قاف سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ق ( قاف ) » ھەرىپى بىلەن ئاتالغان.

مەزكۇر سۈرىدە ئىچىدە « ق » ھەرىپى بولغان كەلىمىلەرنىڭ كۆپلىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن رىۋايەتلەردىن، ساھابىلەرنىڭ بۇ سۈرىنى « قاف » ئىسمى بىلەن ئاتىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇممۇ ھىشام، رەسۇلۇللاھنىڭ « خۇتبىدە » مۇئمىنلەرگە بۇ سۈرىنى پات – پات ئوقۇغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ بۇ سۈرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ خۇتبىلىرىدە قايتا – قايتا ئاڭلاپ يادا ئالغانلىقىنى قەيت قىلغان ( مۇسلىم ). يەنە ھەزرىتى ئۆمەر، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەر ھېيىت نامازلىرىدا بۇ سۈرىنى ئوقۇغانلىقىنى ئېيتقان ( مۇۋەتتا ۋە مۇسلىم ).

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇندىن رىسالەتنىڭ 5 – يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى بىلىگىلى بولىدۇ. قەلەم، فەجر ۋە شەمس سۈرىسىدىن قالسا قىسسە بايان قىلىنغان 4 – سۈرە بولۇپ، ئالدىنقى سۈرىلەردىن ئۆزگىچە ھالدا نۇھ، رەس، لۇت ۋە تۈببە قەۋملىرىنىڭ قىسسەلىرى بايان قىلىنغان. مەزكۇر سۈرە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قارىتا، مەككە مۇشرىكلىرى مۇئمىنلەرنى ئېتىقادىدىن ۋاز كەچكۈزۈش ئۈچۈن قاتتىق قوللۇق قىلىۋاتقان، ئۇلارغا ھەر خىل ئەزىيەتلەرنى يەتكۈزۈش ئەۋج ئالغان بىر مەزگىلدە نازىل بولغان بولۇپ، بۇ قىسسەلەر ئارقىلىق ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

مەزكۇر سۈرە بارلىق قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىۋىدە مۇرسەلات – بەلەد سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان.

سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئاخىرەت بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. سۈرە مۇقەتتا ھەرىپلىرىدىن كېيىن، ئۆزىگە ئوخشاش باشقا سۈرىلەردىكىدەك ۋەھىي تىلغا ئېلىنغان ھالدا باشلانغان بولۇپ، دەسلەپكى ئايەتلىرىدىلا ئاخىرەت ھەققىدە توختالغان.

ئىسلام ئېتىقادى تەۋھىد، نۇبۇۋەت ( پەيغەمبەرلىك ) ۋە ئاخىرەت چۈشەنچىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىش ئۆزگىچە سالماقنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى، يەر يۈزىدە ئۆز ۋاقتىدىكى مەككىنىڭ ھاكاۋۇر چوڭلىرىغا ئوخشاش، ئاللاھ نىڭ بارلىقىغا ئىشەنسىمۇ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان نۇرغۇن كىشى بار بولۇپ، ئاخىرەتكە ئىشىنىپ تۇرۇپ ئاللاھ نى ئىنكار قىلىدىغانلار يوق. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاخىرەتنىڭ ئاللاھ تىن تېخىمۇ غەيب، ھېس قىلغىلى بولمايدىغانلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا. مەۋجۇدىيەت غەيب نوقتىسىدىن مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ:

  1. ئۆزى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەن ئەسەرلىرىمۇ غەيب بولمىغان مەۋجۇدىيەت. ماددى ئالەمنىڭ ھەممىسى بۇ كاتىگورىيگە كىرىدۇ.
  2. ئۆزى غەيب بولغان بولسىمۇ ئەسەرلىرى مەلۇم بولۇپ تۇرىدىغان مەۋجۇدلۇق. ئاللاھ نىڭ زاتى غەيب، ئەسەرلىرى زاھىرى ( كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ) بولغانلىقتىن، ئاللاھ بۇ كاتىگورىيگە كىرىدۇ.
  3. ئۆزى ۋە ئەسەرى غەيب بولغان مەۋجۇدىيەت. ئاخىرەت مانا بۇ كاتىگورىيگە كىرىدۇ. بۇ دۇنيادىن ئاخىرەتكە ئائىت ھېچقانداق بىر نەرسىنى كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن ئاخىرەتكە ئىشىنىش ئاللاھ قا ئىشىنىشتىنمۇ قېيىن. قۇرئاندىكى ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەر بۇ ھەقىقەتنى ئىما قىلماقتا. چۈنكى، قۇرئان ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلىنىۋاتقان مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئاللاھ قا ئىشىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە.

بۇ سۈرىدە باشتىن ئاياغ قايتىدىن تىرىلىش ۋە ھېساپ كۈنى ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا بۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىدىغان بايانلار بېرىلگەن. سۈرىنىڭ كىرىش قىسمىدىكى ئايەتلەردە، يەر ۋە ئاسمانغا مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

« ئۇلار ئاسماننى قانداق بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى ( يۇلتۇزلار بىلەن ) بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلىقىغا قارىمامدۇ؟ » ( 6 ).

« يەر يۈزىنى ( توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا سوزۇپ ) كەڭ ياراتتۇق، يەر يۈزىدە تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق » ( 7 ).

« ئاسماندىن مۇبارەك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق – سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق » ( 9 – 10 ).

