ھاققا سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سۈرە بىرىنچى ئايەت بىلەن ئاتالغان:
« ( بولىشى ئېنىق ) قىيامەت. قىيامەت نېمىدۇر؟ قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ » ( 1 – 3 ).
پەقەت بۇ يەردىلا ئىشلىتىلگەن « ئەل – ھاققا » كەلىمىسى، « ھەقىقەتنىڭ پۈتۈن ئامىللىرى بىلەن روياپقا چىقىشى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن ئەمەلىيلىشىدىغان بىر ھەقىقەتتىن ئالدىنئالا مەلۇمات بېرىدۇ. مەزكۇر سۈرە قۇرئاندىكى قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت ياكى ئىلاھىي بارلىققا كېلىش ۋە بۇزۇلۇش ( كەۋن ۋە فەساد ) ھەقىقىتىنى بايان قىلغان 14 سۈرىدىن بىرى.
نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدىلا « ھاققا » ئىسمى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە پەيغەمبەرلىكنىڭ 9 – يىلىغا ئائىت بولغان مۈلك سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا، مۈلك – مائارىج سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. لېكىن، سۈرە مەزمۇنلىرى ئاساس قىلىنغان يەنە بىر تىزىلىشتا، 9 – يىلدىن بۇرۇنقى تارىخقا ئېلىنغان. سۈرىنىڭ باشلىنىشىدا قىسسەلەرنىڭ ناھايىتى ئىخچام بىر شەكىلدە تىلغا ئېلىنىشى، فەجر سۈرىسىنى ئىما قىلىدۇ. سۈرىنىڭ 41 – 42 – ئايىتى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان.
يۇقىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرىنى نەجم سۈرىسى بىلەن باشلىنىپ، تاھا سۈرىسى بىلەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان مۇشرىكلارغا قارىتا « خىرس قىلغان / ھەيۋە كۆرسەتكەن » سۈرىلەرنىڭ ئاخىرقىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ تەخمىنەن پەيغەمبەرلىكنىڭ 6 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
سۈرە، ئاخىرقى سائەت ۋە ئاخىرەتنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ئاخىرقى سائەتنىڭ ھالاك قىلغۇچى مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن ( 1 -3 ؛ 13 – 17 ).
ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغان ۋە ۋەھىيگە قۇلاق سالمىغان ئۆتمۈش قەۋملەرنىڭ ھالاك بولشى ئوبرازلىق ھالدا بايان قىلىنغان ( 4 – 12 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن، ھېساپ كۈنى ھەققىدە توختالغان ( 13 – 18 ). مۇكاپات ۋە جازا، ھېسابنىڭ تەبىئى بىر نېمىتى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ( 19 – 37 )، بۇ ئارقىلىق ئىنساندا دۇنيا ھاياتىدا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەر ئىشنى ھېسابىنى بېرەلەيدىغان ھالدا قىلىش، ئاخىرەتنى ئۇنتماسلىق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. سۈرە، ئاخىرەتتە مۇكاپاتى جەننەت بولغانلارنىڭ خوشاللىقىنى، تىرىك ياشاۋاتقانلارغا ئالدىن بايان قىلىپ بېرىدۇ:
فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَيَقُولُ هَاؤُمُ اقْرَءُوا كِتَابِيَهْ (19) إِنِّي ظَنَنْتُ أَنِّي مُلَاقٍ حِسَابِيَهْ (20)
« نامە – ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم ( خوشاللىقتىن ): < بۇ مېنىڭ نامە – ئەمەلىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقەت بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررە ئىشەنگەنىدىم > دەيدۇ » ( 19 – 20 ).
جازاسى جەھەننەم بولغانلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق بايانلار بېرىلگەن:
وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِشِمَالِهِ فَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُوتَ كِتَابِيَهْ (25) وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيَهْ (26) يَا لَيْتَهَا كَانَتِ الْقَاضِيَةَ (27) مَا أَغْنَى عَنِّي مَالِيَهْ (28) هَلَكَ عَنِّي سُلْطَانِيَهْ (29)
« نامە – ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، < ماڭا نامە – ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ! ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم! دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى ( ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ! مېنىڭ مال – مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى. مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى > » ( 25 – 29 ).
ۋەھىي مەنبەسىنىڭ پەيغەمبەر ئەمەس، ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىپادە بۇ سۈرىدە يەر ئالغان:
وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ الْأَقَاوِيلِ (44) لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِالْيَمِينِ (45) ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ الْوَتِينَ (46) فَمَا مِنْكُمْ مِنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَاجِزِينَ (47)
« ئەگەر ئۇ ( پەيغەمبەر ) بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى ئوڭ قولىدىن قاتتىق تۇتاتتۇق، ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسىي قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى » ( 44 – 47 ).
سۈرە سۆزلەرنىڭ سۇلتانى بولغان ۋەھىي ھەققىدىكى بايانلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى، ۋەھىي « ئېنىق ھەقىقەتتۇر » ( 51 ). بۇ سەۋەپتىن ئىنسان ئەزىمەتلىك رەببىنىڭ نامىنى ياد قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك:
فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ (52)
« ( ئى خىتاپ قىلىنغۇچى ) سەن، ئەزىمەتلىك رەببىنىڭ نامىنى ياد قىلىپ ئەمەل قىلغىن! » ( 52 ).