مائارىج سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

« يۇقىرى ئۆرلەش، كۆتۈرلۈش » ياكى « يۇقىرى ئۆرلەش باسىماقلىرى » ۋەياكى « يۇقىرى ئۆرلەش ۋاستىلىرى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « مائارىج » كەلىمىسى، مەزكۇر سۈرىنىڭ 3 – ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بۇ كەلىمە ئاللاھ نىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە مۇقەددەسلىكىنى، ھەم ئىنساننىڭ ئاللاھ قا يېقىنلىشىش ئىمكانلىرىنىڭ كۆپ خىل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

« ئاللاھ تىن كېلىدۇ، تاكامۇل مەرتىۋىسىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تىن كېلىدۇ » ( 3 ).

سۈرە بىرىنچى ئايەت نىسبەت بېرىلگەن ھالدا « سەئەلە سائىلۇن ۋە ۋاقى » دەپمۇ ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. ھەزرىتى ئوسمانغا نىسبەت بېرىلگەن مەشھۇر قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىۋىدە ھاققا – نەبە سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. ھاققا سۈرىسى بىلەن بۇ سۈرىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى يېقىنلىقى ناھايىتى ئېنىق. سۈرىنىڭ مەزمۇنى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھقا، مۇسۇلمانلارغا ۋە ھىمايىچىلىرىغا قارىتىلغان ئېمبارگودىن بىر ئاز بۇرۇن ياكى ئېمبارگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نازىل بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 7 – يىلىدا نازىل بولغان.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئاخىرەت بولۇپ، خىتاپ قىلىنغۇچىدا ئادالەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. سۈرە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاخىرەتتە دۇچار بولىدىغان يۈرەك داغلىغۇچى ئازاپتىن خەۋەر بەرگەن ھالدا باشلىنىدۇ ( 1 – 2 ). ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ چوڭلىقى ۋە ئىلاھى مۇداخىلىنىڭ تىزلىكى ئىما قىلىنىدۇ ( 3 – 4 ). ئاندىن ئىنكار قىلغۇچى ئىنساننىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئاخىرەتتىكى يالغۇزلىقى ئوبرازلىق ھالدا بايان قىلىنىدۇ ( 6 – 18 ). بۇ بۆلەكنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان پىخسىقلىقنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭدىن كېيىن باشلانغان بۆلەكنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ:

إِنَّ الْإِنْسَانَ خُلِقَ هَلُوعًا (19) إِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ جَزُوعًا (20) وَإِذَا مَسَّهُ الْخَيْرُ مَنُوعًا (21)

« ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى. ئۇنىڭغا ( يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، ياكى قورقۇنچتەك ) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر. بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، ئۇنى باشقىلاردىن قىزغانغۇچىدۇر » ( 19 – 21 ).

بۇ كېسەللىكنىڭ داۋاسى يوق ئەمەس. بۇ سۈرىنىڭ 22 – 35 – ئايەتلىرى بۇ كېسەللىكنىڭ داۋاسىغا ئايرىلغان.

سۈرىدە يەنە، ئىنكارچىلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا قاراتقان ئاغزاكى ئەزىيەتلىرىگە قارىتا رەسۇلۇللاھقا تەسەللى بېرىلگەن ( 5؛ 36 – 42 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرىدا سۆز يەنە باشقا قايتىپ، قىيامەتتە ئىنكار قىلغۇچى ئىنساننىڭ ھالىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار بېرىلگەن بولۇپ، ئىنكار قىلغۇچىلار ئاگاھلاندۇرۇلغان:

يَوْمَ يَخْرُجُونَ مِنَ الْأَجْدَاثِ سِرَاعًا كَأَنَّهُمْ إِلَى نُصُبٍ يُوفِضُونَ (43) خَاشِعَةً أَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ذَلِكَ الْيَوْمُ الَّذِي كَانُوا يُوعَدُونَ (44)

« ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك ( مەھشەرگاھقا ) يۈگۈرىدۇ. ئۇلار ( ئاللاھ تىن ئۇيىلىپ ) يۇقىرى قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خورلۇق ئورىۋالىدۇ، ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر » ( 43 – 44 ).