مانا بۇ ھەقىقەتلەرنى ئەسلەتكەن ئايەتلەر خىتاپ قىلىنغۇچىدىن نېمە تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بايان قىلماقتا:

« ئىختىيارى ھالدا ئاللاھ قا يۈزلەنگۈچى ھەر بىر بەندىنىڭ ئۆزىگە قايتىشى ۋە ھۇشىنى تېپىۋېلىشىغا  ۋەسىلە بولىشى ئۈچۈن ( شۇنداق قىلدۇق ) » ( 8 ).

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ئاخىرەتنىڭ بارلىقى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دېگەن سۇئال تۇغۇلىشى مۇمكىن. بۇ سۇئالغىمۇ ۋەھىي مۇنداق جاۋاپ بەرمەكتە:

« بىز ئۆلۈك ( يەنى قاقاس ) زېمىننى سۇ بىلەن تىرىلدۈردۇق، ئىنسانلارنىڭ قايتىدىن تىرىلىشىمۇ مانا شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر » ( 11 ).

ۋەھىي ناھايىتى ئاددىي بىر ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىغا ئەسلەتمەكتە: « ھەر يىلى سەن شاھىت بولىۋاتقان قىشنىڭ كەينىدىن كەلگەن جەننەت مىسالى باھار، قايتىدىن تىرىلىشنىڭ تەبىئەتتىكى نامايەندىسى ئەمەسمۇ؟ مىڭ يىلدىن بۇيان يېشىللىققا پۈركىنىپ باقمىغان قاقاس چۆل مۇۋاپىق شارائىتقا ئىگە بولغاندا بوستانلىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ بۇلارنى كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، قايتىدىن تىرىلىشنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسەن؟ بۇنى ئاللاھ ئۈچۈن قېيىن، قىلالمايدۇ دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ ئەگەر بۇنىڭغا قادىر ئەمەس دەپ ئويلاپ قالغان بولساڭ، ئۇنداقتا خۇددى جىسمىڭغا ئوخشاش روڭىمۇ تەۋە بولغان تاكامۇللىشىش قانۇنىيىتىنى رەت قىلىدىغان قانداق ئاساسىڭ بار؟ جىسمىڭ مەۋت ( ئۆلگەندە ) روھىڭنىڭمۇ مەۋت بولىدىغانلىقىغا دائىر قانداق ئەقەللىي بىر دەلىلىڭ بار؟ روھ رەببىگە قايتىپ، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىدۇ. بۇ خۇددى ئىگىسىگە كۆنگەن قۇشلار چاقىرىلغاندا، ئىگىسىگە قايتىپ كەلگەنگە ئوخشايدۇ. رەببىڭ چاقىرغاندا روھلارمۇ ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ۋاپا قىلىدۇ ».

قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشنىڭ « ئۆزىدىن يىراق ئىلاھ » چۈشەنچىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىپادىلىگەن مەشھۇر ئايەت مانا بۇ سۈرىدە يەر ئالماقتا:

« بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز » ( 16 ).

ئاندىن قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى كۈتۈپ تۇرغان ئاخىرەت ئازابى تەسۋىرلەنگەن ( 19 – 30 ). ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتىپ، ھېسابى بېرىلىدىغان بىر ھاياتنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلەرنى كۈتۈپ تۇرغان مۇكاپاتلار بايان قىلىنغان ( 31 – 35 ).

قۇرئاندا قەلب دېيىلگەندە، ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلب نەزەردە تۇتۇلماقتا. ھېس – تۇيغۇ ۋە چۈشەنچە مەركەزلىرىنى قۇرئان بىر – بىرىدىن ئايرىۋەتمەيدۇ. قۇرئاننىڭ قەلب ئارقىلىق ۋۇجۇدقا قان تارقىتىدىغان بىر ئورگاننى ئىما قىلمىغانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىسى يەنە بۇ سۈرىدە يەر ئالماقتا:

« ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ( ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان ) قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى ( ۋەز – نەسىھەتكە ) ھۇزۇرىي قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز – نەسىھەت بار » ( 37 ).

يەنى ۋەھىي ئۆزىگە ئاكتىپ ۋە جانلىق ھالدا ئىشلەيدىغان بىر ئەقىل ۋە ۋىجدان تەلەپ قىلماقتا. ۋەھىي بۇلاردىن يوقسۇن ھالدا ئالدىغا كەلگۈچىنى قەلبسىز ۋە ۋىجدانسىز دەپ قارىماقتا.

ئىنسان ئۆلۈمدىن قاچالمايدۇ. ئۇنداقتا ئاقىۋەتكە تەييارلىق قىلىشى كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن « ئاخىرى بارىدىغان جاي ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدۇر » ( 43 ).  چۈنكى، « يەر يېرىلغان ئۇ كۈندە ئۇلار ( قەبرىلىرىدىن ) تېز چىقىپ كېلىدۇ، ئەنە شۇ يىغىش بىزگە ئاساندۇر » ( 44 ).

سۈرىدىكى ئاخىرقى خىتاپ بىۋاستە ئاللاھ رەسۇلىغا ۋە ئۇنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرگە بولۇپ، مۇنداق دەيدۇ:

« بىز ئۇلارنىڭ ( ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ) ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى ( ئىسلامغا ) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز – نەسىھەت قىلغىن » ( 45 ).

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى