۈنۈش كېرەك. بۇ بىزگە زەخمەت ئەمەس، رەھمەتتۇر. مانا بۇ ئۇلاردىن بىر مىسال.

بۇ ئايەت نېمە ئۈچۈن رەسۇلۇللاھقا دېيىلگەن؟

ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا ئىلھام بەرمەكتە، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يار – يۆلەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. سەن بۇلارنىڭ گەپ – سۆز، قىلمىشلىرىغا پەرۋا قىلما، ئۇلارنىڭ ئەدىۋىنى مەن ئۆزەم بېرىمەن. ئۇلار لايىق بولغان جازانى مەن بېرىمەن ، دېمەكتە. يەنى مۇرسەلات سۈرىسى 18 – ئايەتتە دېيىلگەندەك:

كَذَلِكَ نَفْعَلُ بِالْمُجْرِمِينَ – مۇجرىملارنىڭ جازاسىنى بىز بېرىمىز.

ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ قا قارشى قىلغان گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئىنسانلار بېرەلمەيدۇ. ئۇلارغا جازانى مەن بېرىمەن دەيدۇ ئاللاھ.

رەسۇلۇللاھقا، سەن ئۇلارغا جازا بېرىمەن دەپ ئۆزەڭنى ئاۋارە قىلما، ئۇ مېنىڭ ئىشىم، سەن ۋەزەىپەڭنى ئادا قىل، دەيدۇ ئاللاھ. بۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە، رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ۋەھىيگە قارشى چىققانلارنى قورقۇتماقتا، مەھشەر كۈنىدە بۇ ھاياتتا قىلغان بارچە قىلمىشدىن جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

گەرچە بۇ يەردە بۇ ئايەتلەر ۋەلىد بىن مۇغىرە ھەققىدە نازىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئوچۇق ھالدا ئۇنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمايدۇ. قۇرئاندا، شەخس ئىسمى ھەققىدە كۆپ توختالمايدۇ، ئۇ ئوبراز ۋەكىللىك قىلغان قىلمىش، خاراكتېر ھەققىدە توختىلىدۇ. مەسىلەن، قۇرئانغا كۆرە، ۋەلىد بىن مۇغىرە بىر كىشىدىن ئىبارەت، ئەمما ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلارنىڭ ھەددى ھېسابى يوق. پىرئەۋن ئۆلدى، ئەمما پىرئەۋىنچىلىك داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەبۇ لەھەب ئۆلدى، ئەمما ئەبۇ لەھەبچىلىك داۋاملىشىۋاتىدۇ. ۋەلىد بىن مۇغىرە ئۆلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلار داۋاملىشىۋاتىدۇ، كۈنىمىزدىمۇ مەۋجۇت.

شۇڭا قىسسەلەردە ئىسىملار ھەققىدە ئەمەس، ئۇ دېمەكچى بولغان مەقسەتكە دىققەت قىلىش كېرەك.

 

داۋامى بار…