مەريەم سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
سۈرىدە ھەزرىتى مەريەم ۋە ئوغلى ئىسانىڭ تۇغۇلىشى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغانلىق ئۈچۈن « مەريەم » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىلا « مەريەم » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇخارىدا سۈرە مەزكۇر سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىكى مۇقاتتا ھەرىپلىرى بىلەن ئاتالغان.
قۇرئاندا مەيلى ئوچۇق ياكى ئىما شەكلى بىلەن بولسۇن، قۇرئان ۋەھىي بىۋاستە نازىل قىلىنغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ھەققىدە بىرمۇ ئايەت يوق. ئەمما، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ھەزرىتى مەريەم ھەققىدە 98 ئايەتلىك ئۇزۇن بىر سۈرە ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ سىرىتىدا باشقا سۈرىلەردىمۇ نەچچە ئون ئايەتتە مەريەم ھەققىدە توختالغان. پەقەت بۇنىڭ ئۆزىلا، ۋەھىي مەنبەسىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەشەرى ( ئىنسانى ) كىملىكىدىن مۇستەقىل ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق دەلىلى. قۇرئاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىي ھاياتىدىكى خوشاللىق ياكى قايغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بىرمۇ ئايەت تاپقىلى بولمايدۇ. مانا بۇ نوقتا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
بۇ سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، مەلۇم بولغان رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارنىڭ رەئىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى جافەر ب. ئەبۇ تالىپ ھەبەشىستان ھۆكۈمدارىغا مەريەم سۈرىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇپ بەرگەن. بۇ تارىخىي مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 6 – يىلىدا نازىل بولغان دېسەك خاتالاشمايمىز. مەريەم سۈرىسى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى قۇرئان تەرتىۋىدە فاتىر – تاھا سۈرىسى ئارىسىغا يەرلەشتۈرۈلگەن.
قۇرئان، نازىل بولغان تىلدىكى ئەڭ يۇقىرى ئەدىبى تېكىست. لېكىن، قۇرئاننى بىر ئەدىبى ئەسەر دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، قۇرئاننىڭ قىممىتى ۋە كۈچىنى ئەدىبىيلىكىدىن ئەمەس، ئەبەدىيلىكىدىن ئالىدۇ. قۇرئاندا ئەدىبىي ئەسەرلەردە كۆرۈلىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قۇرئاننى « مەجازنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى » دېيىشكە بولىدۇ. قۇرئاندا ئوخشىتىش، ئىستىئارە، كىنايە قاتارلىقلار ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئىشلىتىلگەن. قۇرئاندا ئەدەبىياتنىڭ بۇنچە يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشلىتىلىشى، ئىلاھىي ۋەھىيلەرنىڭ ئومۇمىي ماھىيىتىگە مۇۋاپىق بولۇپ، ھەر دەۋرنىڭ پەيغەمبىرى، ئۆز دەۋرىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئىلىم ۋە سەنئەتكە خىرس قىلىدىغان سەۋىيەدە قوراللاندۇرۇلغان ھالدا ئەۋەتىلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياشىغا دەۋر ۋە جەمىئىيەتتە شېئىر ۋە باشقا تۈردىكى ئېغىز ئەدەبىياتى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ۋە تەسىر كۈچى يۇقىرى بولغان بىر دەۋر ئىدى. شېئىرلار ئىچىدە تاللانغان ئەڭ ياخشى شېئىرلار كەبەنىڭ تاملىرىغا ئېسىلاتتى. قۇرئان، شېئىرنى « بۇت »نىڭ ئورنىغا، شائىرنى شاماننىڭ ئورنىغا قويغان مۇشرىك مەككىگە بالاغىتى بىلەن ھەيۋە قىلغانىدى. قۇرئان ئەدەبىيات نوقتىسىدىن شېئىرغا ياكى نەسىرگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇبقا ئىگە. قۇرئان ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ شېئىر ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. قۇرئان قۇلىقى شېئىرغا كۆنۈپ قالغان چۆل ئەرەپلىرىگە قۇرئاننى ئاڭلىغان ھامان سەجدە قىلدۇرغىدەك دەرىجىدە بالاغەتنى ئىشلىتىدۇ.
قۇرئاندا ئىچكى خىتاپ بىلەن ئىنسان دىلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا خىتاپ قىلىدىغان رەھمان ۋە مەريەمدىن ئىبارەت ئىككى سۈرە بار. مەريەم سۈرىسىدە « رەھمان » كەلىمىسى 16 قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىچكى خىتاپ نوقتىسىدىن رەھمان سۈرىسى بىلەن ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە. قۇرئاندىكى ئىچكى خىتاپ سۇنىڭ شىلدىرلىشىغا، شامالنىڭ پىچىرلىشىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ چاقىرىقى قەلبتىن قۇلاق سالغۇچىنىڭ قەلب دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىغا يېتىپ بارىدۇ، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
سۈرە ھەزرىتى يەھيا بىلەن دادىسى ھەزرىتى زەكەرىيا، ھەزرىتى ئىسا بىلەن ئانىسى ھەزرىتى مەريەم ۋە ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ھايات ھېكايىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قىسىم ۋەقەلەرنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىلىرى بولغان مۇئمىنلەرگە تەسەللى بېرىدۇ. ئىمانى سەۋەپلىك يۇرتىنى تەرك قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھەزرىتى ئىبراھىم، قۇرئان ۋەھىي نازىل بولۇش جەريانىدا تۇنجى قېتىم بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. سۈرە رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرنىڭ شەخسىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
سۈرىنىڭ بىرىنچى قەھرىمان زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئۇ مەبەدنىڭ سادىق ۋە مۇتتەقى خىزمەتچىسى، مەريەمنىڭ ھاممىسى ئېلزابىتنىڭ ئېرى، ھەزرىتى يەھيانىڭ دادىسى، ئىمران ئائىلىسىنىڭ رەئىسى ئىمراننىڭ باجىسى، مەريەمنىڭ ئانىسى ھاننەنىڭ قېيىنئاكىسى ۋە ئاتاق ( قۇربانلىق / نەزىر ) قىلىنغان بىغۇبار مەريەمنىڭ مەبەدتىكى ھامىيسى ئىدى. ئۇ ئوغلى يەھيا بىلەن بىرلىكتە جېنىنى ئاللاھ قا شاھىت قىلىپ شېھىت بولغان پەيغەمبەرلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان. يەھۇدىيلار ئۆز ئىچىدىن چىققان بۇ پەيغەمبەرنى دەۋىتى سەۋەپلىك خورلىغان ۋە ئاخىرىدا ئۆلتۈرىۋەتكەنىدى. رەببى بۇ سۈرىنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلغانىدى:
« بۇ، رەببىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر » ( 2 ).
ھەزرىتى زەكەرىيانىڭ پەرزەنتى يوق بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى بۇ ئارقىلىق ئېمتىھان قىلغانىدى. ئۆزىنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان، ئايالى تۇغماس ئىدى ( 5 ). مەريەمنىڭ ئىھتىياج سەۋەپلىك يېنىغا كىرىپ – چىققان ۋاقىتتا، ئاللاھ قا بېغىشلانغان نەزىر مەريەمنىڭ ئىلاھىي ئىكرامغا نائىل بولغانلىقىغا شاھىت بولىدۇ. بۇنىڭغا ھەۋىسى كېلىدۇ ۋە رەببىدىن ئۆزىگە بىر پەرزەنت تىلەيدۇ. بۇ دۇئاسىنى قىلغاندا چىن يۈرىكىدىن رەببىگە مۇناجات قىلىدۇ. ھەم « رەببىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق » ( 4 ) دەيدۇ. ئۇ ئۆزىدىن كېيىن داۋاسىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىر پەرزەنتكە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلغانىدى. يەنى، ھەزرىتى زەكەرىيا دۇنياۋىي مەقسەت ئۈچۈن ئاللاھ تىن پەرزەنت تىلىمىگەن بولۇپ، بۇنىڭ چىن قەلبىدىن قىلغان دۇئاسىغا مۇنداق جاۋاپ بېرىلگەنىدى:
«( پەرىشتىلەر ئارقىلىق ): ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خوش خەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ كىشىنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق » ( 7 ).
زەكەرىيا دۇئا قىلغان، ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ سالىھ دۇئاسىنى قوبۇل قىلغانىدى.
دۇئانىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى خەۋرىنى ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئالغان زەكەرىيا بۇ خەۋەرنى ئالا – ئالماي، ئىختىيارسىز بۇ سۇئالنى سورىدى:
« زەكەرىيا ئېيتتى: ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ » ( 8 ).
بۇ يەردە ئىككى نوقتا بار. بىرسى قەلب، يەنە بىرسى ئەقىل. دۇئا قەلبتىن چىققانىدى. دۇئا قەلبنىڭ ئاللاھ بىلەن سۆزلىشىشى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ھەزرىتى زەكەرىيامۇ ئاللاھ بىلەن قەلبى ئارقىلىق سۆزلەشكەن ۋە دۇئاسى قوبۇل بولغانىدى. ئۇ ئاللاھ تىن پەرزەنت تىلىگەندە ئۆزىنىڭ قېرىپ مۈكچىيىپ قالغان، ئايالىنىڭمۇ تۇغماس ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى ۋە بۇ ھەقىقەتنى ئۆزىمۇ بايان قىلغانىدى. بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئاللاھ تىن پەرزەنت تىلىگەنىدى. دۇئاسى قوبۇل بولغاندا نېمە ئۈچۈن « رەببىم! ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ » دەپ سورىدى؟ مانا بۇ نوقتىدا ئەقىل ئۆزىنى كۆرسەتكەنىدى. ھەزرىتى زەكەرىيا دۇئانى چىن دىلىدىن قىلغان، سۇئالنى ئەقىل نوقتىسىدىن سورىغانىدى. مانا بۇ ئىككى نوقتا ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. بۇ پەرقنى چۈشەنمىگەن ۋاقىتتا، بىر – بىرىگە زىتتەك كۆرۈنگەن بۇ ئىككى نوقتىنى ھەرگىزمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
سۈرىنىڭ ئىككىنجى قەھرىمانى يەھيا ئىدى. خىرىستىيانلار ئۇنى « ۋاپتىز يەھيا » ( جون ) دەپ ئاتىسىمۇ، بىز ئۇنى « تەھارەتچى يەھيا » دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ بارلىقىنى پاك بىر جەمىئىيەت ۋە پاك بىر دۇنيا ئۈچۈن پاك شەخسىيەتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشىگە بېغىشلىغانىدى. ئۇنىڭ بۇ پاكلىقىغا جىسمى پاكلىقىمۇ كىرەتتى. ئۇ سۇنى بەدەننىڭ پاكلىقى ئۈچۈن، ئىبادەتنى ئەخلاقنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن، ھېچقانداق دۇنياۋى بايلىققا ئىگە بولماسلىقنى مالنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن، ۋەھىينى قەلبنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن ئىشلەتكەنىدى.
ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاللاھ قويغانىدى ( 7 ). يەھيا « دائىم ياشايدىغان » مەنىنى بىلدۈرىدىغان بىر پېئىلدۇر. لېكىن، پېئىل بۇ يەردە ئىسىم بولغانىدى، ھەمدە بۇ ئىسىمنى ئاللاھ بەرگەنىدى. يەھيا گۇناھقا چۈمگەن ئىنسانلار جەمىئىيتىدىن ئايرىلىپ چۆلدە ياشىغان، ئۆز جامائىتىنى قۇرغان، ئۇلارنى يەھۇدىيلەشكەن ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ كىرلىرىدىن يىراق تۇتقان، مەريەمنى ۋە ئۇنىڭ قۇچقىدىكى بالىسنى ھىماي قىلغانىدى.
ئىسمى « دائىم ياشايدىغان » بولغان يەھيانىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
زالىم ھېرودەس، ئۆز سىڭلىسى بىلەن توي قىلىشىغا پەتۋا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ھاياتىنىڭ باھارىدا بوغۇزلاپ كاللىسىنى ئېلىپ ئاشقىغا ھەدىيە قىلغانىدى.
ئۇ دائىم ياشايتتىغۇ؟
شۇنداق، ئۇ دائىم ياشىدى. لېكىن، ياشاشتا بىز بىلىدىغان مەنىدە ياشىمىدى. ئاللاھ بەرگەن مەنىدە ياشىدى. دائىم ياشىدى، ياشاۋاتىدۇ ۋە ياشايدۇ. دۇنيا مەۋجۇت بولغان مۇددەتچە ياشاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مانا بۇ ئايەتلەر ، بۇ قۇرلار ئۇنىڭ دۇنيادىمۇ ياشاۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى. ئاخىرەتتە بولسا ئۇ ئەڭ ياخشىلار قاتارىدا ياشايدۇ.
مەزكۇر سۈرىنىڭ ئۈچىنچى قەھرىمانى سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن مەريەم ئىدى. مەريەمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەلۇماتلار ئالئىمران سۈرىسى 34 – ئايتىدىن باشلانغان بۆلەكتە بايان قىلىنىدۇ. بۇ سۈرىدە ھەزرىتى مەريەمگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار ئالئىمران سۈرىسىدىكى بايانلارنىڭ داۋامىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ھەزرىتى مەريەمنىڭ ھاياتىنى ئوقۇغاندا، ئالدى بىلەن ئالئىمران سۈرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى، ئاندىن مەريەم سۈرىسىنىڭ بۇ ئايەتلىرىنى ئوقۇش كېرەك.
ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئىساغا ھامىلە بولۇش ۋە ئۇنى دۇنياغا كەلتۈرىشى بۇ سۈرىدە تەپسلى بايان قىلىنغان ( 18 – 29 ).
سۈرىدە ھەزرىتى مەريەم ئىپپەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا چاپلانغان تۆھمەتلەر كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىنغان. بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا، بالا دېگۈدەك ياشتىكى بىر قىزنىڭ قانداق ئېغىر كۈنلەر بىلەن سىنالغانلىقىغا شاھىت بولىمىز. بۇ شۇنداق ئېغىر ئېمتىھان بولۇپ، بۇ كىچىك قىزغا ناھايىتى ئېغىر كەلگەن ۋە ئاخىرىدا مەريەمنى مۇنداق دېگۈزىۋەتكەنىدى:
« كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ؟ كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ( ئەرزىمەس ) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ! » ( 23 ).
« ھەر قېيىنچىلىقتىن كېيىن بىر ئاسانلىق باردۇر » ئايىتىنىڭ سىرى تەجەللى قىلىدۇ مەريەمنىڭ ھاياتىغا. بىر بىغۇبارنىڭ ئىپپىتىگە قارىتىلغان ئەڭ ئېغىر ئەيىپلەش بىر تەرەپتە، يەر يۈزىنىڭ ئەڭ مۇستەسنا ۋەقەسىنى تەمسىل قىلغان ئىسانىڭ مۆجىزىۋى تۇغۇلىشى يەنە بىر تەرەپتە تۇرماقتا ئىدى. ئېمتىھان قانچە ئېغىر بولسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا چوڭ بولىدۇ.
مەريەم تۇغۇت جەريانىدا تارتقان ئازاپ، بۇ سۈرىدە تەپسىلى بايان قىلىنغان. ئەسلىدە بۇ نوقتىدا: مەريەممۇ ھەر ئانىغا ئوخشاش تۇغۇت ئازابىنى تارتىپ يەڭگىدى، دېيىلگەنىدى. يەنى مەريەمنى ۋە ئىسانى ھەددىدىن زىيادە ئۇلۇغلاپ چەكتىن ئاشماڭلار! ئاللاھ ئۇلارنى قويغان يەر، ئۇلار ئۈچۈن پەخىرلىنىشكە يېتىپ ئاشىدۇ!
مەريەم سۈرىسىنىڭ تۆتىنجى قەھرىمانى ھەزرىتى ئىسا بولۇپ، ئالئىمران سۈرىسى بىلەن قوشۇپ ئوقۇلغاندا، ئىسا، ئۈچ نەسىلنىڭ ئاللاھ قا بېغىشلاش جەريانىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ئالدىمىزغا چىقماقتا. سۈرىدە سۆز ھەزرىتى ئىسا ئۈستىدىن مەزھەبلەرنىڭ باتىل سۈركىلىشلىرىغا كېلىپ توختايدۇ. ئەسلىدە بۇ ئارقىلىق مۇھەممەد ئۈممىتىگە: خىرىستىيانلار ئىسانى ئۇلۇغلاپ ئىلاھلاشتۇرغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلارنى ئۇلۇغلاپ ئىلاھلاشتۇرىۋالماڭلار!، دەپ خىتاپ قىلىدۇ.
ھەزرىتى يەھيا ۋە ھەزرىتى يەھيا ئۆرنىكى ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ قا، ئاللاھ نىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىمكان ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىلىدۇ:
« ئاللاھ بىر نەرسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىنى ئىرادە قىلسا، ئۇ پەقەت < ۋۇجۇتقا كەل! > دەيدۇ – دە، ئۇ نەرسە ۋۇجۇتقا كېلىش باسقۇچىغا كىرىدۇ » ( 35 ).
ئاندىن سۈرىدە ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ دادىسىغا قىلغان نەسىھەتلىرى بايان قىلىنغان ( 41 – 50 ). پەرزەنتلەر دادىسىنى ھىدايەتكە چاقىرالمايدۇ دەپ كىم شۇنداق دەيدۇ؟ پەرزەنتلەر دادىسىغا نەسىھەت قىلالمايدۇ دەپ كىم شۇنداق دەيدۇ؟ بۇنداق دېگۈچىلەرنى ئايەتلەر ئىنكار قىلماقتا. ئەمما، بۇت ياسىغۇچى ئاتا ئوغلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغانىدى. بۇ يەردە: پەرزەنتىڭ پەيغەمبەر بولغان تەقدىردىمۇ ساڭا بىر پايدىسى يوق. ئاتا پەقەت ئۆزىنىڭ تاللىشى بىلەن ھىدايىتىنى تاپىدۇ. ئەگەر ھىدايەت ئىنسانلارنىڭ ئىختىيارلىقىدىن ئۆز ئالدىغا بولىدىغان بولسا ئىدى، پەيغەمبەرلەر ئۆز ئاتىسى ۋە ئوغۇللىرىغا ئۇنى ھەدىيە قىلاتتى. ئەمما، بۇنى قىلالمىدى، دېيىلمەكتە.
سۈرىدە ھەزرىتى مۇسانىڭ تۇر تېغىدا ۋەھىي ئېلىشى، ھەزرىتى ئىسمائىلنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان بىرى ئىكەنلىكى، ھەزرىتى ئىدرىسنىڭ راستچىل بىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ ( 51 – 57 ). بۇ تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرغان خەيرۇل خەلەف نەسىللەر بايان قىلىنىدۇ ( 58 ).
ئاندىن بۇ ئايەتلەردىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خەيىرلىك مىراسىغا خىيانەت قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ھەققىدە توختۇلۇپ: « ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر ئىبادەتنىڭ ئىچىنى قۇرۇغداپ قۇرۇق شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويدى ۋە نەپسى – خاھىشلىرىغا ئەگەشتى » ( 59 ) دەيدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن خاتالىقىدىن قايتىپ تەۋبە قىلغانلارغا جەننەت بىلەن خوش خەۋەر بېرىلىدۇ ( 60 – 63 ). سۈرىدە ئاللاھ نىڭ ئىزچىل ھالدا « رەھمان » سۈپىتى بىلەن تىلغا ئېلىنىشىنىڭ بىر سەۋەبى بۇ بولسا كېرەك.
ئاندىن ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلەكتىن كېيىن، سۆز ۋەھىينىڭ چاقىرىقىغا كېلىپ توختايدۇ. پۇرسەت قولدا بار ۋاقىتتا بۇ چاقىرىققا قۇلاق سېلىش كېرەك.
سۈرىدە ئاللاھ ئىزچىل ھالدا « رەھمان » سۈپىتى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.
ياخشىلارنى ئىلاھلاشتۇرىۋېلىش، ھەم ياخشىلارغا ھەم ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىغا خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئايەت خىياتنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
« ئۇلار ئۆزىگە مەنپەئەت ۋە نوپۇز ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدۇ » ( 81 ).
قۇرئاننىڭ ئەڭ سەر خىل ئايەتلىرىدىن بىرسى بۇ مەسىلە مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان:
« سىلەر شەك – شۈبھىسىزكى قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار! بۇ سۆزنىڭ يامانلىقىدىن ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى » ( 89 – 90 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرىدا ئەبەدى مۇھەببەتنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغۇچى بەخش ئەتكەن بىر مۇھەببەت ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى ئايەتتە بايان قىلىنغان:
« ئىماندا چىڭ تۇرغان، ئۇ ئىمانىغا ماس بىر ھايات كەچۈرگەنلەرگە، ئۇ چەكسىز رەھمەتنىڭ مەنبەسى ( ئاللاھ ) ئۇلارنىڭ دىللىرىدا مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ » ( 96 ).
ئاللاھ نى ئىزچىل ھالدا « رەھمان » سۈپىتى بىلەن تىلغا ئالغان سۈرىنىڭ ئەسلىدە « رەھمان » پەيدا قىلغان مۇھەببەت تىلغا ئېلىنغان ھالدا ئاخىرلىشىشى، ئۇنىڭ « رەھمەت سۈرىسى » دەپ ئاتىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل بولالايدۇ.